ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-30

    سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئانا تىل

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86165652.html

    تىلىنى قوغدىيالىغان مىللەت مىللى سالاھىيىتىنى قوغدىيالايدۇ.
    * يات مەدەنىيەتنىڭ ئانا تىلغا بولغان خەتىرى تارىخقا بولغان خەتىرىدىن ئاز كەلمەيدۇ.
    * كۆز قاراشنى يات تىل بىلەن ئىپادىلەش مەدەنىيەتكە خىيانەت.
    * تىل مەدەنىيەت ئاچقۇچى.
    * تىل كىشىنىڭ قەدىرىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كىشى بەختكە ئېرشىدۇ.
    * ئانا تىلنىڭ قىممىتى ئەقىلنىڭ قىممىتىدىن تۆۋەن كەلمەيدۇ
    ****
    ئىسلام مەدەنىيىتى بىز ئۇيغۇرلارغا يېتىپ كەلگەندە ئۇيغۇر تىلىمىزنى ئوغۇرلىمىدى، ئەرەب تىلى ئۆزىنى بىزگە تېڭىشقا ئۇرۇنۇپمۇ باقمىدى ياكى ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ئىگلىىرىنىڭ ئارسىدىكى مەدەنىيەت پەرق چىگرىسىنى بىكارمۇ قىلىۋەتمىدى.
    دۇنيادىكى تىل تارىخىغا نەزەر تاشلاپ باقايلى، فىرانىسىيە فىرانسۇس تىلىنى تۇرمۇش ۋە تەشىۋىقات ۋاستىلىرىدا قوغداشقا قانۇن يولغا قويمىغان بولسا بۇ چاققىچە فىرانسۇس تىلى تۈگۈشكەن بولاتتى. فىرانسىيە تىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ…
    مەسىلەن غەرب ئەللىرى ھازىر ئىنگىلىز تىلىنى دۇنياۋى تىل قاتارىدا قويۇپ باشقا تىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ سۈيقەست قىلماقتا، يەنى بىر زېمىننى بېسىۋالسا ئۆزىنىڭ تىلىنى مەجبۇرلاپ باشقا تىللارنى ئۇجۇقتۇرماقتا.
    شۇنى بىلىش كېرەككى، تىل دېگەن بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى، ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.تىل ئۆلدى دېگەن گەپ مەدەنىيەت تۈگەشتى ۋە ئۆلدى دېگەنلىك بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ باشقا بىر مىللەتنىڭ تىلىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىشى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى، ئەخلاقى، ئادىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ھايات ئۇقۇمى، مەدەنىيىتىنى مەجبۇرى تېڭىش دېگەنلىك بولىدۇ.

    تارىخقا نەزەر سالساق سېرىق ئۇيغۇر دەيدىغان بىر مىللەت مەۋجۇت، ئۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، قىممەت قارىشى ۋە مىللى ئالاھىدلىكى قېنى؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ مىللەت تارىختىن يوقالدى؟ بار دىېسىڭىز خەنزۇ مىللىتىدىن نېمە پەرقى بار؟

    20-ئەسىر ھازىرقى زامان تىل تەتقىقاتىدا مۇقەررە بولغان بىر مەسىلە شۇكى، بىر تىل ئۆزىنى يەنە بىر تىلدىن ئارتۇق دېيشتىن يىراق تۇتىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تىلى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا يارايدىغانلىقى تىل تەتقىقاتىدا ئىتتىپاق مەسىلە. بىر تىلنى تەرەققى قىلغان يەنە بىر تىلنى ئارقىدا قالغان تىل دەپ سۈپەتلەش، شۇ تىل ئىگىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.چۈنكى تىل ئىگىلىرىنىڭ ھاجەتلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى ئىپادىلەشتىن ئاجىز كىلىدىغان تىل بولمايدۇ.ئاجىزلىق شۇ تىلنى ئىستىمال قىلىۋاتقان كىشلەردە كۆرۈلىدۇ.
    دېمەك، ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتقا ماسلىشىشتىن ئاجىز كىلىدىغان تىل ئەمەس، ئاجىزلىق تىلىمىزدا ئەمەس، بەلكى تىلشۇناسلاردا ۋە ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتشۇناسلىرىدا كۆرۈنمەكتە.ئۇلار ۋەزىپىسىنى تولۇق ئۆتىگەن بولسا، يېڭى بىر نەرسە پەيدا بولسا دەرھال ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى دەپ بەرسە تىلىمىز ساپلىقىدا تۇرىۋىرەتتى.
    ياپۇن تىلى، چاۋشەن تىلى، خەنزۇ تىلى يېڭى ئىلىم-پەنلەرنى ئۆزلەشتۈرەلىدى.بۇ تىللار يەھۇدىلار تىلىنى يېڭىدىن گۈللەندۈرگەن ۋاقتىدا ئۆلۈك تىللار قاتارىدا سانىلاتتى.
    ئۇنداقتا، ئنىگىلىز تىلى ياكى خەنزۇ تىلى تۈرلۈك ھايات ساھەلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدىن ياخشى دەپ گۇمان قىلىشنى ھازىرقى خەلقئارالىق تىلشۇناسلار ئېتىراپ قىلمايدۇ. بىر تىل يەنە بىر تىلدىن ئارتۇق بولمايدۇ.لېكىن قۇرئان تىلى بۇنىڭ سىرتىدا.
    بۇتىل ئىلىم-پەنگە يارىمايدۇ دېگەن قاراش مەدەنىيىتىڭ، ئۆرپ-ئادىتىڭ، ھايات كۆز قارىشىڭنى تاشلاپ بىزگە مەڭگۇ ئەگىشىپ بىز بىلەن ئېرىپ زاۋال تاپقىن دېگەندىن باشقا گەپ ئەمەس.
    خۇلاسە شۇكى، بىزنىڭ تىلىمىزىنى قوغدىمىغانلىقىمىز، ساپلاشتۇرمىغانلىقىمىز، تىلىمىزغا قارىتا ئاڭسىزلىقىمىز ۋە ئەدىبلىرىمىزنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمىغانلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى ۋە ۋاستىسى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى قەبرىگە دەپنە قىلىش ھالىتىگە كەلتۈردى. بۇ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق…
    بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تىلىنى قوغدىمىغانلىق مەدەنىيىتىگە خىيانەت قىلغانلىق ۋە تۇزكورلۇق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئويلان ئۇيغۇر ! ھىلىمۇ كېچىكمەيمىز، ئۇيغۇرچە تىلفون نومۇرىنى سورىسام ئۇيغۇرچە جاۋاب بەر، گەپ قىلسام ئۇيغۇر بولساڭ ئانا تىلىم بىلەن جاۋاب قايتۇر، بولمىسا سېنى باشقا مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈلمەي قالىمەن !…
    ھۆكۈمەت ئادەەتە بىر پىلاننى يولغا قويماقچى بولسا، ئۆ پىلان ۋە كۆز قاراشنى ئادەملىرى ئارقىلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خەلق ئارسىدا تارقىتىپ خەلق پىكرى توپلايدۇ.كۆپلىگەن كىشلەر ئېتىراز بىلدۈرمىسە ياكى ئەمدى قانداق قىلىمىز دەپ سۇكۇت قىلسا ئۇ چاغدا پىلان تەتبىقلىنىشقا باشلايدۇ، بۇ ھەقىقەت. تىل مەسىلىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كېتىدۇ.مەسىلە سىزگە باغلىق…
    ******
    تىل مەدەنىيەتنىڭ روھى، مەدەنىيەتنىڭ ئامىللىرى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن تەسىرلىنىدۇ.تىلدا مەدەنىيەتنىڭ تۈرى ئەكىس ئېتىدۇ. مەدەنىيەت بولسا تىلنىڭ -تارىخ بويى-ئىپادىلەش تۈرى ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارى بىلەن تەسىرلىنىدۇ.مەدەنىيەت تىل بىلەن تەسىرلىنىدۇ. پىكىر تىلغا باغلىق بولىدۇ.تىل ئىنسانلارنىڭ كائىنات ۋە ھايات توغرىسىدىكى تەپەككۈرى، تەسەۋۋۇرىدا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتلىشىشى تىلغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ مىللەت ئانا تىلىغا قانداق قارايدۇ؟ قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ.
    مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئانا تىلىمىز ھازىر تىراگىدىيە ھالىتىدە تۇرماقتا،
    70-يىللاردا يېزىقىمىزنى ئالماشتۇرۇپ مائارىپمىزنىڭ 15يىل ئارقىغا داجىشىغا سەۋەب بولدۇق، ئەمدى يەنە تىلىمىزنى مەكتىپىمىزدىن پۈتۈن يوقاتساق مائارىپىمىز يەنە نەچچە يىللاپ ئارقىغا چىكىنىدۇ.مەدەنىيەت يارتىش ئامىلىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولغان تىلىمىز ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
    تىلىڭنى يوقاتتىڭ مەدەنىيتىڭنى تەلتۆكۈس يوقاتتىڭ دېگەن گەپ، مەدەنىيىتىڭ يوقالدى تارىخىڭ يوقالدى دېگەن گەپ، ئەقلىڭىزنىڭ كەڭرى ئېچىپ ئويلۇنۇڭ…
    ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دىن، تىل ۋە تارىختىن ئىبارەت ئورتاق مىراس ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ، مەدەنىيتىمىزنى يېڭىلايمىز دەيدىكەنمىز ئىچىدىن يېڭىلا


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.