ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-22

    ئۇيغۇرلاردا كەسىپچانلىق - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/91582137.html

    90-يىللاردا مەتبۇئاتلاردا مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى سۆكىدىغان ئەسەرلەر خىلىلا دىققىتىمىزنى تارتقان ئىدى. “يىراق قىرلاردىن ئانا-يەرگە سالام”، “بىزدىكى ئەبگالىق” قاتارلىق ئەسەرلەر ماڭا ھەممىدىن تونۇشلۇق. بۇ ئەسەرلەر ھەقىقەتەن بىزدىكى بەزى ئەجەللىك نۇقسانلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. بولوپمۇ ئۆز يۇرتىمىزدىكى يەر-جاي ناملىرىنى يات تىللاردا ئاتىشىمىز، تىلىمىزغا كەلسە-كەلمەس يات سۆزلەرنى ئارلاشتۇرغىنىمىز، مۇسۇلمان تۇرۇپ تازلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىمىز دىگەندەك… بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئەسەرلەرنى ئوقىۋىرىپ كىتابتا نىمىنى توغرا دىسە شۇنى توغرا دەپ چوڭ بولىۋاتقان ماڭا ئوخشاش بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆزىدىكى خىلىلا كۆپ ئىللەتلەرنى تۈزىتىۋالغان بولسىمۇ، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇنچىلىك كۆپ “ئىللەتلەر”گە تولغان بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ناھايتىمۇ پاسسىپ، ئىشەنچسىز قارايدىغان قىلىپ قويغان ئىدى.

    كىيىن ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن بېيىجىڭ غا باردۇق، ئۆز قەۋمىمىزدىن ئايرىلىپ پۈتۈنلەي يات بىر مۇھىتتا ياشاش بىزگە مىللەتتىكى ئىللەت ھەم ئارتۇقچىلىقلارنى كۈزىتىشكە،سىلىشتۇرۇشقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى. دىمىسىمۇ بىزدە راست بەزى ئىللەتلەر باركەن. يەنى شۇ يات مەدەنىيەتتىكى ساۋاقداشلىرىمىزغا سىلىشتۇرغاندا بىز ھورۇنراق ئىدۇق. لىكىن بۇ ھەم ئومۇمى ئەھۋال ئەمەس ئىدى، بىزدىمۇ شۇنداق بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئوقۇيدىغان، ئائىلىسىدىن پۇل سوراش ئەمەس بەلكى ئائىلىسىگە پۇل ئەۋەتىدىغان تىرىشچان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. تۆت يىللىق ئوقۇشتىن كىيىن راستىمنى ئىيتسام ئۆزىمىزدە مىللەت سۈپىتىدە پۇتامىغا چىققۇدەك بىرەر كەمچىلىكنى ھىس قىلالمىدىم. بۇ يەردە پەقەت بىرلا ئىنىق پەرىقنى مىسال ئىلىش مۇمكىن. يەنى، بىز ئازلا بالا ئىدۇق، لىكىن ھەپتە ئاخىرىدا بىرگە پۇتبول ئوينايتتۇق. گەرچە كۆپىنچىمىزنىڭ تىخنىكىسى ناچار بولسىمۇ، قانداق كوماندا بىلەن ئوينايلى ئاساسەن ئۇتاتتۇق. بۇ يەردىكى ئاچقۇچ، مەيلى قانداق شەكىلىدىكى پۇتبول ئويۇنى بولسۇن، ئۆزىمىزنى ئۇرۇپ ئوينايتتۇق. قىنىمىز قىزاتتىكى بىر باشلىدۇقمۇ 2-3 سائەت توختىماي يۈگىرەپ ئوينايتتۇق. خەقلەر بىزنى بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى دەپ ماختىشاتتى، ئەمەليەتتە بىزمۇ شۇنداق ھاراتتۇق، شۇنداقتىمۇ ۋۇجۇدىمىزدىكى بىر خىل روھ قەدىمىمىزنى توختاتمايتتى، خەق بولدى قىلغۇچە بىز بولدى قىلمايتتۇق:-)

    بېيجىڭدىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن داۋاملىق ئوقۇش ئۈچۈن گېرمانغا كەلدىم. سىنىپىمدا بىر لېتۋانىيەلىك ساۋاقدىشىم بولۇپ، ۋاسكىتبولغا بەكلا ئامراق ئىدى. كىيىن ئۇ ھەر جۈمە كۈنى سىنىپتىكى خەنزۇ بالىلارغا قوشۇلۇپ ئوينايدىغان بولدى. بىر كۈنى مەندىن سورايدۇ، بۇلار زادى قانداق مۇسابىقە ئوينايدۇ دەيدۇ، قارىسام بىر خىل نارازلىق چىراي. ئۇنىڭغا يارىمىغان يىرى: بۇلار پەقەت نومۇر سانىمايدىكەن، بەك جىم ئوينايدىكەن، بىر خىل ئۆلۈك ئاتمۇسفىرادا ئوينايدىكەن، نۇمۇر ئىلىپ ۋارقىراپ قويساڭ زاڭلىق قىلىپ كۈلىدىكەن دىگەندەك. ئاڭلاپ ئىچىمدە كۈلۈپ كەتتىم. ئەينى ۋاقىتتا بىيجىڭدا پۇتبول ئوينىغاندىمۇ بىزنىڭ جان تىكىپ ئوينىشىمىزنى شۇ خەقلەرمۇ بىر خىل ياۋايلىق تەرىقىسىدە قارايتتى. جۇڭگۇ پۇتبۇلىنىڭ مەغلۇبىيىتىنىمۇ شۇ يەردىن بىلەلەيسىز، پۇتبۇل بىر جىددى تەنھەركەت سۈپىتى بىلەن كىشىلەردىن زىرەكلىك، چاققانلىق ھەم چىداملىق تەلەپ قىلىدۇ، بۇ خىل تەلەپ تەبئىلا پۇتبولنى ئوتتەك ھاياجان، يۈكسەك قىزغىنلىق بىلەن باغلايدۇ. دىمەك بۇ خىل تەلەپ جۇڭگۇنىڭ 5000 يىللىق تارىخى بىلەن زىچ باغلانغان (ئاددىلىق ئوتتۇرا ھاللىق) ( 中庸之道) بىلەن ماس كەلمىسە كىرەك. ئەلۋەتتە بۇ خىل ھايات قاراش ياكى پەلسەپە ئىقىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار. يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنىدۇ، بەك ئاشۇرۋەتمەيدۇ، ھاراق ئىچسىمۇ مۇۋاپىقىدا ئىچىدۇ دىگەندەك. ماۋزىدۇڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا ياپونلار بىلەن ئۇدۇل ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ، “ئۇزاققا سوزولغان ئۇرۇش” تاكتىكىسى بىلەن بايقۇش ياپونلارنى يىللارنىڭ زىرىكىشلىك توزانلىرىدا ھالسىزلاندۇرۇپ ئاخىرى مەغلۇب قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىم بىرەر ۋەزىپە بەرگەن بولسا، شۇ ساۋاقداشلىرىمىز قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويىدىغان. ئۇلار ئۈچۈن شۇ ۋەزىپىنى پۈتۈرسىلا بولدى، جەرياننىڭ قانداق بولوشى، نەتىجىنىڭ قانداق بولوشى مۇھىم ئەمەس، مۇكەممەللىك قوغلاشمايتتى. ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان جۈملىسى “مۇنداقلا قىلىپ قويساق بولدىغۇ؛ قولنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويىلى” ( 凑合 凑合就行啦؛ 勉强一下) دىگەندەك. قارايدىغان بولساق، بۇ خىل قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويۇش بۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ھەممە تەرەپلەرگە سىڭىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ دۆلەتتىن مۇشۇ كەمگىچە بىرەر نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئادەم چىققىنى يوق.

