- تىزىملاتقان
- 2012-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7860
- نادىر
- 0
- يازما
- 463
ئۆسۈش
  57.2%
|
بۇ مەزمۇن 32قەۋەتتىكى a.kaxkiriyدە2013-01-07 12:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
چوڭ ئاچامنىڭ كۈيۈسى مەلۇم ناھىيىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەيتى. ئىختىيارى مۇخبىر دەپ قويسا بەك خوش بولۇپ كېتەتتى. ئىختىيارىي مۇخبىرلىق ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك ئادەم ئىدى، خەۋەر يېزىشقا ئالامەت ئامراق ئادەم ئىدى. بىر كۈنى ئاپاملارنى ئۆيىگە قولىدا گېزىت خوشال كىرىپ كەلدى. مېنى كۆرۈپ بىر پارچە سۈرەتلىك خەۋەرنى چىقىرىۋالغانلىقىنى دېگەچ گېزىتنى ماڭا بەردى. كۆڭلىگە يارىشا ئېلىپ قارىسام، «پەن- تېخنىكىغا تايىنىپ بىيىش ماھىرى»دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا سېمىز، ھاپا قۇۋۇز بىر دېھقاننىڭ سۈرىتى تۇرىدۇ. ماقالىسى يېرىم بەت يېزىلىپتۇ. بۇ ئادەم ماڭا تونۇشتەك بىلىنىپ« بۇ ئادەم بىزنى ھېلىقى چاغدا مېھمان قىلغان كىشى شۇغۇ» دېسەم« شۇ »دېدى. رەسىمگە سىنچىلاپ قارىسام بۇ كىشىنىڭ قولىدا بىر كىتاب تۇرىدۇ، لىكىن كىتابنىڭ ئاستىنى ئۈستىگە، ئۈستىنى ئاستىغا قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. كۈلۈپ كەتسەم، يىزنەم سەۋەبىنى سورىدى. رەسىمنى كۆرسىتىپ قويسام، مۇخبىرلىقتا بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ دېدى. كىيىن بىر ئىش بىلەن شۇ تەرەپكە ئۆتۈپ، ھېلىقى كۈلكىلىك رەسىم ئىسىمگە كەلدى. سۈرۈشتۈرۈپ ھېلىقى ماھىرنىڭ ئىنىسىنى تاپتىم. ئاكا- ئۇكا ئەپ ئۆتمەيدىكەن. سەۋەپ ئاكىسى ھازىر كەنت مۇدىرى ئىكەن، بىيىپ كېتىپتۇ، بۇنىڭدا ئىنىسىنىڭ تۆھپىسى چوڭكەن، چۈنكى ئىنىسى يېزىدىن نەخ مەيدان يىغىنى ئاچىدىغان كۈنى ئاخشىمى خاماندىكى چەشنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ خامىنىدىن 2 تاغار داننى ھېچكىمگە تۇردۇرماي ئەكىلىپ قوشۇپ قويۇپتىكەن. كىيىن ئاكىسى پەن- تېخنىكىغا تايىنىپ بىيىش ئۆلگىسى بوپتۇ. لىكىن ئىنىسى ماڭا تۈزۈك ياردەم قىلمىدى دەپ ئاكىسىنى تىللاپ يۈرىدىكەن. شۇڭا گەپ كوچىلىسام «بۇ ساۋادسىز ئوغرى كىتابمۇ ئوقۇيالمايدۇ، ئىمزامۇ قويالمايدۇ، يىنىغا ئېسىۋالغان بىر تامغىسى بار شۇنى باسىدۇ» دەپ غەيۋەت قىلىپ بەردى. شۇ چاغدىلا پارتىكومنىڭ ئاۋازى بولغان گېزىتتىكى سۈرەتتە كىتابنىڭ تەتۈر تۇتۇلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم.
................................................
ھى.......ھى....................ھى.............................
سامان بىلەن بۇغداينىڭ پەرقى باردە. |
|