ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-21

    مۈجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىك - [زۇلپىقار بارات ئۆز باش ماقالىل]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/91541890.html

    زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1. دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورونى ـ سورونمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. قېنى ئەمسە بىر دۇئا قىلىۋېتىپ قوپامدۇق! سورۇن ئىگىسىنىڭ ۋە تۆرىدە ئولتۇرغان باشقارما دەرىجىلىك كادىر جالالنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ساقىي ئالدى بىلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى. مەن چۆچۈپ كەتتىم،چۈنكى ئەتراپىمدا ئۈچ سائەتتىن بىرى ئىچىشىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى غەرق مەست بولغانىدى. بۈگۈنكى سوروندىكى مەقسىتىم مېھمان بولۇشتىن كۆرە، شەھەر ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ بىر كارتنىسىنى نەق مەيداندا ياندىن كۆزىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىگىلەش ئىدى. ئەمما ئىچمەي ئولتۇرۇپ ھاراق سورونىنى كۆزىتىش تولىمۇ تەسكە چۈشتى. ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شىنخۇا يولىغا جايلاشقان كاتتا رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدىن چىقتىم، سورۇن ئىگىسىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ مېڭىپ كەتتىم. كۈتكىنىمدەك، بۈگۈنكى سوروندا ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلىشىمغا ئەرزىيدىغان بىر نەچچە خىل ئەھۋال كۆزگە چېلىقتى: بىرىنچىسى، مېھمانلارنىڭ غەرق مەست بولۇپ تۇرۇپ تاماققا «ئامىن»دەپ دۇئا قىلىشى؛ ئىككىنچىسى، سوروندىكى ئىچمەيدىغان بىر ـ ئىككى مېھماندىن باشقىلارنىڭ نۆۋەت بىلەن بېرىپ باشلىققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ھاراق تۇتۇشى، ئەمما باشلىقنىڭ ئۇلارغا ھاراق تۇتماسلىقى؛ ئۈچۈنچىسى، باشلىق جالال شوپۇرىغا بۇيرۇپ X.Oماركىلىق چەت ئەل ھارىقىنى سورۇنغا ئەكىرگۈزگەندە، نەچچەيلەننىڭ ھاراقنى ھەۋەس بىلەن سىلاپ كېتىشى ۋە ئىچىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئاغزىنى تامشىتىپ، سۈزۈپ تۇرۇپ ئىچىشى؛ تۆتىنچىسى، مېنىڭ سورۇندا باشتىن ـ ئاخىر ئىچمەي، چەكمەي، ھېچكىمگە ھاراق سۇنماي ئولتۇرۇشمدىن ئىچى پۇشقان باشلىقنىڭ: «يا ئىچمىسىڭىز، يا چەكمىسىڭىز، سىزنى قانداق ئەر كىشى دەيمىز!» دەپ چاقچاققا يۆلەپ چېقىۋېلىشى. ئادەم ئۆزىنى جەمىيەتنى بەك چۈشىنىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمما، بۇ بىر خىل خاتا تۇيغۇ. بەلكىم نۇرغۇن ئوقۇرمەن «شەھەر ۋە يېزا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەمما، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىلىرى ھەممىگە نورمال، تەبىئىي بىلىنىپ كەتكەن ئۇششاق تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغا قىزىقىدۇ ۋە كۆپرەك «نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ ئەمەس، «نېمىشقا بۇنداق بولمايدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. داڭقان پۇتى سوئالدىن كىشىلەرگە ئاددىي تۇيۇلغان رېئاللىقنىڭ كەينىدىكى ماھىيەتلىك تەرەپلەرنى ئىزدەشكە تىرىشىدۇ. جەمىيەتشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسى سۆكۈش ئەمەس، بىراۋغا گۇناھ ئارتىشمۇ ئەمەس، بەلكى ئادەت كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، مۇرەككەپ تۇرمۇش قاتلاملىرىنىڭ ئۆركەشلىرىدە نېمە بارلىقىنى ئېچىپ بېرىش. بىز يۇقۇرىقى نۇقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىماي، ئاۋۋال مۇنداق بىر قانچە داڭقان پۇتى سوئالنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ باقايلى: بىرىنچى، مېھمانلار نېمە ئۈچۈن مەست بولۇپ تۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشنى ئۇنتۇمايدۇ؟ ئىككىنچى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ئەسلىدىن مۇرەسسەگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئىككى سىمۋوللۇق بەلگە ـ ھاراق بىلەن دۇئا قانداقسىگە بىر سورۇندا كۆزگە چېلىقتى؟ ئۈچۈنچى، نېمە ئۈچۈن باشلىق باقا مېھمانلارغا ھاراق تۇتمايدۇ؟ تۆتىنچى، ئەگەر ئاشۇ سورۇنغا چەتئەلنىڭ X.O ھارىقى ئەمەس، باشقا ئادەتتىكى ھاراق قويۇلغان بولسا، مېھمانلار ئۇ ھاراقلارنىمۇ ئەنە شۇنداق ھەۋەس بىلەن سىلاپ كېتەرمىدى ياكى تىلىنى تامىشتىپ تۇرۇپ ئىچەرمىدى؟ يۇقىرىقى سوئالللار قارىماققا داڭقان پۇتىدەك، كۈلكىلىكتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، بىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ماقالىنىڭ بېشىدىلا پىكىر قىلىشقا ئۈندەش مەقسىتىدە تېمىنى ئېنىق، ئوچۇق، لوگىكىلىق مۇھاكىمىلەر بىلەن يورۇتۇش بېرىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق داڭقان پۇتى، تومتاق سوئال قويۇشقا مەجبۇرمىز. ئىجتىمائىي تۇرمۇش سىمۋوللۇق بەلگىلەر بىلەن تولغان . بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ئىجتىمائىي ئالاقىدە سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئورنىمىزدىن، يۈرۈش تۈرۈشىمىزدىن ۋە يەنە كىملىكىمىزدىن بېشارەت بېرىمىز، شۇنداق باشقىلارنىڭ كىملىكىنىمۇ سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق چۈشىنىمىز. مىسالەن، سىمۋوللۇق بەلگە بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن كۆزەتسەك، ئۇيغۇرلار ئەتراپىدا ـ ئۆزى بىلەن بىر خىل ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئۆزىگە خاس ئادەتلەر بىلەن ياشاۋاتقان ۋەتەنداش مىللەتلەرنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرىدىن پوجاڭزا ئېتىشنى خەنزۇلارنىڭ، «قىز قۇۋار» ئويۇنىنى قازاقلارنىڭ، ئادىنوشكىنى تاتارلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە باغلاپ چۈشىنىدۇ. باشقا ۋەتەنداش مىللەتلەرمۇ ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرمۇ ئۇيغۇرلارنى بەلگىلىك سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق تونۇيدۇ. خەنزۇلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى بىلدىىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى دائىرىسى ئىچىدىكى دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان. ھەر يىلى قۇربان ھېيت، روزا ھېيىت كېلىش ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھېيتلىق دەم ئېلىش توغرىسىدا رادىئو ـ تېلېۋىزىيە ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق ئورگان گېزىتلىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېر تورلىرىدا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ «مۇسۇلمان ئاممىسى» دېگەن گەپنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ھۆكۈمەتمۇ، خەنزۇلارمۇ ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمدى بىز ئازراق ئىچكىرىلەپ يۇقىرىقى سورۇندىكى بىر قانچە سىمۋوللۇق بەلگىنى ساناپ باقايلى. بىرىنچىسى ھاراق؛ ئىككىنچىسى دۇئا؛ ئۈچۈنچىسى X.O ھارىقى؛ تۆتىنچىسى باشلىققا ھاراق تۇتۇش؛ بەشىنچىسى «ئەرلىك » ئۆلچىمى. ئەمدى بىز بۇ كىملىك بەلگىلىرىنى ئوخشاش بىر نۇقتىدا قويۇپ كۆزەتسەك ۋە «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» ،«ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى» ، «ئۇيغۇرلاردا ئەدەپ ۋە ئەخلاق» ، «ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك ـ ئېچمەك مەدەنىيىتى تارىخى » قاتارلىق ئالكلور، مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن جاۋاب ئىزدىسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ھاراق سورۇنىدا دۇئا قىلىشقا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرنى تاپالمايمىز. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدە مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان ھاراق بىلەن دۇئادىن ئىبارەت ئىككى سىمۋوللۇق بەلگە بۇ يەردە شەھەر ئۇيغۇرلىرىدىكى زىددىيەتلىك كىملىكنى ئاشكارىلايدۇ. بىز يۇقىرقى كۆرۈنۈشكە ئادەتلەنگەن نەزەر بىلەن ئەمەس، بىر چەت ئەللىكنىڭ ياكى جەمىيەتشۇناسنىڭ كۆزى بويىچە قارىساق، چۈشىنەلمەيمىز ۋە مۈجمەللىك ھېس قىلىمىز. توغرىسى، ئالدىمىزدا بىر توپ مۈجمەل، زىدىيەتلىك ئادەم پەيدا بولىدۇ. ئەمدى بىز سوئال قويىمىز: مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بىز بۇ باش سوئال ئاساسىدا «شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئىجتىمائىي ئالاقىدە نېمە ئۈچۈن زىددىيەتلىك كىملىكى ۋە مۈجمەل خاراكتېرىنى ئاشكارىلايدۇ؟ زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نېمە؟ بۇ ھادىسىنىڭ ئىجتىمائى يىلتىزى نېمە؟» دېگەندەك يانداش سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز. تەتقىقات سوئاللىنى تاپقانىكەنمىز، شۇ سوئالنى يورۇتۇپ بېرىشكە ماس كېلىدىغان تەتقىقات مېتودلىرىنى تاللاش كېرەك زىددىيەتلىك كىملىك ۋە مۈجمەل ئادەم دېگەن باش تېما سىمۋوللۇق ئالاقىلەردە نامايان بولىدىغان زىددىيەتلىك بەلگىلەر ۋە مەنىلەرنى تەكشۈرۈشنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ماقالىدە «سانلىق مىقدار مېتودى» دىن كۆرە، «سۈپەت تەتقىقاتى» نىڭ تارماق مېتودلىرىدىن بولغان «يانداش كۆزىتىش» ، «زىيارەت قىلىش» ، «پاراڭ تەھلىلى» ۋە شەخسىنىڭ بىۋاسىتە باشىتىن كەچۈرگەنلىرىنى تەھلىل ئوبېكتى قىلدىغان «ھايات كەچمىشى» قاتارلىق بىرنەچچە ئۇسۇلىدىن ئارىلاش پايدىلىنىمىز. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇر رىئاللىقدا ئىپادە بولىدىغان، بىر ـ بىرىگەوخشىمايدىغان پەرقلىق ئىپادىلىرىنى تەھلىل قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ئۇيغۇر تۇرمۇش كارتىنىسدىن خەۋەر بېرىدىغان بەزى ئۇچۇرلارنى ـ ئۈرۈمچىدىكى بىر ـ ئىككى تۈنەكخانا دا ياندىن كۆزىتىش ئۇسۇلى بويىچە تىغقان ماتېرىياللىرىمىزنى ، 2008 ـ يىلى مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزگەن بەزى شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىلىرىنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىت يېتىلەپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئىسمى ئەرەبچە بوپقالغانلىقى ئۈچۈن ۋىزىسى رەت قىلىنغان ئابدۇللا ئىسملىك ئۇيغۇر يىگىتنىڭ كەچۈرمىشىنى، ئۆزۈمنىڭ ھاۋاي ھونولۇلۇ ئايروپورتىدا زىددىيەتلىك كىملىكتىن ئالالەت بەرگەن قىسقا سەرەۈزەشتەمنى، ئاللانىڭ ئىسمىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ۋە ھازىرغىچە تۇنجى يىگىتىنى ئۇنتۇيالماي، ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەر» دەپ قارايدىغان بىر پاھىشىنىڭ ئاغزاكى بايانىنى ۋە «بىز مۇسۇلمانمۇ ـ ئۇيغۇرمۇ؟» دېگەن تېمىدا ئۆتكەنكى مەزگىللەردە ئىنتېرتورلىرىدا بولۇنغان مۇنازىرىنىڭ مۇھكىمە نۇقتىلىرىنى تەھلىل قىلىمىز ھەم ئۈرۈمچىدە ئوخشىمىغان ياشتىكى، ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئالغان ئىنكاسلىرىمىزنى بۆلىكىدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزى ۋە ماھىيىتىنى جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى، ماكرو جەمئىيەتشۇناسلىق، مىكرو جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ قىرلىق نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆزىتىمىز، مۇھاكىمە قىلىمىز؛ ئاندىن ئۇيغۇر تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى يېشىپ بېرىدىغان جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىنى چېقىشتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈملىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلايمىز؛ ئاخرىدا تەتقىقاتىمىزدىكى چەكلىمىلىكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، بۇ تېمىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئىزدەنگۈچىلەرگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بەزى تەكلىپلىرىمىزنى بېرىپ، خۇلاسىگە ئۆتىمىز. 2. قۇربان ھېيت كۈنىدىكى ئىزتىراپلىرىم 2008 ـ يىللىق قۇربان ھېيت ئۈرۈمچىدە زېمىستان قىشقا توغرا كەلدى. بۇ مېنىڭ قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقتىم ئىدى. ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن بارغىنىمدا، «غالبىيەت» يولىدىكى «بەيتۇلەئمۇر جامەسى» نىڭ ئىچى ۋە سەيناسىدا ئورۇن قالمىغانىدى. جاينامازنى يولغا سېلىپ ناماز ئوقۇشقا توغرا كەلدى. ئىمامنىڭ «سەپراس» دېيىشى بىلەن ئەمدىلا دىققەتتە تۇرۇشۇمغا، بىر ئۇيغۇر يىگىتى قىستىلىپ كېلىپ يېنىمدا تۇرۇۋالدى. يىگىتتىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى. ئالدىنقى ئاخشىمى ئېغىر ئىچكىنى ئېنىقتەك ئىدى. مەستلىكى تېخخ يېشىلمىدىمۇ ياكى ناماز تەرتىپىنى بىلمەمدۇ، ئەيتاۋۇز، يىگىت جايىدا جىم تۇرالمايتتى، قول باغلاپ تۇرۇشقا تېگىشلىك دەقىقىلەردە بىردە چېچىنى سىلايتتى، بىردە ئالدىغا، يېنىغا قاراپ باشقىلارنىڭ قانداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى كۈزىتەتتى. ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان ھاراق پۇرىقى خېلى كۈچلۈك ئىدى. بىر چاغدا ئۇنىڭغا تېلېفۇن كەلدى، ئۇ، يانفونىنى بېسىۋەتتى، قۇربان ھېيت شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدىكى زىددىيەتلىك نۇقتىلارنى كۆزىتىشنىڭ ياخشى پەيتى بولغاچقا، قۇربان ھېيىتنىڭ تۇنجى كۈنى كەچتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ جەمئىيەت كۆزىتىشكە چىقتىم، ئوتتۇرا ياشلىق شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى «خۇاڭىې» يولىدىكى «كابانا تۈنەكخانىسى»نى تاللىدىم. بىخەتەرلىكنى ۋە باشقا سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر ئاغىنەمنى ئېلىۋالدىم. «يېڭى رۇس كۈيلىرى تۈنەكخانىسى» دا تاماق بۇيرۇتۇۋېتىپ بىر ئىشنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدىم: بۇ تۈنەكخانىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار كېلەتتى، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھمانلار ۋە خەنزۇ مېھمانلارنى كۆزدە تۇتۇپ كۆڭۈل ئېچىش نۇمۇرلىرى رۇسچە، خەنزۇچە، ئېلان قىلىناتتى. ئەمما، قىزىق يېرى، قورۇما تىزىملىكىدە ئۇيغۇرچە خەت يوق ئىدى. مېھمانلار ئۇيغۇر، لېكىن قورۇما تىزىملىكىدە، تۈنەكخانا ۋىسىكىسىدا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلمىغان. رىياسەتچى سورۇن باشلىنىش ئالدىدا مېھمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە گەپ ئارىلىقىدا «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى ...ئۇلۇغ ئاللادىن ... تىلەيمىز» دېگەن گەپلەرنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن «ئۇلۇغ ئاللا، مۇسۇلمان» دېگەن ئاتالمىلارنىڭ ئېيتىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلدىم. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئۇيغۇر مېھمانلارنىڭ ئالدىدىكى شىرەلەرنى كۆزەتتىم، ئاياللار ئولتۇرغان ئۈچ ـ تۆت شىرەدىن باشقا ھەممە شىرەگە ھاراق ياكى پىۋا قويۇلغان. سورۇن ئەۋجىگە چىقىپ راسا قىزىغاندا ئۇنداق بىر نەچچە نۇقتا كۆزۈمگە چېلىقتى: بىرى، چەمبەر ھاسىل قىلغان بىر توپ ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئەسەبىتلىك بىلەن دىسكو ئوينىشى ۋە چاچلىرىنى ئېتىپ تۇرۇپ بېسىلىپ ياتقان جىنسىي تۇيغۇرلىرىنى ھەركەتلىرىدە ئاشكارلىشى؛ ئىككىنچىسى، چىرايىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرەر دۆلەتتىن كەلگەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۈچ ـ تۆت چەت ئەلللىكنىڭ تۇرغان يېرىدىن ئاستا ـ ئاستا سۈرۈلۈپ، قىزلارنىڭ سېپىغا قېتىلىشى. بىر چەت ئەللىك يىگىتنىڭ ئارىدىكى شوخ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن بېقىشىپ، كىرىشىپ دىسكو ئوينىشى، ھەممە شۇنداق بىپەرۋا شۇنداق خاتىرجەم. «كابانا تۈنەكخانىسى»غا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11 بىلەن يېتىپ باردۇق. تونۇش ـ بىلىشلىرىمىزدىن ئاڭلىغىنىمىزدەكلا، بۇ تۈنەكخانىغا كېلىدىغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك قىلاتتى. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر، پوكەيدە، پۇل ئالدىغان يەردە نەچچە خەنزۇ بالا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بالا ئىچىملىك تىزىملىكىنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى. قىزىق يېرى، بۇ يەردىكى تىزىملىككە ئۇيغۇرچە يېزىلغانىدى. مەن نەرسە ـ كېرەك بۇيرۇتۇپ بولۇپ، كۈتكۈچى بالىدىن سورىدىم: ـ ئويغۇر خوجايىن ئاچقان يەرمۇ بۇ؟ ـ ياق، خوجايىنىمىز خەنزۇ، ـ كۈتكۈچى بالا پوكەي تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەن سەھنىگە قارىدىم. كىچىك قىزلار ئۇسسۇللىرىنى قىلىق چىقىرىپ، نازاكەتلىك ئويناشقا تىرىشاتتى. ئەمدى يېنىك، لەرزان مۇزىكا باشلاندى، ياش بالىلار جۈپ ـ جۈپ بولۇپ تانسىغا چۈشتى. بەزى جۈرئەتلىك قىزلار يىگىتلىرىنىڭ بويۇنلىرىدىن قولىنى ئۆتكۈزۈۋالغان، بەزىلىرى چاپلىشىپ دېگۈدەك ئوينايتتى. ئۇدۇلۇمدا ئىككى جۈپ قىز ـ يېگىت ئولتۇراتتى. بۇ ئىككى قىزنىڭ ھاراقنى دەھشەت كۆتۈرگىنىگە ھەيران قالدىم. يىگىتلىرى ھاراق تەڭلەيتتى، قىزلار ئالاتتى. سائەت 12 بولدى. ئاغىنەم ئىككىمىز قايتىش ئۈچۈن چاپانلىرىمىزنى كېيىپ سىرىتقا ماڭدۇق. چىقىپ كېتىش ئالىدىدا كاللامدىن ئالدى بىلەن: «ئۇنۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ بالىلار كەچتە نەگە بارىدىغاندۇ؟» دېگەن خىيال ئۆتتى. چۈنكى، مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ياتاق بىنالىرى سائەت ئونلار بىلەن تاقىلىپ بولاتتى. شەھەرلىشىش، يەرشارىلىشىش قەدىمنىڭ تېزلىشىشى، ئىجتىمائىي كونترول ۋە خىلمۇ خىل ئىدىئولوگىينىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلۈك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. شەھەر ئۇيغۇرلىرى كۆپ خىل كىملىك ئېھتىياجىغا بىرلا ۋاقىتتا دۇچ كېلىپ، دۆلەت كىملىكى جەھەتتىن جوڭگولۇق، دىنىي كىملىك نۇقتىسىدىن مۇسۇلمان، مىللىي كىملىك جەھەتتىن ئۇيغۇر بولۇشتەك كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كىملىكى ئىچىدە، كۆپ قاتلاملىق رېئاللىقتا ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كارتىنىسىنى يارىتىشقا تىرىشتى. كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك شەھەر جەمئىيىتىدە ئۇلارنىڭ رېئاللىقنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىايجلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشى، تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كەلدى. بۇ جەريانىدا تەبىئىي ھالدا بەزى زىددىيەتلىك تېڭىرقاشلار كېلىپ چىقتى. بۇ ھال شەھەر جەمئىيىتىدە مۈجمەل ئادەم، زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىجتىمائىي ئاساس ھازىرلىدى ۋە مەلۇم مەنىدىن شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى خىلمۇ خىل ئىدېئولوگىيە تەلىپى، ئوخشىمىغان قىممەت قارىشى ئاساسىدا مۇرەسسە قىلشىققا مەجبۇر قىلدى. ئىجتىمائىيەت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېزلىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى ، تۇرمۇش، ئەخلاق مىزانلىرىدا ھەرقانداق مىللەت ساقلىنالمايدىغان دىلغۇللۇق كىشىلەرنىڭ كىملىكىدىكى زىددىيەتلىك نۇتىلارنى، مۈجمەل ئادەملەرنى ئاۋاتسا، رېئاللىقتىكى