ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-21

    مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇلتاشلىرىدىن بىرى - نەسەبنامە - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/91541296.html


        يەرشارىلىشىش قەدىمى بارغانسېرى ئىتتىكلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، مەدەنىيەتلەرنىڭ تېز سۆرئەت بىلەن ئۆز – ئارا يۇغۇرۇلىشى جەريانىدا قانداق قىلىپ ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆزگىچىلىكىنى سىجىل تەرەققى قىلدۇرۇش ھەر قايسى مىللەت – قوۋم كىشىلىرى جىددىي ئويلانمىسا ، ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىپ ھەرىكەت قىلمىسا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلاندى . ئەتىراپىمىزدىكى قېرىنداش قەۋملەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق ، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆز يىلتىزىنى قىدىرىپ ، ئۆز كىملىكىگە جاۋاب ئىزدەش ۋە كىملىك مۆھۈرىگە ئۆچمەس رەڭدە ھەل بىرىپ ، كىيىنكى ئەۋلاد - بوغۇنلىرىغا تەۋەررۈك سۈپىتىدە قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ، بەلكى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاللىقاچان يوقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈمىز . ئالايلۇق قېرىنداش قەۋملەردىن بولغان خەنزۇ خەلقىدە نەسەبنامەشۇناسلىق 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئېگە بولۇپ ، خەنزۇلار تاكى ھازىرغىچە نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە .

         ئۆز يىلتىزىنى ( نەسەبىي ۋە مەدەنىي يىلتىز ) ئىزدەش پەقەت بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ تارىخىي تەپەككۇرىنىڭ ئىنكاسى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇ ، نۆۋەتتىكى زامانىۋى تۈس ئالغان ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدىكى، ئاۋام پسىخىكىسىدا كۆرۈلگەن ئىدراكلىق ماسلىشىش ۋە يەرشارىلىشىش - بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە تۇتقان قوغدىنىش ئېڭىدىن شەكىللەنگەن ئۆز – ئۆزىنى قوغداش خارەكتىرلىك ئاڭلىق رەۋىشتە قىلىنىۋاتقان ھەرىكەتتۇر .

        ئۆز يىلتىزىنى ئىزدەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى مەن كىم؟ بىز كىملەردىن ؟ يىلتىزىم نەگە تۇتاشقان ؟ ئانا يۇرتىمىز قەيەر ؟ كىندىك قېنىم تامغان جاي قايسى ؟ ئاتا - بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىگاھى نەدە ؟ ئاتا - بوۋىلىرىم بىزلەرگە نىمىلەرنى ئېيتقان ، ۋەسىيەت قىلغان بولغۇيتتى؟ يۇرتۇمنىڭ تارىخى ، تاغ - دەريالىرى ، باغۇ – بوستانلىرى قانداق ؟ ... ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تالاي سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەشتۇر . ھالبۇكى ، يوقىرىقى سۇئاللار ھەققىدە ئىرىشىلگەن جاۋابلارنىڭ يېزىق - بەلگە ، رەسىم - سۆرەتلەر بىلەن قارا سىياھ بىلەن ئاق قەغەزگە يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملىنىپ پۈتۈلۈشى دەل نەسەبنامىنىڭ ئۆزىدۇر .

        بىزدە كۆك بىلەن بوي تالاشقان چىنارنىڭمۇ يەر تەكتىدە يىلىتىزى بولىدۇ ، دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار . دەرۋەقە يىلتىزسىز دەرەخ نە قىلسۇن؟! ... ئىنسان دۇنياغا تۆرۈلۈپ ، تالاي ئىسسىق - سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە تىرمىشىپ ياشايدۇ . كىشى ئەگەر بۇ ھاياتىدا ئۆزىنىڭ كىملىكى ، يىلتىزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ، نەسلى - نەسەبىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ياشىسا ، يىپى يوق لەگلەككە ، يىلتىزى يوق دەرخكە ئوخشاپ قالمامدۇ؟! ... ئۇ ھەر قانچە ئىگىز ئۇچقىنى ، ھەر قانچە ئىگىز كۆكلىگىنى بىلەن قۇنار جايى ، ئوزۇق - سۇ بېرىدىغان يىلتىزى بولمىسا ، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ ؟

