مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 10ئىنكاس
  • 238كۇرىلىشى

دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپىيۇتېر رېمونتچىسى [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
8511
جىنسى:
ئوغۇل
دەرىجىسى
ئاشپەز ئۇستام
يازما
200
نادىر تىما
0
مۇنبەرپۇلـــى
3540
شۆھـرىتـــــى
1620
تۆھپــــــــــە
59
سودا پۇلــــى
1080
ياخشـى باھا
294
تەجىربىسى
48%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 173 سائەت
  • تىزىم:
    2012-07-17
    ئاخىرقى:
    2012-10-13

    دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپىيۇتېر رېمونتچىسى                                                                                                                          دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ كومپىيۇتېرى بۇزۇلۇپ قېلىپ بىر چوڭ رېمونخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.
    رېمونتخانىدىكى خادىم :  « OK ، كومپىيۇتېرنى ئېچىش ھەققى  50يۈەن  ».
    دوختۇرخانا باشلىقى: «نېمىشقا رېمونت قىلمايلا ئاۋۋال پۇل تاپشۇرىمەن».
    رېمونتخانىدىكى خادىم :  « بۇ رېمونتخانىمىزنىڭ قائىدىسى، سىلەرنىڭ دوختۇرخاناڭلارنىڭمۇ كېسەل كۆرسەتمەي تۇرۇپلا ئاۋۋال نومۇر ئالىسىلەرغۇ؟ »
    دوختۇرخانا باشلىقى گەپ قىلالماي 50 يۈەن تاپشۇرۇپتۇ.
    رېمونتخانىدىكى خادىم : « ياخشىمۇسىز، كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ قەيىرىدىن چاتاق چىقتى؟»
    دوختۇرخانا باشلىقى:« شۇ سۈرەتلەر چىقمايۋاتىدۇ، ھېچقانداق ئىنكاس يوق»
    رېمونتخانىدىكى خادىم :  « قارىغاندا كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ، ئىچكى بۆلۈمدە ئوڭشاتسىڭىز بولىدىغان ئوخشايسىز، سىز ئادەتتىكى تېخنىكقا كۆرسىتەمسىز ياكى ئالىي تېخنىكىمىزغا كۆرسىتەمسىز، ئادەتتىكى تېخنىكنىڭ رىمونت ھەققى 20 يۈەن، ئالى تېخنىكنىڭ 30 يۈەن».
    دوختۇرخانا باشلىقى: « شۇ كومپىيۇتېرنى ئوڭشاشقۇ؟ ياساپ بەرسەڭلارلا بولدى ، مېنىڭ ئۇنداق ئادەتتىكى تېخنىك ، ئالىي تېخنىك بىلەن كارىم نىمە؟ ».
    رېمونتخانىدىكى خادىم :  « ئوخشىمايدۇ، ئالىي تېخنىكنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى، ھەر قانداق بۇزۇلغان كومپىيوتېرلارنى رېمونت قىلالايدۇ، رېمونتتىن كېيىن قايتا بۇزۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن، لېكىن رېمونت ھەققى سەل يۇقىرراق، شۇڭا خېرىدار سىز ئۆزىڭىز تاللايسىز».
    دوختۇرخانا باشلىقى: « مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا مەسىلە ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، ئادەتتىكى تېخنىك ئوڭشىسىلا بولىدۇ».
    رىمونتخانىدىكى خادىم :  « ئەمىسە ياخشى، 20 يۈەن رېمونت ھەققى تۆلەڭ».
    دوختۇرخانا باشلىقى: «نېمە ئۈچۈن رېمونت قىلماي تۇرۇپلا پۇل تۆلەيمەن؟»
    رېمونتخانىدىكى خادىم :  «بۇ رىمونتخانىمىزنىڭ تۈزۈمى ، سىلەرنىڭ دوختۇرخانىمۇ شۇنداققۇ، كېسەل كۆرمەي تۇرۇپلا پۇل تاپشۇرىدىغۇ؟»
    دوختۇرخانا باشلىقى گەپ قىلالماي قېلىپ ، ئاخىرى 20 يۈەننى تاپشۇرۇپ، كومپىيۇتېرنى كۆتۈرۈپ ئىچىدىكى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپتۇ. تېخنىك كومپىيوتېرنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇچ پارچە تالوننى كېسىپ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ تۆلىشىگە تاپشۇرۇپتۇ:
    1.   ئۇنىۋېرسال ئۆلچىگۈچلۈك ئەسۋاپتا تەكشۈرۈش 20 يۈەن
    2.   دولقۇن كۆرسەتكۈچتە تەكشۈرۈش 50 يۈەن
    3.   تەسۋىر كۆرسەتكۈچتە تەكشۈرۈش 80 يۈەن.
    دوختۇرخانا باشلىقى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: «نېمە ئۈچۈن خېرىداردىن بۇنداق ئۆلچەش ھەققى ئالىسىلەر، بۇ سىلەرنىڭ رېمونت تېخنىكىڭلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈنمۇ»؟
