ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-20

    تۇرپاندا ئوبوروت قىلىنغان ۋە بايقالغان قەدىمكى پۇل - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/84766827.html

    تۇرپاندا تارىختا كۆپ مىللەتنىڭ پۇللىرى ئوبوروت قىلىنغان. تۇرپاندىن بايقالغان پۇللار ئاساسەن گىرېك – يۇنان پۇل قۇيۇش ئۇسلۇبى، سوقۇش ئۇسلۇبى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئەنئەنىۋى پۇل قويۇش ئۇسلۇبىدا قۇيۇلغان، بەزى پۇللار سودا ئالاقىسى جەريانىدا تۇرپانغا كىرگەن.
    1. قۇلۇلە قېپى پۇلى. تەبىئىي دېڭىز قۇلۇلىسى قېپى پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ياڭخىي قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان قۇلۇلە قېپى پۇلى ۋە تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىكى 385 – نومۇرلۇق قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان قۇلۇلە قېپى پۇلى مۇشۇ خىلدىكى پۇل ھېسابلىنىدۇ.

    2. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ بەش جۇلۇق يارمىقى. چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن پۇل، ئۆلچەم ۋە ئۇزۇنلۇق بىرلىكىنىمۇ قېلىپلاشتۇرغان. ئالدى يۈزىگە خەنزۇچە ››يېرىم سەر‹‹ دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن، چۆرىسى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىدا تۆشۈكى بار يارماق پۈتۈن مەملىكەتتە ئوبوروت قىلىنغان. خەن ۋۇدىنىڭ ۋۇشۇ 5 – يىلى (مىلادىدىن ئىلگىرى 118 – يىلى) ‹‹يېرىم سەر››لىك پۇلنى ‹‹بەش جۇ››لۇق پۇلغا ئۆزگەرتكەن. 1996 – يىلى يارغول جىلغىسى غەربىي تۆپىلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئازگاللىق قەبرىستانلىقىدىن غەربىي خەن ئۇسلۇبىدىكى ‹‹بەش جۇ››لۇق يارماق قېزىۋېلىنغان.

    3. ‹‹كەييۈەن توڭباۋ›› يارمىقى. كەييۈەن توڭباۋ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يارماق بولۇپ،بۇ يارماق مىستىن ياسالغان. ئوتتۇرىسىغا چاسا شەكىلدە تۆشۈك ئېچىلغان. ئالدى يۈزىگە ئاستى – ئۈستى، ئوڭ – سول يۆنىلىشتە خەنزۇچە ‹‹كەييۈەن توڭباۋ›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن، ئارقا يۈزى سىدام. كەييۈەن توڭباۋ يارمىقى، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان.


    4. قۇچۇ قۇت يارمىقى. قۇجۇ قۇت يارمىقى قۇچۇ خانلىقى دەۋرىدە قېلىپتا پۇل قۇيۇش ئۇسلۇبىدا قۇيۇلغان، چۆرىسى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىدا چاسا تۆشۈكى بار گىرۋەكلىك يارماق. پۇلنىڭ ئالدى يۈزىگە خەنزۇچە سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە ‹‹قۇچۇ قۇت›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. قۇچۇ قۇت يارمىقى بادام قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان.

    5. قەغەز پۇل. قەغەز پۇل يۈەن سۇلالىسىنىڭ 1280 – يىللىرىدا تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ پۇل 1908 – يىلى تۇرپاندىن بايقالغان. ھازىر تۇرپان مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

    6. چيەنيۈەن جۇڭباۋ يارمىقى. چيەنيۈەن جۇڭباۋ يارمىقى قىزىل مىستىن ياسالغان، ئالدى يۈزىگە ئاستى – ئۈستى، ئوڭ – سول يۆنىلىشتە خەنزۇچە ‹‹چيەنيۈەن جۇڭباۋ›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن، ئارقا يۈزى سىدام. 1956 – يىلى يارغول قەدىمى شەھىرىدىكى قەبرىستانلىقتىن بايقالغان.

    7. غەربىي شىيا ۋە لىياۋ سۇلالىسى پۇلى. 1964 – يىل 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى قوچۇ قەدىمكى شەھىرى خان سارىيى ئىچىدىكى چوڭ بۇتخانا ئىزىنىڭ يېنىدىن بىر دانە غەربىي شىيا سۇلالىسىنىڭ پۇلى تېپىلغان. پۇل قورام تاشتىن يونۇپ ياسالغان. پۇلنىڭ يۈزىدىكى ‹‹تيەن›› ۋە ‹‹ يۈەن›› خېتى مۇكەممەل ساقلانغان، ‹‹شېڭ›› ۋە ‹‹باۋ›› خېتى ئانچە روشەن ئەمەس.


    8. تۇرپاندىن نۇرغۇنلىغان ساسانىيە كۈمۈش تەڭگىلىرى بايقالغان. بۇ كۈمۈش تەڭگىلەرنىڭ بايقىلىشى، تۇرپاننىڭ يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولغانلىقى ۋە ئەينى چاغدىكى سودا ئالاقىسىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يىپەك يولى سودىسىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى ھەم بۇنداق پۇلنىڭ ئوبوروت قىلىنغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.


    مەنبەسى:ئۇيغۇرپايچېكى تورى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.