نۇرۇز- خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يىڭى يىل بايرىمى ،تەبىئەت بايرىمى ،دوسلۇق ،ئىتتىپاقلىق ، ئىناقلىق بايرىمى ،خەلقىمىزنىڭ تۇرلۇك ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئوزىگە جەملىگەن ۋە ئەۋلادلارغا ئوگۇتىدىغان ،ئۆرپ ئادەت ،سەنئەت ،تەنتەربىيە بايرىمى ،يىڭى بىر يىلدا روھنى ئۇرغۇتۇپ ھەر قايسى ساھە كەسىپلەرگە تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن يۇرۇش قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغان ،خاسىيەتلىرىنى سوزلەپ تۇگەتكۇسىز قۇتلۇق ،ئۇلۇغ بايرام !!!!
نورۇز - ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمىدۇر. بۇ بايرام بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئىران، تاجىك قاتارلىق پارىسلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋە يېڭى يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نورۇزدا ھەرخىل پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ… بالىلار ئۆزىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ، قىزلار ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرى بىلەن يېڭى ئېچىلغان غۇنچىدەك گۈزەللىشىدۇ، چوڭلار ئۆز-ئارا نورۇزنىڭ شادلىقىغا چۆمىدۇ، بوۋا-مومىلار ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ۋە بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ يىلنىڭ بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ كېتىپ بارىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سېلىپ ئۆز ئۆمرىگە ۋە ھاياتىغا شۈكرىلەرنى ئېيتىشىدۇ… شۇڭلاشقا بۇ بايرام 2009-يىلى ب د ت مائارىپ پەن مەدىنيەت مەھكىمىسى ئۇنى << ئىنسانىيەت غەيرى ماددى مىراسى >> تىزىملىكىگە كىرگۇزدى ،2010 - يىلى 2 -ئاينىڭ 23 -كۇنى ب د ت يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ ،ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۇنى << خەلقئارا نۇرۇز بايرىمى >> ، << دۇنيا تېنىچلىق كۇنى >> دەپ بېكىتىلدى . ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاشپەز مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ،كەمىنە ئاتەش رەنادىن ھەممىڭلارغا ئىگىلىپ سالام ،ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارنى قۇتلۇقلايمەن !!!نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!ھەممىڭلارغا بەخىت، ئامەت ،ئاسايىشلىق تىلەيمەن ،چىھرىڭلاردىن مەڭگۈ كۇلكە ئۇزۇلمىگەي !!! شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممىڭلارنى ئاشپەز مۇنبىرىنىڭ نورۇز مەشرىپگە تەكلىپ قىلىمەن .
ئاۋال ئاشپەز ئەھلىگە يىتىپ ئاشقۇدەك چوڭ قازاندا نۇرۇز ئېشى تەييارلىدۇق ،،،،
نورۇز ئۇ ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق ، قىرغىز، تاجىك، تاتار مىللەتلىرىنىڭ ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ھەر تۈرلۇك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىپ ئۆتكۇزىدىغان بايرىمى، < ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنە كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلەشكەن كۈنى شۇنداقلا باھار پەسلىنىڭ باشلانغان تۇنجى كۈنى > بۇ كۇندە پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق ئورۇندا نورۇز ئېشى ئىتىلىدۇ. ماتىريياللىرى: قوي گۆشى، بۇغداي، نوقۇت ، گۈرۈچ، يىشىل ماش، قوناق، قېتىق، سۈرگۆش.خۇرۇچلار: تۇز، سۇ ، پىياز، پەمىدۇر.تەييارلاش ئۇسۇلى: قازانغا ئىھتىياجغا قاراپ سۇ قۇيىمىز ئاندىن ئۇستىخانلىق قوي گۆشىنى پارچىلاپ، سۈر گۆشنى ئۇششاقتوغراپ سالىمىز، قازان قاينىغاندا كۈپىگىنى پاكىز سۈزۈپ ئېلىپ پىياز ، پەمىدۇرنى ئۇششاق چاناپ قازانغا تاشلايمىز. تۇز سالىمىز.ئوتنى پەسسرەك قىپ قويۇپ باشقا ماتىريياللارنى ئايرىم ئايرىم يۇيۇپ تەييارلايمىز. ئالاھەزەل بىرەر سائەتچە قاينىتىپ سۈيى پىشقاندا يۇقۇردىكى دانلىق زىراەتلەرنى قايسى تەستە پىشىدۇ دەپ پەرەز قىلساق شۇنى باشتا سېلىپ بىرئاز قاينىتىپ يەنە كىيىنكىسىنى سېلىپ قاينىتىپ ھەممە دانلىق پىشىپ ئېتىلغانغا قەدەر قاينىتىپ ئاخىرىدا قېتىقنى ئىلەشتۈرۈپ قۇيۇپ بەش ئون مىنۇتچە قاينىتىپ تەمىنى تېتىپ ئالساق بولىدۇ. ئەسكەرتىش: قېتىق چوقۇم يەرلىك تاتلىغى يوق قېتىق بولىشى كىرەك.يەنە ئاشنى قايناتقاندا دانلىقلارنى سالغاندىن كىيىن نوغۇچ بىلەن ئوڭ يۆلىنىشتە ئىلەشتۈرۈپ تۇرمىساق ئاسانلا ئىس ئۆتۈپ قالىدۇ. باھار كەلدى ،نورۇز كەلدى ،
كۇلدى ئالەم ،كوڭۇل يايرىدى .