        شۇنداق ، بىز ئۇيغۇرلار ئۇزاق ۋە شانلىق تارىخقا ئېگە خەلقمىز . خۇددى مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئېيتقاندەك : ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت ، ئارىيان - سىكتاي - ساك - تۈركىي خەلقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق . ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسۇسىيىتى ۋە قان ئالاھىدىلىكى ، تىل ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئالاھىدىلىكى ، مىللىي ئېتنوگرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى يىراق تارىخىي قاتلاملىرىنى ، تارقىلىش ماسىشتابىنى ، مىللەت مەنبەسى ۋە ھەر خىل تەركىبلەرنى ، ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ، ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . دەل مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانى بىزنىڭ مۇرەككەپ تارىخىي ئىدىيىۋى ھالىتىمىزنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى ، بىر ئەۋلاد يەنە بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر يىگىت - قىزلىرى بۇ تارىخي ئېقىندا گاھ باش كۆتۈرۈپ ، گاھ شۇڭغۇپ ئاقتى . ئۇلار بۇ بۈيۈك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىسىل تەمىنى ھەقىقىي تېتىدى . مانا بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جاھان مىللەتلەر ئورمانلىقىدا قۇرىماي - سۇلماي ، ياشىرىپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

        كىشىلەر ئۆزىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بىلىشى كېرەك . ھەر - بىر ئادەمنىڭ ئۇرۇق - نەسەبىي ئېنىق بولۇشى لازىم . چىم گەرچە ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئاجىز ، جۇغى كىچىك گىياھ بولسىمۇ ، تاپىنى ئاستىدا يىلتىزى قارماپ ئالغان ئۆزىگە چۇشلۇق يېرى - تۇپراقى بار . نەسەبنامە دەل نەسىلداش بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۇزاق تارىخ داۋامىدا بوشاشماي كۆرەشكەن ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگەن كەچۈرمىشلىرىنىڭ ھەقىقىي خاتىرلىنىشى ؛ ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئۈزۈپ قويماي ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ئاياغ ئىزى ؛ گوياكى چىم كەبى ئاددىي بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس بولغان زىمىنىدۇر .

         نەسەبنامىدە نەسەب شەجەرىسى ( ئائىلە ياكى جەمەت نەسەبنامىسىدە بايان قىلىنغان قانداش ئەۋلادلارنى دەرەخ شاخلىرى شەكلىدە كۆرسىتىپ بېرىدىغان سخېما ) ئارقىلىق جەمەت ئەزالىرىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد راۋاجلىنىش ئەھۋالى ، قېرىنداشلارنىڭ قاتار مۇناسىۋىتى قاتارلىق بىر تالاي قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىرىمۇ قالايمىقان قىلىنماستىن ناھايىتى ئىدىتلىق ھالدا كۆرسىتىپ بىرىلىدۇ .

         نەسەبنامىدە تىلغا ئېلىنغان ھەربىر شەخىس ئۆزى مەنسۇپ بولىۋاتقان مۇئەييەن جەمئىيەت - دەۋردە ئۆزىنىڭ جىنسى، مەدەنىيەت ساپاسى، ئىقتىسادى ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە شۇ جەمئىيەت - دەۋردىكى ئومۇمىي قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكلىشى ياكى چەكلىشى ئارقىسىدا ، ئەزىز ياكى خار بولۇشتەك ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ئىجتىمائىي ئورنىنى يارىتىپ، ئۆزىگە ئۆزى مەنسۇپ بولىۋاتقان ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ تامغىسىنى ئۇرغان بولىدۇ. نەسەبنامىدە بۇلارنىڭ بىرىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماي تەپسىلىي بايان ئېتىلگەن بولىدۇ.

