بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 20:38
مۇھاكىمە ئەپەندىمنىڭ تۇۋەندە مۇلاھىزە قىلىنغان يىرىك ئەسىرى “باغداش” قاتارلىق مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىندى.بۇ ئەسەر شەكىل نەزەريىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىغى،ئەپەندىم بۇ تېمىنى تاماملاش جەريانىدا نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۇرگەنلىگى،شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئەسەردە رۇشەن بولمىغان بەزى نۇقتىلارنىڭ بولغانلىغى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىشنى زۇرۇر دەپ قارىدىم.تور-مۇنبەرلەرنىڭ بۇ يازمامغا مۇناسىپ ئورۇن بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
"ھەركەت ئەگرىلىگى" ئىدىيىسى يادرولىغىدىكى غەيرى سىممىتىرىكلىك تەتقىقاتى
___ بىر"ئەلپەنچى"نىڭ ھۇرمەتكە مۇناسىپ ئەمگىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىم
قاسىم سىدىق
ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
مۇھاكىمە ئەپەندىم بىلەن تور ئارقىلىق تونۇشۇپ،شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا قاتنىشىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن،رەسمى يۇز تۇرانە كۆرۈشتۇق.ئۇ ئەسلى شىنجاڭ ئونېۋېرىستېتىدا بىئولوگىيە كەسپىنى ئوقۇغان ئىكەن.ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا فىزىكىىنى ئۇزلىكىدىن ئۆگۆنۈپ،بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ۋە مەرھۇم غاپپار ئەخمەت مۇئەللىمنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىغا ئىرىشكەن، مەكتەپ فىزىكا كۇرژىكىدا يىتەكچىلىك رولىنى ئوينىغان ئىكەن.بىز كۇرۇشكەندىن كىيىن شەكىل نەزەريىسى ،جۇملىدىن بۇ نەزەريىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلىنى ئىشلەش ھەققىدە كەڭ-كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردۇق.مۇھاكىمە ئەپەندىم بۇ جەرياندا شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئاساسى ئۇقۇم،ئىدىيە سېستىمىسى،مەۋقە،غايىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى.مۇھاكىمىگە قويۇلغان بۇماقالىنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىنىمۇ بىز بىرگە،بىر ئۇيدە تورۇپ ئىشلىگەن ئەشۇ چاغلاردا تاماملىدى.ئاخىرى بېكىتىدىغان ۋاقىتتا قالغان پىششىقلاشلارنى يۇرتىدا تاماملاش ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى.
ئەسلى بۇ ماقالىدە 29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلىنىلا ئوتتۇرىغا قويۇش پىلانلانغان ئېدى.مۇھاكىمە ئەپەندىم ماقالىگە رەسمى تۇتۇش قىلغاندىن كىيىن،ماقالىنىڭ ھەجىمى بىر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ماقالە،دېيىشكىنىمىز بۇيىچە بىزنىڭ زۇرۇرى ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇدىغان مەخسۇس ماقالە بولماي قالدى.
بىز بۇ ماقالە پۈتسە شەكىل نەزەريىسى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلىغان ،ئالاقىدار ئەرباپلارنى ۋە مۇتەخەسىسلەرنى بۇ ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغان ۋە كۇرۈپ بېرىشكە سۇنغان ئىدۇق.ئەپسۇس،رىياللىق غايىمىزدىكىدەك،دېيىشكىنىمىزدەك بولمىدى.
