ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-01

    ئۈرۈمچى سىزنىڭ ئەمەس...نىڭ داۋامى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86250022.html

      بۇ ئەھۋال مېنى قاتتىق ئويغا سالدى.شۇئان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چەت ، تاغلىق ناھىيە بولغان يۇرتۇم----باي ناھىيىسىنىڭ ياقا ئېرىق بازىرىغا قاراشلىق بىر كەنىتتىكى ئاتا مىراس مالچى تۇرسۇن تاتلىق خىيالىمدىن كەچتى. تۇرسۇن تاتلىق ئادىمىزاتسىز سايلاردا ، خەتەرلىك تاغلاردا، ئوچۇق دالىلاردا مال بېقىۋېتىپ ، يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئاكىسى تۇنياز تاتلىقنىڭ تەسىرىدە خەنزۇ تىلى ئۆگۈنۈشكە ئىشتىياق باغلاپ قالغان ياش ئىدى.ئۇ خەنزۇچە دەرىسلىكنى قوينىغا سېلىۋېلىپ ، بوينىغا ئېسىۋالغان رادىئودىن خەنزۇچە پىروگراممىلارنى ئاڭلىغاچ توختىماي خەنزۇچە ئۆگۈنەتتى. بۇ ھال يىللاپ، ئايلاپ، كۈنلەپ داۋاملىشىش نەتىىجىسىدە ئىەنزۇچە گېزىتلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، دوكلات-ئىلتىماسلارنى خەنزۇچە يازالايدىغان، خەنزۇچە ماقالىلارنى بىمالال تەرجىمە قىلالايدىغان ھالەتكە يەتكەنىدى. تېخى مېنىڭ تونۇشتۇرۇشۇم بېلەن ئۇنىڭ بىر نەچچە پارچە تەرجىمە ئەسىرى ‹‹ ئاقسۇ گېزىتى››دىمۇ ئېلان قىلىنغانىدى.

          راسىت گەپنى قىلغاندا مالچى تۇرسۇن تاتلىقنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى [مەركەزنىڭ خادىمى  ] لىق سالاھىيىتى بېلەن ئالىي ئۇنۋان ئالغان [ يۇقۇرنىڭ يۇقۇرسى  ] دىكى ھېلىقى خادىمنىڭكىدىنلا ئەمەس يەنە   ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانىاىرىغا ھەر خىل يوللار بېلەن كىرىۋالغان بىر قىسىم قۇرۇق سۆلەت بەگزادىلەرنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايىتتى.

           دېمىسىمۇ [ يۇقۇرى  ]دىكى بولۇپمۇ پەن-تەتقىقاد، ئالىي مەكتەپلەردىكى قىسمەن پروفېسسور، تەتقىقاتچى ، ئالىملار خۇددى [قىرغىزغا تۇشلۇق قالپاق يوق   ] دېگەندەك، كىيىۋالغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان قالپىقىغا تۇشلۇق ئۇلاردا ئەمەلىي نەتىجە يوق. قېزىشقا ، رەتلەشكە، تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك تالاي تېمىلار، تەتقىقات تۈرلىرى شۇ پېتىچە قېپ قېلىۋاتىدۇ.ھەتتا بەزىلىرى كونىراپ  كۆكىرىپ پاختىلىشىپ قىممىتىنى يوقۇتۇش دەرىجىسىگە بېرىپ قېلىۋاتىدۇ. [ئۆزلىرى قىلالماسلىق ،قىلغاننى كۆرەلمەسلىك ]  ئەھۋاللىرى ئېغىر. ھەتتا [ يۇقۇرى  ]دىكى ئەشۇ [ئالىم  ] لارنىڭ بەزىلىرى خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىدىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ. ئۆزلىرىدە تۈزۈك تەتقىقاد نەتىجىلىرى بولمىغاچقا پۇل خەجلەش يولى بېلەن باشقىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاد نەتىجىسىگە شېرىك بولىۋالىدىغان ياكى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس.