مۇنبەر ئەھلى جەم بولغان ،
نۇرۇز ئېشى تازا قاينىدى ،،،،،،،.
مەشرەپ ئەھلىنى نورۇز ئىشى ئىچىشكە تەكلىپ قىلىمەن !!! ئەمسە مەشرەپ ئەھلى مەن رىياسەتچىلىرىمىزنى تونۇشتۇرۋىتەي:مۇنبىرمىزدە سوزگە باي ،
ياخشىلىققا كوڭلى باي ،
ئۆزى خۇشخۇي چىقىشقاق ،
ئاچچىق ھىكايە ئوزى بار ..
ئەنگەر ئۇستاز يانداشقان ،ئۇلار خويمۇ ماسلاشقان .
قىززىتىشتا چاتاق يوق ،
سەھنىمىزگە ياراشقان .....
مەشرەپ رىياسەتچىلىكىگە قابىل باشقۇرغۇچىمىز ئەنگەر ئۇستازنى ،ئىجادكار ،ئۇمۇتلۇك ،تىرىشچان مۇنبەر گۇلىمىز ئاچچىق ھىكايىنى تەكلىپ قىلدۇق ،قىنى سەھنىگە مەرھەممەت : گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۇلار سەھنىگە چىقتى . رىياسەتچى ئاچچىق ھىكايە : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى ھەممىڭلارنىڭ ئاشپەزدىكى نورۇز مەشرىپىگە ئالغان مۇبارەك قەدىمىڭلارغا مەرھابا . ( مىرشاپ بىلەن پاششاپ كۆرۇنمەيدا ،تەكلىپ قىلمىساق چىقمايدىغان ئوخشايدۇ . قىنى قىزغىن ئالقىشلىرىمىز بىلەن ئۇلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى .) مىرشاپ غەيرىتەم : ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى كەمىنە غەيرىتەمدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ،نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . پاششاپ خۇشتار : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى ھەممىڭلارغا ئىگىلىپ سالام ، ۋاي ۋۇي ، قاراڭلار مەشرەپكە كەلگەن بارلىق قىزلار ئەتلەس كۆينەكلىرىنى ،چىمەن دوپپىللىرنى كىيىپتۇ ، ئوغۇللارمۇ پەخرىمىز ۋە تاجىمىز بولغا بادام دوپپسىنى كىيىپ تەق بوپتۇ ، رىياسەتچى ئەنگەر : ئەمدى يىگىت بىشنى ئىلان قىلىۋەتسەل قانداق .(بولىدۇ ) مۇنبىرىمىزنىڭ گۈل تاجى بولغان ،
توھپىكارى ، شۆھرىتى بولغان .
ھەممگە يول باشچى ،داۋان ئاشقۇچى ،
قابىل باشقۇرغۇچىمىز ئاشتۇزى ئەپەندى .
(رىياسەتچى ئاچچىق ھىكايە :قىنى ھۆرمەتلىك يىگىت بىشى سەھنىگە مەرھەممەت ) يىگىت بىشى ئاشتۇزى : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى: ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن ،ئالغان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۇنسۇن !!!نۇرۇز كەلدى دىمەك باھار كەلدى دىمەكتۇر ! (باھاردىكى ئىللىق ئاپتاپقا ،ئاپپاق قار لىباسىدىن كىيىنكى ياپيىشىل كائىناتقا تەقەززا بولدۇم . ئەگىز سۇيى شىلدىرلاپ تۇرغان قار سۇلىرىدىن ،باھار سۇيىنىڭ ھىدىنى پۇراشقا تەقەززا بولدۇم. ) مىرشاپ غەيرىتەم :شۇنداق يىگىت بىشى ھەممەيلەن باھارغا تەققەززا بولدۇق ......... قىنى ئىجازەت بەرسىڭىز مەشرەپنى باشلىغان بولساق ! يىگىت بىشى ئاشتۇزى : تەييارلىقلار پۇتكەن بولسا قىنى مەشرىپىمىز باشلانسۇن . مىرشاپ ،پاششاپلار بىرلىكتە توۋلىدى : مـــــــــــــــــــــــــــــەشـــــــــــــــرەپ باشـــــــــــــــلاندى! مەنبە : بەزى تەپسىلاتلار تورىدىن .كوپەرەك قىسمى ئوز قەلىمىم . ( 2012 -يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۇنى .تۇرپان )