مۇھاكىمە ئەپەندىم بىلەن بىرگە تۇرۇش جەريانىدا مەن ئۇنىڭ تىرىشچان،چىقىشقاق ۋە ئىلىمخۇمار بىر يېگىت ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدىم.ئۇ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىغىغا قارىماي،كىچە-كۈندۆز بېسىپ ئىشلىدى.مەن ئۇنىڭغا ئىنتايىن قايىل.ئۇنىڭ بۇ ئەمگىكى ئوخشاش بىر ماتىماتىكىلىق قوراللاردىن پايدىلىنىپ،بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرىقلىنىدىغان ۋە قارمۇ-قارشى بولغان ئىككى ئىدىيەنى ئىسپاتلاشنىڭ تامامەن مۆمكىنلىگىنى كۇرسەتتى.مەن تۆۋەندە مۇساكىمە ئەپەندىنىڭ ئالاقىدار ماقالىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
تېمىنى مانا بۇ ئۇلىنىشتىن مائۇس ئارقىلىق چوڭايتىپ كۇرۇڭ:
[مۇھاكىمە] فىزىكا ، ماتېماتىكا ئالىملىرىمىزغا مۇراجىئەت (1)
./thread-27725-1-1.html
1
"ئىنىرتىسىيىلىك ئايلىنىۋاتقان ماددى نوقتا سېستىمىسىنىڭ تۇز سىزىقلىق ئىنىرتىسىيىلىك ھەرىكەت قىلىش جەريانىدىكى مۇناسىۋەتلىك سىمىتىرىكلىكنىڭ نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى خارەكتىرلىك بۇزۇلۇشى توغرىسىدا "دىن تەرمىلەر
ئاساسى مەزمۇنى:
گالىلى ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان نەزەريىلەردە مۇقىم ئوقتا ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان ماددى نۇقتا سىستىمىسىنىڭ تۆز سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركىتى جەريانىدا سىممىتىرىيىلىك تىزلىك سەۋەبىدىن ئۇزگەرمەيدۇ،دەپ قارىلىدۇ.بۇ ماقالىدە،لورىنتىس ئالماشتۇرۇشى ۋەئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، مەيدانسىز بوشلۇق،مۇتلەق ۋاكىئوم شارائىتىدا،مۇقىم ئوقتا ئايلىنىۋاتقان ماددى نۇقتا سىستىمىسىنىڭ سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت جەريانىدىكى ماسسىسىنىڭ تىزلىكنىڭ ئۇزگىرىشىگە قاراپ ئۇزگىرىشى ئانالىز قىلىنىپ،سىممىتىرىيىلىكنىڭ ئۇزگىرىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.مۇقىم ئوقتا ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان ماددى نۇقتا سىستىمىسىنىڭ سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت جەريانىدىكى سىممىتىرىيىلىكنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرلىك بۇزۇلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئۇقۇملار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.بۇ ئۇقۇملار ماددى دولقۇننىڭ شەكىللىنىش مىخانىزىمى،ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتى....قاتارلىق ساھەلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ.ھەتتا مۇقەررەر ھالدافىزىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى ئۇزگۆرۆش ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇھاكىمە:
مۇقىم ئوقتا ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان ماددى نۇقتا سىستىمىسىنىڭ سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت جەريانىدىكى ھەرخىل تەركىپلىگۆچى سىممىتىرىيىلىكلەرنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرلىك بۇزۇلىشى،مۇقىم ئوقتا ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان ماددى نۇقتا سىستىمىسىنىڭ ھەركىتىنى تەتقىق قىلىشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،چۈنكى،تىزلىكى يورۇقلۇق تىزلىكىگە يېقىنلاشقان ياكى يەتكەن بارلىق زەررىچىلەر ئايلانما ھەركەتكە ۋە سىپىنغا ئىگە.شۇڭا ئاپتۇر ماددى دولقۇننىڭ ماھىيىتى زەررىچىلىكتىن ئىبارەت،دەپ ھېساپلايدۇ،دولقۇنلۇق خارەكتىر بولساماددى نۇقتا سېستىمىسى تەركىپلىگۆچىلىرى سىممىتىرىيىلىكىنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرلىك بۇزۇلىشى شۇنداقلا ماسسا مەركىزىنىڭ يوقۇرى-تۆۋەن ئورۇن يۆتكىلىشىنىڭ نەتىجىسى.
