كەل نورۇز
كەل نورۇز گۈللەرنىڭ ھىدىنى چېچىپ ،
تىترىگەن زىمىنغا يېشىل تون پىچىپ ،
سېنىڭدىن كۈچ، مەدەت ، بە قۇۋۋەت تېپىپ ،
قوغلايلى جۇتلارنى سۈر - توقاي قىلىپ ،
كەل نورۇز ، كەل نورۇز باغرىڭنى ئېچىپ ...
سەن كەلسەڭ زىمىستان كېتەتتى يىراق ،
مۇزلىغان يۈرەككە يېقىلىپ چىراق ،
تەنلەرگە سانچىلماس سوغۇق بوپ يانتاق ،
سېغىنىپ ، سېغىنىپ كۈتتۈق بىز ھەرۋاق ،
كەل نورۇز ، كەل نورۇز باغرىڭنى ئېچىپ ...
سەن كەلسەڭ دىلى شاد ئاتا بوۋىنىڭ ،
جان كىرەر تېنىگە تايتاڭ قوزىنىڭ ،
ئېچىلار پەيتلىرى كېلىپ غوزىنىڭ ،
بولاتتى ھېيتى بۇ ئۇزاق روزىنىڭ ،
كەل نورۇز ، كەل نورۇز باغرىڭنى ئېچىپ ...
سەن كەلسەڭ سەبىلەر دىللىرىدا شاد ،
« قېنى مىن پالۋان ! » دەپ كىشنەپ تۇرار ئات ،
چىقاتتى كۈچلىنىپ چولاققا قانات ،
بولغاندا بۇ زېمىن مىھرىڭدىن ئاۋات ،
كەل نورۇز ، كەل نورۇز باغرىڭنى ئېچىپ ...
سەن كەلسەڭ غەملەردىن قۇتۇلۇپ دەرتمەن ،
ئۈمىتنى ساڭىلا باغلايتتى جەزمەن ،
قاڭدىلىپ تەييار بوپ تۇراتتى كەتمەن ،
قار يېغىپ سوزۇلۇپ ئۇزاردىڭ قەستەن ،
كەل نورۇز ، كەل نورۇز باغرىڭنى ئېچىپ ...
كەل نورۇز بۇ زېمىن يېشىل تون كەيسۇن ،
چېچەكلەر شەربەتلىك مېۋىلەر بەرسۇن ،
دېھقانلار ئېتىزغا بەرىكەت تەرسۇن ،
ئۇيقۇلۇق نادانلار قەددىنى كەرسۇن ،
كەل نورۇز ، كەل نورۇز باغرىڭنى ئېچىپ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىز مۇنبەرداشلار ، سىلەر بىلەن نورۇز ئېيىدا ئۇشبۇ مۇنبەردە جەم بولغانلىقىمدىن ئۆزەمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلماقتىمەن . گەرچەم مەن مۇنبەر ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش قىلىپ بېرەلمىسەممۇ ، تەشنا مۇنبەرداشلىرىمنىڭ چاڭقاق لەۋلىرىگە بىرەر تامچە سۇ بېرەلمىگەن بولساممۇ ، مۇشۇ كاتتا نورۇز مەشلىرىپىگە «يىگىت بېشى » بولالىغىنىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم . رەھمەت سلەرگە !
بۇندىن كېيىنمۇ بىر ياقىدىن باش ، بىر يەڭدىن مۇش چىقىرىپ مۇنبەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى سىلەر بىلەن قەدەممۇ - قەدەم ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچۈمنى ئايىمايمەن !