بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 18:19
پايدىلىنىش:
ئالاقىدار كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تەرمىلەر:
ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۇقۇرى - تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.
ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.
ئايلىنىۋاتقان بىر جىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى ،بۇ جىسىمنىڭ ئۆچۆش(سىزىقلىق)تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى بىلەن ئۆسىتمۇ-ئۆسىت چۈشمىگەندە(不重合时)،ئايلىنىۋاتقان بۇلۇڭلۇق تىزلىك ۋىكتۇرى ۋە سىزىقلىق تىزلىك ۋىكتۇرىدىن شەكىللەنگەن تەكشىلىكتە بىر ۋىرتىكال كۈچ پەيدا بولىدۇ.بۇ ۋىرتىكال كۈچنىڭ تەسىرىدىن جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تىرايىكتورىيىسىدە ئېغىش يۇز بېرىدىغان ھادىسە ماگنوس ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
مىنىڭ ئەسكەرتىپ قويىدىغانلىرىم:
بايقىشىمچە،ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ يۇقۇرقىچە شەرھى بىلەن 29-تىئورما مەزمۇنى ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىق يوق ئىكەن.ھالبۇكى ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ئاقارجىسىملار مىخانىكىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىزاھلاپتۇ.مۇبادا ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ھەقىقى بوشلۇققا كېڭەيتىۋەتكەن بولسا مىنىڭ 29-تىئورمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا ھاجەت ۋە پۇرسەت قالمىغان بولار ئېكەن.ئېھتىمال بۇ تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان كىچىككىنە پۇرسىتى بولسا كېرەك.
«ماگنوس ئىففىكىتى»گە ئالاقىدار تەڭلىمىدە بىر Sئەزا بولۇپ،ئۇ،جىسىم يۆزىدىكى ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچ كويفىنىستىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى،29-تىئورما بۇيىچە ئۈزى ئايلاندۇرۆلۆپ تىپىلگەن بىكخامچە توپ ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكۇئومدىمۇ) ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ يايسىمان ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى توپنىڭ پىقىراش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
قارىغاندا مەن نىيوتۇننىڭ پېقىرىغۇچ(نۇر)ھەققىدىكى بايانلىرىغا ماگنۇسنىڭ ئېغىش يۆنىلىشى كۇرسەتكۈچىنى قىستۇرۇپ قويۇپتىمەن.قىلغىنىم مۇشۇنچىلىكلا ئىش ئېكەن!.
_________________
29-تىئورما نىيوتۇن مېخانىكىسىغا خىلاپ ئەمەس ،ئەكسىچە ئۇنىڭ مەنتىقى رېۋاجى ئېكەن.ئەمدى مەلۈم بولدىكى، نىيوتۇننىڭ ئالاقىدار ئىدىيىلىرىنى مىكرۇ دۇنياغا كېڭەيىتمەسلىككە ئېيتارلىق باھانىمىز يوق.مۇھاكىمە ئەپەندىم ئۇزىنىڭ ئېيتىشىچە ئالاقىدار تېمىسىدا شەكىل نەزەريىسىدىكى 29-تىئورمىچە ئېغىشقا مىكرۇ دۇنيانىڭ يول قويىدىغانلىغىنى كەلتۆرۈپ چىقىرىپتۇ.29-تىئورما بولسا نىيوتۇننىڭ ئالاقىدار ئىدىيىلىرىنىڭ مەنتىقى رېۋاجى ئىكەنلىگى ئايان بولدى.ھالبۇكى،نىسبىلىك نەزەريىسىدە بۇنداق ئىدىيە يوق ئىكەن.يۇقۇرقى تېمىنىڭ ئاپتۇرى “بۇ خىل ھالەتنى تەركىبلىگۇچىسى يوق بولغان ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلمىتار زەرىچىلەرگىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ. ”دەپ يېزىپ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك ھەركەت ئەگرىلىكىنىڭ ۋە 29-41-تىئورمىچە ئېغىشلارنىڭ مىكرۇ دۇنياغىمۇ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىنى ئېنىق ئېيتىدۇ.دېمەك،نىيوتۇن 1-قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق نىيوتۇن مىخانىكىسىنى مىكرۇ دۇنيا ۋە يۇقۇرى تېزلىك شارائىتىغىمۇ باپ قىلىدىغان مېخانىكىغا ئايلاندۇرغىلى،كىۋانىت مېخانىكىسى بىلەن نىيوتۇن مىخانىكىسىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىغىغا كۇزۆم يېتىۋاتىدۇ.
|