خۇلاسە:
سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت قىلىۋاتقان دەۋرى ئايلىنىدىغان ماددى نۇقتا سېستىمىسىدىكى ھەرقايسى فىزىكىلىق مىقدارلارنىڭ سىممىتىرىكلىگى ماددى نۇقتا سېستىمىسىنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكى ۋە سىزىقلىق ھەركەت تىزلىكى سەۋەبىدىن ئۇزگىرىدۇ.گەرچەبۇخىل ئۇزگۆرۆش ناھايتى كىچىك بولسىمۇ،لىكىن،ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتى ۋە ھەركەتنىڭ تىزلىكىنى يورۇقلۇق تىزلىكى بىلەن سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندا رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ،بىز مىخانىكا مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا بۇ ئۇزگىرىشلەرنى نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم.ماسسا مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشى ھەركەت تىرايىكتورىيىسىنىڭ ئۇزگۆرىشى ۋە ماددى دولقۇننىڭ شەكىللىنىش مىخانىزىمىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.بۇ ھال مۇئەييەن دائىرىدە قاسىم سىدىق مۇئەللىم تەشەببۇس قىلغان شەكىل نەزەريىسىدىكى"ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ" دىگەن قاراش بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
يۇقۇردا ئاز بولمىغان يېڭى ئۇقۇملار كەلتۆرۆپ چىقىرىلغان،لىكىن بىز يۇقۇرقى نۇقتىئىنەزەر ۋە فۇرمولىلار بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدا،ئازبولمىغان فىزىكىلىق تىئورما ۋە قانۇنلارغا "خىلاپلىق"قىلىنغىنىنى بايقىۋالمىغىمىز قىيىن ئەمەس.نۇۋەتتىكى مەسىلە ياكى"خىلاپلىق"قىلىنغان تىئورما ياكى قانۇنلاردىن ۋاز كېچىش،ۋە ياكى يۇقۇرقى بايانلارنى بىرچەتكە قايرىپ قويۇش(بۇ بايانلارنىڭ نەتىجىسى: نىسبىلىك نەزەريىسى توغرا ئەمەس)،مەيلى قايسى ئىنكار قىلىنسۇن،يەنە بىرىمۇ ئىنكار قىلىنغانغا باراۋەر. سەھىپە چەكلىمىسى سەۋەبىدىن،بۇ قىسىمداتېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئىلىپ بېرىلمىدى،كىيىنكى قىسمىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ. سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىگى سەۋەبىدىن فىزىكىلىق مىقدار ۋە پارامىتىرلارنى ئىپادىلەشتە كەمچىلىكلەرگە يول قويغان بولسام،كۇپچىلىكنىڭ كۇرسۆتۆپ تەلىم بېرىشىنى سورايمەن.
2
مۇھاكىمە ئەپەندىم‹‹ئىنىرتىسىيىلىك ئايلىنىۋاتقان ماددى نوقتا سېستىمىسىنىڭ تۇز سىزىقلىق ئىنىرتىسىيىلىك ھەرىكەت قىلىش جەريانىدىكى مۇناسىۋەتلىك سىمىتىرىكلىكنىڭ نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى خارەكتىرلىك بۇزۇلۇشى توغرىسىدا ››سەرلەۋھەلىك ماقالىسىنى،ئۇزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچار بولىشىغا قارىماي،داۋالىنىش جەريانىدا غايەت زور تىرىشچانلىق كۇرسۇتۇپ دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىدى.
ماقالىنى ئامېرىكاجەرەن جىلغا ( Universityof Antelope Valley)ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى،ماتېماتىكا پروفېسسورى تاشپولات رۇزى مۇئەللىم،شىنجاڭ ئونۋېرىستېتى فىزىكا ئىنستىتىۇتىنىڭ دۇتسېنتى ،دوكتۇر مۇھەممەت رېشات مۇئەللىملەر كۇرۇپ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەردى.قايتا ئىشلىنىپ پىششىقلانغان نوسخىسى يەنە مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۇرۇپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ ۋە رەسمى ئېلان قىلىنىدۇ.مۇ تەخەسىسلەر ھازىرغىچە ماقالىدىكى پىكىر يولىنىڭ توغرىلىغىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇئەييەنلەشتۆردى.
بۇ ماقالە،مۇبادا ماتىماتىكىلىق كەلۆرۈپ چىقىرىش جەھەتتە پۇت تىرەپ تۇرالىسا،ئاپتۇرنىڭ ئېيتىشىچە شەكىل نەزەريىسىنىڭ "ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ"دىگەن ئىدىيىسىنى ،29- 41-تىئورمىلىرىنى ،"يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى زەررىچە،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى"دىگەن قارىشىنى،فىزىكىلىق ئالەمنىڭ دەۋرىلىگى ئىدىيىسىنى فىزىماتلىق ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇۋە ئىسپاتلايدۇ.بۇ ماقالىدە يەنە"ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ"دىگەن لوگىكىلىق ئىدىيە يادرۇلىغىدا نىسبىلىك نەزەريىسىدە قوللۇنۇلغان ماتىماتىكىلىق قوراللار قوللۇنۇلۇپ سىممىتىرىيىلىكنىڭ بۇزۇلىشى كەلتۆرۆپ چىقىرىلدى.مۇھاكىمە ئەپەندىم "ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ"دىگەن ئىدىيىنى ئىجادى تەدبىقلاشتا ئۆلگە كۇرسەتتى .بۇنىڭدىن بۇ ئىدىيىنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىگىنى ھېس قىلالايمىز.مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاكىمە ئەپەندىمگە،بۇ ماقالىنى كۇرۇپ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بەرگەن ۋە يەنە كۇرۇپ بىرىش ئالدىدا تۇرغان.مەملىكەت ئىچى -سىرتىدىكى مۇتەخەسىسلەرگە قىزغىن رەھمىتىمنى بىلدۆرىمەن.مۇھاكىمە ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى -سىرتىدامۇناسىپ ئېتىۋارغا ئىرىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
مەن ئۇزەمنىڭ ناقابىللىغى ۋەجىدىن ماقالىدىكى ماتىماتىكىلىق كەلتۆرۆپ چىقىرىش جەريانلىرىنىڭ توغرا - خاتالىغى ھەققىدە ئەسلا بىر نىمە دىيەلمەيمەن.مەن ماقالىنىڭ كىرىش سۇز قىسمى ۋە خۇلاسە قىسمىدىكى يەكۆنلەر ھەققىدە قاراشلىرىمنى چامىمنىڭ يېتىشىچەتورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقىم بار.
ماقالىدا نىسبىلىك نەزەريىسى قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ كۈچ مەيدانى بولمىغان ھەققى بوشلۇقتا 29-تىئورمىچە ئېغىشنى ،ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرىنىڭ ئەگرى بولىدىغانلىغىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىلغان،مېنىڭچە، بۇ بەكمۇ موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە نەتىجە.بۇنداق نەتىجىنى موھىم دىيىشىمدىكى سەۋەپ -ھەركەت ئۇزىدىكى بۇنداق ئەگرىلىككە نىسبىلىك نەزەريىسىگە قوللۇنۇلغان ماتىماتىكىلىق قورال ۋە ئۇسۇللارنىڭ يول قويۇشى ۋە كەلتۆرۆپ چىقىرىلغان نەتىجىنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسىنى مۇئەييەن دائىرىدە رەت قىلىدىغان،تەڭلىكتە قويىدىغان كومىدىيىلىك مەنزىرىدىن ئىبارەت.بۇ نەتىجەۋە بۇنداق مەنزىرە بىزنى بەزى بىر ئىدىيىۋى يېتىرقاشلاردىن ،ئىككىلىنىشلەردىن خالى قىلىدۇ.جاسارىتىمىزگە ئىلھام بېرىدۇ.
ھەممىمىزگە تونۇشلۇق قاراش شۇكى ،كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى "ماكان ئەگرى بولىدۇ،زەررىچە ۋە جىسىملار ئەگرى ماكان ۋەجىدىن ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ"،دەپ تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن.مۇھاكىمە ئەپەندىمنىڭ ئەمگىگى كۈچ مەيدانىسىز ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ ھەركەتنىڭ خارەكتىرىنىڭ ئەگرى بولىدىغانلىغىنى،بۇنداق ئەگرىلىكنى ھەم ئوقىدا ئايلىنىدىغان ھەم سىزىقلىق ئىلگىرلەيدىغان ھەرقانداق زەررىچە ھەركىتىدە ئىپادىلىنىدىغانلىغىنى كۇرسەتتى. مۇھاكىمە ئەپەندىم كەلتۆرۆپ چىقارغان نەتىجىنى،نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ“ ماكان ئەگرى،شۇڭلاشقا بۇنداق ماكاندا ھەركەت قىلغان جىسىمنىڭ ئەگرى بولىدۇ” دىگەن ئىدىيىسى بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ."كومىدىيىلىك نەتىجە"دىيىشىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ!.
