ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-01

    ئۈرۈمچى سىزنىڭ ئەمەس - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86248531.html

                                                           
                                                                                ئۇرۇمچص سصزنصڭ ئةمةس

    ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر

    مۇقەددىمە

      2009-يىلى كەچ كۈزدە كەلپىن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن پىنسىيىگە چىققان پىشقەدەم شائىر سالى ئىبراھىم ئاكا تۇيۇقسىز تېلېفون قىلىپ قالدى.تېلېفوندا قىزغىن ئەھۋاللاشتۇق.پارىڭىمىز تەبىئىي رەۋىشتە ئەدەبىيات-يېزىقچىلىق ئۈستىدە بولدى.سۆھبىتىمىز ئاياقلىشىپ خوشلۇشايلى دەپ تۇرغاندا سالى ئاكا شۇتاپ ئۆيىگە كەلپىن ناھىيىلىك پارىتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەرجىمان ئابدۇجاپپار ھامىدىن ئەپەندىنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى، ئابدۇجاپپار ھامىدىن ئەپەندى بېلەن تېلېفوندا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ قويۇشۇمنى ئېيتىپ تۇرۇپكىنى ئۇنىڭغا بەردى.

     

             مەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەرجىمانلىق خىزمىتى بېلەن شۇغۇللۇنىۋاتقان مەزگىللەردە ئابدۇجاپپار ھامۇدىنمۇ كەلپىن ناھىيىلىك پارىتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەنىدى.كېيىن ئۇ كەلپىن ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا يۆتكىلىپ چىققاندا بىز بىر سىستېمىدا ئىشلەيدىغان كەسىپداشلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بىزنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى دوسۇتلۇقىمىز خېلى ئۇزۇن تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئىدى. شۇڭا تېلېفوندىكى سۆھبىتىمىزمۇ تەبىئىي رەۋىشتە چوڭقۇرلاپ بېرىپ، ئاخىر تەرجىمە ئىجادىيىتى ئۈستىگە يۆتكەلدى

    مەن ئابدۇجاپپار ھامۇدىن ئەپەندىگە چوڭراق بىرەر يىرىك ئەسەرنى تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى پۇراتقىنىمدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىنقى يىللىرى ئىككى كىتاب تەرجىمە قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم نەشەرىياتقا ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەمما نەشىرىياتتىكىلەرنىڭ ئەسەرنى كۆرۈپ باقماي تۇرۇپلا [كەلپىندەك چەت، نامرات ناھىيىدىكى بىرەيلەننىڭ تەرجىمە سەۋىيىسى قانچىلىك بولماقچىدى؟] دەپ بىر چەتكە تاشلاپ قويغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئېيىتپ  ئۆتتى.

    جەنۇبلۇق بولغان مەنمۇ [تۆۋەن] دە ئىشلەۋاتقانلىقىم ئۈچۈنلا ئەشۇنداق مۇئامىلىلەرگە تالاي قېتىم ئۇچرىغاچقا ئابدۇجاپپار ھامىدىننىڭ دىشۋارچىلىقىنى خېلى ئوبدان چۈشىنەتتىم.

     شۇئان  « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىل 6-سانىغا بېسىلغان  «ئۈچ ئەپەندى بېلەن سۆھبەت» دېگەن ماقالىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر راسىت سۆزلۈك يازغۇچىمىز  ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى بېلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە  ئەختەم ئۆمەرنىڭ  ئۈرۈمچىدىن بىرەر كىملەر مەلۇم يۇرىتقا بارسىمۇ ،[ تۆۋەن]گە باردۇق دەيدۇ.[تۆۋەن]گە بارغىلى سەن قانچىلىك [يۇقۇردا] ئىدىڭ، دېگۈم كېلىدۇ دېگەن سۆزلىرى يادىمدىن كەچتى. مەن بۇ سۆزنى« شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىنىڭ شۇ سانىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ھەم  يارىغان سۆز ،دەپ قاراپ خاتىرە دەپتىرىمگە ئىلىپ قويغانىدىم.

    بىرنچى دېئالوگ:

     

       [ يۇقۇرى] بېلەن [تۆۋەن ]ئوتتۇرىسىدا  تۈپكى ماھىيەتلىك پەرىق يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە.ئەمما بۇ خىل پەرىق[ يۇقۇرىن]ىڭ [ئۈستۈنلىكى]، [تۆۋەن] نىڭ قايغۇسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى

     

         تىلىمىزدىكى [تۆۋەن] دېگەن سۆز ھالەتنى بىلدۈرسە بىرەر شەيئىنىڭ پەس تەرىپىنى، ئاياغ تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇ سۈپەتنى بىلدۈرگەندە بولسا ئاز-تولا كەمسىتىش مەناسىنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ بۇ سۆز ئاتالمىش [يۇقۇرىدىكى]لەرنىڭ ئاغزىدىن چىققاندا بولسا يۈزدە يۈز كەمسىتىش تۈسى بېلەن چىقىدىغانلىقىغا گەپ كەتمىسە كېرەك. [تۆۋەن] دېگەن كەمسىتىش مەناسىغا ئىگە  بۇ سۆزنىڭ قانداقلارچە تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ كىبىر كۆرسىتىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. پەرىزىمچە بۇ سۆز خەنزۇ تىلىدىن كىرىپ ئۆزلىشىپ قالدىمىكىن ،دەيمەن. چۈنكى، نەچچە مىڭ يىللىق فېۋداللىق تۈزۈمنىڭ ئاسارىتىدىن قېپ قالغان  دەرىجە پەرقى ۋە ئەمەل-مەنسەپ قارىشى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغان خەنزۇ خەلقىدە تارىختىن بۇيان يۇقۇرى بېلەن [تۆۋەن] ئىنتايىن روشەن پەردىشەپ ئايرىپ كەلگەن ھەم بۇنداق دەرىجە پەرقى قاتتىق ئېتىبارغا ئېلىنغان .مەسىلەن : خەنزۇ تىلىدىكى ، 下级 ،下属دېگەندەك سۆزلەر دەل ئەشۇنداق تۈس مەنىسىگە ئىگە.يەنە كېلىپ  خەنزۇ تىلىدىكى  下乡 مۇ تىلىمىزدىكى يېزىلارغا بېرىش نى بىلدۈرسىمۇ ئەمما  بۇ يەردە قانداقتۇر خەنزۇ تىلىدىكىگە ئوخشاش [تۆۋەن]، [پەس ]دېگەندەك ئېنىق بولغان كەمسىتىش مەناسى چىقمايدۇ. مەلۇمكى، تارىخمىزغا نەزەر سالساق ئۇيغۇرلاردا بەگلەر بېلەن چاكارلار،    ئەمەلدارلار بېلەن ئاۋام-پۇقرالار ئوتتۇرىسىىدىكى پەرىق ھازىرقىدەك ئۇنچە روشەن پەردىشەپ ئايرىپ كەتمىگەنلىكىنى تارىخىي ۋەسىقىلىرىمىز ھەم كىتابلىرىمىزدىن ئوقۇپ بىلمەك تەس ئەمەس. ۋەھالەنكى، ئەمدىلىكتە ئەشۇ ئانچە  روشەن بولمىغان  دەرىجە پەرقى تەرەققىي قىلىپ  شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى ، بىزدە   ئەمەل-مەنسىپىنى فامىلە ئورنىدا ئىستىمال قىلىش ئادەتتىكى مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. يەنە كېلىپ بىزدىكى [ يۇقۇرى] بېلەن[ تۆۋەن] ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلە پەرقى كىشىنى تېخىمۇ شۈركەندۈرىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.    [تۆۋەن ]كەسكىن بولغان مەمۇرىي دەرىجە پەرقى ئېھتىياجى ۋەجىدىن ئەمەلدارلار ئاغزىدىن چىقسا( گەرچە شۇنداق ئېيتىشنىڭ قىلچە قانۇنىي  ئاساسىي بولمىسىمۇ) بىر نۆرە ئىدى. ئەمدىلىكتە  قولىدا كالتە قوشۇقنىڭ سېپىچىلىك ئەمەل-دەرىجە ئەمەس بەلكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا نە بىرەر مۇقىم خىزمىتىمۇ يوق، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تەمتىرەپ يۈرگەن ساياقلار چېغىدا يۇرتىغا بېرىپ كەلسە [تۆۋەنگە] بېرىپ كەلدىم دەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. خۇددى يۇرتقا بېرىپ كەلدىم دېسە يۈزى چۈشۈپ كېتىدىغاندەك. ئەمەلىيەتتە ، [تۆۋەن ]نى شىپى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ [يۇقۇرى] دا ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ ئۈچ ئەجدادىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ نەق ئۆزىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە سېپى ئۆزىدىن [تۆۋەنلىك] بولۇپ چىقىشى ھەممىگە ئايدىڭ بولسا كېرەك ئەتىمالىم