             ئاقسۇ قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانىدى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىشلەيدىغان ئابدۇسەمەد ئىسىملىك  بىر ئوقۇتقۇچىنى تونۇيمەن. نەچچە يىللار ئىلگىرى بىر دوستۇم بېلەن ئۇنىڭ يېزىدىكى ئۆيىگە چىققىنىمدا  ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆيىگە ھەر خىل مەزمۇندىكى خەنزۇچە كىتاب-ژۇرناللارنىڭ پەۋەس تىزىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانىدىم. ئابدۇسەمەد مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ تۇرۇپلا تەرجىمە ئىجادىيىتىگە ھەۋەس قىلىپ قاپتۇ.شۇڭا بوش ۋاقىت تاپسىلا خەنزۇ تىلىنى  بېرىلىپ ئۆگۈنۈپتۇ. مەلۇم ئاساس تىكلىۋالغاندىن كېيىن تەرجىمە قىلىشنى باشلاپتۇ.خەنزۇ تىلىنى ئۆگۈنۈشتىن تەرجىمىگە كىرىشكىچە بولغان ئارىلىقتا ئەسەبىيلەرچە ئۆگۈنۈش قىلغانلىقتىن خۇدىنى يوقۇتۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىپ تاس قاپتۇ مېڭىسىدىن ئاداشقىلى. شۇنداقتىمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ، بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ،ئاخىر  ئىككى پارچە كىتابنى تەرجىمەقىلىپ پۈتتۈرۈپتۇ.باشقىلارنىڭ يول كۆرسۈتىشى بېلەن تەرجىمە قىلغان كىتابلىرىنى پاكىز كۆچۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم نەشىرىيات سودىگىرىگە ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. نەشىرىيات سودىگىرى تەرجىمە كىتابنىڭ بىرىنى ئۇنۋان ئېلىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەرجىمە ئاپتورلۇقى نامىدا نەشىر قىپتۇ. ئوقۇتقۇچى بۇنىڭ بەدىلىگە نەشىرىيات سودىگىرىگە مەلۇم نىسبەتتە پۇل تاپشۇرۇپتۇ. ئەمما مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى يىراق سەھرادىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى ئابدۇسەمەد تەرجىمە قىلغان كىتابنىڭ كۈچى بېلەن ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ كېرىلىپ يۈرۈپتۇ. ئابدۇسەمەد مۇئەللىمنىڭ يەنە بىر تەرجىمە كىتابىمۇ ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئاللىقانداق بىر ھاجەتمەنلەرنىڭ نامى قاتارىغا ئىمسى تىزىلىش يولى بېلەن نەشىر قىلىنغاننى ئاز دەپ كۆڭلى خوش بولغىدەك قەلەم ھەققىگىمۇئېرىشەلمەپتۇ.

           ئادەتتە ئالىي ئۇنۋان ئالىدىغانلارغا خەنزۇ تىلى ئەمەس بىرەر چەت ئەل تىلىنى بىلىش شەرىت قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ [ يۇقۇرى  ]دىكى ئالىي مەكتەپ ۋە پەن-تەتقىقاد ئورنىدىكىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئەمەس خەنزۇ تىلىنىڭمۇ ھۆددىسىدىنمۇ تۈزۈك چىقالماي ،[ تۆۋەن ]نىڭ چەت سەھراسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ  نامرات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ چاپىنىدا تەرلەش بەدىلىگە ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ كېرىلىپ يۈرۈشكەن ئاتالمىش [ يۇقۇرى  ]دىكى ئەشۇ قۇرۇق سۆلەت، ئىچى كاۋاك [تەتقىقاتچى ]، [ئالىم ] لارغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟ تېخى چاچلىرىنى سىپتا تارىشىپ، يارىشىملىق كىيىنىشىپ تېلېۋىزورلاردا، ئاممىۋى سورۇنلاردا بىلىم، قابىلىيەت، تالانىت ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ كېتىشلىرىنى نېمە دەي ئۇلارنىڭ.تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى [ يۇقۇرى  ]دىكىلەر كەشىپ قىلغان ئىجادىي ئەمگەك ئىگىسىنىڭ ئەجرىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۇنۋان ھاجەتمەنلىرىگە شەرەپ، نەشىرىيات سودىگەرلىرىگە قوش مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ خىل” يېڭىچە كەشپىيات [ خۇددى ئۈرۈمچىدە پەيدا بولغان سېرىق يۇمۇردەك يۇقۇرى] دىن [تۆۋەن]گە سەلدەك ئاقماقتا.

             ئابدۇسەمەد مۇئەللىمنىڭ تەرجىمە ئىجادىيىتىگە قىلىنغان بۇ خىل ھاقارەت ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېتىيقاندا    [ يۇقۇرى  ]نىڭ [ تۆۋەن ] نى ھاقارەتلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. [ تۆۋەن ]بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىسا  [يۇقۇرى] ئۇنى بىلىمسىزلىك، دۆتلۈك .([ يۇقۇرى ]نىڭ مودىلىشىپ كەتكەن سۆزى بويىچە مەتولۇق) تا ئەيىبلەۋاتقان؛ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ ئالدىغا ئەۋەتسە [ تۆۋەندىكىلەر قانچىلىك نەرسە بىلەتتى  ] دەپ كۆز قىرىنىمۇ سېلىشىپ قويمىغان. ھەتتا يۇقۇرقىدەك  [ئالىم ] لارغا سېتىپ خەجلەشتىن يانمىغان. بەلكىم ئۇلار پەقەت [ يۇقۇرى  ]دا بولغانلىقى ئۈچۈنلا [ تۆۋەن ]دىكىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولسا كېرەك؟ ھەي [ تۆۋەن ]، ھەي [ تۆۋەن ] سېنىڭ نادامەتلىرىڭ قاچانمۇ ئاخىرلىشار- ھة
    ؟

     

        ئالتىنچى دېئالوگ: 

        [  يۇقۇرى ] دىكى بىر قىسىم كىشىلەر  [ تۆۋەن ]نى ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىپتىدائىي  ھالەت بويىچە تەسەۋۇر قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن. ئۇلار[تۆۋەن ]دىن بىلىمدار چىققانلىقنى خۇددى ئېشەككە مۈڭگۈز چىققاندەكلا غەلىتە ئىش ھېساپلايدۇ
    .