3
سىممىتىرىيىلىك ئەسلى ئىستېتىكا كاتىگورىيىسى(ئاساسى ئۇقۇمى)بولۇپ،ئاساسەن سەنئەت ساھەسىدە تەدبىقلىنىپ كەلگەن.سىممىتىرىيىلىك بەكمۇ كەڭ شەرىھكە ئىگە ئۇقۇم.ئەھلى ئاۋامغا ئەڭ تونۇش بولغان ئىستېتىك رىياللىق ئاساسەن گىئومىتىريىلىك،ئوپتىكىلىق،فىزىئو ئوپتىكىلىق سىممىتېرىيىلىكتىن ئىبارەت.ئەگەر «سىممىتىرىيىلىك»نى ناھايتى ئىخچام سۇزبىلەن چۈشەندۆرۆشكە توغرا كەلسە،مۇۋازىنەت(تەڭپۇڭلۇق)،ماسلىق،ئىزچىللىق،دەۋرىلىك قاتارلىق تېرمىنلارنى ئىشلىتىش كىرەك.ئادەم يۇزىدىكى ئەزالانىڭ ماسلىغى ۋە مۇۋازىنىتى ئارقىلىق سىممىتېرىيىلىكنى شەرىھلەش،چۈشەندۆرۆش ئەڭ ئاسان ئۆنۆم بىرىدىغان ئۇسۇل.بىز ئادەتتە كېلىشكەن كىشىلەرنى«قاش-كۇزى جايىدا»دەپ سۆرەتلەشكە ئادەتلەنگەن.مۇبادا بىر ئادەمنىڭ بىر كۇزى ياكى قولىقى يوغان بىرسى كىچىك ياكى ئورنى ئۇز ئارا پارالىل بولمىسا بۇ ئادەمنىڭ «قاش كۇزى جايىدا»بولمىغان،«سىممىتىرىيىلىك»تىن ئىبارەت گۆزەللىك ئۇلچىمىنى قانائەتلەندۆرەلمىگەن ،"سىممىتېرىيىلىكى بۇزۇلغان"بولىدۇ.
لىكىن، سىممىتىرىيىلىك يالغۇز تاشقى ئوپتىكىلىق ئوبرازلارنىلا ئۇز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم ئەمەس.ئۇ ،ھەركەت شەكللىرىگىمۇ تەدبىقلىنىشتىن باشقا،لوگىكىلىق ماسلىقتىن ئىبارەت مەنتىقى سىممىتىرىيىكلەرنىمۇ ،قانۇنىيەت ۋە قانۇنىيەتلەر ئارا سىممىتىرىيىلىكلەرنىمۇ ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ,.
A·E·Noether ئۇزىنىڭ ئالاقىدار تىئورمىسىدا ھەرقانداق بىر سىممىتىرىيىلىكنىڭ تەركىۋىدە بىر ساقلىنىش قانۇنى ،بىر ساقلانۇچى مىقدار بار،دىگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.

نوئېتىر تىئورمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئا.ئې.نوئېتىر (A·E·Noether)خانىم
سىممىتىرىيىلىكنىڭ بۇزۇلۇشى،سىممىتىرىيىلىكنىڭ ئىستىخىيىلىك بۇزۇلۇشى قاتارلىق تېماتىك دائىرە ئىچىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن،نەتىجىلىرىمۇ ئاز ئەمەس.بۇلارنى كۇنكىرىت تونۇشتۇرۇش بۇ تېمىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. ھازىر 29-تىئورما يېتەرلىك تەجىربە ئىسپاتلىرىغا ئىرىشىپ بولدى.ئەمدى بىز مۇھاكىمە ئەپەندىمنىڭ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاشلىرىنى _ مۇبادا بۇ كەلتۆرۆپ چىقىرىشلاردا ماتىماتىكىلىق خاتالىقلار بولمىسىلا_ مۇئەييەن دائىرىدە بىر ئىلمى ھەقىقەتنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇلدا دەللىلىدى،دەپ قارىساق بولىدۇ.