     .دەرۋەقە قاتناش تەرەققىي قىلمىغان، ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرى قالاق، تۇرمۇشقا جىددىي كېرەكلىك بەزى قىس سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى بېلەتلىك  تەمىنلەش يولغا قويۇلغان زامانلاردا   [يۇقۇرى] بېلەن[تۆۋەن] ھەقىقەتەنمۇ پەرىقلىق ئىدى.  [يۇقۇرى] ئۆزىنىڭ سېياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزىلىك ئورنى بېلەن [تۆۋەنگە] ھەر ۋاقىت سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىپ تۇراتتى. [تۆۋەن]مۇ [يۇقۇرى ]ئالدىدا بويۇن قىسىپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. شۇڭا [يۇقۇرىدىكى]لەر [تۆۋەندىكى]لەر ئالدىدا ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئادەملەر قارالغاچقا [تۆۋەندىكى]لەر ئۇلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىشكە كۆنۈپ كەتكەنىدى.تېخى  ئىلتىپات كۆرسىتىشتۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسىگىلا نېسىپ بولىۋېرىدىغان ئىش ئەمەسىدى. بۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن بەدەل تۆلەش يولى بېلەن ئېرىشكىلى بولاتتى.

    ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن [يۇقۇرىدىكى] شەھەر نوپۇسىدىكىلەرنىڭ تاۋار ئاشلىق بېلەن تەمىنلىنىش كېنىشكىسى، رەخىت،  شېكەر ۋە ۋېلىسپىت قاتارلىق قىس سانائەت مەھسۇلاتلىرى بېلەن تەمىنلەش بېلەتلىرى ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدى.نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن كېيىن [يۇقۇرى] ئىلگىرىكى سۈر-ھەيۋىسىنى بىراقلا تاشلاپ، [تۆۋەنگە] بوسۇغۇسىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولدى. تېلېۋىزور، يانفون، كومپىيۇتېر قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇمىيلىشىشى ۋە قاتناشنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ سېياسەت-ئۇچۇرلارنىڭ راۋانلىقى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسى يەنىمۇ ئاشتى. بۇ ھالەت [يۇقۇرى] بېلەن [تۆۋەن] ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى كىچىكلىتىپ، يەر شارىنى  خۇددى كىچىكلىتىلگەن كەنىتكە ئوخشىتىپ قويدى. [تۆۋەنم]ۇ بۇ جىددىي ئۆزگىرىش ئالدىدا   تالاي ئازاپلىق تولغاقلاردىن كېيىن كاللىسىنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ، جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەتكە ماسلاشمىسا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. بۇنىڭ بېلەن [تۆۋەندىمۇ] جاھان كۆرۈپ كۆزىنى ئېچىش كويىدا يۈرگەن زور بىر تۈركۈم تەۋەككۈلچىلەر تۈركۈمى پەيدا بولۇپ،[ يۇقۇرىغا] قاراپ سەلدەك ئاقتى.

    يېزىلاردىن شەھەرلەرگە ئاققان  تۈركۈم-تۈركۈم [تۆۋەنلىكلەر] [يۇقۇرى] دا تالاي ئاچچىق-چۈچۈكلەرنىڭ تەمىنى  تېتىدى. تەمتىرىدى، ھودۇقتى، ئازدى. ئاخىر تۆۋەنلىكلەر تالاي ئاچچىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش بەدىلىگە[ يۇقۇرىنىڭ ]ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇنداق سىرلىق ، مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، تېخى [تۆۋەن] گە يەتمەيدىغان بەزى تەرەپلىرىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى  ھېس قىلىپ يېتەلەيدىغان بولۇشتى.

      [يۇقۇرى] دىكى بەزى سودىگەرلەرمۇ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئىزلەپ ، تۇتام-تۇتام پۇللارنى كۆتىرىپ    [تۆۋەن] گە ئاقتى. [يۇقۇرىدىكى]  ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن تالاي تالانىتلىقلار مەمۇرلۇق ۋە كەسپىي ئىمتاھانلارغا قاتنىشىپ، خىزمەت تېپىش كويىدا ئەڭ چەت، نامرات ناھىيە-يېزىلارنى ماكان تۇتتى. بۇ ھال [تۆۋەن] بېلەن [ يۇقۇرىنىڭ] بىر-بىرىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىشى ھەم بىرى-بىرىنى تولۇقلىشىغا پۇرسەت يارىتىبەردى.

     مەيلى نېمىلا دېمەيلى [يۇقۇرى] بېلەن [تۆۋەن] ئوتتۇرىسىدا  تۈپكى ماھىيەتلىك پەرىق يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە. ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا  [يۇقۇرى ]بېلەن[ تۆۋەن ]ئوخشاش بىر پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئوخشاش بىر ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ مەھسۇلى. ئۇلار ھەرگىزمۇ قارىمۇ-قارشى قۇتۇپتىكى ھەربىي ۋە دۈشمەن ئەمەس. ئامما ،[يۇقۇرىدىكى]لەرنىڭ [ تۆۋەندىكى]لەرنى كەمسىتىش ، پەس كۆرۈش مەسىلىسىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمۇشقا ئامالسىزمىز. بۇنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى يوق ئەمەس.