     

     

            مۇشۇ ماقالىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان   [كەلپىن ناھىيىسىدەك چەت، نامرات ناھىيە ] دىن ئابدۇللا تالىپ، غەنىزات غەيۇررانى، توختى سابىر، ئابدۇللا ئابدۇرەھىم، غەيرەت ئابدۇللا، ئەھمەد ۋاھىدى، ئىبراھىم ئىزاقى دەك مەشھۇر ئەدىب، تىلشۇناس، سېياسىيون، پىداگوكلار چىققان.بۇ يۇرىتتىن چىققان تالاي ئىستىدات ئىگىلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرىدە ، رەھبەرلىك قاتلاملىرىدا ئۆز رولىنى توللۇق جارىي قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.    

           ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە تەزكىرىسىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تۈزۈپ بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلدۇرۇشنىڭ تۇنجى مۇۋەپپەقىيىتىمۇ مۇشۇ ناھىيدە ئەمەلگە ئاشقان. ئەشۇ ئىككى خىل تىلدىكى كەلپىن ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسىنى مەرھۇم ئابدۇساتتار ھامىدىن تۈزگەن بولۇپ، تەرجىمە ئەسىرى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئابدۇجاپپار ھامۇدىننىڭ بىر قۇرساق ئاكىسى ئىدى. ئابدۇساتتار ھامىدىندەك تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدەك چەت، نامرات ناھىيەدە تۈرلۈك قىينچىلىقلارغا بوي بەرمەي ، خەنزۇ تىلىنى ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، بىر ناھىيە تەزكىرىسىنى خەنزۇ تىلىدا تۈزگۈدەك سەۋىيىگە يېتىشى كىچىك ئىش ئەمەسىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە تەزكىرىچىلىك خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس بولۇپ باھالانغىنىمۇ بىكار بولمىسا كېرەك.

          يەنە   [كەلپىن ناھىيىسىدەك چەت، نامرات ناھىيە ]دىن چىققان ، 20نەچچە پارچە تەرجىمە كىتاب ۋە كۆپلىگەن نادىر ھېكايە، نەسىرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، رايونىمىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان قابىل تەرجىمان ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ ئاقسۇ بېلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا ئۈچ قېتىم يۆتكىلىشىدەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم قايىل قىلىدىغان [مارافونچە يۆتكىلىش ئويۇنى ]  نىڭ تېگىدىمۇ ئاجايىپ بىر سىر يوق ئەمەس. ئۇ بولسىمۇ ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ تىنىم تاپماي ئىزدددىنىش ۋە توختاۋسىز ئىجاد قىلىش روھى بېلەن  يۇغۇرۇلغان كۈچلۈك تەرجىمە ئىقتىدارىنىڭ يېتىلگەنلىكىدەدۇر. مانا بۇ [تۆۋەن]نىڭ ئۆز باغرىدا تالاي ئىقتىدار ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرەلەيدىغانلىقى ۋە [يۇقۇرى]نىڭمۇ ھەر ۋاقىت ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدەك [ يۇقۇرى ]  بېلەن [ تۆۋەن ]نىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەڭ ياخشى جاۋاب بولالايدۇ. دېمىسىمۇ خىزمەت تېپىشلا ئەمەس بەلكى [ تۆۋەن ]دىن[ يۇقۇرى  ] رىغا يۆتكىلىش ئەرىشكە چىقىشتىنمۇ تەس بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە ئۈچ قېتىم يۆتكىلىشىنى كادىر يۆتكىلىش تارىخدىكى بىر مۆجىزە دېسە ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن.
      ۋەھالەنكى،بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى بولۇشى مۇمكىن.مەن تۆۋەندىن يۇقۇرىغا چىقىپ كەتكەن، كەلپىن ناھىيىسىدىن چىققان ئاتالمىش بىر داڭلىق تەرجىمان ئەپەندىنى تونۇيمەن.بۇ ئەپەندى ئۆزىدىكى كۈچلۈك تەرجىمە نوپۇزىغا تايىنىپ 2008-يىلى قىشتا ئۈرۈمچىدىن خەنزۇچە 10كىتاب ھەل قىلىپ ،ئۇنى تۆۋەندىكى تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمە قىلىشىغا تارقىتىپ بېرىپ،تەرجىمە ھەققىنى تولۇق ۋە ۋاقتىدا بەرمىگەنننىڭ سىرتىدا ئەشۇ كىتابلارىنىڭ تەرجىمەئاپتورى ئورنىغا ئۆزىنىڭ مۇبارەك نام-شەرىپىنى چىرايلىققىنا يېزىپ ھەم شۇ بويىچە نەشىر قىلدۇرۇپ،ئەشۇ كىتابلارنى قولتۇقلاپ يۇقۇرىغا تۆھپە مەلۇم قىلغىلى بارغاندا يۇقۇردىكىلەر بۇ ئەپەندىنىڭ بىر نەچچە ئايدىلا شۇنچە كۆپ كىتاب تەرجىمە قىلىۋەتكەنلىكىدەك ئىستىداتىغا قول قويۇپ ئۇنىڭ يۇقۇرغا يۆتكىلىش مۇساپىسىنى قىسقارىتقان ھەم تېزلەتكەن .تېخىمۇ موھىمى بۇ ئەپەندىنىڭ يۇقۇرىنىڭ نوپۇزىدا تۆۋەندىكىلەرنىڭ چاپىنىدا تەرلەش تاكتىكىسى يۇقۇرىغا ياراپ قالغان بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ھەم مۇقەرەر. 
            بۇندىن 15—20يىللار ئىلگىرى  [كەلپىن ناھىيىسىدەك چەت، نامرات ناھىيە ] دىن چىققان بىرەيلەن بانكىدىن ۋە باشقىلاردىن نەچچە ئونمىڭ يۇەن قەرىز ئېلىش يولى بېلەن كىتاب-ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، چەت ئەل كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى يۆنىلىش قىلغان ھالدا فونتىكاشۇناسلىق ساھەسىدە تىنماي ئىزدىنىپ، ئاخىر ئۇيغۇر تىلى فونتىكىسىنىڭ دۇنيادىكى كىشى ئىسىملىرىنى ئىپادىلەش جەھەتتە ئىنگلىزتىلى ، رۇس تىلى، ئىسپان تىلى قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ تىللارنىڭمۇ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەم چەت ئەل كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۆلچەم ھەم پىرىنسىپلىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ چىققانىدى.   