A·E·Noether خانىمنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا سىممىتىرىلىك بىر خىل مىقدارنىڭ ئىزچىل ساقلىنىشىدىن،تۇراقلىق بولىشىدىن دىرەك بىرىدۇ.بىر ئومۇمى مىقدارنىڭ ئىككى تەركىپلىگۆچىسى بولسا،ئۇلار ھەر بىر كۇنكىرىتلىقتا ئۇزگىرىشچان،ئەمما،ئۇلارنىڭ يىغىندىسى بىر پۈتۈنلۆكتە نىسبى تۇراقلىق بولسا ،سىممىتىرىكلىك ھەر بىر كونكىرىتلىقتا بۇزۇلغان،ئومۇملىقتا ساقلانغان بولىدۇ.دەۋرى جەريانلار دەل مانا مۇشۇنداق ئالاھېدىلىككە ئىگە.شەكىل نەزەريىسىنىڭ ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ ئىدىيىسى ۋە 29-41-تىئورمىلارسىممىتىرىكلىككە ئالاقىدار يۇقۇرقىچە مەزمۇنلارنى ئۇزئىچىگە ئالغان _ گەرچە بۇلاردا سىممىتىرىكلىك ئاتالغۇسى ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ .بىر لوگىكىلىق ئابىستىراكىتىيەنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى بەكمۇ كەڭ بولىدۇ.بۇنداق ئابىستىراكىتىيەنىڭ ئۇزى ۋە ياكى بۇنداق ئابىستىراكىتىيەنىڭ بەرپاچىسى ئۇزىنىڭ شۇنداقلا بۇ ئەمگىكىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرسىنى بىرمۇ-بىر ساناپ بەرمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
4
ماقالىدە ھەركەت ئەگرىلىكىنىڭ سىممىتىرىيىلىكنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نۇقتىلىق ھالدا ماتىماتىكىلىق ئۇسۇلدا كەلتۆرۆپ چىقىرىلغان.ھەركەت ئەگرىلىگى ئىدىيىسىنى نىسبىلىك نەزەريىسى قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سىممىتىرىيىلىكنىڭ بۇزۇلۇشىغا تەدبىقلاش _ مۇبادا باشقا ئىسپات تېپىلمىسا _ ماقالىدىكى ئەڭ زور مۇۋەپىقىيەت ۋە ئىجادى تەرەپ. ئوخشاش ماتىماتىكىلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، شەكىل نەزەريىسىگە پايدىلىق،نىسبىلىك نەزەريىسىگە پايسىز نەتىجىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىش _ مانا بۇ مىنى ئەڭ قايىل قىلغان،ھەممەيلەننىى چوڭقۇر ئويلۇنۇپ كۇرۈشكە ئۆندەيدىغان نۇقتا. سىممىترىيىلىكنىڭ بۇزۇلۇشى ھەققىدىكى ئىزدىنىش تارىخىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ،مۇھاكىمە ئەپەندىم بۇنداق بۇزۇلۇشنىڭ كونكىرىت سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە خاس ئۇسۇلدا فىزىماتلىق ئانالىز ئېلىپ بارغان.
مىنىڭ بۇ ئەسەردە ھازىرچە ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىرىم تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1.ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسىدىكى ئېدىيەلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئىشلەتكەن ماتىماتىكىلىق قوراللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئالاقىدار قاراشلىرىنى رەت قىلىدىغان ئىدىيەلەرنىمۇ ئىسپاتلاش _ بۇ تېمىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپىقىيىتى.
2.بۇ قوراللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىرىشكەن نەتىجىلەرنى يەنىلا نىسبىلىك نەزەريىسىگە تەئەللۇق دەپ قارىۋىلىش،بۇ نەتىجىلەرگە ۋە ئىسپاتلانغان يېتەكچى ئىدىيەلەرگە نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرىستكىسىنى بېرىش بۇ تېمىدىكى ئەڭ چوڭ مەنتىقىسىزلىق.
3.تەدبىقلانغان ۋە نۇقتۇلۇق ئىسپاتلانغان ئاساسى يىتەكچى ئىدىيەنىڭ مەنبەسى رۇشەن بولماسلىق،بۇ تېمىدىكى ئەڭ چوڭ مۇجىمەللىك.