    ئۈرۈمچىنى مىسالغا ئالساق، ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى.شۇڭا ئۇ رايونىمىزدىكى ھەممە ئادەم تەلپۈنىدىغان، ھەۋەس قىلىدىغان، چوڭ بىلىدىغان شەھەر. ئۇ يەردە رانومىزدىكى داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرىتلىرى، ئاكادېمىيە-پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى، يىتۈك زىيالىيلار، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر، داڭلىق چولپانلار،ئەڭ كاتتا زەردار-بايلار بار.رايونىمىزدىكى ھەممە كىشىنىڭ سېياسىي ھاياتى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ۋە مەدەنىي پائالىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ، موھىم  سېياسىي قارارلار  شۇ يەردە ماقۇللىنىپ جايلاردا ئىجراسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەشۇنداق سېياسەت –ئۇچۇرلاردىن ئەڭ دەسلەپ شۇ يەردىكىلەر خەۋەردار بولىدۇ ھەم تۇنجى بولۇپ مېۋىسىنى تېتىيدۇ.

     [ يۇقۇرىدىن] كەلگەن سېياسەت-ئۇچۇرلارنىڭ  [تۆۋەنگە] تېز ھەم ئەينەن يەتكۈزۈلمىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت جۈملىسىدىكى موھىم ئىش بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئىجراسىدا مۇئەييەن پەرىقلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگىمۇ كۆز يۇمغۇلى بولماس.بۇ بەلكىم    ھەر قايسى ئورۇنلار ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىقلاپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ دېگەندەك قوشۇمچە مەزمۇنلارنىڭ سېياسەتلەرنىڭ ئەسلى روھى ماھىيىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ موھىم رول ئويناپ قالغانلىقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا  [تۆۋەن] دە بەزى ناھەقچىلىكلەرنىڭ رۇي بېرىپ تۇرۇشى [ تۆۋەن ]دىكىلەرنى [ يۇقۇرىغا] ھەۋەس قىلىدىغان قىلىپ قويغان.بۇ ھال   [يۇقۇرىدىكى]لەرنىڭ ئۈستۈنلۈكى ھېساپلىنىپ، ئۇلاردا تەبىئىي ھالدا  [تۆۋەندىكى]لەرگە ئىچ ئاغرىتىدىغان، ئۇلارنى ياراتمايدىغان ،پەس كۆرىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان.

     ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇنداق بىنورمال بولغان ئىجتىمائىي ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامراپ كېتىشى نوقۇل [تۆۋەندىكى]لەرنىڭ گۇناھى ئەمەس.بۇنىڭدا  [يۇقۇرىدىكى]لەرنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى يوق ئەمەس.بۇ [يۇقۇرىدىكى]لەرنىڭ بوشاڭلىقى ۋە  [تۆۋەن] دىكىلەرنىڭ تىراگىدىيىسىدۇر ئەلبەتتە.شۇڭا بۇ نۇقتىدىن [ يۇقۇرىدىكى]لەرنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋېلىشىغا، [تۆۋەندىكىلەرنى] ياراتماسلىغا ھېچقانداق ئاساسى يوق. تېخى بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەردە [يۇقۇرىدىكىلەر][ تۆۋەن دىكىلەر] ئالدىدا گۇناھىنى تونۇپ ئەپۇ سورىشى ھەم بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنى باشتىن توسۇشى كېرەك. بولمىسا  [يۇقۇرىدىكى]لەرنىڭ [تۆۋەن] دىكىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقى  [تۆۋەندىكى]لەرنىڭ [يۇقۇرىدىكى]لەرنى كۆزگە ئىلماسلىقىغا ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن.

      ئوخشاش زامان، ئوخشاش بىر ئىجدىمائىي تۈزۈمدە ياشاۋاتقان ئوخشاش ياشتىكى، ئوخشاش مەلۇماتتىكى ، ئوخشاش جنىستىكى ئىككى ئادەمنىڭ ئاتالمىش [يۇقۇرى ]ۋە  [تۆۋەندىن] ئىبارەت ماكان جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سېياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجدىمائىي جەھەتتىكى ئوخشىمىغان پەرىقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا  [تۆۋەندىن] ئىبارەت ماكان شارائىتىنىڭ سەۋەب بولۇپ قېلىشىنى ئىجتىمائىي ئادىللىق نۇقتىسىدىن بىر تىراگىدىيە دېمەي بولمايدۇ.بۇ خىل تىراگىدىيەگە خاتىمە بېرىلمىسە  ئۇ ئاخىر بېرىپ ئىجدىمائىي ئۆسمىگە ئايلىنىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، تۈزۈم ئادىللىقى، قانۇن ئادىللىقى ۋە سېياسىي باراۋەرلىككە نۇقسان يەتكۈزۈپ ، سېياسىي تۈزۈلمە ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزىشى مۇمكىن.

    ئىككىنچى دېئالوگ :

     

    ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى [تۆۋەن ]دە. [يۇقۇرى] بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ  [تۆۋەن] نى ئىنكار قىلسا ئۆزمەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ.

    [يۇقۇرى] ئۆز قوينىدىن ئورۇن بەرگەن تالاي ئىقتىساس ئىگىلىرى بېلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق.ئەمما، [يۇقۇرى ]ئۆز نۆۋىتىدە يەنە [تۆۋەن ]دىمۇ [يۇقۇرى] ]يۇقۇردىكىدىن] قېلىشمايدىغان ھەتتا بەزى جەھەتتىن ئۇلاردىن ئېشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدىكى تالانىت ئىگىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك.

    يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان تالاي ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ  [ تۆۋەندىن ]يېتىشىپ چىققانلىقى ۋە  [تۆۋەن] دە تۇرۇپمۇ كىشى قەلبىنى لال قىلغۇدەك ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئامالسىزمىز تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئات-ئېشەك بېلەن تۈرك قەۋىملىرى ماكان تۇتقان دەشتۇ چۆللەر،ئېتىز-قىرلار،تاغ-دەريالار،يايلاق-قىشلاقلارنى نەچچە ئون يىل كېزىپ ماتېرىيال توپلاپ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىپ چىققان.بىلسەك بىزلەرگە دۇنياۋى شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن بۇ بىباھا قامۇس سۈرەن شاۋقۇنلىرى جاھاننى بىر ئالغان ھەيۋەتلىك شەھەر –قەلئەلەرنىڭ ئەمەس بەلكى يېزا-قىشلاقلارنىڭ مەھسۇلىدۇر.

     ئىنسانىيەتنىڭ غەيرى ماددى مەدەنىيەت بايلىقى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بىباھاگۆھەر دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئون ئىككى مۇقاممۇ دەشتۇ-چۆللەر ، تاغ-جىلغىلار، ئېتىز-قىرلارنى ماكان تۇتقان  تۆۋەن دىكى ئاۋام-خەلقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىجاد قىلىشى، مۇكەممەللەشتۈرىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىپ ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن. ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋارىسى تۇرداخۇن ئاكىمۇ قانداقتۇر شىياڭگاڭ ياكى نىيويورىكتەك كاتتا شەھەرلەردىن ئەمەس بەلكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر چەت، نامرات ناھىيىدىن چىققان تەۋەرۈك ئۇستازئىدى.

     ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ،رايونىمىز مىللىي سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى گۈدۈكىنى چالغان ئاكا-ئۇكا موسابايېفلارمۇ گېرمانىيىدىن زاكاس قىلىپ كىرگۈزگەن كۆن-خىرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇدىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى رۇسىيە چار پادىشاسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۈرۈمچىدىنمۇ  [يۇقۇرى ]بولغان موسكۋاغا ئوخشاش كاتتا شەھەرلەرگە قۇرغان بولسا تېخىمۇ روناق تېپىپ كەتكەن بولاتتى.ئەمما ئۇ چار پادىشانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل كۆرمىگەنلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاتمۇ قات توسالغۇلارنى يېڭىپ، 40يەرگە كۆۋرۈك سېلىپ، ئات-ئۇلاغ كۈچىگە تايىنىپ، زاۋۇد ئۈسكۈنىلىرىنى شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىگە مىڭ بالالىقتا ئېلىپ كىرىپ [ يۇقۇرى] غا نىسبەتەن [تۆۋەن] تۇرىدىغان غۇلجىغا قۇرۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، رايونىمىز مىللىي سانائىتىنىڭ بىخلىنىشىغا ئاساس سالدص.

     1850-يىلى قاغىلىق ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن شائىر، تىۋىپ ھۆسەيىنخان تەجەللى ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان.ئەرەب، پارىس، تۈرك، ھىندى تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن.دېھلى، كابوللاردا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن قاغىلىقتىن ئىبارەت   [تۆۋەن] گە قايتىپ كېلىپ، 1930-يىلى يەنە شۇ [تۆۋەندە] ۋاپات بولغان.شائىرنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە قاغىلىقتا مەشھۇر زىيارەتگاھ سۈپىتىدە ساقلانماقتا. دېھلى، كابوللار ئەلبەتتە قاغىلىققا نىسبەتەنلا ئەمەس يەنە ئۈرۈمچىگە نىسبەتەنمۇ   [يۇقۇرى] سانالماي قالمايدۇ. ئەمما تەجەللىدەك   [تۆۋەن] دىن چىققان ھەم [ تۆۋەن ]دە ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان شائىرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى 1899-يىلى «بەرق تەجەللى ۋە بەسق مۇجەللى» دېگەن نام بېلەن قەشقەردە چاپتى قىلىنىپلا قالماي يەنە شائىرنىڭ خەلق ئارىسىغا تارىلىپ كەتكەن بىر قىسىم شىئېرلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولغارىيىدە «دىۋانچەئىي تەجەللى» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر ، فارىس تىللىرىدا يازغان بىر قىسىم شىئېرلىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈزۈلگەن ھەر خىل «باياز» لارغا كىرگۈزۈلگەن ①①.

    موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۈرۈمچىدەك [يۇقۇرىدا] ئەمەس بەلكى ئاقسۇدەك [تۆۋەن ]دە تۇرۇپ يازغان «تارىخي ئەمىنىيە» ۋە «تارىخي  ھەمىدى» دېگەن كاتتا ئەسەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا شۇ دەۋىر ئوتتۇرا ئاسىياسىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قازاندەك يۇقۇرى شەھەرلەرنىڭ باسمىسىدا بېسىلىپ جاھانغا تارالغان.بۇ ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت ئەھۋالىينى تەتقىق قىلىپ كىتابىنى نەشىر قىلىش ئىشلىرى تۇنجى بولۇپ  بېيجىڭدىكى جۇڭگو  ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرىياتىدەك[ يۇقۇرىنىڭ] [يۇقۇرىسىدا] ئېلىپ بېرىلدى.

     شائىر نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامىمۇ «بىلىم ئىشقىدا» ، «ئالدىدا» قاتارلىق شىئېرلىرىنى [ تۆۋەن]  دە يېزىپ، ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئېرىيىتى بېلەن ھازىرقى زامان شىئېرىيىتىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنىمۇ   [تۆۋەن] دە سالدى.

    بەش خىل تىل بىلىدىغان ،كاتتا زەردار ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىمۇ ئۆزىدىكى تىل ئۈستۈنلۈكى ۋە ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە تايىنىپ ئۈرۈمچىدىنمۇ نەچچە ھەسسە [يۇقۇرى] تۇرىدىغان دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر شەھرىدە ماكان تۇتۇپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىمەن ،دېسە تامامەن مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ شۇنچە كاتتا شەھەرلەرنى كۆرۈپ كۆزى ئېچىلغان بولسىمۇ ئەمما ئوزايىدىن توپا-چاڭ ئۆرلەپ تۇرىدىغان، خارۇ-زارلىق، زەبۇنلۇق، نامراتلىق قاپلىغان تۇرپاندىن ئىبارەت  [تۆۋەن ]نى ماكان ئەيلەپ، خەلقنى نادانلىقتىن ، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىلمۇ ئىرپانغا يېتەكلەشنىڭ زەپەر مارشىنى چېلىپ، ھەققى ئادالەت يولىدا ئىسسىق قېنىنى  [تۆۋەنگە] ئاققۇزۇشقا رازى بولدى.

    ئوت يۈرەك شائىر ل.مۇتەللىپمۇ [يۇقۇرىدىن] [تۆۋەن] گە پالانغاندىن كېيىن[ تۆۋەن] دە تۇرۇپمۇ تالاي نادىر ئەسەرلەرنى يازدى ھەم   [تۆۋەننىڭ] مەنىۋى ئاتمۇسفۇراسىنى جانلاندۇرۇشقا ئاجايىپ كۈچ قوشتى. ئۇ ئەينى يىللىرى «ئاقسۇ گېزىتى» دە تەسىس قىلغان جەنۇب شامىلى ئەدەبىيات بېتى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز جۇلاسىنى يوقاتقىنى يوق.

    يەنە ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىقلەر شۇ زامانىسىدىكى كاتتا شەھەرلەردە ئىلم تەھسىل قىلغان پازىللار تۇرۇپ [يۇقۇرىغا] بېرىۋالماستىن[ تۆۋەندە] تۇرۇپمۇ زور ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغان ۋە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. خاراباتى ۋە موللا شاكىرلار بولسا شەھەر- بازارلاردىن يىراق  خىلۋەتتە ياشاپمۇ ئىنسان روھىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىشكە مۇۋەپپەق بولالىغان.

    ساراڭ» قاتارلىق بىر يۈرۈش چاتما ئەسەرلىرى بېلەن بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭىچە يول تۇتۇپ، يېڭىچە ئۇسلۇپ بېلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قان بەرگەن يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرمۇ ئەشۇ نادىر ئەسەرلىرىنى  [ تۆۋەندىن] تېما ئېلىپ [ تۆۋەندە] يازغان.شۇ نەتىجىلىرى بېلەن[ يۇقۇرىغا] بېرىۋىدى بىر مەھەل  [ تۆۋەندىن] توپلىۋالغان ئېنىرگىيە بېلەن كۈچەپ بەزى نەرسىلەرنى يېزىپ  باققان بولسىمۇ ئەمما ئاخىر ئاساسەن دېگۈدەك يېزىشتىن توختاپ قالدى.