    ئەمدى ئۆزىمىزگە كىلەيلى. بەلكى ئەڭ بۇرۇنقى بوۋىلىرىمىز چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقىمۇ، قىنىمىز بىر خىل قىززىق، مەن بۇنى تۆۋەندە ئات-مىجەز دەپ ئىزاھلايمەن. ئات — ئۆي ھايۋانلىرى ئىچىدە ئەڭ سەزگۈر، ئەقىللىق، ئۈركىگەك(بىر نەرسە بەك ئاسان تەسىر قىلىدۇ) ھەم قارام. ھارۋىدىن قايتىپ كەتكەن ئاتنى ھارۋىغا قايتا ئۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس دىسىڭىز بەك خاتالاشمايسىز؛ ئات گۆشى يەپ باققانلار بىلىشى مۇمكىن، قىنىنىڭ رەڭگى زىيادە قىزىل بولىدۇ، تەبئىتى ئىسسىق. بۇ خىل ئات-مىجەز مەدەنىيەت قەھىرمانلىقنى ئۇلۇغلايدۇ. ھىلە-مىكىر بىلەن تازا خوشى يوق، ئەكسىنچە چۆچەكلەردە ھىلە-مىكىر پەقەت جادىگەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. بۇ يەردە بۇ خىل قىززىققانلىقنىڭ كەمچىلىكىدە توختالغۇم يوق. ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك ھازىرقى ئۇيغۇر مەدەنيىتىدە قانداق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقى ئۈستىدە ئازىراق سۆز قىستۇرغۇم بار. مەنچە بىزدىكى قىززىقانلىق بىزدىكى كەسىپچانلىقنىڭ ئالاھىدە بولوشىغا بىۋاستە ئاساس بولغان. تۆۋەندە بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بىر قانچە مىساللارنى ئالدىم:

    تەنھەركەت تۈرلىرىدىكى قىززىققانلىقىمىزنى ئابىيام توختىلىپ ئۆتتۈم، گەرچە ئۇ پەقەت ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر مىسالى بولسىمۇ، جۇڭگۇ تەنھەركەت ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇۋەپپەقيەتلىرىلا بىزگە فىزىئولوگىيەلىك جەھەتتىكى ئۇيغۇر قىزىققانلىقغا يىتەرلىك ئىسپات بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. دىمەك بۇنىڭ ئۆزى بىر كەسىپچانلىق، شۇنداق قىززىققان بولوشىڭىزنىڭ ئۆزى شۇ كەسىپكە ئۆزىڭىزنى بىغىشلىغانلىق بىلەن ئوخشاش ئەمەسمۇ؟!