ئىلاجىسىزلىق تۇيغۇسى ھەتتا بەزىلەردە ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. قۇربان ھېيت نامىزىغا مەستلىكى تولۇق يېشىلمەي كەلگەن يىگىتمۇ، تۈنەكخانىلاردا قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئىچىشىۋالغان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ مۇرەسسەگە كەلمەيدىغان سىمۋوللارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادە قىلىپ، زىددىىيەتلىك كىملىكىنى نامايەن قىلىدۇ. دىنىي كىملىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇسۇلمان بولۇش ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر؛ ھاراق ئىچىش بولۇپ دۇئا قىلىشقا بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر. لېكىن، ئۇ زىددىيەتلىك كىملىكلەر شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ رېئاللىقىدا بىرلا ۋاقىتتا نامايەن بولىدۇ ۋە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىدۇ . بىز ئاۋۋال بۇ بايانىمزغا دەلىل تېپىش ئۈچۈن ھاراق ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتى توغرۇلۇق بايانلار تېپىلىدىغان مەنبەلەرگە قاراپ باقايلى، «ئى مۇئمىنلەر، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش پاسكىنا قىلىقلاردۇر. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلارغا دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى. سىلەر ئەمدى ھاراقتىن يانمامسىلەر؟ » ،«ئۆزۈڭلەرنى ئۆزۈڭلار ھالاكەتكە باشلىماڭلار.» [1] «ھاراق پاراكەندىچىلىكنىڭ ئاچقۇچى، بالا ـ قازانىڭ سەۋەپچىسىدۇر. ھاراق ھەممە ئەسكىلىكنىڭ مەنبەسىدۇر.»[2]«ھاراق بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى، ئىجتىمائىي مەرەز. ھاراقكەشتىن ئاۋۋال خۇدا بىزار، ئىككىنچىدىن پەيغەمبەر بىزار، ئۈچۈىنچىدىن پەرىشتىلەر بىزار، تۆتىنچىدىن، جخمى ئەل يۇرت بىزار. »[3] ئەنۋەر سەمەد يازغان «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» ناملىك كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ھاراقنىڭ نېمىشقا پەرھىز قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق يازىدۇ: «ئۇيغۇرلار كۈچلۈك مەست قىلىش رولىغا ئېگە ئىچىملىكلەرنى ئىچىشىتىن پەرھىز قىلىدۇ...ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغاندىن كېيىن مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش چەكلەنگەن... مەيلى ئىلگىرىدىكى دەۋرلەر بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن، ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشى ئىنتايىن ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىپ قاتتىق چەكلەنگەن ۋە چەكلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.»[4] دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورۇنىدا جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قىلىدىغان ئىككىنچى بىر مۇھاكىمە نۇقتىسى بار. ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ باشلىققا ھاراق تۇتۇپ، باشلىقنىڭ سۈكۈتتە ئولتۇرۇشى. بۇ يردە ئىشخانىدا، مەمۇرىي ئورگانلاردا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان بيۇروكراتلىقنىڭ، توغرىراقى سىياسىينىڭ كۆلەڭگىسى ئەكس ئېتىدۇ. بۇ ـ سىياسىيلاشقان ھەرىكەت بولۇپ، سىياسەت مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىيلىشىش ئوربىتىسىدا بۇنىڭغا خاس ھالدا ئۆزلۈك يېتىشىتۈرگەن باشلىق ئون نەچچە ئۇيغۇر ئولتۇرغان سوروندا زىددىيەتلىك كىملىكنى سىمۋوللۇق ئۇسۇللار بىلەن نامايان قىلىۋاتىدۇ. بۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىجتىمائىيىلىشىدۇر. بۇ ئاخىرى بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ تۈپكى ئىنسانلىق ئۆلچىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى بىلەن زىتلىشىۋاتىدۇ. بەزى ئورگانلاردا، يىغىنلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان باشلىققا ھاراق تۇتۇش ھەركىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش ھەركىتى بىرلا ۋاقىتتا سىمۋوللۇق يوسۇنىدا پەيدا بولۇپ، بىر خىل زىددىيەتلىك رېئاللىقتىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ. «يېڭى رۇس كۈيلىرى تۈنەكخانىسى دا رىياسەتچى شۇ كۈننىڭ مۇسالمانلارنىڭ دىنىي مۇراسىم كۈنى ئىكەنلىكى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ۋە «ئاللا، ئۇلۇغ قۇربان ھېيت» دېگەن گەپلەرنى ئۇرغۇلۇق ئېيتىدۇ. ئەمما ھايال ئۆتمەي كۈلكىلىك تۈستە، «ئاللا ، مۇسۇلمان» دېگەنگە ئوخشاش دىني تۈسكە ئىگە سىمۋوللار بىلەن كومېدىيىلىك سېلىشتۇرما پەيدا قىلىپ، ئىچىشۋازلىق باشلىنىدۇ؛ شەھۋانىي تۇيغۇنى ئاشكارىلايدىغان ئەسەبىي دىسكولار ئوينىلىدۇ. «خۇاڭخې» يولىدىكى «كابانا تۈنەكخانىسى» دا ئەھۋال باشقىچە. يىگىتلەر «قىز دوستلىرى» غا ھاراق تۇتىدۇ، قىزلار ھاراقنى قايتۇرماي ئىچىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، بىرىنچى كۆرۈنۈشتىكى چەت ئەل ھارىقىنى ھەۋەس بىلەن ئىچىۋتقانلارمۇ، «كابانا تۈنەكخانىسى» دىكى قىزىل ھاراقنى قايتۇرماي ئىچىۋاتقان قىزلارمۇ كزلىرىنىڭ خىيالىدىكى، تەسۋۋۇردىكى كىملىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئۈرۈمچىدىن تولىمۇ يىراق. ئەمما، بەزى ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى تېلېۋىزوردىن، كىنولاردىن، رومانلاردىن ياۋروپالىقلارنىڭ قىزىل ھاراقنى سۈمۈرۈپ تۇرۇپ نازاكەتلىك بىر يوسۇندا ئىچىكىنىنى كۆرگەن ۋە چىن رېئاللىقتا ئۆزلىرىنى ئەنەشۇنداق «مەدەنىيەت» كۆرسىتىشكە تىرىشقان. بۇ خىل روھىي ھالەتنى فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى ژان بوردىلىيارد «مېدىيە ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىدە نۇسخىلانغان سۈنئىي رېئاللىق» [5] دەپ ئاتىسا، كىملىكنى سىمۋوللۇق ئالاقە نۇقتىسىدىن كۆزىتىشنى تەكىتلەيدىغان ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن مېككال بىلەن سىممونس مۇنداق دەيدۇ: « ئادەم ئۆز نۆۋىتىدە بىر چۈش كۆرگۈچى، غايىۋىلىك ئىچىدە ياشايدىغان بىر مەخلۇق، ئۆزىنى خىيالىدىكى غايىۋى ئوبراز ئۈچۈن بېزەپ كۆرسىتىدىغان مەخلۇق. ئۇ، ھاياتتا رول ئېلىپ ياشايدۇ. لېكىن، بۇ ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ . ئۇ، خىيالىدىكى ئۆزىنى نامايان قىلشى ئۈچۈن ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن غايىسىگە يېقىنلىشىپ كېتىدىغان ئۇچۇرلارنى