     «زېمىن قارا ئادەملىرىڭگە » ، «ئاھ ،رەھىمسىز دەريا» ،«قۇرىتلاپ كەتكەن كۆل»+ دەك ئۆلمەس ئەسەرلىرى بېلەن  تەكلىماكان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى پەردازسىز رەۋىشتە ساپ، سىدام ھالدا ئەينەن تەسۋىرلەپ،  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۈچلۈك زىل-زىلە قوزغىغان يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرمۇ ئەشۇ نادىر ئەسەرلەرنى  [ تۆۋەندە] يازغانىدى. [ يۇقۇرىغا ]بېرىۋىدى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇنداق چىن ھېسىيات، ئەينەن رېئاللىققا تولغان نادىر يازمىلار قايتا چىقماي قويدى.  

      ئەسئەد سۇلايمان، ئابدۇقادىر جالالىددىن، يالقۇن روزى، ئادىل تۇنياز قاتارلىق ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى ، مۇستەھكەم ئېتىقادى، بەردەم ھالىتى بېلەن ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن ئالغان ياش ئالىم ، ئەدىبلىرىمىز پەقەت  [يۇقۇرىدا ]ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا شۇنچە ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنمۇ؟ دەرۋەقە [يۇقۇرىنىڭ] ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىكى رولىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.ئەمما  [يۇقۇرى] ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدە پەقەت ۋاستىلىق رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. موھىمى يەنىلا ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدە روھىيىتىگە ئورناپ كەتكەن يېزا –سەھرالارنىڭ ساپ، تەبىئىي مۇھىتى؛ شۇ يەردە ياشاۋاتقان جاپاكەش خەلقنىڭ  سەمىمى، غۇبارسىز، ئاق كۆڭۈل ، ساددا خىسلىتى ۋە ئايىغى چىقماس قارا ئەمگەكلەر دەستىدىن بىر ئۆمۈر توپىغا مىلىنىپ ئىشلىسىمۇ يەنە شۇ  نامرات، بىچارە ھالەتتە ياشاۋاتقان يۇرىتداشلىرىنىڭ مىسكىن، نامرات ھالىتى يۇغۇرلۇپ، ئۇلاردا بىرخىل توختاۋسىز تەپەككۇر قىلىدىغان،  تىنماي ئۆگۈنىدىغان، ھارماي ئجاد قىلىدىغان مەنىۋى كۈچ ھاسىل قىلغانلىقتىن بولسا كېرەك. خاتالاشمىسام ئۇلارمۇ   [ تۆۋەننىڭ] بۇ جەھەتتە ئوينىغان رولىنى ئىنكار قىلمايدىغۇ دەيمەن.

    مۇبادا  [ يۇقۇرى ]ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىر بولسا، ئۇ يەر ھەقىقەتەن تالانىتلار ماكانى بولسا نېمىدەپ ھازىرغىچە بىرەر ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى پروفېسسور، دوكتۇر ، ئالىملار تۇرپان دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچىسى تۇرپان (1)، تۇرپان (2)   ناملىق ئايرۇپىلاننى ياساپ تۇرپان ئاسمىنىدا ئۇچۇرغاندەك ئۈرۈمچى(1)، ئۈرۈمچى (2)، ھەتتا ئۈرۈمچى(3)، ئۈرۈمچى (4)   ...لەرنى ياساپ ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدۇرمايدۇ؟  

    [ يۇقۇرىدا] تۇرىۋاتقانلار ھەقىقەتەنمۇ بىلىملىك، مەدەنىيەتلىك، قابىلىيەتلىك بولىدىغان؛ ئىلىمنى، ئىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان  ئىلمىي روھقا ئىگە بولىدىغان ئىش بولسا قەلىمىنى سىياھدىن ئېلىپ كۆز يېشىغا چىلاپ ئەسەر پۈتكەن، كەمدىن كەم تېپىلىدىغان يېتۈك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن نېمىدەپ ئىلىم-مەدەنىيەت ئاتمۇسفۇراسى شۇنچى قويۇق بولغان  [يۇقۇرىدا ]تۇرۇپمۇ ئۆزى غېمىنى يېگەن خەلقى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىدۇ؟ روھىي بېسىم دەستىدىن ئاخىر بۇ دۇنيادىن بالدۇرلا كېتىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ؟ يەنە نېمىدەپ ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىگە قان بەرگەن ، سېنىڭ بىر لەھزە ئەركىڭگە جىمى ئىنسانلىقىڭدۇر جەم دەپ نەرە تارتىپ ، ئۆز ئەركىنلىكىنى بىراۋلارنىڭ قولىدىن ئەمەس بەلكى تاشقىنلاپ تۇرغان ۋۇجۇدىدىن ئىزدەيدىغان ئوت يۈرەك شائىر باتۇر روزى  [يۇقۇرىدا] تۇرۇپمۇ پىتنىخورلۇق، نامراتلىق دەستىدىن ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ ، قىران يېشىدا كۈپكۈندۈزدە ئۈرۈمچىنىڭ داق كوچىسىدىلا كىشىلەر ئايىغىدا جان بېرىدۇ؟   [يۇقۇرى] نېمىدەپ ئەشۇنداق بىباھا تالانىتلىقلارنىڭ بىر-بىرلەپ نابۇت بولۇشىغا سۈكۈت قىلىدۇ؟ يەنە نېمىدەپ كۆرەلمەسلىك، تۆر تالىشىش، يۇرىتۋازلىق، گۇرۇھۋازلىق، پىتنىخورلۇق ئىللەتلىرى يۇقۇرى نى ماكان تۇتىۋالۋالدۇ؟.

     [يۇقۇرىدىكى]لەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا مۇكەممەل، تالانىتلىق بولۇپ كېتىشى؛ [تۆۋەندىكى]لەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا قاراقورساق، گالۋاڭ بولۇپ كېتىشى ناتايىن. [يۇقۇرىدىمۇ] بىلىمسىزلەر، نانقېپىلار، ساقتىپەزلەر، نامراتلار يوق ئەمەس.  [تۆۋەندىمۇ] بىلىملىكلەر، ئىشچانلار، ئالىي جاناب پازىللار، باي-زەردارلار كەم ئەمەس. [يۇقۇرى]دىكىلەر ئۈسىتقۇرۇلما مەركەزلەشكەن ئەۋزەل شارائىت [ئۈستۈن]لۈكىدىن پايدىلىنىپلا  [تۆۋەندىكى]لەرنىڭ ئىلمىي ئەمگكلىرىگە كۆز يۇمسا ، ئۇنى قارا قويۇق ئىنكار قىلسا  [تۆۋەن]دىكىلەرگە ئۇۋال قىلغانلىقلا بولۇپ قالماي يەنە گېزى كەلگەندە [يۇقۇرى] بېلەن   [تۆۋەن] نىڭ ماس قەدەمدە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا، ئاخىر بېرىپ بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ باراۋەر، ئىناق ئاساستا تەكشى گۈللىنىشىگىمۇ پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. يەنە كېلىپ[يۇقۇرى]دىكىلەر [تۆۋەن] دىكىلەرنىڭ بىرەر ئىلمىي ئەمگەك مېۋىلىرىنى رۇياپقا چىقىرىشىتا  [يۇقۇرى]دىكىلەرگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق بەدەل تۆلەيدىغانلىقىدەك ئاددىي ھەقىقەتنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك.