         ئۇ كىشى ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن 40مىڭ يۇەن ئاجرىتىپ قوللۇشى نەتىجىسىدە 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە شىۋىتسىينىڭ سىتوكھولىم ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگئەن 13-قېتىملىق خەلىقئارالىق فونتىكىشۇناسلىق چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ،‹‹ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە 2-بىر تىلنى ئۆگۈنۈش ›› دېگەن تېمىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇدى ۋە شۇ ئىلمىي ماقالىسىنى خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى.(5)

            بۇندىن 15-20يىل بۇرۇنقى كەلپىن ناھىيىسى ھازىرقىدىن ئاسمان-زېمىن پەرىقلىنەتتى. ئۇ چاغلاردا قاتناش قولايسىز ،ئالاقىمۇ راۋان ئەمەسىدى. جاھاننىڭ ئۇچۇر –يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەرسىز ھالەتتىكى بېكىك، چەت، نامرات ناھىيىدە تۇرۇپ، يەنە كېلىپ تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بىر ئادەمنىڭ ئازغىنە ئىش ھەققى بېلەن پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتەك  ئېغىر مەسئۇلىيەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قەرىز ئېلىپ كىتاب-ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، تۈرلۈك قىينچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، تەتقىقاد ئېلىپ بېرىپ،   خەلىقئارالىق سەھنىلەرگە چىققۇدەك ھالەتكە يېتىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسىدى. شۇنداق كىشىلەرنى قوللاش، ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن بېرىش زۆرۈر بولسىمۇ ئەمما   [ يۇقۇرى  ]دىكى ئالىي مەكتەپ ، ئاكادېمىيە، تىل-يېزىق سىستېمىلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستەل –ئورۇندۇقلىرىنى بېقىپ بىكارغا كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ، تۇغماس مىكياندەك قولىدىن ئىش چىقمايدىغان بىر قىسىم قۇرۇق سۆلەت [ئالىم  ] ، [تەتقىقاتچى]لار تۇشمۇ-تۇشتىن ھەركەتكە كېلىپ، ئۇ كىشىگە  [ ساقتا ئىلىم نوپۇزى يەي  ] ،[ خەلىقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە  سەھنىلەرگە چىقىشقا سالاھىيىتى توشمايدۇ يەي] دېگەندەك بىرمۇنچە قۇرۇق بەتناملارنى چاپلاپ ، ئاخىر شۇ كىشى تەركىي ۋەتەن بولۇپ كەتكەندىلا  ئاندىن زۇۋانى بېسىقتى.

           شۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ مەقسىدى ئانچە سىرلىق ئەمەسىدى. ئۇلارچە بولغاندا [تۆۋەن ]دىن خەلىقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە  سەھنىلەرگە چىققىۇدەك ئادەم چىقماسلىقى، ئۇنداق ئادەم پەقەت ئۈرۈمچىدىنلا چىقىشى كېرەك ئىدى.  [تۆۋەن]دىكىلەر كىتاب ئوقۇماسلىقى، ئىجادىيەت-تەتقىقاتلار بېلەن شۇغۇللانماسلىقى، تەپەككۇر قىلماسلىقى، پەقەت ئېغىر ئەمگەك ۋە ھايۋانلارچە يەپ-ئىچىش بېلەنلا كۈن ئۆتكۈزىشى كېرەك ئىدى. مانا شۇ كىشى تەركىي ۋەتەن بولىۋىدى چەت ئەل كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش تەتقىقاتى شۇ ئىزىدىلا توختاپ قالدى. ئۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلار، سىستېمىلاشتۇرۇپ تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيىگە كۆتۈرىدىغانلار،تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى خەلىقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە  سەھنىلىرگە چىقىپ، ئۇيغۇر تىلى بېلەن دۇنياۋى تىللارنى ئۇچراشتۇرىدىغانلار تېخىمۇ چىقمىدى.ئۇ كىشى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرۇپ بەرگەن ‹‹ خەنزۇچە-رۇسچە –ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى›› ، ‹‹ خەنزۇچە-ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى ›› شۇنچە يىللاردىن بېرى  رۇسچە ، ئىنگلىزچە چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى تىلىمىزغا توغرا ، ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىشتا بىر ئوبدان رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ.ئەمما ئۇ كىشى تۈزۈپ نەشىرگە بەرگەن باشقا لۇغەتلەر تېخىچە نەشىردىن چىقمىدى. بەلكىم شۇنچە يىللاردىن بېرى نۆۋەت كۈتۈپ ياتقان ئەشۇ قول ياما ھالىتىدىكى لۇغەتلەرنىڭ بەتلىرى سارغىيىپ، چاشقانلار غاجاپ كۆرگۈسىز ھالەتكە كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن . مۇبادا  قالغان لۇغەتلەرمۇ ۋاقتىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان بولسا ھەم مۇشۇ تۈردىكى ئىلمىي ئەمگەكلەرگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلگەن بولسا بەلكىم ھازىرقىدەك  چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى ھەركىم ئۆز ئالدىغا خالىغانچە تەرجىمە قىلىدىغان ، بۇزۇپ خاتا تەرجىمە قىلىدىغان، بىر ئىسىم نەچچە خىل تەرجىمە قىلىنىدىغان ھالەتلەرگە خاتىمە بېرىشكە پايدىسى يېتەر ئىدى. ئەشۇ نەشىرىياتلارتولا تەكرارلىنىپ مەززىسى قالمىغان ئىشقىي شېئىر-قوشاقلا ۋە ھەقىقى ئەدەبىيات ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ، مىللەتكە قىلچە پايدىسى يەتمەيدىغان قۇرۇق توقۇلما بايانلار بېلەن توشۇپ كەتكەن تالاي پاق-پاق كىتابلارنى نەشىردىن چىقارسا چىقاردىكى، ئەشۇنداق موھىم ئىلمىي مەسىلىلەرنى توغرا  بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىسى يېتىدىغان ، ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان قورال كىتابلارنى نەشىر قىلىشقا كەلگەندە نېمىشقىدۇر بەكلا پاسسىپلىق قىلدى.بۇنىڭغا بەلكىم ئەشۇ لۇغەتلەرنى تۈزگۈچىنىڭ  [ تۆۋەن ]دە بولۇپ قالغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.

            شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇ قېرىنداشلار بەلكىم ھېلىھەم يۇرتىمىزنى ئېشەك، تۆگىلەرگە مېنىپ سەپەر قىلدىغان ھالەتتە تەسەۋۇر قىلىشى مۇمكىن.خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرمۇ [تۆۋەن]نى ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھالەت بويىچە تەسەۋۇر قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن.ئۇلارچە بولغاندا [ تۆۋەن] دىكىلەر ھېلىھەم كورەك توماقلارنى، يىرتىلىپ ھۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن جەندىلەرنى كىيىشىپ، يالاڭ ئاياغ ھالەتتە مەيدىلىرىنى ئوچۇق قويۇپ، كالا-ئېشەك قوشۇلغان ئىگىز چاقلىق يارىيا ھارۋىلارنى سۆرەپ  يەر تېرىش ۋە چارۋا بېقىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئىپتىدائىي قەۋىملەر بولۇپ، ئۇلاردىن بىلىمدار چىققانلىق خۇددى ئېشەككە مۈڭگۈز چىققاندەكلا غەلىتە ئىش ھېساپلانسا كېرەك.

     

    يەتتىنچى دېئالوگ: 

      [ يۇقۇرى  ]دىكى   سەنئەتكارلارنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ تونۇتقىنى  يەنىلا[ تۆۋەن ]. 

      

            [ يۇقۇرى  ]دا تۇرىۋاتقان ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ئۈچۈن [ تۆۋەن ]گە  بېرىش ،[ تۆۋەن ]نى چۈشىنىش خۇددى سېياسىي ساھەدىكىلەرگە ئوخشاشلا موھىم.ئەمما ئۇ مەنپەئەتتىن خالىي ھالدىكى ساپ توغرا نىيەتنى ئۆزىگە شەرىت قىلىشى زۆرۈر. بۇ جەھەتتە  ئۇستاز يازغۇچى زوردۇن سابىر  ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. زوردۇن سابىر گەرچە  [ يۇقۇرى  ]دا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما [ تۆۋەن ]نى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىش ماكانى قىلىپ، تۇرپان ۋە مەكىتلەردە ئاي-ئايلاپ تۇرغان مەزگىللەردە دېھقانلار بېلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتكەن.ئۇنىڭدا قىلچە [ تۆۋەن ]نى پەس كۆرىدىغان ئىدىيە بولمىغان.شۇڭا ئۇ ‹‹دولان ياشلىرى ›› ، ‹‹ ئېھ، توپىلىق يول ›› ، ‹‹ ئۇنتىمايمەن گۈلسارى ›› ۋە ‹‹جىگدىلەر پىچىرلايدۇ ›› غا ئوخشاش كۈچلۈك سەھرا پۇرىقىغا ئىگە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتالىغان.

