- تىزىملاتقان
- 2011-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8913
- نادىر
- 1
- يازما
- 449
ئۆسۈش
  78.26%
|
كىچىك ۋاقتىمىزدا تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە «يۈگوڭنىڭ تاغنى يۆتكىسى»، ماۋ زېدوڭنىڭ «<يۈگوڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى>دەك جۇڭگۇنى ئۆزگەرتەيلى» دېگەن تېكىستلەر بولىدىغان. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى بۇ دەرسنى ئۆتكەندە يۈگوڭ قانداق ئادەم؟ يۈگوڭ- ئېرادىلىك، قەيسەر، قىلغان ئىشىدىن ۋاز كەچمەيدىغان، يىراقنى كۆزلەيدىغان، ئەۋلاتلارغا بەخت يارىتىشنى كۆزلەيدىغان... ئادەم دەپ يادلاتقۇزاتتى ھەمدە يۈگوڭ بوۋىمىزدىن ئۆگىنەمدۇق، يۈگوڭ بوۋىمىزنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرامدۇق دەپ سارايتى. سۇئالنىڭ ئاخىرىدىكى پېئىل بولۇشلۇق پېئىل بولسا، بولۇشلۇق پېئىل بىلەن، بولۇشسىز پېئىل بولسا، بولۇشسىز پېئىل شەكىلدە جاۋاپ قايتۇرۇش ئادىتىمىز بويىچە «ئۆگىنىمىز»، «داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ ۋاقىرايتۇق.
كىيىن خەنسۇچىنى ئۆگىنىپ، 愚公دىكى 愚نىڭ «ئەخمەق، ھاماقەت» دېگەن مەنىدىكى گەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئەقلىمىز زورۇيۇپ يۈگوڭغا ئۆزىمىز باھا بېرەلىگىدەك بولۇپ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ يادىلاتقانلىرىغا مىيىقىمىزدا كۈلۈپ قويدۇق.
ھازىر ئاڭلىسام بالىلار «يۈگوڭ قانداق ئادەم ؟»دەپ سورىسا، «يۈگوڭ ئەخمەق، ھاماقەت ئادەم» دەيمىش،« نېمە ئۈچۈن» دەپ سورىسا، «ئۇ ئەخمەق بولمىسا، تاغنى يۆتكەيمەن دېمەي، ئۆيىنى تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە يۆتكەپ كېتەتتى» دەپ جاۋاپ بېرەرمىش. |
|