    ئۈچىنچى دېئالوگ:

     

    جۇڭگونىڭ[يۇقۇرى]سىدا تۇرىۋاتقان ۋاڭ مېڭ شىنجاڭنىڭ [تۆۋەن] نىنى سېغىنىدۇ. ئەمما شىنجاڭنىڭ[يۇقۇرى]سىدىكىلەرچۇ؟

    دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مەشھۇر يازغۇچى ۋاڭ مېڭ پايتەخىت  بېيجىڭدا تۇرىۋېتىپمۇ يەنە نېمىدەپ دائىم ئىلى ۋادىسىدىكى باياندايلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەستىن چىقارمايدۇ؟ قازاق يازغۇچىسىى ئەكبەر مىجىت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ : «دۇرۇس،  ۋاڭ مېڭنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قالغان، تەرى سىڭگەن بۇ زېمىن ئۇنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئىللىق قۇچىقىنى ئاشقان، گااڭگىرىغاندا يانتاياق بولغان، ئازاپلانغاندا ئۈمىد ئاتا قىلغان، قېنى قىزىپ قالغاندا تەسەللى بەرگەن ھەم ئۇنىڭغا يېڭى تەجرىبە، يېڭى شادلىق، يېڭى بىلىم، تېخىمۇ ئاددىي ھەم ساغلام بولغان يېڭى پوزىتسىيە ۋە ئاڭ ماكانى ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە شەكسىز ھالدا ناھايتى موھىم رول ئوينىغان. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ توم-توم ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كىتابخانلار بىلمەي، چۈشەنمەي قالمايدۇ، ھوزۇر ئالماي قالمايدۇ. ۋاڭ مېڭنىڭ ئەسەرلىرى باشتىن ئاخىر كۈچلۈك دەۋىر تۇيغۇسى ۋە يۈكسەك ئىدىيىۋى پەللىنى ساقلاش بېلەن بىرگە شىنجاڭدا باشتىن كەچۈرگەن بىر مەزگىللىك كەچمىشلەر سەۋەبىدىن ئجادىيەتتە تۈپتىن بۇرۇلۇش ياساپ، ئۇنى ئېرىشىش تولىمۇ قىيىن بولغان ئەقىل-پاراسەت ۋە تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا نائىل قىلدى.››②

      ۋاڭ مېڭ بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : «كۆپ ھاللاردا تېما، ئىدىيە، تەسەۋۋۇر، زوق-ئىشتىياق، ئىلھام دېگەنلەر ۋە سەنئەت جەھەتتىكى بايقاش بېلەن دۇنيانى بەدىئىي يوسۇندا بايقاشلار ئوخشىتىش ۋە سېلىشتۇرۇشتىن كېلىدىكەن. ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىنلا خەنزۇلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمگە ياردىمى بولدى.ئۇيغۇر تىلىنى ئۈگەنگەندىن كېيىنلا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ يېزىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قىزىقارلىق يەرلىرىنى بايقىۋالالىدىم. شىنجاڭنىڭ قارلىق تاغلىرى، بوستانلىقلىرى ،چۆل-جەزىرىلىرىنى چۈشىنىشىم بېيجىڭنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىشىمگە ياردەم بەردى. فىزىكا ئىلمىدا‹ پايدىلىنىش ئوبىيېكتى› دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار.پايدىلنىش ئوبىيېكتى بولمىسا بىرەر ماددىنىڭ ھەركىتىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.ئەدەبىياتتا، ئىجادىيەت دىيالېكتىكىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىغان بىر ھادىسە بار.شىنجاڭ بېلەن بېيجىڭنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرىمەن.مانا بۇ تالاي ئەسەرلىرىمنىڭ رۇياپقا چىقىش مەنبەسى.شىنجاڭنىڭ تۇرمۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى مېنىڭ ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئاجىز بولغان روھىمنى قاتتىق چېنىقتۇردى ۋە بېتىتتى» (3).  دەل شۇنداق بولغانلىقتىن ۋاڭ مېڭ پەخىرلەنگەن ھالدا : «مەن شىنجاڭنى سۆيىمەن، شىنجاڭنى سېغىنىمەن.ئۇ مېنى پۈتمەس –تۈگىمەس ئىجادىيەت كانى بېلەن تەمىنلەپلا قالماستىن ماڭا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېتىقاد ئاتا قىلدى» (4) دېيەلەيدۇ.

     ۋاڭ مېڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان مەشھۇر  يازغۇچى. ھازىرغا قەدەر 150تومغا يېقىن ئەسەرلىرى نەشىر قىلىندى ھەم ئەسەرلىرى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىندى.ئامېرىكىغا بېرىپ [خەلقئارا يېزىقچىلىق مەركىزى] دە تۇرۇپ ئىنگلىز تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ باردى. دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىنى ئايلاندى.ھەتتا ئامېرىكا ۋە كانادا يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغىمۇ كۆرسىتىلدى. ئەمما ئۇ مەيلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى بولغان مەزگىللەردە بولسۇن ياكى يۇقۇرقىدەك ئۇتۇق،  شان-شەرەپلەر ئالدىدا بولسۇن ھامان شىنجاڭنىڭ ئەڭ   [تۆۋەن] قاتلىمىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەسلا ئەستىن چىقىرىپ قويمىدى.ۋاقىت تاپسىلا ئاتايەن كېلىپ  ئۇلارنى يوقلىدى.ئەسەرلىرىدە ئۇلارنى ياد ئەتتى. مانا بۇنى مەسىلىلەرنى  دۇنياۋى نۇقتىدىن كۈزىتەلەيدىغان، چوڭقۇر ھەم كۆپ قىرلىق بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بىر يېتۈك زىيالىيغا نىسبەتەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېتىراپ قىلىش دېمەي بولمايىتتى.يەنە كېلىپ ۋاڭ مېڭ بۇ خىل ئېتىراپ قىلىشقا [يۇقۇرى]دا تۇرۇپ ئەمەس بەلكى  [تۆۋەندە] تۇرۇپ ئېرىشكەنىدى.