         يىلتىزغا تارتىش ، ئەجداد ئىزىنى بېسىش ، تارىخنى ئۇنۇتماسلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەتلىرىدىن بولۇپ ، تىگى - تەكتىنى ئۇنۇتماسلىق
    ، كىندىك قېنى تامغان ئانا ماكانىنى سېغىنىش ئىنسان تەبىئىتىدۇر . يىلتىزنى ئىزدەش ، ھاياتلىقنىڭ يىپ ئۇچىنى ئىزدەش - مەۋجۇدلۇقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەشتۇر . ئۆز يىلتىزىمىزنى قىدىرىپ ، ئاغۇن - ئەجدادلىرىمىزنى ئىزدەش ئارقىلىق ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئازاب - ئۇقۇبەتلىرى ۋە قازانغان شانۇ - شاۋكەتلىرىنى بىلىپ يېتەلەيمىز ؛ شۇنداقلا ئەشۇ ئازاب - ئوقۇبەت تارتقان ۋە شانۇ - شاۋكەت قازانغان كىشىلەرنىڭ تومۇرىدا ئاققان قاننىڭ ئۆز تومۇرىمىزدا ھېلىمۇ كۆۋەجەپ ئېقىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز ؛ ئەجداد بىلەن ئەۋلادنىڭ رىشتى ئەنە شۇنداق چەمبەرچەس قىلىپ باغلىنىدۇ . كىشىلەرنىڭ مىجەز - خاراكتىرى بىر - بىرى بىلەن پەرقلىق بولىدىغانلىقى ، ھەتتا بىر ئاتىدىن بولغان ئىككى قېرىنداشنىڭ تەبىئىتىدە ئاسمان - زىمىن ئوخشاشماسلىقنىڭ بولىدىغانلىقى بەرھەق . ئەمما شۇنىمۇ چوقۇم ئېتىراپ قىلىش كېرەككى ، تارىخ ، مەدەنىيەت ، ئەنئەنىنىڭ مۇئەييەن دەۋر ئىچىدىكى ئىزچىللىقى يەنى ۋارىسچانلىقى ( ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزىنى كىيىنكىلەرنىڭ بېسىشى ) تۈپەيلى ، ئۇزاق مەزگىل بىر ماكاندا ياشىغان كىشىلەردە مەلۇم دەرىجىدە ئورتاقلىق مەۋجۇد بولىدۇ . بۇ خىل ئورتاقلىق بۇ كىشىلەرنىڭ قان - قېنىغا ، ھەتتا گېنلىرىغىچە سىڭىپ ئۆزلىشىدۇ ، ئۆزلەشكەن ھامان غايەت زور كۈچ پەيدا بولىدۇ . بۇ خىل كۈچ كېيىنكى ئەۋلادلار - بوغۇنلارنىڭ قېنى ۋە گېنىدىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ .

        نەسەبنامە تىلغا ئېلىنغاندا ، بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئانچە ئېرەن قىلماسلىقى ، ھەتتا نەزەر سالغۇچىلىكى يوق ئىش دەپ قارىشىمۇ مۇمكىن . ئەمما ، نەسەبنامە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا ھەققىدە مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدا ، ئۇنىڭ مۇنداق 5 تۈرلۈك قىممەتكە ئېگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يېتىمىز .

        1. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى مەدەنىي مىراس ياكى ئاسارە - ئەتىقىلىق قىممىتىگە ئېگە .
        ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېزىپ قالدۇرۇلغان نەسەبنامىنىڭ مەدەنىي مىراسلىق قىممىتى ئېشىپ بارىدۇ . شۈبھىسىزكى بۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىي تارىخى ۋە مەدەنىيەت جۇغلانمىسىغا قوشۇلغان زور تۆھپە بولۇپ قالىدۇ .
        2. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى ماتىرىياللىق قىممىتىگە ئېگە .
        نەسەبنامە ئۆزىگە شۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرى يەنى ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ، نىكاھلىنىشى ، ئىرسىي ئىزچىللىقى ، جەمەت مىزانى ( قائىدە - يۇسۇنى ) ، ئۆلۈمى قاتارلىق سانسىزلىغان ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ ، ئۇ تارىخشۇناسلىق ، ئۆرۈپ - ئادەتشۇناسلىق ، ئىقتىسادشۇناسلىق ، مائارىپشۇناسلىق ، ئىرسىيەتشۇناسلىق ۋە باشقا پەن تۈرلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلارنى ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان پايدىلانما ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ .  
        3. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى ئۆگۈت - تەربىيەت قىممىتىگە ئېگە .
        ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان نەسەبنامىلەردە كۆپۈنچە شۇ جەمەتنىڭ جەمەت يۇسۇنى ، ئەڭ تۈپكى كىشىلىك قاراشلىرى ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا قويۇلغان تەلەپلىرى يېزىپ قالدۇرۇلغان بولىدۇ . بۇنداق يازما شەكىلدە قالدۇرۇلغان جەمەت يۇسۇنلىرى شۈبھىسىزكى كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىلىنىشىدە تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ . كىشىگە باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆگۈتلىرىدىن كۆرە ئۆز ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئۆگۈتلىرى بەكرەك تەسىر قىلىدۇ.
    بەزى نەسەبنامىلەردە جەمەت يۇسۇنى ئايرىم سەھىپە ئاجىرىتىلىپ ، ئېنىق پۈتۈلمىدى دىگەندىمۇ ، نەسەبنامىنىڭ ئۆزىگە پۈتۈلگەن ئەجدادلار ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزىگۈدەك جانلىق دەرس ۋە ساۋاقلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ . شۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ روھىدىكى ئىزچىللىق نەسەبنامىگە پۈتۈلۈش يولى ئارقىلىق كىيىنكى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئۇدۇم بولۇپ قالىدۇ .   
        4. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى رىشتە باغلاش رولىغا ئېگە .
        دەرەخنىڭ يىلتىزى ، ئېقىننىڭ بېشى بولسا قۇرۇپ قالمىغىندەك ، جەمەتنىڭمۇ ئۆچمەس قىلىپ پۈتۈپ قويۇلغان نەسەبنامىسى بولسا ئۇرۇق - ئەۋلادلىرى چېچىلىپ كەتمەيدۇ . ئەڭ مۇھىمى ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا ئۈزۈلمەس قىلىپ مەھكەم باغلاپ تۇرىدۇ . ھەر قانداق بىر جەمەت ئەزاسى ئائىلە نەسەبنامىسىنى ئوقۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئەجدادى ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىغا رىشتە باغلاپ تۇرىدۇ . ئېغىزدىكى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق پەقەت نەچچە ئەۋلادلا داۋام ئېتىشى مۇمكىن . ئەمما ، ئېقى قەغەز ، قارىسى سىياھ قىلىپ پۈتۈپ قويۇلغان نەسەبنامە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى زامان چەكلىمىسىدىن ھالىقىتىپ ، ئەسىرلەردىن - ئەسىرلەرگە ئۇلىشى مۇمكىن .
        5. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى مۇھىم تارىخىي ھۆججەتلىك قىممىتىگە ئېگە .
       شۈبھىسىزكى ، نەسەبنامىنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىك قىممىتى ئۇنىڭ بارچە قىممەتلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ . نەسەبنامىگە بىزنىڭ كىملىكىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كىملەردىن بولىدىغانلىقى ئۆچمەس قىلىپ پۈتۈلگەن بولىدۇ . بىلگە تۇنيۇق شەجەرىسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كورىيىدىن تېپىلغانلىقى ( مەزكۇر بلوگدىكى بىلگە تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىنىڭ شەجەرىسىگە قاراڭ) ، جىيەن تەگئاتلىق ۋە ليۇ تەگئاتلىق ئۇيغۇرلارنىڭ (بەرقى ئەپەندىنىڭ ليۇ فامىلىلىك تەگ`ئاتلىق <>  دىگەن تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراڭ . بەرقى مۇنبىرى) ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىن ئايرىلىپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە مىڭ يىلغىچە دەۋران سۈرۈشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىي ئەمەس . بىز بۇ يەردە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇد بولۇشى ئۇلارنىڭ بىر تەگئات ئاستىغا ئۇيۇشۇپ ، ئائىلە نەسەبنامىسى يېزىپ قالدۇرغانلىقى دەپ كېسىپ ئېيتالمىساقمۇ ، بۇ ئىككىسىنىڭ رولىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلالماي تۇرالمايمىز . ئازادلىقتىن كىيىن نوپۇسقا تىزىملاش باشلانغاندا ، خېنەن ئۆلكىسىدىكى ليۇ تەگئاتلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر مىللىتى دەپ تىزىملاشنى تەلەپ قىلغان ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى بېكىتىشتە بىر قارارغا كېلەلمىگەندە ، ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئائىلە نەسەبنامىسىنى كۆرسىتىشكەن . شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش 15 كۈنلۈك تولۇن ئايدەك روشەن بولغان .

        نەسەبنامە پۈتكۈل مىللەت ۋە مۇشۇ مىللەتكە تەۋە بولۇۋاتقان ھەر - بىر ئەزانىڭ ئۆز - ئارا يىلتىزداشلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر . شۇڭا ، نەسەبنامە ناھايىتى يوقىرى ئىلمىي قىممەتكە ، تارىخي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئېگە . نەسەبنامە بىرخىل قۇدرەتلىك ھاياتى كۈچكە ئېگە مەنىۋىي ئەڭگۈشتەر بولۇپ ، بۇ ئەڭگۈشتەر مىللەتكە تارىخ سەھنىسىدە ھاياتلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىلىدىغان ، ئىگىلمەس - سۇنماس روھ ئاتا قىلىدۇ . نەسەبنامىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى قانداقتۇر تار مەنادىكى قانداشلىق جەھەتتىكى ۋارىسلىقنى تەكىتلەشلا بولماستىن ، بەلكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ۋارىسلىقنى تەكىتلەشتۇر .

       يەكۈن شۇكى ، نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى دەۋر ھالقىش خاراكتېرىگە ئېگە بولۇپ ، نەسەبنامە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ قىممەتلىك ئابىدە - ئۇلتاشلىرىدىن بىرىدۇر . نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشقا ئېتىبارسىز قاراش ئۆزى ، ئەجدادى ۋە كىيىنكى ئەۋلادلارغا قىلىنغان زور مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر .

    << Qeshqer >> ژورنىلىنىڭ 2009 - يىللىق 1 - سانىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.