- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31316
- نادىر
- 21
- يازما
- 1345
ئۆسۈش
  53.29%
|
بۇ مەزمۇن 68قەۋەتتىكى mupassanدە2013-01-07 18:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاقسۇدىنمۇ نى-نى ئەركەك سۈپەت زىيالىيلار چىققان .نىمشىھىت ،ئەركىن سىدىق ،توختى مۇزئارت ،يەنە ماۋۇ بىزنىڭ بوزقىركام دېگەندەك .يەنە ھېكىم بۇر دېگەندەك ئېشەكباش خائىنلارمۇ چىققان .ئىشقىلىپ ھەممە يەردە ئەسكى ۋە ياخشى ئادەملەر بار .
بوزقىركا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا سىزنىڭ <<مئڭۆيلەر سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمىز >>دېگەن كىتابىڭىزنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە ،مىڭ ئۆي بىزنىڭ قىزىل دىيارىدا بولغاچقا قىزىقىپ ئوقۇپ كېتىپتىكەنمەن .مەزمۇنى ئازراق ئېسىمدە بار ھازىر .ئالىي مەكتەپكە چققاندىن كېيىن ئىزدەپ تاپالمىدىم ئۇ كىتاپنى .
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ <<يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت >>دىگەن كىتابىدىكى ھېلىقى مىڭۆي ئالدىدا چەتئەل مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىرىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغان جۇلدۇر كېپەنلىك،ئازغىنە پۇل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاتا -بوۋىسى بىنا قىلغان مەدەنىيەت جەۋھەرلىرنى ئۆز قولى بىلەن ئاشۇلارغا كولاپ بەرگەن ئەجداتلىرىمنى ۋە لېكۇك ،گىروندېۋىل قاتارلىق ئىكىسپىدىچىلەرنىڭ مەغرۇر تۇرقىغا قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى
مىڭئۆي جاۋاھىراتلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ 12 مۇقام بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان قىممەتلىك جاۋاھىراتى بولسىمۇ ئەمما، بۇھەقتىكى تەتقىقات ۋە چۈشەنچە چوڭقۇرلاشمىدى.ئەمما، بۇنىڭ قىممىتى كەلگۈسىدە چوقۇم ئېشىپ بېرىشى مۇقەررەر.
«مىڭئۆيلەر، سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمىز» ناملىق كىتاب 2003-يىلى قانۇنلۇق نەشىرىياتتا بىرلا بېسىلىپ ، شىنخۇا كىتابخانىسىغىمۇ سېلىنماي سېتىلىپ تۈگىگەنچە قايتا بېسىلمىدى.ھازىر ئۆزۈممۇ تاپالماي يۈرىمەن.ئاڭلىسام بىرسى شۇ كىتابنى كىتابپۇرۇشنىڭ ئالدىدىن 300يۇەنگە ئاپتۇدەك. |
|