ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەشتىگە ماھىرلىقى ھەممىگە ئايان . قۇمۇل ئاياللىرى شۇ ئاياللارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئۇلار تەبىئەتتىكى گۈل–گىياھلارنى ئۆزىنىڭ گۈزەللك قارشىنىڭ سىمۋولى قىلىپ ، ئۇنى كۈمۈش يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپلار ئارقىلىق ئۆز ئەقىل –ئىدرىكى بىلەن يۇغۇرۇپ ، چىرايلىق مەنزىرىلەرنى رەخىت ئۈستىگە پەيدا قىلىدۇ. بۇ شەكىللەر ئاخىرىدا ئەپچللىك بىلەن چىمەن دوپپىغا ، كىيىم–كېچەكنىڭ ياقىسى ۋە يەڭلىرىگە ياكى ياستۇق چۆرىسىگە ، كۆرپىگە ، ياپقۇچلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ . بۇ ئارقىلق ئۆزىنىڭ قەلىب گۈزەللىكى ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىگىنى نامايەن قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەبىئەتكە ۋە تۇرمۇشقا بولغان چوڭقۇر مېھرى – مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى تىككەن كەشتە ، گەرچە ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشقان بولسىمۇ ، ھەرگىز قالايمىقان كۆرۈنمەيدۇ . گۈلى قىزىل ، يوپۇرماقلىرى يېشىل بولۇپ ئىنتايىن كۆركەم گەۋدىلىنىدۇ . كەشتىنىڭ رەڭدارلىقىدىن ئىنتايىن شوخ كۆرۈنىدىغان قۇمۇل دوپپىسى ، ياش ، جىنىس ، مىجەز ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئامىللارنى بىرىكتۈرگەن ئاساستا كەشتىلەنگەن بولۇپ، ئوخشىمىغان رەختلەر ئارقىلىق چوڭ كىچىك ھالەتتە تىكىلىدۇ . قۇمۇل كەشتىسى يەنە كىيىم –كېچەكتىن ئۇزۇن يەكتەك ، قىسقا پاختىلىق چاپان ، جىلىتكە قاتارلىقلارنىڭ ياقىسى ، يەڭ ئەتراپىغا ئىنتايىن كۆركەم رەڭدار قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، ئىنتايىن ئېسىل كۆرۈنىدۇ . قۇمۇل ياستۇقى تۆت بۇرجەك شەكىلدە بولۇپ ، ھەرخىل يىپەك يىپلار بىلەن توقۇلىدۇ،قارا رەخىتنى بويلاپ گۈل كەشتىلىنىدۇ . ئادەتتە رەتلىك قىلىپ كاڭ ئشكابىنىڭ ئەتراپىغا تىزىلىدۇ. قۇمۇل كەشتىچىلىگى جانلىق تەبىئەت مەنزىرلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن ،قويۇق مىللي ئالاھىدىلىككە ئىگە ، ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈزەللىك پسخىكىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.