- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31316
- نادىر
- 21
- يازما
- 1345
ئۆسۈش
  53.29%
|
مەن لىيۇ خۇلەنگە ئائىت بىر ماقالىنى ئوقۇسام شۇ كەنىتتىكى بىر پومىششىك ئىجارىگە بەرگەن يېرىگە لىيۇ ئائىلىسىدىكىلەر ھورۇنلۇق قىلىپ ياخشى ئىشلىمەي ، ھوسۇل ئالالماي ، ئىجارە ھەققىنى ئۇدا تاپشۇرمىغاشقا پومىششىك ئامالسىز لىيۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە بەرگەن ئىجارە يېرىنى قايتۇرۇپ ئالغانمىش. بۇنىڭ بىلەن لىيۇ ئائىلىسىدىكىلەر پومىششىككە غۇم ساقلاپ يۈرگەنمىش.ئاخىر لىيۇ خۇلەن ئىسىملىك كىچىك قىز پومىششىكتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى كۇمۇنىسىت ئارمىيىسىگە سېتىۋەتكەچكە قولغا ئېلىنىپ ئېتىپ تاشلانغانمىش.
داھى ماۋزېدوڭ لىيۇ خۇلەننىڭ ئۆلۈمىگە ئاتاپ « ھاياتىڭ ئۇلۇغ، ئۆلۈمىڭ شەرەپلىك» دەپ بېغىشلىما يېزىپ لىيۇ خۇلەننىڭ ھاياتىنى پۈتكۈل جۇڭگونىڭ ئازاتلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلىقىغا يۇقۇرى باھا بەرگەن بولسىمۇئەمما،لىيۇ خۇلەن قانداقتۇر « ئازاتلىق»، « ئىنقىلاپ » دېگەنلەردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز بولۇپ ، پەقەت پومىشىكتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنىلا شۇنداق قىلىغانمىش. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەركىتىنىڭ پۈتكۈل جۇڭگونىڭ ئازاتلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلىقىنى ئەسلا-ئەسلا بىلمەسمىش. |
|