تۇخۇشۇرپىلىق گۇمبەدەك.
ماتىريالى؛ گۇمبەدەك 3تال، يەرلىك تۇخۇ 1دانە، سىنجاڭ ، غولپىياز، مايلىق يڭسۋىلەك.
دورا -دەرمەك؛ تۇز، تىتىتقۇ، شىكەر ئازمىقتاردا، تۇخۇ تەم جەۋھىرى، كىراغمال، جاڭيۇ.
تەيارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇ، ەۇمبەدەكنى پاكىزە يۇيۇپ يۇقىرى بىسىملىق قازانغا سىلىپ ئۇسـىگەسۇ قۇيۇپ سىنجاڭ، غولپىياز، تۇز، تۇخۇتەم جەۋھىرى سىلىپ قاينىتىپ كۇپىكىنى سۇزۋالىمىز.
ئاندىن قازاننىڭ ئاغزىنى مەھكەم تاقاپ 20مىنوت ئەتىراپىدا قاينىتىپ تۇخۇ نى بەكەرەك ئېزىلدۇرۇپ ، گۇمبەدەك بىلەن تەڭ سۇزۋالىمىز.
گۇمبەدەكنى ياپىراقچە تۇغراپ قاچىغا چىرايلىق تىزىمىز، ئۇستىگە شۇرپا قۇيۇپ قاسقانغا سىلىپ 10مىنوت دۈملەپ ئىلىپ سۇيىنى تۇكىۋالمىز، ئاندىن تەخسىگە كۇمتۇرۇپ پۇشۇرۋالغان يىسۋىلەكنى ئەتىراپىغا تىزىمېز.
قازانغا غولپىياز يىغى قۇيۇپ تۇخۇشۇرپىسى جاڭيۇ ، ېىتىتقۇ، ھۇل كىراخمال قۇيۇپ شۇرپىنى قۇيۇلدۇرۇپ تەخسىدىكى گۇمبەدەكنىڭ ئۇستىگە تەكشى قۇيۇپ بىرىمىز.
ئەسكەرتىش؛ شۇرپىغا 1يىلدىن ئاشقان مىيكىيان تۇخۇنى تال لىساق شۇرپا تەملىك بۇلىدۇ