    سەنئەت، بولوپمۇ ئۇسسۇل ئەزەلدىن ئۆزىگە ئوتتەك قىزغىنلىق (passion) نى بەلگە قىلىدۇ. ھاياجاننى، قىزغىن ھىسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇنىڭ نىشانى. ئىسپانلارنىڭ تانگوسى، برازىليەلىكلەرنىڭ سامباسى ھەم ئافرىقىلىقلارنىڭ يەرلىك مىللى ئۇسۇللىرى ئۇلارنىڭ تەنھەركەت تۈرلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ئارقىسىدا. مەيلى قايسىنى مىسالغا ئالايلى، مۇكەممەللىكنىڭ چېكى يوق، يەنى ھەر قانداق بىر ئارتىس ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق ئىنسان فىزىئولوگيىسىگە جەڭ ئىلان قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئۆزىنى ئۇرۇش، بارلىقىنى بىغىشلاش ھەر قانداق بىر كەسىپ ئىگىسىدە بولوشقا تىگىشلىك نەرسە. بىر قىتىم ئافرىقىلىق بىر دوستۇم بىر تۈركلەرنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپ كەپتىكەن، خوشاللىقىنى باسالمايلا قاپتۇ. ئۇنى ھەممىدىن خوش قىلغىنى تويدىكى ئۇسسۇل بوپتۇ، خۇددى ئۆزىنى ئافرىقىغا بىرىپ كەلگەندەك ھىس قىلىپ كىتىپتۇ، دىيىشىچە ئافرىقىدىمۇ توي بولغاندا ئۇسسۇل ھەممىدىن ئەۋجىگە چىقىدىكەن. ئەمدى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا قارايدىغان بولساق ئۆزىمىزدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز. ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى شەكىللىرنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ قىياتاشلىرىدىن تاپمىز، شۇ ئەجداتلىرىمىز ئۇزۇن زامانلار مابەينىدە شۇنچىلىك تەرەققى قىلغۇزغان ئىدىكى، ھازىرغا كەلگەندە تۈرىنىڭ موللۇقى، شەكلىنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىدە ئۆزىگىچە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ خىل ئۇسسۇلغا ھىرىسمەنلىك بىزگە ھەرقانداق يىڭىچە شەيئىگە يۈكسەك ئىشتىياق بىلەن قارايدىغان خاراكتېرنى سىڭدۈرگەندەك قىلىدۇ. بۇ يەردە بىر نەرسىنى قىستۇرۇش ئارتۇقچە بولماس. بىزدىكى مودا قوغلىشىش، رەڭگە بولغان سەزگۈرلۈك بەكلا ئالاھىدە، بۇ جەھەتتە ئىتاليىلىك بىلەن فرانسوزلاردىن ھەرگىز قىلىشمايمىز. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا روسلارنىڭ تەسىرى بىلەن كىرگەن شەپكە، كاستۇم بۇرۇلكا كىيىش پەقەت نەچچە يىلدىلا ئومۇملاشقان بولسا، ئۇ نەرسىلەر بىزدىن نەچچە ئون يىل بۇرۇن كىرگەن شاڭخەيگە تەخمىنەن يىرىم ئەسىردىن ئۇزۇن ۋاقىتتىمۇ تامامەن ئومۇملىشىپ كەتمىگەن(بۇنى بىر ماقالىدە ئوقۇغان ئىدىم).

    مەيلى ئۇيغۇر زەرگەر بولسۇن، بىناكار ئۇستىسى بولسۇن، ناۋايچى، باغۋەن بولسۇن، ئەڭ ئاددىسى موزدۇزچى، مايلامچى بولسۇن ئۇلاردىكى كەسپىچانلىقنى باشقا يەردىن ئاسان تاپالمايسىز. راستىمنى ئىيتسام بۇ تەرەپلەرگە بۇرۇن تازا دىققەت قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن. بىلىملىك كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش ئادەمگە كۆپ پايدا بىرىدۇ زادى. بىر قىتىم فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتۇر ئاشتى مەمەتئىمىن ئابباس ئاكىمىز بىلەن بىر پاراڭلىشىپ قالدۇق. پاراڭ داۋامىدا مەمتىمىنكام ئۈرۈمچىدىكى ئاياغ مايلايدىغان بالىلارنىڭ گىپىنى چىقىرىپ قالدى. ” قاراڭلار شۇ بالىلارغا، گەرچە شۇ ئىشلارنى ئامالسىزلىقتىن قىلۋاتقان بولسىمۇ شۇنداق بىر زوق، شۇنداق بىر ئىشتىياق بىلەن قىلىدۇ، ئاخىرىدا قىلغان ئىشىدىن پۇتاق تاپالمايسىز؛ ئادەملىرىمىزدە ئۆز كەسپىگە بولغان قىزغىنلىق ئالاھىدە…” شۇنىڭدىن كىيىن ھەر قىتىم ئۈرۈمچىدىن ئۆتكىنىمدە دۆڭكۆۋرۈك دوقمۇشىدىكى شۇ بالىلارغا بىر ئايىقىمنى مايلىتىپ ئۆتىدىغان بولدۇم. مەمتىمىنكامنىڭ دىگەنلىرى راست ئىدى، ئۇلار شۇنداق ئىشتىياق بىلەن بېرىلىپ قىلاتتى، ئۆز ھەققىنى ھالاللاپ ئالاتتى. گەرچە 50 تىيىنلىق ئىش بولسىمۇ سىزنى رازى قىلىپ يولغا سالاتتى. بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ شۇ خىل روھىغا چەكسىز ھۆرمىتىم قوزغالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ” (مەكتەپتە) ئوقۇشنى خالامسەن؟” دىگەن سۇئاللىرىمغا ئۈنچىقماستىن بىر خىل ئامالسىزلىق ئارلاشقان كۆزلىرىنى ئىتتىك قاچۇرۇپ بىشىنى لىڭشىتىپ قويغان سىياقى ئىچىمنى ئاچچىق قىلاتتى…