           ئۇيغۇر رەسساملىق ساھەسىدىلا ئەمەس بەلكى جۇڭگو ۋە دۇنيا رەسساملىق ساھەسىدىمۇ بەلگۈلۈك نوپۇز تىكلىگەن ئۇستاز رەسسام غازى ئەھمەدمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەرلىرىنى سۆرەن-شاۋقۇن ، ئىس-تۈتەكلەر قاپلىغان ئۈرۈمچىدىن ئەمەس بەلكى سەھرا-يېزىلاردىن تېما ئېلىپ سىزغان. مەسىلەن ئۇ ‹‹موقام ›› ناملىق ھەممىگە تونۇشلۇق مەشھۇر ماي بوياق رەسىمىنى سىزىشتا قۇم-بوران ھۇشقۇتۇپ تۇرغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت يېزا-قىشلاقلىرىغا بېرىپ، [ تۆۋەن ] دىكى مىڭلىغان شەخىسلەر ئوبرازى ئۈستىدە ئەستايىدىل كۈزىتىش، تەھلىل قىلىش، سېلىشتۇرۇش، تاللاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئاخىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارىقاش ناھىيىسىدە سىزىپ پۈتتۈرگەن.

           غازى ئەھمەدنىڭ رەسساملىق ساھەسىدە شۇنچە ۋايىغا يېتىشىنى ئۇنىڭ چۆل –باياۋانلاردىكى پىنھان تاغ قاپتاللىرىغا جايلاشقان مىڭۆيلەرگە بېرىپ، قەدىمقى ئۇيغۇر رەسساملىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىدىن ۋە ئۇنى ئۆگەنگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلبەتتە. غازى ئەھمەد 1956-يىلى ۋە 1976-يىلى بولۇپ ئىككى قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىڭئۆيلەرگە بېرىپ، ئاي-ئايلاپ شۇ يەردە تۇرۇپ، تام رەسىملىرىنى تەقلىد قىلىپ سىزغان ۋە ئۇنى تەتقىق قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭ  [ شەخىسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش جەھەتتە بۇددىزم مىڭئۆي تام رەسىملىرى ئىلھامىمنىڭ بۇلىقى بولدى  ] دېيىشى بىكار ئەمەس.

           ئەلگە تونۇلغان ئىقتىدارلىق ياش كومپىزوتۇر، ناخشىچى ئىسكەندەر سەمەت 1993-يىلى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىدىن قۇمۇل ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئالماشقاندىن كېيىن ، قۇمۇلنىڭ بەش شەھەر ئون ئىككى تاغلىرىنى كېزىپ ، يۇرىت ئىلھامى بېلەن ‹‹ئۇيغۇر ئوغلىمەن›› ‹‹ سەرسان يەكشەنبە›› قاتارلىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن نەشىردىن  چىقىرىپ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى ھەم ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق [ يۇقۇرى  ]دا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بەزى ئىشلارنى  [ تۆۋەن ]دە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ، ئۇ يەردە ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە ئىلھام بوشلۇقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى  ئىسپاتلىدى. ئۇ  [ تۆۋەن ]دە ئجاد قىلغان ‹‹ ئايرىلىش مىنۇتلىرى›› ناملىق ناخشىنى   [ يۇقۇرى]دىكى چولپانلار تالىشىپ يۈرۈپ توۋلاپ كەلمەكتە.

          ئۆز تالانتىغا تايىنىپ [تۆۋەن ]دىن  [ يۇقۇرى  ]غا  يۆتكەلگەن شوخ ناخشىچى ۋە ئۇسۇلچى مەۋلان نىياز سەھرامۇ ئۈرۈمچى سەھنىلىرىنى بىمەھەل زىل-زىلىگە سالغاندىن كېيىن يەنە [ تۆۋەن ]دىن ئېنىرگىيە توپلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ، لوپنۇرغا بېرىپ ، توغراقلارنى ئارىلاپ، قۇملارنى كېچىپ ، قۇمۇش –چاتقاللارنى كېزىپ يۈرۈپ لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئىپتىدائىي ۋاريانىتلىرى ۋە ئۈلگىلىرىنى ئۆگەندى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلدى. شۇ ئارقىلىق خەلق سەنئىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىش يولى بېلەن بىر قاتار ئېسىل ئۇسۇللۇق ناخشىلارنى ئىشلەپ ، ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. 

