- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31316
- نادىر
- 21
- يازما
- 1345
ئۆسۈش
  53.29%
|
بۇ مەزمۇن 51قەۋەتتىكى anatil8دە2013-01-07 15:23يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
توغرا ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي غۇرورى باشقا جايلارنىڭكىگە قارىغاندا بىر قەدەر كۈچلۈك،ھەق-ناھەق قارشى بىر قەدەر يۇقۇرى ئىكەن..مەنمۇ بوزقىركامنى شۇنداق ئويلايمەن...قايسىدۇر بىر كىتاپتا_ ئاقسۇ خەلىقى مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت،پەن-تېخنىكا گۈللىنىش جەھەتتە مىسلىسىز تۆھپە قوشقان ئەللەرنىڭ بىرى، دەپ ئوقۇغانلىقىم ھېلىمۇ ئىسىمدە..
ئەمما، ئاقسۇدا لايغەزەل ئادەملەرمۇ خېلى بار.ئۈرۈمچىدە بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان.ئۇ دائىم : " ھەرقانداق چىچەن ئادەم ئاقسۇنىڭ سۈيىنى ئۇدا 10 يىل ئىچسە گالۋاڭلىشىپ قالىدۇ '' دەيىتتى. شۇڭا ئۇ ساۋاقدىشىم "كاللاڭدىكى كىرنى تازىلايمىز" دەپ دائىم مېنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىۋېلىپ ھەپتىلەپ تۇرغۇزاتتى.ھازىرمۇ شۇ .مەن بۇ گەپكە ئىشەنمەي ئۇنىڭ بىلەن دائىم مۇشۇ ئىش ھەققىدە قىزىرىشىپ قالاتتىم.ئەمما، ھازىر شۇ ساۋاقدىشىمنىڭ گېپىنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.ئاقسۇدا غۇرۇرى بار ئۇيغۇرغا كۈن يوق. قوش بېسىم ئاستىدا ياشايدۇ. ئويلاپ باقسام مەن شۇنچە كەڭ ئاقسۇ زېمىنىدا پەقەت بىر-ئىككىلا ئادەم بىلەن پىكىرلىشەلەيدىكەنمەن.
تارىخنى ۋاراقلىساق ، ئاقسۇدىكى مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت،پەن-تېخنىكا گۈللىنىش جەھەتتە تۆھپە قوشقان زەكىيلەرنىڭ ھېچقايسىسى نە ئاۋام-پۇخرانىڭ قوللىشىغا، نە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەي ئازاپ ئىچىدە ئاھ ئۇرۇپ ، ئازاپ بىلەن تىراگېدىك ھايات كەچۈرگەنلىكىنى بايقايمىز. |
|