ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-21

    مۈجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىكنىڭ داۋامى - [زۇلپىقار بارات ئۆز باش ماقالىل]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/91543893.html

    [15] كوللېكتىپ كىملىك تۇيغۇسى بىرلىككە ئىگە، بىرخىل ئىدېئولوگىيىدە ياشايدىغان مىللەتلەردە ھەرگىزمۇ كىملىك ۋەسۋەسىسى باش كۆتۈرمەيدۇ. مىسالەن، ئىنگلىزلار ھەرگىزمۇ «بىز ئىنگلىزمۇ ، خىرىستىيانمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ يۈرمەيدۇ. سەۋەبى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئۆتەۋاتقان رولنى جەمئىيەتنىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى بىلسە، بىر خىل ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ئۆتىدۇ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ ۋە مەغلۇبىيەت داۋامىدىكى پاسسىپ ئىنكاسلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ناۋادا ئۆتىگەن رولى جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى بۇركېنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «كىشىلەر ئۆز كىملىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرەلمىسە، ئېتىراپ قىلدۇرالمىسا، ئاجىزلىق ۋەسۋەسىسىدە قىينىلىدۇ، تېڭىرقايدۇ.» [16] بىر بىرىنى چەتكە قامايدىغان مۇسۇلمان ئۇقۇمى بىلەن ئۇيغۇرلۇق ئۇقۇمىنى تالاش ـ تارتىش قىلىش دەل يۇقىرىقى ئەھۋالنىڭ باش كۆتۈرۈشى، خالاس. 8. پاھىشە قىزنىڭ مۇسۇلمانلىق، «ئېسىل ئەر»لىك ئۆلچىمى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر مېھمانسارايدا كەچلىك مۇلازىمەت قىلىدىغان بۇ قىزدىن ئەھۋال ئىگىلىشىم ناھايىتى تەسكە چۈشتى، بۇ مېنىڭ 2008 ـ يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «سەبىي قىزدىن پاھىشىلىككىچە» ناملىق تەتقىقات ماقالەمگە ئىجتىمائىي پاكىت ئىزدەپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى. ئىككىنچى قول ماتېرىيالنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى كېچىلىك كۈلۈبلاردا ئىشلەيدىغان بىرەر قىز بىلەن بىۋاستە پاراڭلىشىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال يىغىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. مەن مىڭ تەستە ئالاقىلىشىپ ئۇ قىزنى كۆرۈشۈشكە ماقۇل قىلدىم ۋە مەلۇم سەۋەبنى كۆزدە تۇتۇپ بىر دوستىنى ئېلىۋېلىشنى ئېيتتىم. بىز ئۈرۈمچى شەھىرى « دېموكراتىيە» يولىغا جايلاشقان «تىنچلىق» كىنوخانىسى ئالدىدا كەچلىك بازاردا كۆرۈشتۇق. قىز بىر دوستىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، گىرىمنى بولۇشىغا قىلغانىدى. يېنىدىكى قىز ئۇنىڭدىن كىچىكتەك قىلاتتى. ئۇلار قۇم قازان شورپىسى ئىچكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. سۆھبەتلىشىش داۋامىدا زىددىيەتلىك كىملىككە ئائىت مۇنداق بىر قانچە نۇقتا دىققىتىمنى تارتتى: بىرىنچى، قىزنىڭ دەسلەپتە مەندىن قورۇنۇش، ئاتا ـ ئانىسى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، موھتاجلىق دەستىدىن بىر يولغا ئىلاجىسىز كىرىپ قالغانلىقىنى خىجىللىق ئىچىدە دېيىشى ۋە كېيىن بىردىنلا تەبىئىي ھالىتىگە قايتىپ ئېچىلىپ ئولتۇرۇشى، يەنە تاماكا چەككۈسى كەلگەنلىكىنى ئېيتىشى؛ ئىككىنچى ، گەپ ئارىلىقىدا بۇ قىزنىڭ «ئاللا» دېگەن گەپنى ئېغزىدىن چۈشۈرمەسلىكى ۋە گېپىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن «خۇدا ھەققى! ئاللا تۇرۇپتۇ، ئاللا ئېگەم» دېگەن گەپنى تەكرارلاشلىرى؛ ئۈچىنچى، دوستىنىڭ ئۇ قىزنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ كەسپداشلىرى ئارىسدا ئىناۋىتى بارلىقىنى ئېيتىپ:«بۇ دوستۇم بەك ئېسىل، بەك گاڭگۇڭ ، كەچتە ئىشلەيدىغان دوستلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا يۈزى چوڭ» دېيىشى ۋە شۇ گەپلەرنى ئالاھىدە ماختانغاندەك تەلەپپۇزدا ئېيتىشى؛ تۆتىنچى، ئۇ قىزنىڭ ئۆزىنى بەش يىل ئىلگىرى ئالداپ تاشلىۋەتكەن يىگىتىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى، ئۇ يىگىتنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئادەم سودىسىغا ئارىلىشىپ قېلىپ كېسىلىپ كەتكەنىنى دەپ كېلىپ: «ئۇ يىگىتىم بەك ئېسىل، دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەر، ماڭا ئەمدى ئۇنداق ئەر ئۇچرارمۇ» دېيىشى، سۆھبەت كەچلىك بازاردا ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى. مەن رەھمەت ئېيتىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا نۇمۇس مەدەنىيىتى ياراتقان مىللەت. ئۇلار يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە پەردىشەپكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا، جەمئىيەتتە مەيلى قانچىلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇشى، قانداق قىممەت قاراشلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، ئىدىيىسى ئوچۇق كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئاۋۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر پاھىشەلىكنى، توغرىراقى ئىپپەت سودىسىنىى قوبۇل قىلالمايدۇ؛ پەس كۆرىدۇ، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئەدەپ ـ ئەخلاقى ۋە ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى ئاساسىدىكى قىممەت قارىشى بەلگىلىگەن. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئوقۇرمەن مېنىڭ ئۇ ئىككى قىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشۇمنى دەماللىققا چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ھېسسىي تەسىراتنى، شەخسىي قاراشنى ئەمەس، ئەمەلىي پاكىتنى تەلەپ قىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلارچە كۆز بىلەن قارىساق ۋە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىماي يۇقىرىقى كۆرۈنۈشتە ئىككى پاھىشە قىزنىڭ قانداق ئىپادىدە بولغانلىقى، نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە دىققەت قىلساق، كۆڭۈل ئېكرانىمىزدا زىددىيەتلىك كىملىككە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلار ئايان بولىدۇ. مۇسۇلمانلىق كىملىكىنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، قىزلارنىڭ ئىپپەت سودىسىغا تاۋار بولۇشى ئەمەس، ئوچۇق كىيىم كىيىپ يۈرۈشىمۇ ئىسلام ئەھكاملىرىغا خىلاپ. ئەمما، بۇ ھېكايىمىزدىكى باش قەھرىمان ھەر ماڭدامدا «ئاللا» دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ دوستىنىڭ «ئېسىللىك ، گاڭگۇڭلۇق» ھەققىدە ئۆزىەە خاس ئۆلچىمى بار. بۇ ھال كىشىدە مۈجمەللىك تۇيغۇسى پەيدا قىلسا، قىزنىڭ «ئېسىل ئەر» لىك ئۆلچىمى ۋە تېنىنى سېتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى ئالداپ قويغان، ئادەم سودىسىغا ئارىلاشقان يىگىتىنى ئۇنتۇيالماسلىقى، ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەر» دېيىشى، توغرىراقى، پاھىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېسىللىق ئۆلچىمى بولۇشى، ئۇنىڭ دىنىي كىملىكىنى ئۇنتۇماي، «ئاللا» دېگەن گەپنى تەكرارلىشى، ئۇيغۇر شەھەر جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يەنە بىر كومېدىيىلىك ئىپادىسىنى كۆز ئالدىمىزدا ئىپادە قىلىدۇ. 5590 ـ نومۇرلۇق ھەدىستە: «كېيىن ئۈممەتلىرىمدىن زىنانى، ھاراق ت شارابنى ھالال دەيدىغانلار چىقىدۇ»[17] دەپ يېزىلغان. بىرىنچى كۆرۈنۈشتىكى ھاراق ئىچىپ بولۇپ دۇئا قىلغان مېھمانلار، بۇ مىسالدىكى تېنىنى سېتىپ تۇرۇپ «ئاللا» نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان قىز بۇ باياننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشىدىن دېرەك بېرىدۇ ۋە مۇنداق پاكىتنى سەمىمىزگە سالىدۇ: تېز ئىجتىمائىي ئۆزگىرشلەر داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئەسلىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىدۇ ھەم ئۇنڭدىكى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە نۇقتىلارنى ئۆز مەنپەئىتىگە يارىشا تاللاپ ئۆزگىرىشكە ماسلاشتۇرىدۇ ۋە زىددىيەتلىك ئىستىراتېگىيىچىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھال بىر جەمئىيەتتە ئۆزىدىن ياتلاشقان بىر ئىجتىمائىي توپنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە «تاپتىن چىقىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بىر جەمئىيەتتە مەنسۇبىيەت تۇيغۇسىدا ئورتاق ئەمەل قىلىنىدىغان قىممەت قاراشلىرىنى ئۆز مەنپەئەتىگە يارىشا سۇيىئىستېمال قىلىدىغان بۇنداق كىشىلەر دەل ئىجتىمائىي كونترول كۈچىيىپ، ئىدېئولوگىيىلىك سىڭىپ كىرىش تېزلەشكەندە ئاۋۇيدۇ. ھىركىن مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا بۇنداق كىشىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىدۇ. بۇ جەرياندا رېئاللىقنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي كونترول ئالدىدىكى ئىلاجىسىزلىقى تاپتىن چىققان، ئۆزىدىن ياتلاشقان كىشىلەردە ئۆزىگە يارىشا ئۆزلۈك چۈشەنچىسىنى پەيدا قىلىدۇ. زىددىيەتلى كىملىك ۋە تۇراقسىز. ئۆزگىرىشچان خاراكتېر ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا ئىنسان قەلبىدە يىلتىز تاتىدۇ. بۇنى جەمئىيەتشۇناسلار ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشەندۇرىدۇ. تاپتىن چىقىش قىلمىشىنى جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، فرانسىيىلىك جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركىم: «ئادەمدە مۇقىم قىققەت قارىشى ۋە مىزانلارنىڭ يوقلۇقىدىن كېلىپ چىققان ھادىسە» [18] دەپ ئاتىسا، ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس روبېرت مېتون:« ئورتاق قىممەت قارىشى بىلەن ئۆز ئالدىغا سۇيىئىستېمال قىلىنغان ئەخلاق مىزانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن كېلىپ چىقىدىغان بىردەكسىزلىك» [19] دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ئوبېكتىپ، سوغۇققان كۆزدە مەسىلىگە قاراشقا چاقىرغاچقا، بىز نوقۇل بىر مەيداندا تۇرۇپ زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە پاھىشە قىزغا تون پىچىپ يۈرمەيمىز. مەلۇم بىر ئادەمنى، مەلۇم بىر توپنى قارا ـ قويۇق ئەيىبلەش جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. ئىجتىمائىي بىنورماللىق، تاپتىن چىقىش قىلمىشى جەمئىيەتلەشكەندە، ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى قوغدايدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ئادەملەر ئاز قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تاپتىن چىقمىغان ئادەمنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسى تاپتىن چىققان ئادەمنى دوراپ شەكىللىنىدۇ. سەۋەبى، تاپتىن چىققان ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي مىزانغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى جەمئىيەت جازالىمىغاچقا باشقا كىشىلەر ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى سۇيئىستېمال قىلىش ئارقىلىق شۇ خىل قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋېرىدۇ ۋە بۇرۇنقى ئۆزىدىن ياتلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھەممە قىممەت قارىشى سىڭىپ كېتىدىغان، ھەيرانلىق ھېس قىلىنمايدىغان، زىددىيەتلىك كىملىككە پارنىك بولىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت پەيدا بولىدۇ، چىن كىملىككە ئىنتىلىدىغان ئادەملەر يېتىم قالىدۇ. ماھىيەتتە بۇ ئىدىئولوگىيىلىك سىڭىپ كىرىشنىڭ تېزلەشكەنلىكىنىڭ، بېسىمنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. 9. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەلتىرى ـ مەن يۈرىكىمدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارغا، دەۋەتلەرگە قۇلاق سېلىپ چىق ياشىماقچى ئىدى. لېكىن بۇنداق قىلىش نېمانچە تەس؟ ـ ھېرمان ھېسسىينىڭ«دېمىئان» ناملىق ئەسىرىدىن كىملىك ھەرگىزمۇ توختام سۇدەك تۇرغۇن بىر مۇھىتتا سەۋەبسىز پەيدا بوپقالىدىغان ھادىسە ئەمەس. ئۇ، ئىنسان شاھىت بولۇۋاتقان ئىجتىمئاىي، تارىخىي شارائىتلارنىڭ نەتىجىسى. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. گەرچە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە كىملىك ھەققىدە ئومۇمىيىلىق نۇقتىسىدىن قىلىنغان تەتقىقات خېلى زور سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، زىددىيەتلىك كىملىك ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقات ئۇنچە كۈچلۈك، يېتەرلىك ئەمەس. بەزى جەمئىيەتشۇناسلار بۇ تېمىنى ئىجتىمائىيەت پىسخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن يورۇتۇشقا تىرىشسا، بەزى جەمئىيەتشۇناسلار سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى ياكى كېلىشتۈرمە ئالاقە نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن شەرھلەشكە تىرىشىدۇ. توغرىراقىنى ئېيقاندا، زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزىنى ملەۇم بىر خىل مەۋقەدە، بىر خىللا نەزەرىيىۋى رامكىدا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ماقالىمىزدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزلىرىنى ئۈچ نۇقتىدىن كۆزىتىمىز. بىز ئاساسلىنىدىغان نەزەرىيىۋى رامكىلار تۆۋەندىكىچە: «1» زىددىيەلتىك كىملىكنىڭ ماكرولۇق يىلتىزى بىز يازمىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە بىر كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلغاندا، ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى سمېلسېرنىڭ بايانىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئوخشاش سىمۋول، ئوخشاش ئوبيېكتقا تۇتۇلغان پەرقلىق مۇئامىلىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، ئادەمنىڭ قەلبىدە قانائەتسىزلىك، نامەلۇم ئەندىشە پەيدا قىدىغانلىقىنى، تېز ئۆزگىرىۋاتقان ھەرقانداق جەمئىيەتتە ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، زىددىيەتلىك كىملىك يالغۇز شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىلا يۈز بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارلا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھادىسە ئەمەس. سمېلسېر زىددىيەلتىك كىملىككە يېشىل چىراق يېقىپ بېرىدىغان مەنبەنى ئاۋۋال ماكرو سىستېمىلاردىن ئىزدەيدۇ: «ھەرخىل تۈزۈم چەكلىمىسى، شەخسىي ۋەسۋەسە تۈگىمەيدىغان ئورگان ـ تەشكىلاتلار زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ پارنىكى.» [20] شەھەر جەمئىيىتىدە خىزمەت ئورۇنلىرىدا بيۇروكرات سىياسىي مۇھىتلارغا ئىشلەيدىغان، ئاق ياقىلىقلار زىددىيەتلىك ئىدېئولوگىيىنىڭ تەىسرىدە ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىدىن ياتلىشىدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئۆلچەملىرىگە زىت كېلىدىغان ئىدىېئولوگىيىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ياتلىشىش ئۇلارغا ھەۋەس قىلىدىغان، تۇرمۇش شەكلىنى دورايدىغان تۆۋەن تەبىقىلىك كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس رايت مىللىس بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:«شەخس بىئولوگىيىلىك بىر گەۋدە سۈپىتىدە، ئۆزىنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان ئىجتىمائىي ئوربېتىدا باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش داۋامىدا ئۆزىگە ۋەسۋەسە، بىسەرەمجانلىق تېپىۋالىدۇ.» [21] قىممەت قارىشى ئوخشىمايدىغان كىشىلەر بىلەن بىر ئورگاندا، بىر مۇھىتتا ئىشلەش داۋامىدا شەھەر جەمئىيىتىدىكى ئاق ياقىلىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ نۇرۇغن قىممەت قارىشىنى بېسىشقا مەجبۇر بولىدۇ. رايت مىللس بۇنى ماكرو ئامىللارغا باغلاپ مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «جامائەتچىلىك ئېڭى، ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى كىىشلەرنى بىر يەرگە ئەكېلىدۇ، ئورتاق مەسلەككە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ نۇقتىلار يوقالغاندا بولسا ، بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىززەت تۇيغۇسى ئۆلىدۇ ياكى ئاجىلايدۇ. خىزمەت داۋامىدىكى ياتلىشىش ئاق ياقىلىق كىشىلەرنى ئويۇن ـ تاماشىغا، كۆڭۈل ئېچىشقا خۇمار قىلىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش ئۇلارنى تېخىمۇ غىدىقلايدىغان سورۇنلارنى ۋە ئويۇن تۈرلىرىنى روياپقا چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاق ياقىلىقلار مەنىۋى قانائەتكە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، ئورتاق قىممەت قارىشىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.» [22] مەن بۇ ئارقىلىق بىر ھۆكۈمنى ئىسپاتلىماقچى: ئاق ياقىلىق ئۇيغۇرلار شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زىددىيەتلىك كىملىكىنى ئاڭ ئاۋۋال ئومۇملاشتۇرغۇچىلاردۇر. بۇنداق ئومۇملىشىش كۆپىنچە ئاق ياقىلىق كىشىلەر ساختا زامانىۋىلىققا، ماغزاپ تەرەقققىياتقا مەستانىلارچە چوقۇنغاندا بارلىققا كېلىدۇ. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئىدېئولوگىيىنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، يېتەكچى ئىدېئولوگىيە دېگەن ئالدى بىلەن «ماشنىلاشقان ساختا ئاڭ» پەيدا قىلىدۇ. ماشىنىلاشقان ئاڭغا ئىگە ئادەم ھامان زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ قورشاۋىدا قالىدۇ. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكى ھەققىدىكى مۇھاكىمە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە، خىلمۇ خىل قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، ئۇيغۇرلانرىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن دىنىي كىملىكنىڭ قوپۇرلۇش جەريانى ھەققىدە ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى روبېرت مېرتون بۇخىل كىملىك توغرىسىدا مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: «ئادەمنىڭ مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي ئورنىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ ئالاھىدە رول ئېلىشقا كۈچىشى جەريانىدا پەيدا بولىدىغان زىددىيەتلىك ئىجتىمائىيەت پىسخولوگى كۇرتىس بولسا ئەنئەنىۋى دىن ئىدېئولوۋىيىسى زامانىۋىلىشىش بىلەن توقۇنۇشقاندا، زىددىيەتلىك كىملىك پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. [24] يەنە بىر ئىجتىمائىيەت پىسخولوگى ماررس بۇ ھادىسىنى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى تېخنىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا كېلىپ چىقىدۇ دېگەن كۆز قاراشنى ياقلايدۇ. [25] ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن ۋېيگېر بىلەن فرانكس ئىجتىمئاىي ئالاقىدە تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشىش ئويى، خىزمەت داۋامىدا كۆرۈلگەن كرىزىسلەر زىددىيەتلىك قىممەت قارىشىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە بۇنى ياتلىشىش، ۋەسۋەسە نۇقتىسىغا باغلاپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «چىن كىملىك بىلەن زىددىيەلتىك كىملىك ھەققىدىكى مۇھاكىمە ئەمەلىيەتتە ۋەسۋەسە ۋە ياتلىشىش ھەققىدىكى مۇھاكىمىدۇر.» [26] «كوللېكتىپ كىملىكنى ئىزدەش» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى كلاپ بولسا: «بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمئاىي شارائىتقا بولغان كوللېكتىپ ئىنكاسى مۇنداق بىر نۇقتىدىن ـ كىشىلەرنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئۇلارنى مۇقىم، چىن، ئۆزگەرمەس بىر كىملىك ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇشقا يول قويمايدىغانلىقىدىن ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە كىملىك ئۆلچىمىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە، ئىجتىمائىي قاتلاملاردا ھەرخىل سىمۋوللۇق بەلگە ئارقىلىق قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»[27] دەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، مىللىي كىملىكنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى زىددىيەلتىك كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخىدىكى تارىخي، ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا مەۋجۇدلۇقنى ساقلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىستراتېگيىلىك ئىجتىمائىي ئالاقىلەر قوشۇلۇپ كىشىلەر قەلبىدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ خېمىرتۇرۇچى بولغان پىسخىكىلىق چۆمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن ستېفېن كورنېل بىلەن دوگلاس خاتمان ئۆزىنىڭ «ئۆزگىرىشچان دۇنيادا مىللىي كىملىك» ناملىق كىلاسسىك كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:«ماكرو ماىللار بىلەن تارىخىي ئېلېمېنتلار، يەنى ئەقلىيلىك بىلەن جان ساقلاش تەقززاسى، سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش، تەرەقققىياتقا بولغان تەلپۈنۈش مىللىي كىملىكنى يارىلىش، قايتا يارىلىش ئەلگەكلىرىدىن ئۆتكۈزىدۇ.» [28] شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنى خىيالىدا مۇسۇلمان دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ ساندىكى كىشى ھارقا چىدىۇ، تاماكا چېكىدۇ. يەنە قىزىق يېرى، ئىسلام ئىدې.ئولوگىيىسىنىڭ ئۆزى ئەمەس، ساقىندىسى ياكى ئۆرپ ـ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن شەكلى ئېڭىدا ساقلىنىپ قالغان بۇ كىشىلەر دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان بولغىنى ئۈچۈنلا بەزىدە ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا ئايلىنىدۇ ۋە بۇلغانغان كىملىكنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ. نەتىجىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تونۇشى شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىك ھېسسىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغان، ئامېرىكا ئىجتىمائىيەت پىسخولوگى جېنكىنس ناھايىتى توغرا ئېيتىقان:«مىللىي كاتېگورىينى بېكىتىدىغان كۈچ سىرتتىن بولىدۇ. لېكىن، بىر مىللەت ئۆزى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئىچكى قىسىمىدا بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.»