    كىچىك ۋاقتىمىزدا بىر تەبىئەت دەرىسى بىرىدىغان مۇئەللىمىمىز بولىدىغان. بىر كۈنى ۋەلىسپىتىگە كىچىك ماتور ئورنىتىۋاپتىكەن، ۋەلىسپىت موتۇرغىلا ئايلىنىپتۇ. ئۇ چاغدا يىزىمىزدا موتۇر يوق ئىدى، ئۇنداق نەرسىلەرنى كىنولاردا كۆرۈپ قالاتتۇق. ئۇ مۇئەللىمىمىزنىڭ قىلغان ئىشى بىزگە خىلىلا ئىلھام بولغان ئىدى، قىزىقىشىمىزنى باسالماي ئارقىسىن يۈگرەپ يۈرگەن ئىدۇق. بۇنداق مىساللار بىزدە ئاز ئەمەس. تىخى نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدىلا تۇرپاندىكى بىر فىزىكا مۇئەللىمى ئۆزى ئايرۇپىلان ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. گەرچە ئۇ ئايرۇپىلان بىر ئىپتىدائى شەكلىدە بولسىمۇ، بىزنىڭ شارائىتىمىزدا شۇنداق بىر ئىشنى قىلىش ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمايدۇ. بۇ شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆز قىزىقىشى ئۈچۈن ھىچنەرسىدىن قورقمايدىغان روھىنى، ئۆز كەسپىگە ئوتلۇق مۇھەببىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مانا بۇمۇ ئۇيغۇردىكى كەسىپچانلىقنىڭ يەن بىر ئىپادىسى. دەل خەلقىمىزدە مۇشۇنداق كەسپىچانلىق روھى بولغاچا، بىزدە تولوق بىر زامانىۋى سىمفونىيە ئورۇنلاشقا يەتكۈدەك مىللى چالغۇلار بار؛ دۇنيانىڭ نەرىگە ئاپارسە خەقنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك گىلەملىرىمىز بار؛ رەڭدارلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان دوپپىلىرىمىز، ئەتلەسلىرىمىز بار؛ ئۆزىمىز تارىختىن بۇيان يىتىشتۈرگەن 800 دىن ئارتۇق ئۈزۈم سورتى بار؛ يەنە ئىيتىپ تۈگىتىپ بولمايدىغان قول-ھۆنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى بار…

