- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31316
- نادىر
- 21
- يازما
- 1345
ئۆسۈش
  53.29%
|
بۇ مەزمۇن 67قەۋەتتىكى a.kaxkiriyدە2013-01-07 17:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھازىر نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىلىرى ياردەمگە كېلىۋاتىدۇ. خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ باھاسى دېھقانلارنى قىيناۋاتىدۇ. شۇڭا كېلىدىغانلارنى ياخشى تاللاپ، ئەشۇنداق خاسىيەتلىك پوق چىچالايدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى كۆپرەك ئىۋەتسە،دېھقانلارغا تەخسىملەپ بەرسە، دېھقانلارنىڭ يۈكى يەڭگىللەيتى. بولسا كېچە- كۈندۈز توختىماي چىچىدىغان چىچقاقلار بولسا ياخشى بولاتتى. چىققان گازنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبىسىغا ئۇلاپ قويساق، مۇھىتمۇ بۇلغانمايتى، ھەممە ئادەم تەڭ نەپكە ئېرىشەتتى.
سىز ئىشلارنى بۇنداق ئاددىي تەپەككۇر قىلماڭ ، a.kaxkiriy.
بەلكىم پات ئارىدا شىنجاڭنىڭ پوق -سۅيدۅكلىرى مەحسۇس لېنىيە بويىچە شەرىققە يەتكۅزىلىشى مۇمكىن. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەبلەر :
1.بۇندىن 10يىللار ئىلگىرى بىر ماتېرىيال كۆرگەنىدىم . ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە ، شاڭخەيلىكلەر ئىستىمال قىلىۋاتقان سۇنىڭ تەركىبىدە پوق ماددىسى بولۇپ ، ھەر بىر شاڭخەيلىكنىڭ يىللىق پوق ئىستىمال مىقدارىمۇ تەخمىنەن يېزىلىپتىكەن.بەلكىم شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئەقىللىق بولۇشىدا ئۇلارئىستىمال قىلىۋاتقان پوقنىڭمۇ رولى بولۇشى مۇمكىن.بولۇپمۇ شاڭخەيدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ چىقىشىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەكمىكىن ، دەيمەن.
2.يۇقۇردا anatil8ئىسىملىك تورداشنىڭ ئېيتىشىچە ، ياپونىيە ئالىملىرى پوقتىن ناھايتى قىممەتلىك بولغان قۇۋۋەتلىك دورا ئىشلەپچىقارغان بولۇپ ، بۇنى پەقەت يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارلا يېيەلەيدىكەن.
3.خەنزۇچە «جۇخەي ئالاھىدە رايون گېزىتى»نىڭ1992-يىلى 11-ئۆكتەبىردىكى سانىغا سۈيدۈك بىلەن كېسەل داۋالاشنىڭ كېلىنكىدا ئىسپاتلانغانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر بېسىلغان.بۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە بەلكىم قەدىمقى ئۇيغۇر تىبابىتىگە تۇتىشىشى مۇمكىن.
4.تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ مېۋە-چىۋىلىرى ئالاھىدە تاتلىق ھەم قۇۋەتلىككەن.ئەمدى كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدىغان ، قۇرغاق ، بۇلعانمىغان مۇھىتتىكى شىنجاڭنىڭ پوق-سۅيدۅكلىرى بەلكىم نەم ھاۋا مۇھىيىتىدىكى شاڭخەينىڭ پوق-سۅيدۅكلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخمۇ تەملىك ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى بولۇشى مۇمكىن. |
|