قەدىرىدۇ، قىياس قىلدىۇ. ئاندىن ئېرىشكەنلىرىنى مۇقىمسىز بازاردا تەجرىبە قىلىدۇ.» [6] 3. مىلاد بايرىمىدىكى ئۇيغۇرلار 2008 ـ يىللىق مىلاد بايرىمى ئۈرۈمچىدە قاتتىق تۇمانلىق بىر كۈنگە توغرا كەلدى. مىلاد بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار كىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر قانچە رېستران، تۈنەكخانىنى كۆزەتتىم. جەنۇبىي قوۋۇق بىلەن داشىزى ئارىلىقىدىكى خەنزۇ خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلغان قاۋاقخانىلارنىڭ بىرەرسىدىمۇ ئورۇن قالمىغان. بەزى قاۋاقخانىلاردا بېشىغا مىلاد بوۋاينىڭ باش كىيىمىنى كىيىۋالغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى، مىلاد بايرىمىغا خاس ھالدا تولۇق خرىىستىئانچە كېيىنگە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇسۇلمانچە بىر كاتتا رېستۇراننىڭ ئالدىدىن ماشىنىلىق ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، مىلاد بوۋاينىڭ رەسىمى قىيىلىپ، رېستوراننىڭ چوڭ يولغا قارايدىغان دېرىزىسىگە چاپلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈم. يېڭى ئېچىلغان يەنە بىر مۇسۇلمانچە كاتتا رېستۇراننىڭ ئالدىغا كەلدىم. رېستوران ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە «قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ خەنزۇچە خەت يېزىلغان ، رېستوران پەلەمپىيىنىڭ ئىككى يېنىغا مىلاد دەرىخى قويۇلغان. يەنە بىر مۇسۇلمانچە كاتتا رېستوراننىڭ پەلەمپىيىدە ئۆزۈمنى ئورۇن تاپالمايۋاتقان خېرىداردەك كۆرسىتىپ، سۇخانىدىن چىقىۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن ئەتەي سورىدىم: ـ نىمانداق ئادەم جىق بۈگۈن! ـ بۈگۈن دېگەن پىڭ ئەن يى تۇرسا، ـ قىز «نېمانداق مەتۇ ئادەم بۇ!» دەپ ئويلىدى بولغاي، باش ـ ئايغىمغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىگە كىرىپ كەتتى. 4.ئىت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال 2009 ـ يىل ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىنىم بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ «يەنئەن» يولىدا كېتىۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمىزدىن زاڭزۇ ئىتى يېتىلەپ، بىر قولىدا كىچىك پىستە كۆتۈرۈۋالغان بىر ئۇيغۇر ئايال چىقىپ كەلدى. ئايال 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، يۈزۈر كىيىنگەنىدى. يېتىلىۋالغان ئىت بەك يوغان بولغاچقا، دەسلىپىدە كۆزۈمگە بۆرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. يېقى كەلگەندە سەپسېلىپ قارىساق، ئۇ ئايالنىڭ يېتىلىۋالغىنى بەدەنلىرى تانىدا قاتمۇ قات باغلانغان زاڭزۇ ئىتى ئىكەن. ئايال يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قولىدىكى پىستىسىنى سۆيۈشكىمۇ ئۈلگۈردى. ـ سۆرەتكە تارتىۋالغۇدەك كۆرۈنۈش ئىكەندۇق، ـ دېدىممەن. ـ ئەمىسە مەن بېرىپ دەپ باقاي، ـ دېدى ئىنىم ۋە ئارقىسىدىن يېتىشىپ بېرىپ سىپايە ئاھاڭدا ئۇ ئايالدىن سۆرەت تارتىشقا بولدىغان ـ بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. ـ دۈي بۇچى، ۋو مېيۇ شىجىيەن(كەچۈرۈڭ ، ۋاقتىم يوق)، ـ دېدى ئۇيغۇر ئايال خەنزۇچە، ۋە شۇنداق دېگىنىچە يىراقلاپ كەتتى. يۇقىرقى ئىككى كۆرۈنۈشتىن بىز مۇنداق بىر داڭقان پۇتى سوئال بوقۇپ باقايلى : بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇسۇلمان ھەم خىراستىيان بولالامدۇ؟ ئاندىن بىز يەنە ئىلگىرىلەپ: « ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن بىر چەت ئەللىك مۇسۇلمان بولۇۋېلىشى، قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سوئال قويساق، يۇقىرىقى ئىككى كۆرۈنۈشنىڭ قانداق رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى سەل ئاشكارا بولىدۇ. ئىت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال مىسالىغا كەلسەك، «ئىتنى ئاساسەن ئوۋچىلىقتا، پادىچىلىقتا ئىشلەتكەن، ئىت بېقىلسا بەرىكەت قاچىدۇ، ئۆيىگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، دەپ قارايدىغان» [7] ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بۇنداق تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىككە سەۋەب بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىلنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. يەنى، كىشىلەر دۇنيادىكى تۈزۈك ئورنى يوق ئۇششاق ـ ئاجىز مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىنى، مەدەنىيەتتىكى سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمما، كۈچلۈك، زامانىۋى مىللەتلەرنى دورايدۇ، شۇلاردەك بولۇشقا تىرىشىدۇ. بىر تەرەپتىن، بۇ ـ شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىكى تايانچسىزلىق، مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى غايىۋى ئوبرازغا ئىنتىلىتىش ئارقىلىق بېسىشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يەنە بىر تەرەپتىن، «لايىقىدا زامانىۋىلىشايلى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس مارك لىچىنىڭ گېپى بويىچە چۈشەندۈرگەندە، « تەرەققىي تاپمىغان جايلاردىكى كىشىلەر زامانىۋىلىقنى غەربچە بولۇش دەپ چۈشىنىدۇ ۋە غايىسىدىكى ئوبزار بىلەن مۇمكىنسىز رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدا تىپىرلايدۇ.» پ[8] بىر ئىجتىمائىي توپ ئەنە شۇ غايىسىدىكى ئوبزار ئۈچۈن كۈچىگەندە، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت كىملىكى بىلەن قوبۇل قىلىش ئالدىدا تۇرغان مەدەنىيەت كىملىكى ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلىدۇ. مىسالەن، ماڭا رېستوران پەلەمپىيىدە ئۇچراپ «بۈگۈن پىڭ ئەن يى تۇرسا » دېگەن ئۇيغۇر قىزى ئائىلىدە، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قېشىدا تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىشى؛ خىزمەت ئورۇنلىرىدا مۇسۇلمان بولمىغان بىرەر خىزمەتدىشىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى تۈگەپ كەتسە جەسسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا چىقىشى؛ شۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ۋە ھەتتا شۇ كۈنى كەچتە ئۇ يەنە چېركاۋغا بېرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال بولسا بەلكىم پىستىسىنى سۆيگەن لەۋلىرى بىلەن ئۆيىدە قىزى، ئوغلىنى سۆيۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ تامامەن تەسەۋۋۇرغا سىغىدىغان ئەھۋال. زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بولۇش دېگەنلىك، يۇقىرىقىدەك ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ، رېئاللىققا تاقابىل تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ماكرولۇق كونتروللۇق، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بۇ جەريانىنى تېزلىتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان ھالدا چىن، مۇقىم كىملىككە ئىگە بولۇپ قىيىنلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رېئاللىقتا زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بىر توپ مۈجمەل ئادەم پەيدا بولىدۇ. بۇ، زىددىيەتلىك قىممەت قارىشى كۈرىشى داۋامىدا ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيا كىشىلىرى ئۈچۈن ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسدۇر. 1998 ـ يىلى ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس سمېلسېر بۇ ھالقا مۇنداق ئىزاھ بېرىدۇ:«زىددىيەتلىك روھىي ھالەتنىڭ ماھىيىتى ـ ئوخشاش بىر ئوبېكىتقا، ئادەمگە، سىمۋولغا قارىمۇ قارشى پوزىتسىيە تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. زىددىيەتلىك كىملىكنى چۈشىنىش بىر جەمئىيەتتىكى شەخسنىڭ ھەركىتىنى، ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى ۋە قانداق بىر رېئاللىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. زىددىيەتلىك كىملىك تېز ئىجتىمائىي، سىياسىي ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا ھامان كۆرۈلىدىغان، ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان، ئاسان ھەل بولمايدىغان ھادىسىدۇر... چىن كىملىككە ئىنتىلگەن ئادەم سىياسىي جەھەتتىن، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن جىق بەدەل تۆلەيدۇ.»[9] تېز ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە ئادەمنىڭ ئۆزلۈك چۈشەنچىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇنى مەلۇم بىر خىل قىممەت قاراشلىرى زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا مۇرەسسەگە كېلىپ، ئۇنى ئوبېكتىپ دۇنياغا لايىقلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، باشقىلارنىڭ ئۆزلۈك يىغىندىسىدىن «يۇغۇرۇلغان ئادەم»[10] پەيدا بولۇپ،كىشى كۆپ خىل كىملىك ۋەزىپىسىگە بىرلا ۋاقىتتا دۇچار بولىدۇ. مىسالەن، دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان سورۇندىكى باشلىق بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇسۇلمان ھەم ئۇيغۇر ھەم دۆلەت مەمۇرى بولۇپ رول ئېلىۋاتىدۇ ۋە سىمۋوللۇق ئالاقىدە زىددىيەتلىك كىملىكىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. 5. ئەرەبچە ئىسىم، رەت قىلىنغان ۋىزا ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇللا، ئىسمى ئەرەبچە بولغان بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەرەبلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما ئۇ GRE,TOEFLقاتارلىق ئامېرىكا ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجە ئېلىپاسپىرانتلىقتا ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ۋىزىسى رەت قىلىندى. بۇ، 2003 ـ يىلى سېنتەبىر ئايلىرى بولۇپ، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئىبىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ دۆلەتكە كېلىدىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزا ئېلىش ئۆتكىلىنى قاتتىق چىڭىتىۋەتكەن چاغلار ئىدى. رادىكال ئەرەب مۇسۇلمانلار ھەركىتى تۈپەيلى تېرورىزم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان، ئىسمى ئەرەبچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ۋىنزا ئالالمىدى. ـ بۇ شىتىن سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان نۇقتا نېمە؟ ـ دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن. ـ بىر ئىشقا كۈلكۈم كېلىدۇ، ـ دېدى ئابدۇللا، ـ ئىسمىم ئەرەبچە، دىنىي ئېتىقادىم مۇسۇلمان بولغان بىلەن، مۇسۇلماندارچىلىقنى ئادا قىلىپ كېتىشىم تايىنلىق. ھەيرانمەن، ئۇ ئىشتا ماڭا ئۇۋال بولدى ، شۇنچە يىراقتىكى ئىشلارمۇ تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. رايىم بىر قايتىتىكەن، چەت ئەلگە چىقىش ئويىمدىن ۋاز كېچىپ تىجارەت قىلىۋاتىمەن. 6. مېنىڭ كەچۈرمىشىم 2008 ـ يىل 19 ـ ئاۋغۇست، ئامېرىكا ھاۋاي ھونولۇلۇ ئايروپورتى، ئايروپرتتا چېگرىدىن، تاموژنىسىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋېتىپ، كۈتمىگەن بىر ئەھۋالغا يولۇقتۇم. ـ قولىڭىزدا جوڭگۇنىڭ پاسپورتى بار ئىكەن، لېكىن سىز جوڭگولۇققا ئوخشىمايدىكەنسىز، ـ دېدى چېگرىسىدىن كىرش ئېغىزىدىكى مەسئۇل خادىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىم، ئۇيغۇرلارنىڭ جوڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتورنوم رايونىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان مىللەت ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم. ئۇ ئايال تولىمۇ سىلىق، ئەمما قەتئىي تەلەپپۇزدا بىرمۇنچە سوئال سورىدى. پاسپورتۇمنى، ۋىنزامنى بىر ـ بىرلەپ تەكشۈردى. رەسمىيىتىم تولۇق بولغاچقا، ئەنسىرىمەي تۇردۇم، لېكىن ئىچىمدە «مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن بەكرەك تەشكرۈۋاتامدىكىن» دەپ ئويلىدىم. ـ ئىسمىڭىز جوڭگۇلۇقنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن، ـ دېدى ئۇ ئايال يەنە. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى يەنە قىسقىچە چۈشەندۈردۈم. كەينىمدە رەسمىيەت بېجىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان ساياھەتچىلەر ئۇزاق ۋاقىت ئېلىپ كەتكىنىمدىن تاقەتسىزلەنگەندەك قىلاتتى. چۈنكى قالغان تەكشۈرۈش كۆزنەكلىرىدە كىرىۋاتقانلار بىر ـ ئىككى مىنۇتتا ئىشىنى تۈگىتىپ، يولىغا راۋان بولۇۋاتاتتى. «كەچۈرۈڭلار!» دېدىم كەينىمدىكىلەرگە. خىزمەتچى ئايال ئاخىرى: «ۋاقتىڭىزنى ئېپقويدۇق، كەچۈرۈڭ، ماڭسىڭىز بولىدۇ»دېدى. «ئۇھ» دپ يۈك ـ تاقلىرىمنى ئالىدىغان يەرگە قاراپ ماڭدىم. ئەمما، نەرسە ـ كېرەكلىرىمنى ئېلىپ بولۇپ چىقىۋاتسام، يىراقتىن كىرىۋاتقانلارنى كۆزىتىپ تۇرغان، قارامتۇل فورما كىيىۋالغان بىر سېمىز ئەر قولۇمدىكى جوڭگو پاسپورتىنى كۆرۈپ تاموژنا خادىملىرىغا قاراپ توۋلىدى: ـ جۇڭگونىڭ پارسپورتى، تەكشۈرۈڭلار! بۇ قېتىم ئەمدى جۇڭگولۇق بولغانلىقىم ئۈچۈن بەكرەك تەكشۈرۈلدۈم. ھاۋايغا كېلىدىغانلار ئىچىدە ياپونىيىلىك، كورىيىلىك ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرەرىنىڭ يۈك ـ تۈقلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگىنىنى كۆرمىدىم. تاموژنا خادىمى سومكامنى، چامادىنىمنى تەكشۈردى. سومكامدا ئۇيغۇرچە گېزىت بىلەن ئورالغان نەرسىگە كۆزى چۈشكەندەك تاموژنا خادىمى ھەيران قالدى: ـ بۇ ئەرەبچە خەتمۇ؟ سىز جۇڭگولۇق ئەرەبمۇ؟ ـ ياق ، ئۇ ئەرەبچە خەت ئەمەس، ئۇيغۇر يېزىقى. ئۇيغۇرلار جۇڭگونىڭ غەربىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار. ـ جۇڭگودا مۇسۇلمان بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم، ـ تاموژنا خادىمى ناھايىتى ئاۋايلاپ تۇرۇپ سىنبار ئورالغان گېزىتنى ئېچىپ تەكشۈردى. ھەممىنى بىر ـ بىرلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ماڭسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يۈك ـ تاقلىرىمنى قايتىدىن قول ھارۋىسىغا سالدىم ـ دە، چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدىم. ئۆزۈم ئايروپورتتىن چىقماي، شەھەرگە تېخى كىرمەي قاراپ ماڭدىم ئۆزۈم ئايروپورتتىن چىماي، شەھەرگە تېخى كىرمەي تۇرۇپ چارچاپ كەتتىم. 5 ـ كۆرۈنۈشتە مىسالغا ئېلىنغان ئابدۇللانىڭ تېرورىزم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما ئىسمى ئەرەبچە بولغىنى، دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان بولغىنى ئۈچۈن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. ئۇ ـ دىنىي كىملىكى تېرورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ كاساپىتىدىن بۇلغانغان، ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا ئايلانغان تالاي كىشىنىڭ بىر مىسالى. قىزىق يېرى شۇكى، شۇنچە يىراق ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار ۋە خەلقئارالىق سىياسىي كۈچلەرنىڭ تەسىرى ئۇ ئىشلار توغرىسىدا تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيدىغان ئابدۇللانىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ھال ئىنساننىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامەلۇم سىياسىي كۈچلەرنىڭ يوشۇرۇن تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە بۇ تەسىرلەرنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىدا كېيىنچە ئۆزىنى ئاشكارىلاش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مېنىڭ ئەھۋالىم ئابدۇللانىڭكىدىن سەل پەرقلىنىدۇ. ئەينى ئابدۇللا دىنىي كىملىكى ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا يلىنىش سەۋەبلىك ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسا، مەن جۇڭگولۇق بولغىنىم ئۈچۈن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم. تاموژنىدا مېنىىڭدە ياغلىق قاپاق ئوېبكتىغا ئايلانغان ھەر ئىككىلا كىملىكنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بولۇشى، يەنى، ھەم مۇسۇلمان ھەم جۇڭگولۇق بولۇشۇم سومكا ـ چامادانلىرىمنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن ئۇزۇنراق تەكشۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئابدۇللانىڭ ۋە مەندەك بىر ئادەمنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسىنى ھېس قىلىش، گاڭگىرىشى تۇرغان گەپ. يۇقىرىقى ئەھۋالنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلساق ۋە ئۇنى مىللىي كىملىك تەتقىقاتچىلىرىدىن ئامېرىكىلىق ستېفېن كورنېل ۋە دوگلاس خارتماننىڭ نەزەرىيىسى بويىچە چۈشەندۈرسەك، «بىر ئادەمنىڭ مىللىي كىملىكى ئۇنى ھاياتىدىكى پۇرسەتلىرىدىن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىن، كۈندىلىك ھايات سەرگۈزەشتىسىدن دېرەك بېرىدۇ ۋە ئۆزلۈك چۈشەنچىسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ،»[11] يۇقىرىقى مىساللاردا ئابدۇللانىڭ ۋە مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىمدە دەل مۇشۇ خىل پاكىت ئەكس ئەتكەن ھەم ياغلىق قاپاق ئوېبكتى بوپقېلىش بىزدە «مەن زادى كىم؟» دېگەن سوئالنى توغدۇرغان. مەن ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشى ھەققىدە زىددىيەتلىك بىر ئەھۋالنى سېزىپ مۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن: بۈگۈنكى دۇنيادا تەرەققىي تاپقانلار ـ كۈچلۈكلەر ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ئانچە ئويلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئەمما، تەرەققىي تاپمىغان ئاجىز ئىجتىمائىي توپ ئۇنى ئۇنتۇپ كەتسە بولمايدۇ. ئايروپورتلاردا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدا، مېھمانخانىلاردا قانداق مىللىي كىملىككە ئىگە ئىكەنلىكى ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا ئايلانغان ئىجتىمائىي توپنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇلىدۇ. مانا مەن ئۆزۈمنىڭ ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا يالانغان دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمنى پات ـ پات، دۆلەت ئىچىدە ۋە سىرتىدا، گاھىدا تېرىكىپ، گاھىدا ئاچچىق يۇتۇپ دېگۈدەك ھېس قىلىپ تۇرىمەن. كىملىكىمنى ئېسىمگە سېلىپ تۇرىدىغان ئىشلار چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ھالنى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە غەرب رېئاللىقى نۇقتىسىدىن كۆزەتكەن ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ئېرۋىڭ گوفمان «ئەيىبناق: بۇلغانغان كىملىك ھەققىدە خاتىرىلەر» ناملىق كىتابىدا مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «كىملىكى بۇلغانغان كىشىلەر ئۆز ئوبرازى ھەقىدە باشقىلار ئۆزىگە قايتۇرغان ئىنكاس ئاساسىدا تونۇشقا ئىگە بولىدۇ.» [12] مىللەت جەمئىيەتشۇناسلىقى تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس مارتىن مارگېر بۇنىڭغا ياندىشىپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «ھەرقانداق كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي كىرىمى ئىقتىسادىي ، سىياسىي ئورنىنىڭ بەلگىلىنىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر قانداق مىللەت بولسا، خىزمەت ، بايلىق مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە شۇنىڭغا تۇشلۇق نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ.» [13] مىللىي كىملىكى بۇلغانغان، ئاجىز، تەرەققىي تاپمىغان كىشىلەرنىڭ ھىسسىياتىنى باشقىلار چۈشىنىشنى خالىمايدۇ. توغرىراقى، ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى كىشىلەر ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا ئايلانغان كىشىلەردىن ئىستىخىيلىك ھالدا ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بۇ ھالنى ئامېرىكىلىق مىللەت جەمئىيەتشۇناسى نيۇمەن بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئادەت كۈچى نۇقتىسىدىن مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «بىر خىل ئىجتىمائىي توپتىكى كىشىلەرگە بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىدا مۇشۇ توپتىكىلەرنىڭ ياتلار ھەققىدە ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىپ بولغان سەلبىي ھېسسىياتلىرى، ئادالەتسىز مۇئامىلىسى ئەكس ئېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئوخشىمىغان تەۋەلىكتىكى، ئوخشىمىغان كاتېگورىيىدىكى كىشىلەرنى كەمسىتىش خاھىشى باش كۆتۈرىدۇ ۋە چەكلەنگەن توپنىڭ جەمئىيەتتىن ئېرىشىغانلىرىدا ھامان تەڭسىزلىك كۆرۈلىدۇ.» [14] 7. ئۇيغۇرمۇ ـ مۇسۇلمانمۇ؟ 2008 ـ يىلى «شەبنەم» قاتارلىق ئىنتېر تورى بېكەتلىرىدە «بىر ئۇيغۇرمۇ ـ مۇسۇلمانمۇ؟» دېگەن تېمىدا تالاش ـ تارتىش ئەۋجىگە چىقتى، بۇ مۇنازىرىلەردە زىددىيەتلىك كىملىكنى ھېس قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىك ھەققىدىكى ئىزتمراپلىرى ئاشكارىلانغانىدى. ئارىلىقتا بىر نەچچە خىل كۆز قاراش ئوتتۇرىغا چىقتى. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر: «دۇنيادىكى ھەممە مۇسۇلمان بىر، بىز ئۇ مىللەت، بۇ مىللەت دەپ ئايرىلىپ ئولتۇرماسلىقىمىز، مىللەت ئۇقۇمىنى تەكىتلىمەسلىكىمىز كېرەك» دەپ قاراشنى ياقلىدى ۋە پەلەستىندە، ئىراقتا، ئافغانىستاندا ئۇرۇش ئىس ـ تۈتەكلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئاشۇ ئازاب چېكىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ھاقىردى. «بىز ئاۋۋال ئۇيغۇر، ئاندىن مۇسۇلمان» دېگۈچىلەر مىللىي كىملىكنىڭ دىنىي كىملىكتىن ئاۋۋال تۇرمۇشىنى تەكىتلەپ: «توغرا ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقى راست، ئەمما ئۇلار جاھاندا ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىپ قالغىنىمىز ئۈچۈن ئەرەب رادىكال كۈچلەرنىڭ ئەسەبىي دىنىي ھەركەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق ، بىزنىڭ ئۇنچە يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا كڭۈل بۆلۈشمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمەلىيەتچانلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، مىللىي كىملىك دىنىي كىملىكتىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۈچىنچى خىل قاراشتىكىلەر بولسا بۇ مۇنازىرىدىن بىمەنلىك ھېس قىلىپ : «ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلمانلىق كىملىكىنىڭ تاقىشىدىغان نەرى بار؟ بۇ تېمىدا مۇنازىرىگە ئەرزىگۈدەك نېمە بار؟ بىز ھەم ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان. بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر ـ بىرى بىلەن سىغىشىدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىنتېر تورلىدا «بىز ئۇيغۇرمۇ ـ مۇسۇلمانمۇ؟» تېمىسىدا بولۇنغان مۇنازىرە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىدىن دالالەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشمىغان ئىدېئولوگىيە، پەرقلىق قىممەت قارشى ئاساسىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ئۇيغۇر رېئاللىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنى شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى، غەرب ئىدېئوگىيىسى ... قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىدىيە سىستېمىلىرى ۋە ئوىشىمىغان قىممەت قاراشلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ھەم مەۋجۇد بولغان رېئاللىقتا ياشايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۈجمۈل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي. مېنىڭ كۆزىتىشمچە، بۇ خىل مۇرەككەپ ھالەت شەھەر ئۇيغۇرلىرىدا پۈتۈنلەي قارىمۇ قارشى بىر نەچچە ئىجتىمائىي توپنى پەيدا قىلدى. بىرىچنى، پۈتۈنلەي غەرب مەدەنىيىتى ھەم غەربچە تۇرمۇش شەكلىگە مەستانە بولغانلار؛ ئىككىنچى، «مىللەت ، زامانىۋىلىشىش» ئۇقۇملىرىنىڭ ھەممىسىگە قارشى تۇرۇپ، ھاياتلىقىدا ئوشۇقچە ئىشقا باش قاتۇرمال « ھەممىز بىر ئىنسان » دېگەن ئىدىيىسىدە مۇسۇلمان بولۇپ، ھازىرقى ھالىتىگە شۈكۈر قىلىپ ياشاشنى خالايدىغانلار؛ ئۈچۈنچى، مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۈچەيگەن، يۇقىرىقى ئىككى يولدىن پەرقلىق يول تۇتقانلار؛ تۆتىنچى، شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىش تۇتۇۋاتقانلار. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىقى مۇنازىرە ئوخشىمىغان ئىدىيە سىستېمىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقىدا توقۇنۇشۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ خخل زىددىيەتلىك ھالەت داۋاملىشىۋەرسە تەبىئىي ھالدا زىددىيەتلىك كىملىكنى باشتىن كەچۈرىدۇ. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ كىشىلەردە كىملىك ۋەسۋەسىسى كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا كىملىك ۋەسۋەسىسى دېگەن نېمە؟ كىملىك ۋەسۋەسىسى دېگىنىىز، «كىشىلەردىكى نىشان، يۆنىلىش تۇيغۇسىنىڭ يوقاپ، زىددىيەتلىك ئىستەكنىڭ باش كۆتۈرۈپ، يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئۆلۈشى؛ ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر.»[15] كوللېكتىپ كىملىك تۇيغۇسى بىرلىككە ئىگە، بىرخىل ئىدېئولوگىيىدە ياشايدىغان مىللەتلەردە ھەرگىزمۇ كىملىك ۋەسۋەسىسى باش كۆتۈرمەيدۇ. مىسالەن، ئىنگلىزلار ھەرگىزمۇ «بىز ئىنگلىزمۇ ، خىرىستىيانمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ يۈرمەيدۇ. سەۋەبى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئۆتەۋاتقان رولنى جەمئىيەتنىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى بىلسە، بىر خىل ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ئۆتىدۇ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ ۋە مەغلۇبىيەت داۋامىدىكى پاسسىپ ئىنكاسلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ناۋادا ئۆتىگەن رولى جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى بۇركېنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «كىشى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.