    تېخنىك: « توغرا، بىزنىڭ تېخنىكلارمۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئاۋۋال ‹كۆرۈش، پۇراش، سوراش، تۇتۇش، ئاڭلاش› قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلاتتى، ھازىر پەن تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەر قانداق تەكشۈرۈش ئەسۋابى بار، تېخنىكلارمۇ ئەسۋابلار ئارقىلىق توغرا بولغان ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ھازىر ئېنىق ئەمەس بولغان مەسىلىلەرنىمۇ تېپىپ چىقالايدۇ. يەنە بىز بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان، شۇڭا بىز مۇۋاپىق ھالدا ھەق ئالىمىز.  سىزنىڭ ھەر ھالدا ياخشى، باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلەتمىدۇق، ئالدىنقى قېتىم بىر خېرىدار بىر كومپىيۇتېرنى ئېلىپ كەپتىكەن، بىز تور ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق ، ئۇ بىر تۈرنىڭلا تەكشۈرۈش ھەققى 150 يۈەن، ئۇ خېرىدارمۇ تەكشۈرتتى. بىز ھەر ۋاقىت خېرىدارلارنى ئويلايمىز، ئامال بار ئازراق تەكشۈرۈش قىلىمىز، بۇمۇ خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى تىجەپ قېلىش ئۈچۈن. سىز تەكشۈرتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،لېكىن بىز رېمونت داۋامىدا خاتا دىياگىنوز قويۇپ قېلىپ زاپچاس ئالماشتۇرساق ئوخشاشلا خېرىدارلار زىيادە چىقىمدار بولۇپ قالمامدۇ، بۇ تەكشۈرۈشلەرنى قىلمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا سىزنىڭ ۋاقتىڭىز زايا بولىدۇ.  »
    دوختۇرخا باشلىقى 150 يۈەن تەكشۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇپتۇ،  تېخنىك يېرىم سائەت تەكشۈرۈپ، بىر پارچە توك يولى خەرىتىسىنى بېسىپ چىقىرىپتۇ، ئۇنىڭدا بىر ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ كۆيگەنلىكى چىقىپتۇ،  تېخنىك بىر نەچچە مىنۇت ھەپىلىشىپ ، ئىككى يۈەنلىك ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنى ئالماشتۇرۇپ كومپىيوتېرنى ئوڭشاپ بېرىپتۇ.
    تېخنىك بېسىپ چىقارغان توك يولى خەرىتىسىنى دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ ۋە يەنە بىر پۇل تاپشۇرۇش تالونىنى كۆرستىپتۇ ۋە دوختۇرخانا باشلىقىغا بېسىپ چىقىرىش ھەققى ئۈچۈن 8 يۈەن ئاپتۇ،  دوختۇرخانا باشلىقى بۇنى چۈشەنمەي: «بېسىپ چىقىرىش ھەققىنىمۇ مەن تۆلەمدىم؟» دەپ سوراپتۇ، «شۇنداق ، بۇ بۇ يەرنىڭ قائىدىسى، بېسىپ چىقىرىش ھەققىنى خېرىدار ئۆزى تۆلەيدۇ، ھېلىقى توك يولى خەرىتىسىنى سىزگە بەرگەندىمەن؟»، «لېكىن مەن بۇ خەرىتىنى چۈشەنمىسەم؟»، «سىلەرمۇ دوختۇرخانىدا بىمارلارنى  B تىپلىق ئولتىرا بىنەپشە نۇر(B超) دا تەكشۈرۈسىلەر  ، ئوخشاشلا بىمارلار ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدىغۇ؟ بۇ دېگەن كەسپىي قائىدە».
    دوختۇرخانا باشلىقى ئامالسىز قېلىپ پۇلنى تاپشۇرۇپتۇ.
    ئەڭ ئاخىرىدا تېخنىك دوختۇرخانا باشلىقىغا بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنى كومپىيۇتېردا باشقۇرۇلىدۇ، سىز مۇلازىمەت سۇپىسىغا بېرىپ مالنى ئېلىۋېلىڭ دەپتۇ.
    مۇلازىمەت سۇپىسىدىكىلەر دوختۇرخانا باشلىقىغا بىر پۇل تاپشۇرۇش تىزىملىكى بېرىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە: «مال باھا ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دۇكىنىمىز تۈرلەرگە ئايرىپ ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق ، خېرىدارلارنىڭ ئىستىمال ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ، سىزنىڭ بۇ قېتىملىق رېمونتقا كەتكەن ھەققىڭىز تۆۋەندىكىچە »:
    35W لۇق ئاقنۇر ماركىلق داغمال ئىشلىتىش ھەققى (بۇزۇش ، داغماللاش بىر قېتىمدىن): 10 يۈەن
    بىر قېتىملىق داغمال بېشىنى تازلاش قەغىزى : 2 يۈەن
    سۈمۈرۈش ئەسۋابىنى ئىشلىتىش بىر قېتىم: 5 يۇەن
    φ0.8 مۇھىت ئاسرايدىغان قەلەي سىم 10 گىراملىق : 5 يۇەن
    ئۇچ قۇتۇپلۇق لامپا پۇتىنى ئۇلاش ئەسۋابى :  5 يۇەن
    داغماللىغاندىن كېيىن داغمالنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ھەققى : 5يۇەن
    ئۇچ قۇتۇپلۇق لامپىنى ئېلىش، ۋە داغمال تاختىسىنى تازلاش قاتارلىق ھەقلەر: 20 يۇەن
    جەمئىي :54 يۇەن
    دوختۇرخانا باشلىقى بۇنى كۆرۇپ ھوشىدىن كېتىشكە ئاز قاپتۇ، دوختۇرخانا باشلىقى جەمئىي 282 يۇەن خەجلەپ ئوڭشاتقان كومپىيۇتېرغا ئاران 2 يۇەن قىممىتىدىكى زاپچاسنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپتۇ.

