بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەۋسىيلىك تائاملار
كوپ كۇرۇلگەن تائاملار
ئاساسلىق كېرەكلىك ماتىرياللار : ئاق تۇرۇپ 1 كىلو ، تۇز 50 گىرام ، سامساق 5 تال ، ئاق ئاچچىقسۇ 500 مىللىلىتىر ، لىمون شىرنىسى مۇۋاپىق مىقداردا ، سەۋزە 500 گىرام ، جاڭپىزا 2 پارچە ، ئاق شېكەر 300 گىرام ، ئىلمان سۇ 350 گىرام .
تەييارلاش قەدەم باسقۇچى : 1 . ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنىڭ پوستىنى پاكىزە ئېلىۋېتىمىز .
2 . پوستى ئېلىۋېتىلگەن ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى پاكىز يۇيىمىز .
3 . ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا ، قەلەمچە قىلىپ توغراپ تەييارلىۋالىمىز .
4 . توغراپ تەييارلىۋالغان ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنىڭ ئۈستىگە 50 گىرام تۇزنى سالىمىز .
5 . پاكىز قولىمىز بىلەن ئارلاشتۇرىمىز .
6 . ئارلاشتۇرۇپ بولغان ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى 1 – 2 سائەت تۇرغۇزىمىز ، چۈنكى تەركىبىدىكى ئارتۇقچە سۇلار چىقىپ كىتىدۇ .
7 . ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى 1-2 سائەت تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن ، باشقا بىر قاچىغا سۈزۈپ ئالىمىز . ( يىغىلغان سۇنى تۆكىۋەتمەيمىز ) .
8 . سامساق بىلەن جاڭپىزىنىڭ پوستىنى پاكىز ئېلىۋېتىپ ، توغراپ تەييار قىلىۋالىمىز .
9 . تەييارلىۋالغان شېكەرنىڭ ئۈستىگە ، بىز تەييارلىۋالغان 500 مىللىلىتىر ئاق ئاچچىقسۇنى قۇيىمىز .
10 . تەييار بولغان سۇغا بىز تەييارلىۋالغان ئىلمان سۇنى قۇيىمىز .
11 . توغراپ تەييارلىۋالغان سامساق بىلەن جاڭپىزىنى سۇغا سالىمىز .
12 . ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنىڭ چىققان سۈيىنى تەييار بولغان سۇغا تۆكىمىز .
13 . تەييار بولغان سۇغا لىمون سىرنىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا تۆكىمىز .
14 . تەييار بولغان سۇلارنى ، بىز ئەڭ باشتا توغراپ تەييارلىۋالغان ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنىڭ ئۈستىگە تۆكىمىز .
15 . ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزە نورمال چىلاشقىدەك بولسا بولدى .
16 . تەييار بولغان ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى ئاغزى ھىم ئىتىلىدىغان چوڭ ئەينەك قاچىغا سۈزۈپ ئېلىپ سالىمىز .
17 . ئەينەك قاچىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم ئىتىپ ، سالقىن جايدا 5 كۈندىن -7 كۈنگىچە قۇيىمىز . ئارلىقتىكى كۈنلەردە 2 قېتىم قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ، سەيلەرنى ئېلەشتۈرۈپ تۇرىمىز .
18 . مانا بىزنىڭ شېكەر سۈيىگە چىلانغان چۈرۈك سەۋزە تۇرۇپ چىلانمىمىز تەييار بولدى .
ئەسكەرتىش : ئەگەر ئاچچىقراق تەمدىكىسىنى ياخشى كۆرسىڭىز ، لازا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىسىڭىزمۇ ناھايىتى يىيىشلىك بولىدۇ .
يېڭى يوللانغان تائاملار
مايلىق يېسۋېلەك قېرىن قۇلاق قۇرىمىسى
قوي گۆشى شورپىسى تەييارلاش
قىزارتىپ قورىلغان كالا گۆشى بەرەنگە قورۇمىسى
بالىڭىزنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تاماق مانا بۇ يەردە
كالتىسىي مول بولغان ئېسىل تاماق
قېتىق تەملىك ئىتالىيە چۆپى
سۈت تەملىك كاۋا ئۇمىچى
بانان ئارلاشتۇرۇلغان تاتلىق ياڭيو
چېچەكسەي ئۇمىچى
تاتلىق ياڭيۇ قۇشۇلغان پىچەكگۈل ئۇمىچى
قەۋەتلىك گۈرۈچ بولكىسى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟
ۋىتامىن تۇلۇقلايدىغان مول ناشتىلىق