مەن ھازىر نىمە ئۈچۈن بۇنداق بۇزۇلۇشنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرلىك بۇزۇلۇش دېيىلىۋاتقىنىنى زادىلا چۈشۈنۈپ بولالمايۋاتىمەن.چۈنكى،“(بۇ بايانلارنىڭ نەتىجىسى: نىسبىلىك نەزەريىسى توغرا ئەمەس)”دىگەن بۇ باياندا نىسبىلىك نەزەريىسى مۇشۇ بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن رەت قىلىنىدىغانلىغىدىن بېشارەت بېرىلىپتۇ.دىمەك،بۇنداق بولغىنىدا نىسبىلىك نەزەريىسى بۇنداق بۇزۇلۇشنىمۇ ئۇزئىچىگە ئالمىغان بولىدۇ.بىز نىمە ئۈچۈن ئەسلىدىلا نىسبىلىك نەزەريىسىگە تالىق بولمىغان بۇنداق بۇزۇلۇشنى نىسبىلىك نەزەريىسىگە تەۋە بۇزۇلۇش دەپ ئاتىشىمىز كېرەك؟،مۇھاكىمە ئەپەندىمنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
مىنىڭ يۇقۇرقى سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدا مۇنداق جىددى جاۋاپ تېپىشقا تېگىشلىك سەۋەپ بار:
مۇبادا، ئېينىشتېيىن ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگىرىلىگى ۋەجىدىن سىممىتىرىكلىنىڭ بۇزۇلىدىغانلىغى ياكى سېممىتىرىلىكنىڭ بۇزۇلۇشى ۋەجىدىن ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان بولسا، بۇھالدا بىز شەكىل نەزەريىسىدىكى ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ،دىگەن بۇ ئىدىيىنى ئېينىشتېيىن شۇنداقلا نىسبىلىك نەزەريىسىگە خاس ئىدىيە دەپ قارىساق بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىز شەكىل نەزەريىسىدىن ئىبارەت بۇ تېمىدىن ۋازكېچىپ ،تارىختا ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولۇنغان بىر ئىدىيە ئۈستىگە قورۇلغان تەتقىقاتنى توختاتساق بولىدۇ.ئەگەر ئېينىشتېيىن ئىدىيە سېستىمىسىدا بۇنداق ئىدىيە ياكى قاراش مەۋجۈت بولمىسا،شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىلاسسىك پەندە ۋە ياكى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان، بۇنداق ئىدىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغانلىغىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بولمىسا،بۇنداق ئىدىيىنى شەكىل نەزەريىسىگە تەئەللۇق ئىدىيە دەپ قاراپ،تەتقىقاتىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
ماتىماتىكىلىق مىتوت،ئالماشتۇرۇشلارنىڭ ئورتاقلىغى بۇ ئايرىم مەسىلە.مۇبادا،ئوخشاش،باشقىلار بەرپا قىلغان ماتىماتىكىلىق قورال ۋە ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كەلتۆرۆپ چىقىرىلغان ئۆزگىچە نەتىجىلەر شۇ قورال ۋە ئۇسۇللارنىڭ بەرپاچىسىغا تەئەللۇق بولىدۇ دەپ قارالسا بۇ ھالدا ئېينىشتېيىنگىمۇ ھېچنەرسە قالمىغان بولىدۇ.مۇھاكىمە ئەپەندىمنىڭ بۇ يازمىسىغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.
مۇھاكىمە ئەپەندىم مىنىڭمۇ سېستىمىلىق نەزەريەم بار دىگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ.بۇ بار دېيىلگەن بۇ نەزەريە سېستىمىنىڭ ئەپەندىمنىڭ بۇ ماقالىسىدىكى يېتەكچى ئىدىيەلەر بىلەن باغلىنىشى بولسا، ئۇنداقتا بۇ سېستىمىلىق نەزەريە،سېستىمىغا ئالاقىدار قاراشلار قاچان قايسى نەشىر ۋاستىسىدا، قانداق سەرلەۋھەدە ئېلان قىلىنغان ۋە ياكى تۇنۇشتۇرۇلغان ؟.ئەپەندىم سىممىتىرىكلىكنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرلىك بۇزۇلۇشى دىگەن بۇ ئاتالما ئاساسلانغان يېتەكچى ئىدىيىنى نىسبىلىك نەزەريىسىدىن ئالغانمۇ،ياكى ئۇزى دەۋاتقان سېستىمىلىق نەزەريەدىن ئالغانمۇ،قەيەردىن ئالغان؟ .ئەپەندىم مېنى ۋە جامائەتچىلىكنى بۇلاردىن خەۋەردار قىلىپ،چۈشەنمەسلىكلەرنى ھەل قىلىۋەتسە دىگەن ئۈمىتتىمەن.
يېزىلغان ۋاقتى:2013-9-13كۈنىدىن 2015.1.13-كۈنىگىچە.
ئەسكەرتىش:ئەسلى مەن بۇ تېمىنى كەڭرەك ۋە چوڭقۇرراق يېزىشنى پىلانلىغان ئېدىم.مۇھاكىمە ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بەزق قاراشلارنىڭ ئوخشىماسلىغى ۋەجىدىن مۇشۇنچىلىك يېزىپ قويدۇم.مۇھاكىمە ئەپەندىم مەن يازغان بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ،مۇجىمەللىكلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋەتسە ئاندىن شۇنىڭغا قاراپ باشقا تېما يازاي دېدىم.
بۇ يازمىنى ھەرقانداق مۇنبەرگە مىنىڭ ماقوللىغىمنى ئالماي چاپلىسىڭىز بولىۋىرىدۇ.
|