- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51393
- نادىر
- 0
- يازما
- 5390
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-9 17:50
muhakima يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 17:03
ماقالە نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىن ئايرىلسا سەپسەتە ، ئ ...
سىز بىر مەسىلىنى ھەل قىلالمايۋاتىسىز.
سىز نىسبىلىك نەزەريىسىدىكىگە ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ،نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئىدىيىسىنى رەت قىلىدىغان نەتىجىنى كەلتۆرۈپ چىقاردىڭىز. بۇ بىر ئۇز قورالى بىلەن ئۇزىنى باپلاش ئۇسۇلى بولدى،بۇ ئىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى بەك چوڭ.لىكىن،سىز ئىرىشكەن يەكۈن شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيەلىرىنى فىزىماتلىق ئۇسۇلدا ئىسپاتلاش بولۇپ چىقتى،گەرچە سىزنىڭ ئىسپاتلاش جەريانلىرىڭىز تېخى تولۇق تەنقىت ئۆتكىلىدىن ئۇتۆپ بولمىغان بولسىمۇ.
بىز ئەمەليەتتە نىمە بولسا شۇنى دېيىشىمىز كىرەك.
مۇبادا سىز ئېينىشتېيىن ئەسلا قويمىغان بىر ئىدىيىنى ئېينىشتېيىن نامى بىلەن باغلىۋالسىڭىز،بۇنىڭ خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.ئىلىم دۇنياسى بۇنداق ئۇسۇلنى ھەرگىز ئېتراپ قىلمايدۇ.ئېينىشتېيىن ئۇزىمۇ ئۇ ئالەمدە تۇرۇپ،مەن بۇنداق گەپنى دېمىگەنتىمغۇ،بۇ نىمە گەپ ؟دېيىىشى تەبىئى.شۇڭا دادىلراق بولۇڭ.سىزنىڭ ئەجىرىڭىزئەلۋەتتە ھەرقاچان ئۇزىڭىزگە تالىق بولىدۇ!
مۇبادا تەكلىۋىمنى قوبۇل قىلمىسىڭىز،مەن ئارتۇق بىرنىمە دىمەيمەن.لىكىن،ماقالە شۇ پېتى چىقىپ كەتسە شەكىل نەزەريىسىگە ئۇۋال بولىدۇ.شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتى ئىشتىراكچىلىرى(ئەسلى سىزمۇ شۇ قوشۇندا بارئىدىڭىز) بۇنداق بولۇشىنى خالاپ كەتمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن.قوبۇل قىلسىڭىز،ماقالىڭىزنىڭ نەسىرى بايان قىسمى ۋە بەزى ئاتالمىلارنى قايتا تەھىررلەپ(بۇنىڭغا جىق ئىش كەتمەيدۇ)ئۇزىڭىز ماقۇللىغاندىن كىيىن،مۇتەخەسىسلەر قىسمەن بولسىمۇ مۇئەييەنلەشتۆرگەن ئەھۋالدا، يازدا ئېچىش پىلانغان مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ توپلامى تەركىۋىگە خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە ئىككى يېزىقتا كىرگۇزىمىز ۋە مۇھاكىمە يىغىنىدىن كىيىن بۇ توپلامنى شەكىل نەزەريىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئىلمى ماقالىلىرى قاتارىدا رەسمى مەتبۇئاتتا نەشىر ھوقۇقى ئېلىپ باستۇرىمىز.تەرجىمە ئىشلىرىغا ئۇزىمىز ئادەم ئورۇنلاشتۇرىمىز. سىزنىڭ ئېنىق بىر گېپىڭىزنى ئاڭلاي دەۋاتىمەن.قولىغىم سىزدە.
|
|