    مەنبە؛http://bbs.xjtsnews.com


    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئوغۇل   بالا   .ئەركەك
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    9000
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    188
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    276
    شۆھـرىتـــــى
    1056
    تۆھپــــــــــە
    23
    سودا پۇلــــى
    1025
    ياخشـى باھا
    208
    تەجىربىسى
    36%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 162 سائەت
  • تىزىم:
    2012-08-29
    ئاخىرقى:
    2012-10-14
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 09-13
        كومپيوتىرىمنىڭ بۇزۇلۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالسام بوغۇدەكتە،
    ياكى بولمىسا مەنمۇ بىر رىمۇتخانا ئىچىۋالسام بولغۇدەك

    ئىمان بەرگىن ۋەتەنگە ئاللاھ،
    ئۈمۈد بەرگىن خەلقىمگە ئاللاھ.
    قۇۋۋەت بەرگىن روھىمغا ئاللاھ،
    نۇسرەت بەرگىن قەۋمىمگە ئاللاھ.
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8707
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    دائىملىق ئەزا
    يازما
    37
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    205
    شۆھـرىتـــــى
    205
    تۆھپــــــــــە
    7
    سودا پۇلــــى
    205
    ياخشـى باھا
    41
    تەجىربىسى
    47%
    ھالىتى
    توردا:
  • 34 سائەت
  • تىزىم:
    2012-08-04
    ئاخىرقى:
    2012-10-07
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 09-13
    دوختۇرخانىلارنى بەك جايىدا قامچىلاپتۇ،پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم .

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2417
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    1248
    نادىر تىما
    19
    مۇنبەرپۇلـــى
    16320
    شۆھـرىتـــــى
    13070
    تۆھپــــــــــە
    83
    سودا پۇلــــى
    12706
    ياخشـى باھا
    1548
    تەجىربىسى
    39%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 349 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-28
    ئاخىرقى:
    2012-10-12
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 09-13
    بۇ رىمىنۇتخانىنىڭ قائىدىسىنى دوختۇرلارغىلا ئىشلەتسە بولغىدەك
    مەنمۇ دوختۇرلارغا شۇنداق مۇلازىمەتنى يولغا قويايمىكىن ئويلۇشۇپ قالدىم

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2247
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    145
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    1010
    شۆھـرىتـــــى
    910
    تۆھپــــــــــە
    32
    سودا پۇلــــى
    910
    ياخشـى باھا
    182
    تەجىربىسى
    31%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 30 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-09
    ئاخىرقى:
    2012-10-06
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 09-13
    تېمىڭىزغا رەخىمەت .ئاقيول ئۇستام ، بۇ لەتىپە مۇ. ياكى يۇمۇر مۇ ›››؟؟؟؟

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8511
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    200
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    3540
    شۆھـرىتـــــى
    1620
    تۆھپــــــــــە
    59
    سودا پۇلــــى
    1080
    ياخشـى باھا
    294
    تەجىربىسى
    48%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 173 سائەت
  • تىزىم:
    2012-07-17
    ئاخىرقى:
    2012-10-13
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 09-14
    سىز   دەپ  بېقىڭە  قېنى  نىياز  ئۇستام؟،،،،،،،،،،،،،،،،،

    ئوغۇل   بالا   .ئەركەك
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2247
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    145
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    1010
    شۆھـرىتـــــى
    910
    تۆھپــــــــــە
    32
    سودا پۇلــــى
    910
    ياخشـى باھا
    182
    تەجىربىسى
    31%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 30 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-09
    ئاخىرقى:
    2012-10-06
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 09-14
    ئاقىيول ئۇستام .  مەن پات يېقىندا بايىغا بارىمەن . قارىشى ئالامىدىلا ،  دىدار ئارامىگاھىدا دىدالىشامدۇق تېخى....؟؟؟؟؟؟؟

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8698
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    203
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    395
    شۆھـرىتـــــى
    1085
    تۆھپــــــــــە
    22
    سودا پۇلــــى
    1085
    ياخشـى باھا
    222
    تەجىربىسى
    38%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 179 سائەت
  • تىزىم:
    2012-08-03
    ئاخىرقى:
    2012-10-14
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 7 ئېلان قىلىنغان: 09-19
    بۇ زادى.......... يۇمۇرمىكىن دېسەم كۈلىدىغان يېرىنى تاپالمىدىم

    ھەركىم قىلۇر ئۆزىگە،
    توپا تىقۇر كۆزىگە.
    كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە،
    قاشقا سانىساڭ كۆزگە.
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    9156
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    يېڭى  ئەزا
    يازما
    2
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    25
    شۆھـرىتـــــى
    25
    تۆھپــــــــــە
    6
    سودا پۇلــــى
    25
    ياخشـى باھا
    5
    تەجىربىسى
    42%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 0 سائەت
  • تىزىم:
    2012-09-20
    ئاخىرقى:
    2012-09-20
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 8 ئېلان قىلىنغان: 09-20
    ھازىر رىمنۇتخانلاردا قالايمىقان ھەق ئالدىغان نامۇۋاپىق ئىشلار كۈپ، بىراق بارلىق دۇختۇرخاللار خەلىق ئاممىسىنىڭ ، دۇختۇرلانىڭمۇ ۋەزىپىمىز قالايمىقان ھەق يىغىش ئەمەس بەلكى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    9167
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    يېڭى  ئەزا
    يازما
    1
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    15
    شۆھـرىتـــــى
    15
    تۆھپــــــــــە
    5
    سودا پۇلــــى
    15
    ياخشـى باھا
    3
    تەجىربىسى
    26%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 0 سائەت
  • تىزىم:
    2012-09-23
    ئاخىرقى:
    2012-09-23
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 9 ئېلان قىلىنغان: 09-23
      ھازىر دوختۇرلار ھەم دوختۇرخانىلار بەك ھەددىدىن ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ . بۇ ھىكايىدە تازا قامچىلاپتۇ ئۇلارنى . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى بىر ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك . بۇلۇپمۇ رادىئو دوختۇرلىرى بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى . ئۇلارنىڭ بىر خاسىيەتلىك دورىسى ھەرقانداق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتالايدىكەنمىش . قايسى بىر رايۇندا ئاشۇنداق تېلېفۇنغا بىرسى تېلېفۇن قىلىپ «ماشىنام ئوت ئالمايۋاتىدۇ ، سىلەرنىڭ مەھسۇلاتنى ئىشلەتسەم ئوت ئالامدۇ ؟» دەپتىكەن .

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى