مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 22ئىنكاس
  • 3458كۆرىلىشى

ئاشپەزدە نۇرۇز [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئالىي ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 538
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 695
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە695دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 9612 دوللار
تۆھپــــــــــە: 44 ھەسسە
توردىكى :767(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-05-15
ئاخىرقى: 2013-05-01
شەرەپ مىدالى

يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-21 03:03:15
— بۇ تېماaxtuzi جەۋھەرلەش(2012-03-21) —
[attachment=9910][attachment=9909]
نۇرۇز- خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يىڭى يىل بايرىمى ،تەبىئەت بايرىمى ،دوسلۇق ،ئىتتىپاقلىق ، ئىناقلىق  بايرىمى ،خەلقىمىزنىڭ تۇرلۇك ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئوزىگە جەملىگەن ۋە ئەۋلادلارغا ئوگۇتىدىغان ،ئۆرپ ئادەت ،سەنئەت ،تەنتەربىيە بايرىمى ،يىڭى بىر يىلدا روھنى ئۇرغۇتۇپ ھەر قايسى ساھە كەسىپلەرگە تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن يۇرۇش قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغان ،خاسىيەتلىرىنى سوزلەپ تۇگەتكۇسىز قۇتلۇق ،ئۇلۇغ  بايرام  !!!!

    نورۇز - ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمىدۇر. بۇ بايرام بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئىران، تاجىك قاتارلىق پارىسلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋە يېڭى يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نورۇزدا ھەرخىل پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ… بالىلار ئۆزىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ، قىزلار ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرى بىلەن يېڭى ئېچىلغان غۇنچىدەك گۈزەللىشىدۇ، چوڭلار ئۆز-ئارا نورۇزنىڭ شادلىقىغا چۆمىدۇ، بوۋا-مومىلار ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ۋە بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ يىلنىڭ بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ كېتىپ بارىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سېلىپ ئۆز ئۆمرىگە ۋە ھاياتىغا شۈكرىلەرنى ئېيتىشىدۇ…

شۇڭلاشقا بۇ بايرام 2009-يىلى ب د ت  مائارىپ پەن مەدىنيەت مەھكىمىسى ئۇنى << ئىنسانىيەت غەيرى ماددى مىراسى >> تىزىملىكىگە كىرگۇزدى ،2010 - يىلى 2 -ئاينىڭ 23 -كۇنى ب د ت يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ ،ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۇنى << خەلقئارا نۇرۇز بايرىمى >> ، << دۇنيا تېنىچلىق كۇنى >>  دەپ بېكىتىلدى .


       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاشپەز  مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ،كەمىنە ئاتەش رەنادىن  ھەممىڭلارغا ئىگىلىپ سالام ،ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارنى قۇتلۇقلايمەن !!!نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!ھەممىڭلارغا بەخىت، ئامەت ،ئاسايىشلىق تىلەيمەن ،چىھرىڭلاردىن مەڭگۈ كۇلكە ئۇزۇلمىگەي !!!

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممىڭلارنى ئاشپەز مۇنبىرىنىڭ  نورۇز مەشرىپگە تەكلىپ قىلىمەن .

ئاۋال ئاشپەز ئەھلىگە يىتىپ ئاشقۇدەك چوڭ قازاندا نۇرۇز ئېشى تەييارلىدۇق ،،،،


نورۇز ئۇ ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق ، قىرغىز، تاجىك، تاتار مىللەتلىرىنىڭ ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
ھەر تۈرلۇك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىپ ئۆتكۇزىدىغان بايرىمى، < ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنە كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلەشكەن كۈنى شۇنداقلا باھار پەسلىنىڭ باشلانغان تۇنجى كۈنى > بۇ كۇندە پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق ئورۇندا نورۇز ئېشى ئىتىلىدۇ.

ماتىريياللىرى: قوي گۆشى، بۇغداي، نوقۇت ، گۈرۈچ، يىشىل ماش، قوناق، قېتىق، سۈرگۆش.
خۇرۇچلار: تۇز، سۇ ، پىياز، پەمىدۇر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: قازانغا ئىھتىياجغا قاراپ سۇ قۇيىمىز ئاندىن ئۇستىخانلىق قوي گۆشىنى پارچىلاپ، سۈر گۆشنى ئۇششاقتوغراپ سالىمىز، قازان قاينىغاندا كۈپىگىنى پاكىز سۈزۈپ ئېلىپ پىياز ، پەمىدۇرنى ئۇششاق چاناپ قازانغا تاشلايمىز. تۇز سالىمىز.
ئوتنى پەسسرەك قىپ قويۇپ باشقا ماتىريياللارنى ئايرىم ئايرىم يۇيۇپ تەييارلايمىز.  ئالاھەزەل بىرەر سائەتچە قاينىتىپ سۈيى پىشقاندا يۇقۇردىكى دانلىق زىراەتلەرنى قايسى تەستە پىشىدۇ دەپ پەرەز قىلساق شۇنى باشتا سېلىپ بىرئاز قاينىتىپ يەنە كىيىنكىسىنى سېلىپ قاينىتىپ ھەممە دانلىق پىشىپ ئېتىلغانغا قەدەر قاينىتىپ ئاخىرىدا قېتىقنى ئىلەشتۈرۈپ قۇيۇپ بەش ئون مىنۇتچە قاينىتىپ  تەمىنى تېتىپ ئالساق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: قېتىق چوقۇم يەرلىك تاتلىغى يوق قېتىق بولىشى كىرەك.
يەنە ئاشنى قايناتقاندا دانلىقلارنى سالغاندىن كىيىن نوغۇچ بىلەن ئوڭ يۆلىنىشتە ئىلەشتۈرۈپ تۇرمىساق ئاسانلا ئىس ئۆتۈپ قالىدۇ.

باھار كەلدى ،نورۇز كەلدى ،
كۇلدى ئالەم  ،كوڭۇل يايرىدى .
مۇنبەر ئەھلى جەم بولغان ،
نۇرۇز ئېشى تازا قاينىدى ،،،،،،،.



مەشرەپ ئەھلىنى نورۇز ئىشى ئىچىشكە تەكلىپ قىلىمەن !!!


ئەمسە مەشرەپ ئەھلى مەن  رىياسەتچىلىرىمىزنى تونۇشتۇرۋىتەي:
مۇنبىرمىزدە سوزگە باي ،
ياخشىلىققا كوڭلى باي ،
ئۆزى خۇشخۇي چىقىشقاق ،
ئاچچىق ھىكايە ئوزى بار  ..

ئەنگەر ئۇستاز يانداشقان ،
ئۇلار خويمۇ ماسلاشقان .
قىززىتىشتا چاتاق يوق ،
سەھنىمىزگە ياراشقان .....




مەشرەپ رىياسەتچىلىكىگە قابىل باشقۇرغۇچىمىز ئەنگەر ئۇستازنى ،ئىجادكار ،ئۇمۇتلۇك ،تىرىشچان مۇنبەر گۇلىمىز ئاچچىق ھىكايىنى تەكلىپ قىلدۇق ،قىنى سەھنىگە مەرھەممەت : گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە  ئۇلار  سەھنىگە چىقتى .


رىياسەتچى ئاچچىق ھىكايە   : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى ھەممىڭلارنىڭ ئاشپەزدىكى

نورۇز مەشرىپىگە ئالغان مۇبارەك قەدىمىڭلارغا مەرھابا .

( مىرشاپ بىلەن پاششاپ كۆرۇنمەيدا ،تەكلىپ قىلمىساق چىقمايدىغان ئوخشايدۇ .

قىنى قىزغىن ئالقىشلىرىمىز بىلەن ئۇلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى .)

مىرشاپ غەيرىتەم  : ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى كەمىنە غەيرىتەمدىن  
ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ،نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .

پاششاپ خۇشتار : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى ھەممىڭلارغا ئىگىلىپ سالام ، ۋاي ۋۇي ،

قاراڭلار مەشرەپكە كەلگەن بارلىق قىزلار ئەتلەس كۆينەكلىرىنى ،چىمەن دوپپىللىرنى كىيىپتۇ ،

ئوغۇللارمۇ پەخرىمىز ۋە تاجىمىز بولغا بادام دوپپسىنى كىيىپ تەق بوپتۇ ،



رىياسەتچى ئەنگەر :  ئەمدى  يىگىت بىشنى ئىلان قىلىۋەتسەل قانداق .(بولىدۇ )

مۇنبىرىمىزنىڭ گۈل تاجى بولغان ،
توھپىكارى ، شۆھرىتى بولغان .
ھەممگە يول باشچى ،داۋان ئاشقۇچى ،
قابىل  باشقۇرغۇچىمىز ئاشتۇزى ئەپەندى .


(رىياسەتچى ئاچچىق ھىكايە   :قىنى ھۆرمەتلىك يىگىت بىشى سەھنىگە مەرھەممەت )


يىگىت بىشى ئاشتۇزى  : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى: ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن ،ئالغان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۇنسۇن !!!نۇرۇز كەلدى دىمەك باھار كەلدى دىمەكتۇر !