    دادامنىڭ ماتۇر ھەيدەشتىن باشقا ھۆنىرى يوق ئىدى، لىكىن دادامنىڭ بىزنى ھەممىدىن قايىل قىلىدىغان يىرى، مەيلى نىمە ئىش قىلسۇن ناھايتى تۈجۈپلەپ، ئىنچىكە قىلاتتى. تام سوقساق پىششىق بولمايدۇ دەپ بىزنى ھارغۇچە چىڭدىتاتتى، يەنە شۇنىڭغا ئىشەش قىلماي بىزدىن كىيىن ئۆزى چىقىپ يەنە چىڭدايتتى. ھويلىغا سەۋزە تېرىمىز دەپ كۈرەك بىلەن يەر ئاغدۇرساق بەك چوڭقۇر بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى، بىزمۇ تەلەپكە يىتىش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن كۈرەكنى تېك باساتتۇق. دادامنى ئەمدى رازى بولىدۇغۇ دەپ تۇرساق، كىلىپلا كۈرەكنى بىرلا سانجىپلا يەنە تېيىز بولوپ قاپتۇ دەيىتتى، رازى بولغان تەقدىردىمۇ چىرايىغا چىقارماي كىتىپ قالاتتى، شۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ تىرىشاتتۇق. ئىنىم ئوقۇشقا قىزىقماي ئۆيدە مال-ۋارانغا قاراپ قالدى، لىكىن شۇ ئىنىممۇ مىنى قول قويغىزىدۇ. ئۆزى ئاتقا ئامراق، مەھەللىمىزدە بىرەر يۈزدىن ئارتۇق ئات بار، 600 دىن ئوشۇق كالا بار. بۇ ئىنىم يىراقتىنلا مەيلى كالا بولسۇن ئات بولسۇن كىمنىڭلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ بولىدۇ (ماڭا نىسبەتەن ھەممىسى ئوخشاشلا رەڭدە)، قويلارنىڭ يىلىنىنى تۇتۇپ كۆرۈپلا قاچان قوزىلايدىغانلىقىنى دىيەلەيدۇ.كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، كەسىپچانلىق روھىنى سىز ئۇيغۇر جەميىتىنىڭ ئەڭ ئاددى ھۆجەيرىسىدىمۇ كۆرەلەيسىز. بۇنداق مۇكەممەلىككە ئىنتىلىش كەسىپچانلىق شەكلىدە بىزدە ئۆز ئىپادىسىنى شۇنداق ياخشى تاپقاندەك قىلىدۇ.

    ئەمدى ئۆزىمىز تۇرۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلىقلەرگە بىر سىلىشتۇرۇپ كۆرەيلى، بىزدىكى كەسىپچانلىق ئارتۇق تۇرسا تۇرىدۇكى كەم تۇرمايدۇ. شۇڭا قانداقلا بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى دۇنيانىڭ نەرىگىلا بارسۇن، ۋەتىنىنى باشقا ھەرقانداق بىرىدىن ئۆتە سېغىنىدۇ، بىزنى سېغىندۇرغان پەقەت كاۋاپ بىلەن لەغمەنلا ئەمەس. بىزدىكى كەسىپچانلىقنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان شۇنداق مول مەدەنىيەت باشقا يەرلەردىن ئاسان تىپىلمىغاچقىلا ۋەتەننى ھەرقانداق بىرىدىن ئالدىراپ سېغىنىمىز، مەيلى بىزدىكى ئىسسىق خاراكتىر بىزنى باشقىلار بىلەن تىزلا يىقىن قىلىپ زىرىكتۈرمىسىمۇ يەنىلا ۋەتەننى سېغىنىمىز:-)

    خاتېمە سۈپىتىدە ئوقۇرمەنگە ئىيتىدىغىنىم، ئۆز كەسپىمىزگە پىششىق بولايلى، ئۆز كەسپمىزنى ھاياتنى قانداق سۆيسەك شۇنداق سۆيەيلى. شۇ مايلامچى بالىلاردىكى كەسىپ روھى بىزدىمۇ ئارتۇقى بىلەن بولسۇن! دىققەت قىلايلى، بىزگە يىقىن خوشىنىلارنىڭ “قولىنىڭ ئۇچىدىلا” ئىش قىلىدىغان ئىللەتلىرى بىزگە يۇقۇپ قالمىسۇن. بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ ئالامشۇمۇل لۇغىتىنى يىزىش ئۈچۈن 15 يىل يۇرت كەزگەن ئىكەن، شۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان كەسىپچانلىق بىزگە كەلگەندە توختاپ قالمىسۇن! ئۆزىڭىزدىن ھەر دائىم سوراپ تۇرۇڭ، كەسپىڭىزگە قانچىلىك پۇختا بولدىڭىز؟ كەسىپىڭىز ئۈچۈن قانداق ئاساس سىلىۋاتىسىز؟

    ئوغلاق ئىيىنىڭ 23-كۈنى، شەھرى ئۇلم.

    مەنبەسى:ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.