ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-21

    چىنگىزخان ۋە ئۇيغۇر يېزىقى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/84975997.html


    چىنگىزخان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىلگىرى مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ تېخى ئۆز يېزىقى يوق ئىدى.ھەر قېتىم ھەربىي بۇيرۇق چۈشۈرگەندە ياكى ئەلچى ئەۋەتكەندە پەقەت قول ئىشارىسى قوللىناتتى. بۇ ھەربىي بۇيرۇق ۋە خانلىق پەرماننىڭ توغرا يەتكۈزۈلىشىگە ئېغىر تۇسالغۇ بولۇپ مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تونۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزدى.چىنگىزخان خەت بىلمىگەچكە سانسىزلىغان ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولدىن بېرىپ قويدى، بۇ سەۋەپلىك ئۇ ئەڭ ئالى ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن يېزىقى بولماسلىقنىڭ مىللەتكە كەلتۈرىدىغان ئاۋارىچىلىقى ۋە قولايسىزلىقىنى تېخىمۇ ھىس قىلىدىغان بولدى. خۇشاللىنارلىقى، ئۇنىڭ مۇڭغۇل يېزىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارزۇسى ناھىيىتى تېزلا مۇڭغۇل يايلىقىدا رىئاللىققا ئايلاندى.
    1204 – يىلى چىنگىزخان قۇياش خانىدانلىقىنى يوقاتتى، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى بىر ئەسىرنى قولغا چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئىسمى تاتاتۇڭا بولۇپ، ئۇيغۇر ئىدى. تاتاتۇڭا تۇغما ئەقىللىق ۋە سۆزمەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى پىششىق بىلگەچكە قۇياشخاننىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ خان ئۇستازى ۋە دۆلەت مالىيسى بىلەن ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقىغا ئىشلىتىدىغان ئالتۇن تامغىنى باشقۇرىدىغان ۋەزىر بولغان. قۇياشخان مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز خانىغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى يوقاتماي تامغىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا موڭغۇل قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى.
    چىنگىزخان ئۇنىڭدىن:
    _ قۇياشخانننىڭ جىمى پۇقرالىرى ۋە زېمىنى مېنىڭ ئىلكىمگە ئۆتكەن تۇرسا ئۇ ئالتۇن تامغىنى يوشۇرغىنىڭنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟_ دەپ سورىدى.
    بۇنىڭغا جاۋابەن تاتاتۇڭا:
    - بۇ بىر ۋەزىرنىڭ مەسئۇلىيىتى! كاللام كەتسە كەتسۇنكى، مەرھۇم خاقانىمغا ئاسىيلىق قىلسام بولمايدۇ،_ دېدى.
    چىنگىزخان بۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ:
    _ سەن ھەقىقەتەن ساداقەتمەن ئادەم ئىكەنسەن، دۆلىتىڭنىڭ يېزىقىنى پىششىق بىلەمسەن؟_ دەپ سورىدى.
    _ بىلىمەن، ئالىلىرى ماڭا خىزمەت بەرسىلە،_ دىدى بۇنىڭغا جاۋابەن تاتاتۇڭا.
    بۇ چىنگىزخاننى قاتتىق خۇشال قىلدى، ئۇ تاتاتۇڭانى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ، ئۇستازلىق مەرتىۋىسىنى بېرىپ، پەرزەنتلىرى بىلەن بەگلىرىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەتتى. كېيىن چىنگىزخان يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق بىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تېپىپ كېلىپ مەرتىۋىلىك مۇڭغۇل پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەتتى.
    چىنگىزخاننىڭ زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىشى، تاتاتۇڭا قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئەڭ بالدۇر ئۆگەنگەن ئېسىلزادىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجى ھالدا مۇڭغۇللارنىڭ تىل ئالاقىسىغا ئىشلىتىلىدىغان بولدى،شۇنداقلا دۆلەت تۈزۈمىگە ئايلاندى.
    گەرچە يۇەنشىزۇ دەۋرىدە دۆلەت ئۇستازى باسبا زاڭزۇ يېزىقىنى قوللىنىشنى دۆلەت تۈزۈمى قىلىپ قوللىنىشنى تۈزۈم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يۇەن سۇلالىسى يوقالغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدى. ئۇيغۇر يېزىقى مۇڭغۇللار تارىخى تەرەققىياتىدا بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە .
    مەنبە : ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى تور بېكىتى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.