    ئۈرۈمچىنى دۇنيادىكى ئەڭ[ يۇقۇرى] شەھەر دەپ قاراپ  [تۆۋەن]دىكىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر مۆرىسى يوق كاپىتان(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ سۆزى)لار ئەمدى ۋاڭ مېڭدەك كاتتا ئەرباپنىڭ ئالدىدا نېمىمۇ دېيەلەيدىكىن؟ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كىيىنىشكە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان، مەينەت، رەتسىز، قالاق، دۆت، ساپاسىز سانىلىدىغان  تۆۋەندىكى ئەشۇ دېھقانلار ۋاڭ مېڭ ئۈچۈن نېمىدەپ شۇنچە موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ؟ يەنە كېلىپ ۋاڭ مېڭ 1971-يىلىدىن باشلاپ[ يۇقۇرى]دىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان. ئەمما بىراۋلارنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە سانىلىدىغان بۇ يۇقۇرى نېمىدەپ ۋاڭ مېڭنىڭ ھاياتى ۋە ئجادىيىتىگە تۆۋەندىكى سەھرا-باياندايچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ؟ نېمىدەپ ۋاڭ مېڭ بىمەھەل ھايات كەچۈرگەن شىنجاڭنىڭ[يۇقۇرى]سى ھەققىدە ئاغزاكى ياكى ئەسەرلىرىدە كۆپ توختالمايدۇ؟ئەجىبا ئۇ شىنجاڭدىكى ھەممە تەلپۈنىدىغان ئەڭ [يۇقۇرى] ئەمەسمىدى؟  بەلكىم مۆرىتى كەلگەندە بېيجىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى بويىچە ئەڭ [يۇقۇرى] ئورۇندا ياشاۋاتقان بىر مەشھۇر زادنىڭ قائىدە بويىچە ئاۋال ئۈرۈمچىنى، ئاندىن ئىلى ئوبلاستىنى، ئىلى ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالمىغان بولسا ئىلى ۋىلايىتىنى، ئۇندىن كېيىن غۇلجا شەھرىنى تىلغا ئېلىپ، ئەڭ ئاخىردا بايانداي ھەققىدە توختالمىغانلىقى بەلكىم شىنجاڭنىڭ [يۇقۇرى]سىدىكىلەرنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىش ھېساپلانسا ئەجەپ ئەمەس.

    تۆتىنچى دېئالوگ:

     

      [ يۇقۇرى]دا تالاي ئادەملەر بار، ئۇلار خۇددى ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە نېمىسىنى ئۆزىنىڭكىدەكلا  ھېس قىلىپ، AQ لارچە ياشايدۇ

    بىزنىڭ بىر شىرەم تۇغقىنىمىز بولىدىغان . ئائىلىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن بېلەن كەنىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئارىلىقى 500مېتىرغىمۇ يەتمەيىتتى. شۇنداق بولسىمۇ مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇماي ئاخىر دېھقان بولۇپ كەتتى. كېيىن دېھقانچىلىققا پايلىشالماي ساتراشچىلىقنى ئۈگەندى.ئۇنىمۇ بولمايدىكەن ،دەپ چاپىنى مۆرىسىگە سېلىپ ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەنىدى.ئۇ ھەر ئۈچ-تۆت يىلدا بىر  [تۆۋەن]گە كېلىپ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ تۇراتتى.ھەر قېتىمدا ئۈستىۋاشلىرىنى يېڭىلاپ، كۆزئەينەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ [يۇقۇرى]غا خاس سالاپىتىنى نامايەن قىلىپ، ئاپپاي ،  ھەدە  ، بىزە  دېگەندەك  [تۆۋەن]  دىكىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان  [يۇقۇرى]غا خاس مودا سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتەتتى.ئۈرۈمچىدىكى ئاسمان پەلەك ئىگىز بىنالار،موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئېسىل پىكاپلار، قايناق بازارلار ھەققىدە ئازغى بېسىقماي سۆزلەپ، [تۆۋەن]نىڭ قالاقلىقى، مەينەتلىكى، ئادەملىرىنىڭ قارا قورساقلىقىنى سۆكەتتى.

     

        ئۇ بىر قېتىم [يۇقۇرىدىن]   [تۆۋەن]گە  چۈشكەندە دادامدىن پۇل سوراپتىكەن دادام مۇنداق دەپتۇ:

    سىز دېھقانچىلىقنى ياراتماي ئۈرۈمچىگە كەتتىڭىز. سىز تاشلىۋەتكەن يەرنى باشقىلار تالىشىپ يۈرۈپ تېرىپ، بىر ئوبدان ئۆي سېلىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، بەك بېيىپ كەتمىسىمۇ ھەرھالدا بەش-ئون چارۋا، 50-60توخۇ-كەپتەر قىلىپ جېنىنى جان ئېتىۋاتىدۇ.ئەمما سىزچۇ؟ئوزايىڭىزدىن قارىغاندا ھالىڭىزنى ئېشەك تارتالمايدۇ. ئاغزىڭىزدىن چىقىۋاتقان گەپلەردىن قارىسا بىرەر يەرنىڭ ئامبىلىدەك، كاتتا بايلاردەك سۆزلەيسىز.ئەمما نە قولىڭىزدا پۇل، نە قورسىقىڭىزدا ئۇماچ يوق.سىز پەخىرلىنىپ تىلغا ئالغان ئۈرۈمچىدىكى ئىگىز بىنالار سىزنىڭمۇ؟ نېمىشقا ئەشۇ ئىگىز بىنالاردىن ئۆيىڭىز يوق؟بىر-بىرىدىن ئېسىل ماشىنىلار بېلەن سىزنىڭ نېمە مۇناسىۋىتىڭىز؟ نېمىشقا ئەشۇ ئېسىل پىكاپلارغا ئولتۇرۇپ كەلمىدىڭىز؟ ئەشۇ قايناق ئۈرۈمچى بازارلىرى سىزگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟ نېمىشقا ئەشۇ بازارلاردىن دۇكان تۇتمىدىڭىز؟قىسقىسى، سىز ئەزۋەيلەپ سۆزلىگەن ئۈرۈمچى سىزنىڭ ئەمەس.!

    دادامدەك كۆپ ئوقۇمىغان، سىرىتقى دۇنيانىمۇ ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان بىر دېھقاننىڭ [ ئۈرۈمچى سىزنىڭ ئەمەس ]دېگەن سۆزى ھەققىدە خېلى كۈنلەرگىچە ئويلىنىپ يۈرگەنىدىم. دېمىسىمۇ ئۈرۈمچىدە تالاي ئادەملەر بار، خۇددى ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە نېمىسىنى ئۆزىنىڭكىدەكلا  ھېس قىلىپ ئاكيۇلارچە ياشاۋاتقان.

     

         يەنە كېلىپ بىزنىڭ كىچىككىنە كەنىتتىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەنلەر ئىچىدە خۇددى دادام ئېيىتقاندەك ئىشقا يارىمايدىغان، ئەتىدىن-كەچكىچە ھاراق ئىچىپ ئويۇن-تاماشا قىلىپ ئاخىر كۆتى ئوچۇق قالغان ئاققاپتاللار، تولا ئەردىن چىقىپ تالاغا قاراپ قېلىپ يۇرىتتا يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرگۈدەك يېرى قالمىغان جۇۋانلار، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش، ھالال ئىشلەپ  جان بېقىش ۋە بىرەر تىجارەتنىڭ پېشىنى تۇتۇپ قەد كۆتۈرۈشنى نىشان قىلغانلار بار ئىدى

     دادام بىر كەنىت مۇدىرى بولغاچ ئاڭسىز رەۋىشتىكى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ ئۇلارنى يۇقۇرقى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلگەنىدى.بۇ بەلكىم ئۈرۈمچىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ ئەمما ئۇ يەردە ھەر خىل يولدىكى ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بىشارەت بېرەتتى. يەنە كېلىپ مەنمۇ ئۈرۈمچىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان، 4—5يىل ئىلگىرى ئۇ يەردە بىر مەزگىل خىزمەت قىلىش پۇرسىتى نېسىپ بولغاچقا مەندىمۇ  [يۇقۇرى]ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىلەر يوق ئەمەسىدى. ئۇ يەردە رايونىمىزدىكى ئەڭ پازىللار ۋە ئەڭ پاسىقلار بار ئىدى.كىشى قەلبىنى لال قىلىدىغان ئەڭ دۇرۇس ئىشلارمۇ ھەم  كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئەڭ ناپاك  ئىشلارمۇ شۇ يەردىن تارىلاتتى.قىسقىسى، [يۇقۇرى]مۇ [ تۆۋەن ]گە ئوخشاشلا ئىجدىمائىي كوللىكتىپتىن تۈزۈلگەن بولغاچقا بارلىق ئىجابىي سەلبىي ئامىللارنىڭ بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپقانىدى.