[29] 10.زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئىجتىمائىيەت پىسخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشى زامانىۋىلىققا يۈرۈش قىلىش مۇساپىسى مۇقەررەر ھالدا زىددىيەتلىك روھىي ھالەت پەيدا قىلىدۇ. ئادەم ئاشۇ زىددىيەتلىك روھىي ھالەتنىڭ تەسىرىدە ھەمىشە دىشىۋارچىلىقتا قالىدۇ ۋە گاھىدا چىن كىملىكىنى ئىزدىمەكچىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر ئېنتېر تورلىرىدا: «بىز ئۇيغۇرمۇ ـ مۇسۇلمانمۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇنازىرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى دەل شۇ سەۋەبتىن. زىددىيەتلىك روھىي ھالەت ۋە ئەخلاق ۋەسۋەسىسى شەخسنى ئۆزىگە «مەن زادى كىم؟» دەپ سوئال سوراشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ھەرىكەت كىملىكتىن دېرەك بېرىدۇ. كىملىككە مۇناسىۋەتلىك ئوخشاش بىر سوئالنى سوراۋېرىش يۈزلىنىشى گاھىدا شەخسنى بىرەر تۇرمۇش كارتىنىلىرىدا چىن كىملىكنى ئىزەشكە ئۈندەپمۇ قالىدۇ. ئىجتىمائىيەت پىسىخولوگى گېگاس چىن كىملىكنى ئىزەشنى «بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىگە خاس قىممەت قاراشلىرىنىڭ قايسىسىدا چىڭ تۇرۇپ، نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى باھالاش، ئۆلچەش جەريانى» [30] دەپ تەبىرلەيدۇ. ئامېرىكا كالىفورنىيە برېكلىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەشھۇر ئايال پروفېسسورى خوچچايلد ئۆزىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىغا زور بۆسۈش ئېلىپ كەلگەن «بويسۇدۇرۇلغان يۈرەك» ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ:«بىر خىل رىتىمدا قىلىدىغان خىزمەتلەردىن زېرىكىش داۋامىدا كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى خورايدۇ. بۇنداق تۇيغۇ ئەمگىكىگە داۋاملىق قاتنىشىش جەريانى ئادەملەرنى خىزمەت ئورنىدا قىلىۋاتقان ئىشىدىن ياتلاشتۇرىدۇ.»[31] گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى خابېرماس بولسا «ھەرقانداق شەكلدىكى كىملىكىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئورگانلارنى ۋە شۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى، ئاندىن ھېكايىلەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈشىنى تەھلىل قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلەيدۇ. »[32] «رېئاللىقنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورلىرىدىن پېتېر بېگېر بىلەن توماس لۇكمان «كىملىكنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ گېپىنى، يۈرۈش ـ تۈرۈشىنى كۆزىتىش كېرەك. چۈنكى، گەپ ـ سۆز ۋە يۈرۈش تۈرۈشتىن ئۇلارنىڭ سىرتتىن قوبۇل قىلغان تەسىر بىلەن ئۆزىگە خاس بەلگىرلىرى ئارىسىدىكى مۇرەسسەلىشىش جەريانىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ»[33] دەيدۇ. بۇ ماقالىدىكى بىر نەچچە كۆرۈنۈشتە بىزنىڭ كىشىلەرنىڭ گېپىگە ۋە نېمىلەرنى قىلغانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلىشىمىزمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن. 11. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشى شەھەر ئۇيغۇرلىرى سىمۋوللۇق ئۇسۇلدا زىددىيەلتىك كىملىكىنى نامايان قىلىدۇ. كىملىك ئۆلچەملىرىگە ئۆز ئېھتىياجىغا يارىشا زىددىيەتلىك مەزمۇنلارنى قاتىدۇ. مىسالەن، بىرىنچى كۆرۈنۈشتە مېھمنالار ھاراق ئىچىدۇ، ئاندىن يەنە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. ئىككىنچى كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇر رىياسەتچى «ئاللا، ئۇلۇغ قۇربان ھېيت» دېگەن گەپلەرنى ئۇرغۇللۇق ئېيتىدۇ، ئەمما ھايال ئۆتمەي ئۇ سورۇنلاردا ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇنى بىز سىمۋوللۇق ئالاقە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلساق، «مەنە ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا يارىتىلىدۇ. ئۇچرىشىشلار داۋامىدا ئۆزگىرىپ تۇرغان مەنىلەر ئۆزلۈككە يۈكلىنىدۇ. ئىجتىمائىي ئوبيېكت ئۆزىدىكى مەنىلەر ئۆزلۈككە يۈكلىنىدۇ. ئىجتىمائىي ئوبيېكت ئۆزىدىكى مەنىنى ئوپچە ھەرىكەتلەردە قانداق ئىپادىلەنگەنىگە قاراپ تۇرۇپ ئارشكارىلايدۇ.»[34] كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقىگە قاتنىشىش داۋامىدا ھەرخىل مەنىنى مۇرەسسە كەلتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا جەمئىيەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتۇرىسىدىكى سىمۋوللۇق ئالاقىلەردىن پۈتكەن غايەت زور سەھنىگە ئوخشاپ قالىدۇ. كىملىكىمىزنى قانداق مۇقىمدىشىمىز، بەدىنىمىزگە، ھېسسىياتىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئىجتىمائىي دۇنيا، مۇھىت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز سىمۋوللۇق ئالاقىدە ئۆزىمىزنىڭ ھەركىتى ۋە ھاياتىدىن بېشارەت بېرىدىغان سەرگۈزەشتىلەرنى روياپقا چىقىرىدۇ. 12.زىددىيەتلىك كىملكىنىڭ ئاقىۋىتى: ھەرقانداق ئىجتىمائىي ھادىسە سەۋەبسىز بولمايدۇ ۋە ئاقىۋەت پەيدا قىلماي قالمايدۇ. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ماقالىمىزنىڭ يۇقىرىقى بۆلەكلىرىدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ شەھەر ئۇيغۇرلىرى تۇرمۇشىدا قانداق ئىپادە بولدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن كېلىپ چىقدىغانلىقىنى نەزەرىيىۋى مۇھاكىمىلەرگە يانداشتۇرۇش شەرھلىدۇق. ئەمدى زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەيدا قىلغان ۋە قىلدىغان ئاقىۋەتلىرىنى قىسقا تۇرمۇش كارتىنىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ ئاقىۋەتلىرىنى قىسقا تۇرمۇش كارتىنىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ ئىخچام يوسۇندا بايان قىلىپ ئۆتىمىز. بىر مىللەتنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىدا تەۋرىنىش كۆرۈلىدۇ. 13. «ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى» «يېڭى رۇس كۈيلىرى» تۈنەكخانىسىدا سورۇننى ياندىن كۆزىتىپ ئولتۇرغىنىمدا، بۇرۇن «سەرخۇش ئېنگلىزتىلى» مەكتىپىمىزدە ئىنگلېز تىلى ئۆگەنگەن بىر ئوقۇغۇچۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ئېرى ۋە ئېرىنىڭ دوستلىرى بىلەن كەپتىكەن. ئېرىمگە تونۇشتۇرۇپ قوياي دەپ ئۆزلىرى ئولتۇرغان شىرەگە باشلىدى. ئۇ يەردە ئۈچ جۈپ ئەر ـ خوتۇن ئولتۇرغانىدى. ئېرى ئالىي مەكتەپتە ماتېماتىكا دوتسېنتى ئىكەن. تۇرقىدىن 40 ياشلاردا باردەك قىلاتتى. شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال ھاجەتخانىدىن چىقىپ سۆزلەپلا كەتتى: ـ توۋا خۇدايىم، قىزلار ھاجەتخانىسى ئىس بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. كىچىك ـ كىچىك ئۇيغۇر قىزلار پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىشىپ يۈرىدۇ. توۋا قىلدىم، جاھان رەسمىي بۇزۇلۇپتۇ. ـ ئۇنىڭغا سىز نېمە دېيەلىتتىڭىز، ـ دېدى ئالىي مەكتۇپنىڭ دوتسېنتى بولغان ئەر، ـ ئۇ قىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى شۇ، كۆڭلى تارتقان بولسا چېكىدۇ شۇ. چەكسە نېمە بوپتۇ. ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. ـ بۇنداق ئىشلار جىق، سىز ـ بىز سۆزلىگەنگە ھېچ ئىش پۈتمەيدۇ، ـ دېدى ئىكككىنچى ئەر. ئارقىدىن ئۈچىنچى ئەر سۆز قاتتى: ـ بىز نېمە قىلالايتتۇق. سۆزلىگىنىمىز بىكار. بولدى، كۆڭۈلسىز گەپلەرنى قىلىشماي ھارقىمىزنى ئىچەيلى. يۇقىرىقى تۇرمۇش كارتىنىسىدىن شۇنداق بىر پاكىت ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ: جەمئىيەتتە زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە كىشىلەر ئاۋۇپ كەتكەندە ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىغا بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ؛ ئەخلاق مىزانلىرىغا سۇس، مۈجمەل مۇئامىلە قىلىدىغان بىپەرۋا، بىخۇد ئادەملەر توپى ئاۋۇيدۇ. بۇ، بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىدا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدۇ. چىن كىملىككە ئىنتىلگەن كىشىلەر ئىچ پۇشۇقى تارتىدۇ. 14. دۇتار كۆتۈرۈپ نەنسەندىن يېنىپ كىرگەن ئابدۇرېھىم ھېيت ئەل سۆيەر سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىنىڭ چىن كىملىككە ئىنتىلىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە بۇلتۇر تەسىرلىك بىر ۋەقەنى ئاڭلىدىم. ئالتە ـ يەتتە يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر ئەمەلدار دوستلىرى بىلەن نەنسەنگە چىققاندا ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىنى بىللە ئېلىۋالىدۇ. ئابدۇرېھىم ھېيت يۈز كەلەلمەي دۇتارىنى ئېلىپ چىقىدۇ. سورۇن باشلىنىدۇ. ھاراقلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىدۇ. ئۆزى دۇتار چالغان سورۇندا ھاراق قۇيۇلۇشنى قوبۇل قىلالمىغان ئابدۇرېھىم ھېيت باشلىق تونۇشىنىڭ توسۇشىغا، يالۋۇرۇشىغا ئۇنىماي، دۇتارنى كۆتۈرۈپ كېچىلەپ ئۈرۈمچىگە يېنىپ كېلىدۇ. (راست ئىشلار خاتىرىسى) يۇقىرى مىسالدىن شۇنداق بىر پاكىتنى ھېس قىلالايمىزكى، بىر جەمئىيەتتە زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە كىشىلەر ئاۋۇپ كەتكەندە، ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەر ئىچ پۇشۇقى تارتىدۇ، يېتىم قالىدۇ ئۇلارنىڭ چىن كىملىككە ئىنتىلىش ئارزۇسى كۆپىنچە ھالدا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرايدۇ. ئۆزىنى پەس كۆرۈش ھېسسىياتى، بەرباتلىق تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ. 2008 ـ يىلى ئۇيغۇر ئىنتېر تورى بېكەتلىرىدە تامچىدىن دېڭىزنى كۆرۈپلا پۈتكۈل ئۇيغۇرلانرى تۈگەشتىگە چىقىرىۋېتىدىغان يازمىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە ساترىك تۈسكە ئىگە «زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئۇيغۇرلار» ، «ئۇيغۇرلار تۈگەشتى» قاتارلىق يازمىلارر بار. بۇ خىلدىكى يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تېما يوللىغۇچى جەمئىيەتتە ئۆزى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىىغان بىر ئىشنى كۆرىدۇ ۋە بۇنى يېزىپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈگۈشىۋاتقانلىقى، زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بىر جەمئىيەتتە زىددىيەلتىك كىملىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە، ئەدەپ ـ ئەخلاق مىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشنى پەرۋايىغا ئالمايىغان كىشىلەرنى ئاۋۇتقاندا، شۇ جەمئىيەتتىكى ئانچە ـ مۇنچە ئويلىيالايدىغان، ئۆزلۈك تۇيغۇسىغا ئىگە ئادەملەرنىڭ بەرباتلىق تۇيغۇسى، ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسسىياتى كۈچىيىپ كېتىدۇ. بىرەر ناچار ھادىسىنى كۆرسە، ئۇنىڭدىن پۈتكۈل مىللەت تۈگۈشىۋاتقاندەك تەسىراتقا كېلىدۇ. كىملىك كىرىزىسى پەيدا قىلىدۇ. 