ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-21

    «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» تىن پارچە - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/84976551.html

     

    ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك›› تىن پارچە

    ئەسەت سۇلايمان   بىرىنچى پارچە (72-بەت)    ئابتوبۇس مېڭىشقا يەنە 50 مىنۇتچە ۋاقىت بار بولغاچقا ، بېكەتتىكى مەكدونالىد(McDonaldsd) تېز تاماقخانىسىغا كىرىپ توخۇ گۆشى قىيمىسىدا قىلىنغان ھامبۇرگ بولكىسى بىلەن قورساق تويغۇزدۇم . ئۈرۈمچىدىكى چاغدا بولكا تۈرىدىكى نەرسىلەرنى نېمىشقىكىن پەقەت يېمەيتىم . مانا ئۈچ ۋاقلىق تاماق بىر كۈنلۈك كۈنتەرتىپنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان جۇڭگو جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ ، غەرىپنىڭ شىددەتلىك تۇرمۇش رېتىمى ئىچىدە ياشاۋېتىپ ، كۆڭۈل كۆتۈرگەن نەرسىنى ئىسسىق - سوغۇق دىمەي يەيدىغان بولدۇم . چۈنكى بۇ يەردە ئۈرۈمچى ياكى قەشقەردىكىدەك تاللاپ ، ئىلغاپ ئەڭ ياخشى ئاشخانىلاردا ئەڭ مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىنى يەيدىغان ، بىر ئۈستەلگە رەڭگارەڭ تاماقلارنى دۆۋېلىۋېلىپ كەچكىچە شۇنىڭغا قاراپ مەززە قىلىپ ئولتۇرىدىغان نەدىكى ۋاقىت ۋە ئىمكانىيەت دەيسىز!؟ جۇڭگو پۇلىدا 100 يۈەنسىز ئادەتتىكى ئاشخانىدا بىر ۋاخ ئاددى غىزالانغىلى بولمايدىغان سىتوكھولىمدا ، قورساقنى ئاران ئەستەرلىگىلى بولىدىغان ھامبۇرگ بولكىسى ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلغىمۇ ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشىدۇ . ئەگەر شىمالى ياۋروپادىكى يۇقىرى پاراۋانلىق ئىشقا ئاشقان . بۇنىڭغا يارىشا ئىستىمال سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى ئەللەردە بىر مەزگىل ياشاپ كۆرسىڭىز ، ئىقتىسادنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ، بىر تىيىننىمۇ ئۆز جايىغا خەجلەشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىز . سىتوكھولىمدا قىممەتچىلىك دەستىدىن سىرتتا تاماق يېيىشكە كۆزۈم قىيماي ، جاپا تارتساممۇ ئۆيگە قايتقان كۈنلىرىمدە ، مېترو ئاپتوبۇسلاردا ئالدىراش كېتىپ بارغان شۋېتلانىڭ ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن ئالما ۋە بولكا بىلەنلا قورسىقىنى ئەستەرلەپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە ، يۇقىرى مائاش ئالىدىغان ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئادەتتىكى رېستورانلاردا بىر كىشىلىك ئادەتتىكى تاماقلارنى ئىشتىھا بىلەن يەپ ، تەخسىلىرىنى پاك - پاكىز يىغۇشتۇرغانلىقىغا شاھىت بولغان چاغلىرىمدا ۋەتەندىكى بىھىساب ئىسراپچىلىقلارغا توۋا دېدىم...! بىزنىڭ بۇزۇپ چاچىدىغانغا ، پۇلنى بولىشىغا خەجلەپ ، ئۆزىمىزنى كۆز - كۆز قىلىدىغانغا ، ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان تەخسە - تەخسە تاماقلارغا بىر چوكا تەگكۈزمەي كېتىپ قالىدىغانغا زادى قانچىلىك ئاساسىمىز بار ؟ بىز يىگەن تاماقلار بىلەن كىيگەن نۇرغۇن كىيىملەرنى شۋېتلار يېمەيدۇ ھەم كىيمەيدۇ . ئۇلار پۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئىقتىسادچان ۋە تېجەشلىك ياشاشقا كۆنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ . ئۇلار بىزدەك ئىسسىق - سوغۇقنى تەڭشەپ ، ھۆللۈك بىلەن قۇرغاقلىقنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ئۈچۈن مىزاج بىلەن يېمەكلىكلەرنىڭ تەبىئىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا ھەسسىلەپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ ئولتۇرمايدۇ . بەلكى ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى بولغان ، ئاقسىل ، ۋىتامىن ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ساغلاملىقنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە ئىكەنلىكىنى ، بولۇپمۇ تىنىمسىز ھەركەت سىجىللىقىنىڭ ھەممىدىن زۆرۈرلۈكىنى تەبىئىيلا ھېس قىلىپ ياشايدۇ . يوقىرى ئىسسىقلىق كالورىيىسىگە ئېگە كاۋاپ ، پولو ۋە ئۇچار قۇشقاچ مېڭىسى ، باچكا گۆشى ، بۇغا قېنى ، توشقانزەدىكى ، زەپە تالقىنى ، بادام ، ياڭاق مېغىزى قاتارلىق ئەشيالاردىن تەييارلانغان قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ؛ بۆرەك ۋە ئەرلىك جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش ، ئاياللارنىڭ ساغرا ۋە كۆكرەكلىرىنى چوڭايتىش ھەققىدىكى رادىئو - تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى ھەممە جاينى قاپلاپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ بەدەن ساپايىمىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ تەئەججۈپلەندۈرىدۇ . بىر ئۆمۈر ئىسسىقلىق ۋە قۇۋۋەتلىك تائاملار بىلەن ھەپىلەشكەن كىشلىرىمىزنىڭ 60 ياشقا بارمايلا قان بېسىم ، قاندا ماي ماددىسىنىڭ ئارتىپ كېتىشى ياكى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشى قاتارلىق قان تومۇر كېسەللىكلىرى ، يۈرەك كېسەللىكلىرى ، ھەمدە شېكەر سىيىش كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ، سوغۇق تەبىئەتلىك شۋېتلانىڭ بولسا ئۆمۈر بويى مۇز سوغۇق تائاملار بىلەن خام نەرسىلەرنى خالىغانچە ئىستىمال قىلىپ دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان مىللەتلەر قاتارىدا تۇرۇۋاتقانلىقى كىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ . ئىككىنچى پارچە (100-بەت)    بىزدە تېخى بۇ ھەقتە ئۇنچىلىك كۆپ تەتقىقاتلار يوق ، سۋېن ھېدىننىڭ ئەسەرلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىد . شۇنداقكەن ، سۋېن ھېدىنغا ئۈن - تۈنسىز ياردەملەشكەن تارىملىق ئۇيغۇر يول باشلىغۇچىلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىمىز تېخىمۇ ئاز . يېقىندا ئاڭلىسام لوپنۇر رايونىدا ئۆردەكنىڭ ھەيكىلى تىكلىنىپتۇ دەيدۇ . لېكىن مەن تېخى كۆرمىدىم .
        - بىزمۇ ئاڭلىدۇق . ئۆردەكنىڭ ھەيكىلىنىڭ تىكلىگەنلىكى ياخشى ئىشكەن ، لېكىن بىزنىڭ ئېنتوگرافىيە مۇزېيىدا ئىشلەيدىغان بىر خادىمىمىز لوپنۇرنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ئىدى . ئۇ تەمىنلىگەن سۈرەتلەردىن كۆرسەك ، ھەيكەلنىڭ ئاستىدىكى مەرمەر تاشقا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشتە زور خاتالىق بار ئىكەن . خەنزۇچە خەتكە 瑞典 دەپ توغرا يېزىلغان بولسىمۇ ، ئەممە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشتە «شىۋىتسارىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن» دەپ يېزىلىپتۇ . بۇنىڭدىن ھەيران قالدۇ


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.