    بەشىنچى دېئالوگ:

    راسىت گەپنى قىلغاندا ،[ تۆۋەن ]دە مال بېقىپ يۈرگەن بەزى مالچىلارنىڭ   خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى   مەركەزنىڭ خادىمى   لىق سالاھىيىتى بېلەن ئالىي ئۇنۋان ئالغان [ يۇقۇرنىڭ يۇقۇرسى  ] دىكى بەزى خادىملارنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس.
    تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بېلەن ماڭا ئويلىمىغان يەردىن  2003-يىلى ئۆكتەبىردىن4 200-يىلى ئۆكتەبىرگىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قارمىقىدىكى جۇڭگو مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشىرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە باش مۇھەررىر ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەش پۇرسىتى نېسىپ بولۇپ قالدى.شۇ چاغدىكى سالاھىيىتىم ئۈرۈمچىدىكى [يۇقۇرى]لاردىنمۇ [يۇقۇرى] ئىدى.پۈتكۈل ئارخىپ-رەسمىيەتلىرىم بېيجىڭ شەھرى شەرقىي شەھەر رايونى خېپىڭلى شىمالىي كوچا 14-نومۇرلۇق قورودىكى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاخبارات-نەشىرىيات بىناسى (بۇ بىنادا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق مىللەتلەر نەشىرىياتى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرناللار نەشىرىياتى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشىرىياتى قاتارلىق ئاخبارات-نەشىرىيات ئورۇنلىرى ئىش بېجىرەتتى)دا ئىدى.بىزگە بېرىلىدىغان مائاش، تەمىناتتىن تارتىپ سېياسىي، ئىقتىسادىي، كەسپىي دەرىجە-تەمىناتلارنىڭ ھەممىسى مەركەزدىن چۈشۈرىلەتتى. پەقەت خىزمەت ئورنىمىزلا  [يۇقۇرى] نىڭ  [تۆۋەن ]ئى بولغان ئۈرۈمچىدە ئىدى.


             راسىت گەپنى قىلسام شۇ مەزگىللەردە مەندىمۇ [يۇقۇرى] دىنمۇ [يۇقۇرى] ئورۇندا ئىشلەيدىغانلارغا خاس كېبىر، [يۇقۇرى] بېلەن   تۆۋەن ]گە پەرىقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان كەسكىن پوزىتسىيە شەكىللەنگەنلىكىنىمۇ چەتكە قاقالمايمەن.ئەمما كېيىن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، يالغۇز مەنلا ئەمەس پۈتۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى تەۋەلىكىدىكى ئىنسى جىن ئاياغ باسمايدىغان چەت-يىراقلاردىكى جاھاندىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان بىرەر ساۋادسىز گىراژداندىن تارتىپ مەركەزدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسىگىچە مەركەزگە قارايدىكەن. سېياسەت، تۈزۈلمە ھەممىسى ئوخشاشكەن. ھەتتا خەجلەيدىغان پۇلمۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن خەلق پۇلىكەن.چوڭ جەھەتتىن دەرىجىگە ،[يۇقۇرى] ۋە  [ تۆۋەن ] دەپ ئايرىشنىڭ ھېچقاندەك ئەھمىيىتى يوقكەن.بۇنداق پەرىق پەقەت مەمۇرىي جەھەتتىن دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىدىنلا كېلىپ چىققانىكەن خالاس.

          2004-يىلى يازدا بېيجىڭدا چاقىرىلغان مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئاخبارات-نەشىرىيات ئورۇنلىرىدىكى تەھرىر-مۇخبىرلارنى تەربىيلەش كۇرسىغا شىنجاڭ شۆبىسىدىن مەن بېلەن قازاق تەھرىر بۆلۈمىدىكى تىلەۋجان ئوقاپ ئىسىملىك بىر قازاق بولۇپ  ئىككەيلەن بېرىپ قاتناشتۇق. كۇرىستا يوقلىما تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، دەرىس ئۆتۈلىۋاتقاندا تۆۋەندە توختىماي كۇسۇرلاشلار بولۇپ تۇردى، ئىمتاھاندا بىر ئاماللارنى قىلىپ كۆچۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى.بۇ ئەھۋاللار ماڭا نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتا قالغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە دائىم ئېچىلىپ تۇرىدىغان كۇرىسلارنى ئەسلىتىپ قويدى.   كاللىسى ئوچۇق بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۇنيا ۋە ۋەزىيەت ھەققىدە سۆزلىگەن بەزى تەھلىلى بايانلىرىنى دېمىگەندە قالغان ھالەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاتالمىش [تۆۋەن ]دئېچىلىدىغان كۇرىسلاردىن پەرىق قىلمايىتتى. شۇ چاغدا مەن بۇ ئەھۋاللاردىن بەكلا ھەيران قالغانىدىم ھەم ئۆزۈمنى پايتەخىت بېيجىڭدا ئەمەس بەلكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم يېرىدە كۇرىسقا قاتنىشىۋاتقاندەكلا ھېس قىلىپ قالغانىدىم.
    بىز كۇرىسنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنۋانغا تەييارلىق كۆرۈش ئىشى باشلاندى.شۇ چاغدا مەن ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر يولداشنىڭ كەسپىي خۇلاسە ماتېرىيالى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى پاتماندا بىر پۇل خەجلەپ خەنز ۇمەكتەپتە ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر  زىيالىيغا خەنزۇچە يازغۇزغانلىقىنى  ۋە  تولدۇرغۇزغانلىقىنى ئۆز قۇلىقىم بېلەن ئاڭلىدىم ۋە ئۆز كۆزۈم بېلەن كۆردۈم.راستىنى ئېيىتقاندا [مەركەزنىڭ خادىمى  ] لىق سالاھىيىتى بار شۇ كىشىدە كەسپىي خۇلاسە ماتېرىيالى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى خەنزۇ تىلىدا يېزىپ تولدۇرغۇدەك سەۋىيە يوق ئىدى. 

           بۇ ئەھۋال مېنى قاتتىق ئويغا سالدى.شۇئان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چەت ، تاغلىق ناھىيە بولغان يۇرتۇم----باي ناھىيىسىنىڭ ياقا ئېرىق بازىرىغا قاراشلىق بىر كەنىتتىكى ئاتا مىراس مالچى تۇرسۇن تاتلىق خىيالىمدىن كەچتى. تۇرسۇن تاتلىق ئادىمىزاتسىز سايلاردا ، خەتەرلىك تاغلاردا، ئوچۇق دالىلاردا مال بېقىۋېتىپ ، يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • tigra urumqi bizning
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.