            يۇقۇرقى يازغۇچى، رەسسام، سەنئەتكارلارنىڭ  دادىللىق بېلەن [ يۇقۇرى  ]دىن [ تۆۋەن ]گە چۈشۈپ، [ تۆۋەن ]دىكى خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆلمەس نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغانلىقى قانداقتۇر[ تۆۋەن ]نىڭ ئۇنچە ساپاسىز، كېرەكسىز، چۈكۈنەم ئەمەسلىكىنى بەلكى ئۇ يەردە قېزىشقا ، ئۆگۈنۈشكە ، تەتقىق قىلىشقا ئەرزىگۈدەك تالاي ئېسىل جەۋھەرلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە   [ يۇقۇرى  ]دا تۇرىۋېلىپ [ تۆۋەن ]نى كۆزگە ئىلماسلىق، كەمسىتىش ، ئىنكار قىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارغا ئەڭ ياخشى رېتسىپ بولالايدۇ.        [ يۇقۇرى  ]دىكىلەر كەلسە   [ تۆۋەن ]دىكىلەرنىڭ ئۇلارغا سېخىيلىق بېلەن داستىرخان سېلىشى قانداقتۇر  [ ئەخمەقلىق ] ، [نادانلىق ] تىن دېرەك بەرمەستىن بەلكى ئەقەللى ئادىمىگەرچىلىك يۈزىسىدىن بولغىنىدەكلا  [يۇقۇرى]دىكىلەرنىڭ  [ تۆۋەن ]دىكىلەرگە كۆز يۇمۇۋېلىشىمۇ خۇددى 18-ئەسىردە ئاقسۇ دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇمنىڭ ئەرەبلەرنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر كاتتا كىلاسسىك ئەسىرى ‹‹ مىڭبىر كېچە ›› نى ئەرەبچىدىن بىۋاستە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلىقىغا كۆز يۇمۇۋالغىنىدەكلا بىر ئىش.

           دەرۋەقە مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇمنىڭ ئاقسۇدەك جەنۇبنىڭ  [ تۆۋەن ]ىدە تۇرۇپمۇ ئەرەبلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان ھەم پىروزا ھەم پوئىزىيە ژانىرىمۇ بولغان ئەشۇنداق زور ھەجىمدىكى كاتتا كىلاسسىك ئەسەرنى ئەرەب تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقىنىڭ ئۆزىلا ھازىرقىلارنىمۇ قايىل قىلالىغۇدەك بىر مۆجىزىدۇر. [مۇھەممەت ئابدۇللاخان مەخدۇم دېگەن ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇدەك چەت، نامرات ‹تۆۋەن›دىن چىققان ئادەم تۇرسا ، ئۇ قانداقمۇ ‹مىڭبىر كېچە›دەك دۇنياۋى كاتتا ئەسەرنى تەرجىمە قىلالىسۇن؟ ئۇنى ئۈرۈمچىدەك ‹يۇقۇرى›دىكىلەر تەرجىمە قىلىشى كېرەك ] دەيلى دېسەك بۇ مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ چىققان پاكىتلىق يەكۈن ئىكەن ئەمەسمۇ؟مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە بىزدە ئېنىق مەلۇمات يوق.ئەمما ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسىرىنىڭ كەينىگە [  مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم ئاقسۇرى تەرجىمە قىلغان  ]دەپ يازغىنىغا قاراپ مۇتەخەسىس-ئالىملار بۇ كىشىنىڭ ئاقسۇ دىيارىدا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئىجادىيەت بېلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى 18-ئەسىردىكى چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى دەپ جەزىملەشتۈرمەكتە(6).

           شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم 18-ئەسىردە ئەرەب تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان ‹‹ مىڭبىر كېچە ››نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ‹‹ مىڭبىر كېچە ››نىڭ جۇڭگوىكى ئەڭ بۇرۇنقى تەرجىمە نۇسخىسى ھېساپلىنىدۇ.چۈنكى، ۋاڭ گېنمىڭ ئەپەندىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندىمۇ ‹‹ مىڭبىر كېچە ›› خەنزۇ خەلقىگە ئۇيغۇرلاردىن بىر ئەسىر ۋاقىت كېيىن يەنى 1900-يىلى تونۇشتۇرۇش قىلىنىپ، 1906-يىلىغا كەلگەندىلا بىۋاستە ئەرەب تىلىدىن ئەمەس بەلكى ئىنگلىز تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.1980-يىلىغا كەلگەندە  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم 18-ئەسىردە ئەرەب تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان ‹‹ مىڭبىر كېچە ››نىڭ چاغاتايچە تەرجىمە نۇسخىسى ۋە تاشكەنىت نۇسخىسى ئاساسىدا ‹‹ مىڭبىر كېچە ››نىڭ سەككىز توملۇق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يېڭى نۇسخىسىنى نەشىر قىلدى (7) .

         نېمىشقىدۇر تۇرۇپلا شاھ مەشرەپنى ئەسلەپ قالدىم.شاھ مەشرەپ ئەينى يىللىرى تەمبۇرى بېلەن قاپىقىنى ئېلىپ ئېشەككە مېنىپ  [تۆۋەن ]دە يۇرىت كەزگەندە ئۇنىڭ ئايىقى يەتكەنلىكى جايلاردا [ پىرئەۋلىيا ] دەپ ھۆرمەتلىنىپ، داستىرخانلاردىن ئاش-غىزا، ئېشىكىنىڭ ئالدىدىن ئوت-سامان ئۆكسىمىگەن.ئەمما شاھ مەشرەپ ھازىر بولسىچۇ؟ بەلكىم ئاچلىقتىن ئۆلمىگەن تەقددىرىمۇ ئېشىكىنى ئوغرىغا بېرىپ قويۇپ پىيادە قېلىشى مۇمكىن.تېخى كىملىكى بولمىسا سولاققا چۈشۈشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى، ھازىر [ تۆۋەن ]دىكىلەرمۇ [يۇقۇرى  ]دىكىلەردىن ئۆگۈنۈپ كۆپ [ئەقىللىقلىشىپ ] كەتتى.شاھ مەشرەپ دەشتۇ-چۆللەرنى، يېزا-قىشلاقلارنى كەزگەندە ھېچنېمە بولماي شەھەرگە كىرىۋىدى دارغا ئېسىلدى.باتۇر روزىمۇ بىمەھەل جاھان كەزدى بولۇپ [ تۆۋەن ]دە يۇرىت ئارىلاپ يۈرگەندە ھەر ھالدا ئاچلىقتىن ئۆلمىگەن. ئەمما ئۈرۈمچىدە تۇرىۋىدى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۇشتۇمتۇتلا ۋاپات بولدى. خۇددى ئەلمىساقتىن تارتىپ [ تۆۋەن ]نى دەۋزەخ دېگىلى بولمىغاندەكلا  [يۇقۇرى  ]لۇق سالاھىتىنى ھازىرلىغان شەھەرلەرنىمۇ جەننەت دەپ كەتكىلى بولمىسا كېرەك. ئىلگىرى فىرانسىيىدە [شائىرلار پارىژغا كېلەدۇ، پارىژغا كېلىپ ئۆلەد ۇ  ] دېگەن سېقىم كەڭ تارالغانكەن. بەلكىم بۇبىكار چىقمىغان گەپ بولۇشى مۇمكىن.بىر ئىستىداتلىق سەنئەتكارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئوق يىلتىزىدىن ئايرىلىپ قېلىش سەنئەت ھاياتىنىڭ زەبۇنلۇققا يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە كېلىپ دۇنيادىكى تالاي نادىر ئەسەرلەر، يېڭى تەلىماتلار،ئىختىرا- كەشپىياتلار سۆرەن-شاۋقۇندىن خالىي پىنھانلاردا رۇياپقا چىققان.مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەلققە، مىللىي مەدەنىيەت سەمەرىلىرىگە ئەڭ يېقىن تۇرىۋاتقان ئۈمىدلىك يازغۇچىمىزياسىنجان سادىق چوغلاننىڭمۇ ئېزىپ-تېزىپ [ يۇقۇرى  ]غا بېرىپ سېلىپ ھازىرقى قويۇق، ساپ مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقى ئاتا قىلغان  روھىي ئوزۇقتىن ئايرىلىپ قالارمىكىن ،دەپ ئەنسىرەيمەن.

     


     

     

    خاتىمە

      

         قىسقىسى، [ تۆۋەن ]بولمىسا [ يۇقۇرى  ] بولمايدۇ. [ يۇقۇرى  ] مۇ [ تۆۋەن ] ئاساسىدا مەۋجۇت بولىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.ھەر ئىككىسى بىربىرىنى شەرىت قىلىدۇ ۋە تولۇقلايدۇ. مەدەنىيەت ئەڭ دەسلەپ [ تۆۋەن ] دە پەيدا بولغان، كېيىن [يۇقۇرى]غا مەركەزلىشىپ قالدى. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مەدەنىيەتنىڭ قوزغۇتىش نۇقتىسى يەنە [ تۆۋەن ]گە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. [يۇقۇرى]بۇ قانۇنىيەتنى چەتكە قېقىپ ،[ يۇقۇرى ]نىڭ [ تۆۋەن ] گە يول كۆرسىتىش ،يېتەكلەش،قوللاپ-قۇۋەتلەش،بىلمىگەننى بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،[ تۆۋەن ]نى كەمسىتسە ، پەس كۆرسە [ تۆۋەن]مۇ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.بۇ ئىنكاسنىڭ ئەڭ ئىلمىي، يۇمشاقراقى مۇنداق تەلەپپۇزدا چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس :

        
       ---ئۈرۈمچى سىزنىڭ ئەمەس.
     

    2009-يىل نويابىر،شەھىرى ئاقسۇ.

    --------------------------------

          ئىزاھالار:

     


    (1) ئىمىنجان ئەھمىدى : ‹‹ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخدىكى نامايەندىلەر ›› ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1996-يىل 4-ئاي نەشرى،  292-، 293-بەتلەر.


    (2)،(3)،(4) ئەكبەر مىجىت :‹‹ ۋاڭ مېڭ ۋە ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى ›› ،  ‹‹ جۇڭگو مىللەتلىرى ›› ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 2003-يىل4-سان،14-بەت.


    (5) ‹‹ ئاسىيا كىندىكى گېزىتى ›› نىڭ 1995-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانى ، 3-بەت.

    (6) ‹‹غەربىي يۇرىت تەرجىمە تارىخى›› ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 1997يىلى 4-ئاي خەنزۇچە نەشرى، 233-، 263-،264-بەتلەر.


    (7) ۋاڭ گېنمىڭ : ‹‹ ‹مىڭبىر كېچە › نىڭ جۇڭگودىكى تەرجىمە نۇسخىلىرى››، ‹‹ ئەرەب دۇنياسى ›› ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە نەشرى، 1997-يىل  4-سان، 40-بەت.

    مةنبة؛ئصزدېنصش مۇنبصرص.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.