2008 ـ ئاۋغۇست، بىر چۈشتىن كېيىنكى ئۈرۈمچىدە بىر رېسۇراندىكى توي مۇراسىمىغا داخىل بولۇۋېتىپ، كىملىك كىرىزىسىگە مىسال بولىدىغان بىر ئەھۋالغا يولۇقتۇم. يىگىت تەرەپ قىز كۆچۈرۈشكە كەلگەندە، سورۇندىكى ئەرلەر مەست بوپكەتكەنىدى. بەزىلەر دەلدەڭشىيىتتى، بەزىلىرى سورۇندا ئۇيان ـ بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. قىزنىڭ بېشىدىن نان ئۇرۇلىدىغان، قىز زالدىن ئۇزايدىغان چاغدا تەڭشىلىپ قالغان، يۈزلىرى قانسىراتقان ئۆپكىدەك قىزارغان 50 ياشلاردىكى رىياسەتچى: «قېنى، ھەممىمىز دۇئاغا بىر قول كۆتۈرۈۋېتەيلى، ئۇلۇغ ئاللادىن قىزىمنىڭ بەختىنى تىلەيلى!» دېيىشنى ئۇنتۇمىدى. كىملىك كىرىزىسى دېگىنىمىز، ئۆزىگە ۋە ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان توپقا تەۋە بولغان تارىخىي ئوخشاشلىق، بىردەكلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر. يەنى بۇ سورۇندا رىياسەتچىنىڭ ھاراق ئىچىۋېلىپ، دەلدەڭشىپ تۇرۇپ كىشىلەرنى دۇئاغا چاقىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ توي ـ مۇراسىم مەدەنىيىتى داۋامىدا يېتىلگەن تارىخىي ئوخشاشلىق ۋە بىردەكلىكنى بۇزۇۋەتكەن. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرىدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان بىردەكلىك تۇيغۇسى مانا مۇغۇنىڭدەك سورۇنلاردا بۇزۇلۇپ، كىىملىك كىرىزىسىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ ماقالىدە دىنىي كىملىكى بىلەن مىللىي كىملىك، مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرى ئارىسىدا تېڭىرقاۋاتقان شەھەر ئۇيغۇر كىملىكى كۆپ مەدەنىيەتلىك، كۆپ مىللەتلىك ئىجتىمائىي كونتېكىستتا دۇچ كېلىۋھتقان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى؛ شۇنداقلا شەھەرلىشىش ۋە مەۋجۇدلۇقنى ساقالش داۋامىدا كۆرۈلىدىغان زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ سەۋەبلىرى، شەھەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ئىپادىلىرى، ئاقىۋەتلىرى ئېچىپ بېرىلىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ ئۆز رېئاللىقىنى چوڭقۇرراق تونۇشىغا ياردەم بېرىش، ھەرخىل ئىدېئولوگىيىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئادەت كۈچىگە، ئادەتلەنگەن خاتا تونۇشلارنى ئېچىپ كۆرسىتىپ بېرىش بولغاچقا، ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرى كۆرسىتىلمىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ھەرگىزمۇ مەسلىلىگە تەدبىر بەلگىلەش دەپلا چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بولۇش دېگەنلىك، تېز ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيە بلگىلەپ رېئاللىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىغا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا مەزمۇنلارنى قېتىپ، سىمۋوللۇق ئالاقىدە زىددىيەتلىك روھىي ھالەتنى ئاشكارىلاش دېگەنلىكتۇر، ماكرولۇق كونتۇرول، خىللمۇ خىل ئىدېئولوگىيىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، چىركىن مەدەنىيەت مۇھىتى بۇ جەريانىنى تېزلىتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ چىن ، مۇقىم كىملىككە ئىگە بولۇشىغا يول قويمايدۇ. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش بىر ئوبېكتقا، ئادەمگە، سىمۋولغا قارىمۇ قارشى پوزىتسىيە تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. ماقالىمىزدىكى ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردە ھاراق ئىچىپ بولۇىپ دۇئا قىلىش، ئىشرەت سورۇنىدا ئاللانىڭىسمىى تىلغا ئېلىش، ئىپپىتىنى سېتىپ تۇرۇپ ئاللانىڭ ئىسمىنى سۈيئىستېمال قىلىش، چەت ئەللەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا مەستانىلەرچە چوقۇنۇش ھادىسىلىرىنىڭ ئىپادىسى ۋە سەۋەبىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلدۇق. زىددىيەتلىككىملىك يالغۇز ئۇيغۇرلارلا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھادىسە ئەمەس، ئۇ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئۆزگىرىشلەر تېز يۈز بېرىۋاتقان، ماكرولۇق كونترول كۈچىيىۋاتقان ھەرقانداق جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان ھادىسىدۇر، بۇنداق تەتقىقات تېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى مەقسەت شۇكى، زىددىيەتلىك كىملىكنى چۈشىنىش ـ بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەكرىتىنى ۋە قانداق بىر رېئاللىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە. شەھەر ئۇيغۇرلىرى كۈندىلىك ھاياتىدا پەرقلىق قىممەت قاراشلىرى، زىددىيەتلىك سىمۋول ۋە كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت كىملىكلىرىگە ماڭدامدا دۇچ كېلىدۇ. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋۋال چوڭ بىر ئىجتىمائىي ئوربىتىدا جۇڭگولۇق، ئۆز جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئۇيغۇر بولۇپ ياشايدۇ. بۇنداق گىرەلىشىش شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق رېئاللىققا ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ تاقابىل تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ ۋە مۈجمەل ئادەم، زىددىيەتلىك كىملىككە ئىجتىمائىي كەيپىيات ھازىرلايدۇ. شەھەر ئۇيغۇرلىرى سىمۋوللۇق ئالاقىلەردە يېزا ئۇيغۇرلىرىدىن پەرقلىق رېئاللىقىنى نامايان قىلىدۇ. ھاراق ئىستىمالى جەريانىدا ئۆزى بىلەن بىر جەمئىيەتتە ياشايدىغان باشقا مىللەت ۋەتەنداشلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىشىش ئۆلچىمىگە لايىق بىر رېئاللىقنى ۋە ئۆزىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىنى يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈگىمەس ئىجتىمائىي ئالاقە، مودا قوغلىشىش داۋامىدا ئىزتىراپ چېكىدۇ؛ «جەلىپكار بولۇش ، تۈزۈكرەك ياشاش ئۈچۈن» بەدەل تۆلەيدۇ. بۇ جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى خرىسقا دۇچ كېلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەردە ئۆز مىللىي كىملىكىگە بولغان ئىشەنچ ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ، روھىي بىسەرەمجانلىق، ۋەسۋەسە كۈچىيىدۇ. كۆپ يۈزلۈك ـ ئۆزگىرىشچان كىشىلەر توپى بارلىققا كېلىدۇ. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكى ئۆز نۆۋىتىدە ھەرخىل ئېدېئولوگىيە ئوتتۇرىسىدىكى ، ئىجتىمائىي تۈزۈم ياراتقان ئۆزلۈك بىلەن ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدا يېتىلگەن ئۆزلۈك ئوتتۇرىسىدىكى، ياتلىشىش بىلەن بىردەكلىشىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە سۈركىلىشنىڭ نتەتىجىسى. ئۇنىڭدىن باشقا ، ھارقانداق ئادەمنىڭ كىملىكى ئۆز ئالدىغا شەخسىي بولىدۇ. ئەمما، تارىخىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا بىرمۇ كىملىك مەۋجۇد ئەمەس. زىددىيەتلىك كىملىكمۇ دەل شۇنداق بىر ھادىسە. بۇ تەتقىقاتتا شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش پاكىتلرىىنى تەكشۈرۈش، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھاسىلاتىمىز تۆۋەندىكىچە: A يەكۈن: يېزىدا ياشىغۇچىلارغا قارىغاندا شەھەردە ياشايدىغان كىشىلەر كىملىك مەسلىسىگە بەكرەك دۇچ كېلىدۇ. شەھەر جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي، مەدەنىي ئۆزگىرىشلەر قانچە تېزلەشكەنسېرى، ئىجتىمائىي ئالاقىدە زىددىيەتلىك كىملىكنى ئىپادە قىلدىغان كىشىلەر شۇنچە ئاۋۇيدۇ. ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرى، ياشاش ئۇسۇللىرى زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىسىدە خىرسقا دۇچ كېلىدۇ. B يەكۈن: تەرەققىي تاپمىغان ـ پاسسىپ ئورۇندا تۇرىدىغان ئىجتىمائىي توپ زىددىيەتلىك كىملىك مەسلىسىگە بەكرەپ دۇچ كېلىدۇ. بۇ جەرياندا ئىجتىمائىي كونترول ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ جەمئىيەت كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەت بولسا، پاسسىپ ئىجتىمائىي توپنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكنى ھېس قىلىش، باشتىن كەچۈرۈش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. C يەكۈن: كىشىلەر قانچىكى قارىمۇ ـ قارىشى ئىدېئولوگىيە تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان جەمئىيەتنىڭ ئاز سانلىق ئەزاسى بولۇپ ياشىسا، زىددىيەتلىك كىملىكنى شۇنچە ھېس قىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىدە تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشىش ئارزۇسى زىددىيەتلىك قىممەت قارىشى بىلەن ساراسىمىنى تڭلا پەيدا قىلىپ، قاششاق ـ پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان كىشىلەرنى زىددىيەتلىك كىملىككە مۇپتىلا قىلىدۇ. ھەرقانداق تەتقىقاتنى چەكلىمىلىكى بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىزمۇ بۇ تېما ھەققىدە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ قىلىنغان دەسلەپكى بىر ئۇرۇنۇش بولۇپ، چەكلمىلىكلەردىن خالىي ئەمەس. بۇنىڭغا ئوبېكتىپ، سۇيېكتىپ ئامىللار سەۋەب بولغان. بىرىنچى، تەتقىقات مەلۇم بىر نۇقتىدا سەۋەنلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇنى ئوبيېكتىپ شەرت ـ شارائىت بەلگىلىگەن؛ ئىككىنچى، شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يغىپ پىكىر ئېلىشقا رايى سىناش جەدۋىلى تارقىتىپ كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈشكە، سان ـ سىپىرلىق پاكىت يىغىشقا يار بېرىدىغان ئىمكانىيەتمۇ، بۇنداق تەتقىقاتنى قوللايدىغان ئىقتىسادىي فوندمۇ يوق؛ ئۈچىنچى، بۇ تېمىنى بۇنداق كىچىك بىر ماقالە بىلەن تەلتۆكۈس يورۇتۇپ بېرىپ بولغىلى بولمايدۇ. زىددىيەتلىك كىملىك گىرەلەشمە پەنلەر نۇقتىسىدن چىقىپ، يەنى تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئەخلاقشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ قىرلىق نۇقتىدىن كۆزىتىشكە، چوڭ كۆلەملىك تەتقىقات قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە ئىزدىنىشكە تېگىشلىك تېما. شۇڭا بۇ تېمىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھەمكارلاشما تەتقىقاتنىڭ بولۇشى زۆرۈر. ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ئىلمىي ماقالىنىڭ قىممىتىنى، ئۆلچىمىنى چۈشىنىدىغانلار، ئىلمىي ماقالە ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلار ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، ماقالىنى قانداق قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ يېزىش زۆرۈرىيىتى تەتقىقاتنى چۈشەپ قويىدۇ. ئىلمىي ماقالىغا بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئاممىباب بولۇش ھەم ئىلمىي بولۇش ھەم چوڭقۇر بولۇش تەلىپىنى قويۇش ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە، چىنلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئوقۇرمەنلىرى قاتلمىدا ئوقۇرمەن كىرىزىسىنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يەتكەن، ئىلمىي ماقالىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدىغان، پىكىر ئىزدەيدىغان ۋە ئىلمىي ماقالە ئوقۇشقا، نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا كۆنگەن كىشىلەرنىڭ ئاۋۋۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.