- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 76725
- نادىر
- 0
- يازما
- 8588
ئۆسۈش
  0%
|
muhakima يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 23:47 
ماقالە تەركىۋىدىن نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىنىڭ قاراشلىر ...
مەن سەۋەبىنى بەك كۆپ دەپ كەتتىم.سىزنىڭ ماقالىڭىزنىڭ ئىرىشكىنى نىسبىلىك نەزەريىسىگە پايدىسىز نەتىجىكەن.پەقەت نىسبىلىك نەزەريىسى ئىشلەتكەن قوراللارنى ئىشلىتىپسىز.بۇ قوراللارنى ئىشلىتىۋىرىڭ،لىكىن نىسبىلىك نەزەريىسى سىممىتىرىكلىكنىڭ بۇنداق بۇزۇلىشىغا ئالاقىدار ئىدىيەگە ئىگە بولمىغانلىغى ئۈچۈن،بۇ بۇزۇلۇشنى نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرلىك دەپ ئاتىسىڭىز بولمايدۇ.شۇڭا بۇنداق بۇزۇلۇشنى شەكىل نەزەريىسىدىكى ھەركەت ئەگرىلىگى ئىدىيىسى ۋە 29-تىئورمىچە ئېغىشلارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا كەلتۆرۆپ چىقارغان بولسىڭىز شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك بۇزۇلۇش دەڭ،شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالاقىدار ئىدىيە ۋە تىئورمىلىرىنىڭ بۇنداق بۇزۇلۇش بىلەن ئالاقىسى بولماي،سىزئۇزىڭىزنىڭ مۇستەقىل ئىدىيىسى ئاساسىدا كەلتۆرۆپ چىقارغان بولسىڭىز سېممىتىرىكلىكنىڭ بۇزۇلۇشى دەپلا ئېلىڭ.نىمە قىلىمىز دەيمەن،نىسبىلىك نەزەريىسىدە يوق ئىدىيەنى نىسبىلىك نەزەريىسىگە مەنسۈپ قىلىپ سۇرەتلەپ.مىنىڭ ئىسمى جىسمىغا ماس بولماي قالدى دەپ قاينىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ.قورال دىگەن ھەممەيلەن ئىشلەتسە بولىدىغان نەرسە.ئۇ قوراللاردىن پايدىلىنىپ نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ زىددىيىتىنى ئاشكارىلىۋەتسىڭىز،نىسبىلىك نەزەريىسىدە بولمىغان ئىدىيەلەرنى ئىسپاتلىۋەتسىڭىز بۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخمۇ چوڭ بولمامدۇ؟.ھەر تەرەپتىن شۇنداق.ئەسلى بىز ئىككىمىز بۇ مەسىلىدە بۇنچىۋالا تالاش-تارتىش قىلىىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى.لىكىن پىرىنسىپال مەسىلە بولغاچقا يەنىلا سۈكۈت قىلىشنى راۋا كۇرمۇدۇم.
ئويلۇشۇپ بېقىڭ،سىممىتىرىكلىكنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرلىك بۇزۇلۇشى ۋە بۇنداق بۇزۇلۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىۋى ئاساسلىرى ئېينىشتېيىننىڭ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن ئەھۋالدا نىمە ئۈچۈن بۇ نەتىجىنى ئېينىشتېيىنگە تالىق قىلىۋىتىمىز؟
ماقالىڭىزغا ھېچقانچە ئۆزگەرتىش كەتمەيدۇ.ئازىراىق ئېزاھ قىستۇرۇلسا،مىنىڭ ئاچچىغىمنى كەلتۆرگەن ئاۋۇ ئاتالما ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا بولىدىغۇ.ماتىماتىكىسى شۇ پېتى تۇرۇۋىرىدۇ.مۇتەخەسىسلەر كۇرۇپ ئۇزگەرتىش تەكلىۋىنى بەرگەندىلا ئۇزگەرتىش،ئۇزگەرتمەسلىكنى ئۇزىڭىز قارار قىلسىڭىزبولىدۇ.مەن پەقەت بۆكىنى ئالماشتۇرۇۋىتەيلى،بۇ بۆك ئېينىشتېيىننىڭ ئەمەس،دەۋاتىمەن.
|
|