(باھاردىكى  ئىللىق ئاپتاپقا ،ئاپپاق قار لىباسىدىن  كىيىنكى ياپيىشىل كائىناتقا تەقەززا بولدۇم .

ئەگىز سۇيى شىلدىرلاپ تۇرغان قار سۇلىرىدىن ،باھار سۇيىنىڭ ھىدىنى پۇراشقا تەقەززا بولدۇم. )


مىرشاپ غەيرىتەم :شۇنداق يىگىت بىشى ھەممەيلەن باھارغا تەققەززا بولدۇق .........

قىنى ئىجازەت بەرسىڭىز مەشرەپنى باشلىغان بولساق !

يىگىت بىشى ئاشتۇزى : تەييارلىقلار پۇتكەن بولسا قىنى مەشرىپىمىز باشلانسۇن .

مىرشاپ ،پاششاپلار بىرلىكتە توۋلىدى : مـــــــــــــــــــــــــــــەشـــــــــــــــرەپ باشـــــــــــــــلاندى!
[attachment=9911]






مەنبە : بەزى تەپسىلاتلار تورىدىن .
كوپەرەك قىسمى ئوز قەلىمىم .  ( 2012 -يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۇنى .تۇرپان )



جەمئىي2دانە باھا
جاسارەت قىزىل گۈل  +1 - 2012-08-09
aqqik-hikaya قىزىل گۈل  +1 - 2012-03-21

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 538
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 695
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە695دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 9612 دوللار
تۆھپــــــــــە: 44 ھەسسە
توردىكى :767(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-05-15
ئاخىرقى: 2013-05-01
شەرەپ مىدالى

چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-21 03:07:32
     رىياسەتچى ئەنگەر سوز ئۇيۇنى باشلىۋەتتى :
"ئاشپەزدى"كى ئاشپەز  ئاغىنىلەر!ئايدەك ئايقىزلار!ئاماندۇ؟ئايدىن ئاشتى "ئاشپەز"دىكىلەرگە ئارلىشالمىغىلى.ئارامنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئاراڭلاردىن ئايرىلدىم.ئايرىلغاندىمۇ ئالامەت ئايرىلدىم. ئامانلىقىم،ئاسايىشلىقىممۇ ئاساسەن ئاخىرلاشقاندەكلا، ئاغىنىلەر!!!"ئاشپەز“دىكى ئاشپەز ئاغىنىلەرگە ئارلىشالماي ئارامسزلاندىم. ئارىدا ئارىلاپ-ئارىلاپ "ئاشپەز"گە ئامانىتىمنى ئازراقلا ئاتىيالىدىم.ئاغىنىلەر،ئايقىزلار ئاچچىقلانمىغاي !!!!!!!!!!ئاچچىقلىنىپ ئاراڭلارغا ئالمىساڭلار ئازاپلىنىمەن."ئاشپەز""ئاشتۈزى"
ئاشپەز ئاغىنىلەرگە،ئايقىزلارغا ئاتاپ ئاتۇش،ئاقسۇ،ئالتاي،ئاۋاتلاردىن ئالما،ئانار ،ئاپلىسىن ،ئامۇت،ئالۇچا ،ئايتوقاچلارنى ئالماقچىتىم،ئالالمىدىم،ئاغرىنماڭلار!
  ئالىم ئاقسۇدىكى ئاشپاز ئابلىمىتنىڭ ئاكىسى.ئاڭلىدىڭلارمۇ؟!!ئاشۇ ئالىم ئاتۇشتىكى ئاينۇرغا ئاشىق. ئالىمنىڭ ئارزۇسى ئاينۇرنى ئاياللىقلا ئالماقچى.ئاينۇر ئاتۇشتىكى "ئالتۇن ئالماس "ئارامگاھىنى ئاچقان،ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى ئالغۇدەك ئايال .ئاشۇ ئاينۇر ئالىمنى ئاشىقلىققا ئاتتى.ئاشىقلىق ئالىمنى ئارامسىزلاپ،ئارامىدىن ئايرىدى. ئاشىق ئالىم ئايلاپ-ئايلاپ ئاينۇرنىڭ ئارامگاھىدىن ئايرىلماي،ئاينۇرنى ئايلىنىۋەردى.ئالىم ئايلانغانسېرى ئاينۇر ئالىمنىڭ ئاشىقلىقىغا ئاچچىقلاندى.ئازاپلانغان ئالىم ئاجىزلاشسىمۇ ئاينۇرنى ئالالمىسا ئاتۇشتىن-"ئالتۇن ئالماس"ئارامگاھىدىن ئايرىلمىسىمۇ،ئالەمدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى. ئالىم ئازاپلىنىپ ،ئاينۇر ئاچچىقلىنىپ ئايلارمۇ ئايلىنىۋەردى.ئالىمنىڭ ئالامەت ئاشىقلىقىدىن ئاينۇرنىڭ ئاچچىقى  ئاخىرى ئاياقلاشتى.ئاينۇرمۇ ئالىمنىڭ ئاشىقىغا ئايلاندى. ئالىم ئاخىرى ئاينۇرنى ئالدى.ئالىم ئارامگاھتا    ئالى ئاشپەز  ئاتىلىپ   ئارامگاھنىڭ ئالتۇنلىرىنى ئاۋۇندۇردى.
ئالىمنىڭ ئالامەت ئاشىقلىقى ئالەم ئارىلاپ ئاخىرى "ئاشپەز"دە ئاياقلاشتى.



ئاللا ئاللا ،،،،قارمامسىزلەر بۇ رىياسەتچىلىمىزنى سەھنىنى ئوزىلا ئىگەللەيدىغان ئوخشىمامدۇ ،،،،،

ئۇف ،ئاخىرى رىياسەتچىمىز  ئاچچىق ھىكايە گۇزەل قامىتى بىلەن چىقىپ ئاشپەزدىكى ئەزىز مىھمىنىمىز رەنا مىجىتىنىڭ كوڭلى بارلىقىنى ئېلان قىلىۋېتىپ چۇشۇپ كەتتى ،سەھنىدە رەنا مىجىت !!!


دەرىجە: يېڭى  ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6968
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 42
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە42دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 460 دوللار
تۆھپــــــــــە: 0 ھەسسە
توردىكى :57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-02-26
ئاخىرقى: 2012-03-23
ئەگەشكۇچى   يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-21 03:14:36
ۋاۋ.........ئاتەش رەنا...............قەلىمڭىزگە بارىكاللا..........

دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5776
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 200 دوللار
تۆھپــــــــــە: 0 ھەسسە
توردىكى :13(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-01-04
ئاخىرقى: 2013-01-18
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-21 10:27:44
قەلىمىڭىزگە بارىكاللا

دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3348
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 207
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 2110 دوللار
تۆھپــــــــــە: 2 ھەسسە
توردىكى :193(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-06-18
ئاخىرقى: 2013-04-04
شەرەپ مىدالى

4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-21 12:30:13
ناھايتى ياخشى پائالىيەت بوپتۇ

لەيلى-مەجنۇن
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3348
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 207
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 2110 دوللار
تۆھپــــــــــە: 2 ھەسسە
توردىكى :193(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-06-18
ئاخىرقى: 2013-04-04
شەرەپ مىدالى

5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-21 12:33:59
رەنا مىجىت ھەدىمىزنىڭ  ياش ۋاقىتلىرمۇ نىمە ؟

لەيلى-مەجنۇن
دەرىجە: ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3591
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 120
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 2030 دوللار
تۆھپــــــــــە: 12 ھەسسە
توردىكى :63(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-07-19
ئاخىرقى: 2013-07-28
شەرەپ مىدالى

6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-21 13:38:06
ۋاھ................ نورۇز مەشرىپى بەك قىززىپتۇ ،مەن كىچىكىپ قالمىغاندىمەن

دەرىجە: قىزىققۇچى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 76
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 192
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە192دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 4471 دوللار
تۆھپــــــــــە: 153 ھەسسە
توردىكى :38(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-02-20
ئاخىرقى: 2012-03-23
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-21 14:36:36
كۆپ  ئەجىر  قىپسىز، رەھمەت.   

دەرىجە: مۇنبەرباشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 93
ئومۇمىي يازما: 2180
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2180دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 1106 دوللار
تۆھپــــــــــە: 116 ھەسسە
توردىكى :2110(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-02-12
ئاخىرقى: 2013-08-28
شەرەپ مىدالى

8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-21 14:54:02
ئەسسىالامۇ ئەلەيكۇم  بارلىق ئاشپەز مۇنبىرىمىزنىڭ  ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى  ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
ھەم بۇگۇنكى نورۇز بايرىمىغا قاتناشقان بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن

تۇرمۇش تەجىربىلىرىمدىن شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى، كەمچىلىكى يوق كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ ئاز بولىدۇ.
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6381
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 1190 دوللار
تۆھپــــــــــە: 0 ھەسسە
توردىكى :74(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-01-27
ئاخىرقى: 2012-03-23
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-21 15:07:52
مەنمۇ سىلەرنىڭ تىنىچ -ئامان بۇلۇشىڭلارنى تىلەيمەن.ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ ئىششىنى ئاسان قىلسۇن.
[attachment=9918][attachment=9919]

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى