ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-12

    يىپەك يولىدا قەغەزنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ شەرق-غەرپ مەدەنىيىتىنى ئۇچراشتۇرۇشتىكى رولى ئۈستىدە تەھلىل - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/78101550.html

    مۇھىم مەزمۇنى:جوڭگۇ مەدەنىيىتى بىلەن ياۋرۇپا،ئاسىيا،ئافرىقا قاتارلىق جايلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى خېلى بۇرۇنلا ئۆزئارا ئۇچرىشىپ،ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىپ كەلگەن بولۇپ بۇ قەدىمقى مەدەنىيەتلەر ئالاقە قىلىشىشتا دەل يىپەك يولىنىڭ تۈگىنىگە جايلاشقان شىنجاڭ رايۇنى كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كالگەن.مەزكۇر ماقالىدا ئاساسلىغى ياۋرۇپا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا قىتئەسى ئوتتۇرىدىكى قەدىمكى بۇ يىپەك يولى دەپ ئاتالغان مۇھىم تۈگۈننىڭ قەغەزنى ۋە قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنلىرىغا تارقىتىشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە قەغەزنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى رولى ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە تەھلىل يۈرگۈزىلىدۇ.
         ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:يىپەك يولى قەغەز مەدەنىيەتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى
        جۇڭگۇ بىلەن باشقا ئەللەرنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشى جەريانىدا قەغەز ئىزچىل ھالدا جۇڭگۇ مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى،شۇڭلاشقا بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە دائىملا جۇڭگۇنىڭ قەغەزچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ باشقا ئەللەرگە تارقىلىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدۇك،ئەلۋەتتە جۇڭگۇنىڭ قەغەزچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ باشقا ئەللەرگە تارقالغانلىغىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان پاكىتلار بۇ تېمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يىتەرلىك ماتىرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.ئەمما قەغەزنىڭ باشقا ئەللەرگە بولۇپمۇ ياۋرۇپا ئەللىرىگە قانداق تارقىلىپ بارغانلىغى ھەم قەغەزنىڭ شۇ جايلارغا تارقالغاندىن كىيىن پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرى مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىگە ئىزچىل سەل قارىلىپ كەلدى.بولۇپمۇ قەغەزنىڭ ۋە قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ ياۋرۇپاغا تارقىلىشىدا ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭ رايۇنىنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئىزچىل نەزەرگە ئېلىنماي كەلدى.بۇ ئەھۋال تەتقىقاتچىلىرىمىزنى بۇ مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشى ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزىشىنى كۈتمەكتە.
        
    1877-يىلى گىرمانىيىلىك مەشھەر جۇغراپىيەشۇناس ئىكىسپىدىيىچى رىچتوفىن ئۆزىنىڭ « جوڭگۇ » دىگەن مەشۇر ئەسىرىدە تۇنجى بولۇپ « يىپەك يولى » (Seidenstrassen) دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتتى.مەزكۇر ئەسەردە رىچتوفىن ئەپەندى « يىپەك يولى » غا « مىلادىدىن ئىلگىرىكى 114-يىلدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 127-يىل ئارىلىغىدىكى جوڭگۇ بىلەن ئىككى دەريانى تۇتاشتۇرۇدىغان( ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەريالىرىنى كورسەتكەن ) ھەمدە جوڭگۇ بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى يىپەك سودىسىنى ئاساس قىلغان غەربىي يۇرتتىكى قاتناش يولى» (1) دەپ ئېنىقلىما بەرگەن.بۇ ئاتالغۇ ناھايىتى تىزلا غەرپ ئىلىم ساھەسىدىكى كۆپ قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن.ئەنگىلىيە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر شۇنىڭدىن كىيىن بۇ يولنى« Silik Roads» دەپ ئاتىغانلىقتىن تا ھازىرغىچە پۈتكۈل غەرپ دۇنياسىدا مۇشۇ خىل ئاتاش ئادەتكە ئايلىنىپ كەلدى.1910-يىلى گىرمانىيىلىك خەنزۇشۇناس ئالبېرت ھېرمان (Albert Herrmann) ئارخىلوگىيىلىك تېپىلمىلار ۋە ۋەسىقەشۇناسلىق تەتقىقاتى مەۋقەسىدە تۇرۇپ يىپەك يولى ئۇقۇمىنى قايتىدىن شەرھىلەپ ئۆزىنىڭ « جۇڭگۇ ۋە سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىپەك قەدىمى يولى » دىگەن ئەسىرىدە « بىز بۇ ئاتالغۇ كۆرسەتكەن قەدىمىي يولنىڭ غەربىي ئۇچىنى ناھايىتى يىراق بولغان سۈرىيىگىچە بارىدىغان يولغىچە ئۇزارتىشىمىز كىرەك » (2) دىگەن قاراشنى ئوتتۇرۇغا قويدى.رىچتوفىن ئەپەندى يىپەك يولىغا بەرگەن ئېنىقلىمىسىدا جاڭ چىيەننىڭ غەربىي يۇرتقا ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يېزىلغان سى ماچىيەننىڭ«تارىخنامە پەرغانە تەزكىرىسى» دىكى غەربىي يۇرت رايۇنىدىكى يىپەك سودىسىنىڭ ئاۋات بولىشىدەك تارىخى پاكىتنى ئاساس قىلغان.ھېرمان يىپەك يولىنىڭ غەربىي ئۇچىنى سۈرىيەگىچە تۇتاشتۇرۇشىدىكى سەۋەپ جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جۇڭگۇ يىپىەكلىرى غەربىي يۇرتتىكى قاتناش يولىدىن سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا كەلتۈرۈلگەن بولغاچقا كۆپلىگەن ئەللەر يىپەك يولى دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئشلىتىشكە باشلىغانلىغىنى ئاساس قىلغان.ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە جۇ سۇلالىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاقىتتىلا يىپەك جۇڭگو ۋە غەرپ ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق سودا بۇيۇمى بولۇپ قالغان بولۇپ بۇ سودا بۇيۇمىنىڭ شەرقتىن غەرپكە توشۇلىشىدىكى ئاساسلىق تۈگۈن بولغان شىنجاڭ رايۇنى يىپەك سودىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغاچقا بۇ رايۇننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. يىپەكتىن باشقا يەنە قاشتېشى،ئەينەك قاتارلىق بۇيۇملارمۇ شەرق-غەرپ سودىسىدىكى ماددى بويۇملار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانئىدى.قانداقلا بولمىسۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە شىنجاڭ رايۇنىدىكى يىپەك بويۇملىرىنىڭ يىراق شەرققە ۋە ياۋرۇپاغا توشۇلغانلىغى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. بىراق يىپەك يولىدا يىپەكتىن سەل كىيىنلا ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنى تاڭ قالدۇرغان قەغەزنىڭ پەيدا بولىشى ۋە قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنلىرىغىچە تەسىر كۆرسىتىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرىلىشدە ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان.ئەلۋەتتە قەغەزنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدىكى رولى يىپەك،قاشتېشى،ئەينەك قاتارلىق ماددى بويۇملاردىن زور پەرقلىق بولغان .
        
    قەغەزنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ياسىلىشى ھەققىدە كۆپ توختالمىساقمۇ ئۇقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇم بولسا كىرەك.ئەزەلدىن ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان ئادەت بويىچە ئېيتقاندا قەغەز ئەڭ دەسلەپ مىلادىي 89-يىل بىلەن 105-يىلنىڭ ئارىلىغىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سەيلۈن تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ،ھەم مىلادىي 105-يىلى سەيلۈننىڭ بۇ ئىجادىيىتى شەرقىي خەن سۇلالىسى خانىنىڭ تارتۇقلىىشىغا ئىرىشكەن.دەرھىقىقەت ھازىرچە قەغەزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىجاد قىلىنىپ ئاندىن ئوتتۇرا شەرق ۋە غەرپ دۇنياسىغا تارقالغانلىغىدەك قاراشلار ھازىرغىچە ئىلىم ساھەسىدە پۇت تىرەپ كىلىۋاتىدۇ.ئەمما يېقىنقى دەۋىردىكى ئارخىلوگىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئارقا-ئارقىدىن بايقالغان ئارخىلوگىيىلىك تېپىلمىلار بۇ رۇنقى ئەن-ئەنىۋى قاراشلارغا گۇمانى سۇئاال قويدى. شىئەن دىكى بېيچاۋ خارابىسىدىن تېپىلغان غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان قەغەز پارچىلىرى سەيلۈننىڭ قەغەز ئىجاد قىلغان يىل دەۋرىدىن ئىككى يۈز يىل بۇرۇنقى قەغەز ئىكەنلىگى ئىسپاتلىدى(3).بېيچاۋ خارابىسىدىن تېپىلغان بۇ قەغەز پارچىلىرىدىن بۇرۇنلا يەنى 1933-يىلى خۇاڭ ۋېنبىي ئەپەندى شىنجاڭنىڭ لوپنۇر رايۇنىدىكى خەن دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان قەدىمىي قەبرىدىن غەربىي خەن سۇلالىسى شۇەندىي خان مەزگىلىدىكى قەدىمىي قەغەز پارچىلىرىنى تاپقان ،خەن سۇلالىسى شۇەندى خان مەزگىلى بولسا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 73-يىلدىن 49-يىلغىچە بولۇپ لوپنۇردىن تېپىلغان بۇ قەدىمىي قەغەزلەر سەيلۈننىڭ قەغەز ئىجادىيىتىدىن 100يىل بۇرۇنقى قەغەزلەر ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ(4) .ئەينى ۋاقىتتا لوپنۇردىن تېپىلغان بۇ قەدىمىي قەغەز غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بىردىن بىر قەدىمىي قەغەز بولۇپ شىئەن دىكى بېيچاۋ رايۇنىدىن تېپىلغان بۇ دەۋرگە مەنسۇپ بولغان قەغەزنىڭ بايقىلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە شىنجاڭ رايۇنىدا سەيلۈننىڭ قەغەز ئىجادىيىتىدىن بۇرۇنلا قەغەزنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگى ۋە خېلى كەڭ ئومۇملاشقانلىغىنى يىتەرلىك ئىسپات بىلەن تەمىن ئېتىدۇ(5).ئارخىلوگلار شىنجاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى قەغەزنىڭ ئەۋرىشكىسىنى خېمىيىلىك ئۇسۇلدا ئانالىز قىلىش ئارقىلىق قەغەز ياساشقا ئىشلەتكەن ماتىرىيالنىڭ دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمقى قەغەز نىڭ ماتىرىيالى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىگىنى ئسپاتلاپ چىقتى.بۇ خىلدىكى قەغەزلەر ئوخشاشلا كەندىر ياكى دەرەخ قوۋزاقلىرىدىن ياسالغان بولۇپ ياسىلىش ئۇسۇلى ئاددى ھەم ماتىرىيال مەنبەئەسى يىتەرلىك بولغاچقا ئەتراپتىكى رايۇنلارغا تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولىشى تەبىئى ئىدى.1901-يىلى ئاۋرېل سىتەين لوپنۇر رايۇنىدىن كۆپلىگەن قەغەز پارچىلىرىنى تاپقان 1910-يىلى ۋىنالىق فىزىئولوگ ۋىنسىر خېمىيىلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ قەغەزنىڭ لاتا قېتىلغان ئۈژمە قوۋزاقلىرىدىن ياسالغانلىغىنى ئىسپاتلاپ چىققان(6) بۇ شىنجاڭ رايۇنىدا قەغەز ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتىرىياللار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدىكى ماتىرىياللاردىن مەلۇم جاھەتتىكى پەرقلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگنى ئىسپاتلىغان.گەرچە بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرى قەغەز ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا كەشىپ قىلىنىپ ئاندىن شىنجاڭ رايۇنىغا كەلگەن دىگەن قاراشنى ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما شىنجاڭ رايۇنىدىكى قەدىمى خارابىلەردىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قەغەز ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتىرىياللار بىلەن پەرقلىق بولغان ماتىرىياللاردا ياسالغان قەغەز پارچىلىرىنىڭ بايقىلىشى بۇ كونا قاراشقا قايتىدىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.ئارخىلوگىيىلىك بىلىمىمىزنىڭ چەكلىك بولىشى تۈپەيلى بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزىشكە ئاجىزلىق قىلىمىز شۇنداقتىمۇ ئارخىلوگىيە پېنىنىڭ تەرەققىياتى بۇ مەسىلىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلالايدۇ دەپ ئىشىنىمىز.
        
    قەغەز ياساش تېخنىكىسى سىرتقا تارالغاندا دائىم دىگۈدەك يەرلىك ئالاھىدىلىگىنى ساقلاپ يەرلىكتىكى مەدەنىيەت ئىزنالىرى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ ئوخشاش تېىخنىكا بىلەن خىلمۇ-خىل ماتىرىياللار ئىشلىتىلىپ قەغەز ياساش ئۇسۇلى بارلىققا كەلگەن.بۇ خىلدىكى قەغەز ياساش ئۇسۇلى ئەڭ بالدۇر جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن جۇڭگۇ بىلەن خوشنا بولغان مەدەنىيەت جەھەتتە جۇڭگۇ مەدەنىيەت چەمبىرىگىگە مەنسۇپ بولغان چاۋشىيەن،ياپۇن قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تارقالغان.
        
    قەغەز ئەڭ دەسلەپ نەرسە-كىرەكلەرنى ئوراشقا ئىشلىتىلگەن بولۇپ مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە كىشىلەر دەرەخ قوۋزاقلىرى،تارشىلارغا بەلگە خەت چۈشۈرۈپ خاتىر قالدۇرۇشقا قارىغاندا قەغەزگە خاتىرە قالدۇرۇشنىڭ كۆپ قولاي ئىكەنلىگىنى بايقىغان.شۇنىڭ بىلەن قەغەزنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ ئۇنىڭ قىممىتىمۇ يۇقۇرىلىغان. بۇددا راھىپلىرىنىڭ بۇددا نوملىرىنىڭ شەرھىسىنى قەغەزگە يېزىپ ساقلىشى ۋە ئۇنىڭ تارقىتىلىشى قەغەزنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمدارلىغىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ۋە بۇددا دىنىنىڭ تىز سۈرئەتتە تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغان. قەغەزنىڭ توۋارغا ئايلىنىشى بولۇپمۇ جوڭگۇغا يېقىن بولغان دېڭىز بويى رايۇنلىرىنىڭ جۇڭگۇدىن ( ھىندونىزىيە،ياپۇنىيە،چاۋشىيەن،مالاي تاقىم ئاراللىرى ) ئىمپورت قىلىدىغان ئاساسلىق بۇيۇم ئىكەنلىگە دائىر تارىخىي ئىسپاتلار ئەينى دەۋىردە مۇشۇ رايۇنلارغا كەلگەن غەرپلىك سەيياھلار ۋە دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە قەيىت قىلىنغان(7).
        
    يىپەك يولىنىڭ تۈگىنى ۋە بۇ تۈگۈن بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنىڭ قۇرغاق ھاۋا كىلىماتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنىڭ ھاۋا كىلىماتى بىلەن ئوخشىمىغاچقا قەغەز ياساش تېخىنىكىسى ۋە قەغەز ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتىرىياللار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ياساش ئۇسۇلى ۋە ماتىرىياللار دىن پەرقلىق بولدى.بۇ رايۇندىكى قەغەزلەر ئەسكى-تۈسكى پاختا رەخت ۋە كەندىردىن ياسالغان تاشلاندۇق رەختلەردىن ياسالدى،بۇ خىلدىكى ماتىرىياللاردىن باشقا يەنە ئۈژمە يوپۇرمىغى ۋە قوۋزاقلىرىن ياسالغان قەغەزلەرمۇ كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن.1972-يىلى شىنجاڭ ئارخىلوگىيە خادىملىرى تۇرپاندىكى ئاستانە قەۋرىستانلىغىدىن بىر پارچە ھۆججەت تاپقان بولۇپ بۇ ھۆججەتتە تۇرپاندىكى قەغەز ياساش دۇكانلىرى تىلغا ئېلىنغان(8).بۇ ھۆججەتتىن مۇتەخەسىسىلەر ئەينى دەۋردە يەنى مىلادىي 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى تۇرپاندا كەڭ كۆلەمدىكى قەغەز ياساش ئورۇنلىرىنىڭ بار ئىكەنلىگىگە ھۆكۈم قىلغان.بۇ يىپەك يولىدىكى بۇ مۇھىم ئۆتكەلدە قەغەز سودىسىنىڭ ناھايىتى گۈللەنگەنلىگىنىڭ روشەن بەلگىسى ئىدى.
        
    ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن ئىلگىرى غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنلىرىدا شىنجاڭ رايۇنىدىكىگە ئوخشاشقەغەز ۋە قەغەز ياساش ئۇسۇلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىگە ھازىرچە بىزدە يىتەرلىك ئىسپات يوق،ئارخىلوگىيىلىك تېپىلمىلارمۇ ھازىرچە بۇنى ئىسپاتلىغىنى يوق. ئەمما شۇ دەۋردىكى يازمىلار،تارىخي ھۆججەتلەر ئوتتۇرا شەرق رايۇنىنىڭ ئالاھىدىلىگى بويىچە ياخشى ئاشلانغان قوي تېرىسى ،كالا تېرىسى قاتارلىقلارغا يېزىپ قالدۇرۇلغان،مانا بۇ بىز دائىم ئاتاپ كىلىۋاتقان تېرە قەغەزدۇر.ئۇنىڭدىن باشقا مىسىر قاتارلىق جايلاردا قەغەز ئورنىدا ئىشلىتىلگەن چوڭ يۇپۇرماقلىق ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ ،بۇخىل ئۆسۈملۈكلەر مىلادىدىن ئىلگىرى3000يىللار بۇرۇنلا مىسىرنىڭ نىل دەرياسى بويىدا بار بولغان.كىيىنچە بۇ خىل ئۆسۈملۈك گىرىتسىيەگە كىرگەن بولۇپ گىرىك تىلىدا كارتېس(Khartes) دەپ ئاتالغان .كىيىنچە بۇ ئاتالغۇ ياۋرۇپادىكى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ قەغەز ئاتالغۇسىنىڭ سۆز يىلتىزى بوپ قالغان.ئىتالىيە تىلىدىكى Carta سۆزى دەل مۇشۇ نى يىلتىز قىلغان.رىملىقلار بۇ خىل قەغەز ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ئۆسۈملۈكنى Paprus دەپ ئاتىغان بولۇپ ئېنگىلىس تىلىدىكى قەغەزنى ئىپادىلەيدىغان Paperسوزى ئىتالىيە تىلىدىكى paprusتىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن.
        
    ھايۋانات تېرىسىدىن ياسالغان قەغەز قەدىمقى ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنىنىڭ مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ غەرپ ئەللىرى ئومۇمەن دىگۈدەك بۇ خىل قەغەزنى Parchment دەپ ئاتىغان بۇ ئاتالغۇ تۈركىيىنىڭ Pargamon دىگەن شەھرىنىڭ نامىدىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن.بۇ خىلدىكى قەغەزنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى ئاددى بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە چىداملىق ئۇزۇن ساقلىغىلى بولاتتى .ئەڭ دەسلەپكى يەھۇدىي دىنىنىڭ دىننىي ئەقىدىلىرى ئىبراي تىلىدا مۇشۇ خىل قەغەزگە يېزىپ قالدۇرۇلغان.ئەڭ دەسلەپكى مۇكەممەل بولغان «قۇرئان»مۇ مۇشۇ خىل تېرە قەغەزگە يېزىلىپ ساقلانغان.
        
    ئىسلام دىنىنىڭ تىز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىگە ئەگىشىپ ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى قەۋىم-قەبىلىلەر بىرلىككە قەدەم قويدى بىرلىكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن ئىسلام قوشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا كۆز تىكتى.مۇسۇلمان ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلىشى 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كەلدى.مىلادىي 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ سىر دەريا بويلىرىدىكى ئەللەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رايۇنى بولۇپ 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئەرەپ ئەللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ رايۇنلار تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەرەپ خانلىغىنىڭ تالىشىش ئوبۇكتىغا ئايلانغان.749-يىلى ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا ئابباسىلار خاندانلىغى قۇرۇلغاندىن كىيىن تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئابباسىلار خاندانلىغىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.بۇ تىركىشىش ئاخىرى تالاس ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەپ بولدى.ئەرەپ خانلىغى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش سەۋەبىدىن پارتلىغان تالاس ئۇرۇشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشىنى ۋە بۇ ئىككى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئىسلام دىنىي ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە ئويلىمىغان نەتىجىلەرنى بەردى يەنى قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ غەرپكە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولدى(9) تالاس ئۇرۇشىدا ئەرەپلەرگە ئەسىرگە چۈشكەن غەربىي يۇرتلۇق ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن ئەسىرلەر ئارىسىدا كۆپلىگەن ھۈنەرۋەنلەر بار بولۇپ ئەرەپ قوشۇنلىرى ئەسىرلەرگە يېڭىچە مۇئامىلە قىلىپ ئۇلار ئارىسىدىكى ھۈنەرۋەنلەرنى بولۇپمۇ قەغەز ياساش ئۇستىلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك قانلىق ئۇرۇش تۈپەيلى ئەرەپلەرگە ئەسىر چۈشكەن بۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە غەربىي يۇرتلۇقلار مەدەنىيەت ۋە يېڭى تېخنىكىنى يەتكۈزۈش ئەلچىسى بولۇپ ئەرەپلەر ئىستىلا قىلغان رايۇنلارغا كەلتۈرۈلدى.مۇشۇ ئاساستا ئابباسىلار خانلىغى ئالدى بىلەن مەشھۇر شەھەر سەمەرقەنتتە كۆلىمى زور بولغان قەغەز ياساش زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى مەدەنىيىتىنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولغان.ئىلگىرىكى تارىخى ئەسەرلەردە ۋە بەزى ئىلمىي ماقالىلاردا دەل مۇشۇ قېتىمقى تالاس ئۇرۇشىدىن كىيىن ئىسلام ئەللىرىگە قەغەز تارقالغان دىگەن قاراش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلدى.بىراق ئارخىلوگلار سەمەرقەنت رايۇنىدىن مىلادى 4-ئەسىرگە تەئۇللۇق بولغان قەغەزنى بايقىقان بۇ خىلدىكى قەغەزلەر ھازىرقى تاجىكئىستان رايۇنىدىنمۇ بايقالغان(10) سوۋىت ئىتتىپاقى ئارخىلوگلىرى يەنە كالايمۇگ رايۇنىدىن مىلادى 720-يىللارغا تەئۇللۇق بولغان سوغدىچە،ئەرەپچە،خەنزۇچە يېزىلغان 76پارچە ۋەسىقىنى بايقىغان(11).يۇقۇرىدىكى ئارخئولوگىيىلىك تېپىلمىلار تالاس ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا بۇ رايۇنلاردا قەغەزنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بۇرۇنقى كونا قاراشلارنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە يىتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ.بۇ ئەينى دەۋردىكى يىپەك يولىنىڭ پەقەت يىپەك سودىسىنى ئاساس قىلىپلا قالماي قەغەز سودىسىنىڭمۇ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغانلىغى غەربىي يۇرت رايۇنىدىكى قەغەزنىڭ ئاللى قاچان بۇ جايلارغا يىتىپ بارغانلىغىنى بىلدۈرۈدۇ.تالاس ئۇرۇشى جۇڭگۇنى مەركەز قىلغان شەرق مەدەنىيىتى بىلەن سۈرىيىنى مەركەز قىلغان ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئۇچرىشىشى بولۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە يىپەك يولىنىڭ تۈگىنىگە جايلىشىپ ھەرخىل ئارىلاشما مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئىلغار قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ غەرپ دۇنياسىغا كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغان.762-يىلى ئابباس خەلىپىلىگى دەۋرىدە ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ مەركىزى سۈرىيىدىكى دەمەشىقتىن ئىراقنىڭ باغداتقا يۆتكەلدى بۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئەللىرىدىكى قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىشى ناھايىتى تىز سۈرئەتتە راۋاجلاندى
        
    8 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە باغداتتىمۇ قەغەز ياساش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىدى. 793-يىلى ئابباسىلار خەلىپىلىگىنىڭ بەشىنچى خەلىپىسى راشىد (786-يىلدىن 809-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) پايتەخىت باغداتتا كۆلىمى زور بولغان قەغەز ياساش زاۋۇتى قۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ كەڭ كۆلەمدە قەغەز ياساشقا كىرىشتى.بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر بۇ خىلدىكى قەغەزنىڭ تېرە قەغەز قاتارلىقالارغا قارىغاندا كۆپ قولايلىق ،ئەپ يۈرۈشكىمۇ ئاسان ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتكەچكە تۇشمۇ-تۇشتىن قەغەز زاۋۇدلىرىنى قۇرۇشقا باشلىغان.ئەينى ۋاقىتتا ئىراقتىكى بىر سودا بازىرىدا100 گە يېقىن مەخسۇس قەغەز ياساش دۇكانلىرى بولغان.سۇرىيىدىكى دەمەشىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ قەغەزچىلىك مەركىزى بولۇپ نەچچە يۇز يىللارغىچە ئىسلام ئەللىرىنىلا ئەمەس ياۋرۇپانىمۇ ئىزچىل تۈردە قەغەز بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان. 10-ئەسىرگە بارغاندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە شىنجاڭ رايۇنىدا پەيدا بولۇپ ئومۇملاشقان بۇ خىلدىكى قەغەزنى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشلىتىلىشكە باشلاپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ پەلسەپە،ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تىز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.
        
    يىپەك يولىنىڭ تۈگىنى بولغان شىنجاڭدىن ئىلغارلىقنىڭ سىمۋولى بولغان قەغەزنىڭ ۋە قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ ئىسلام ئەللىرىگە يەتكۈزۈلۇپ بېرىلىىشى ئىسلام ئەللىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تىز تەرەققىياتقا ئىرىشىپ ئىسلام دۇنياسى ئارقىلىق شىمالى ئافرىقا ۋە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل قاتارلىق قەدەمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە تارقىلىپ ئارقىدىن ياۋرۇپاغا يىتىپ بېرىپ ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنى يېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغان.10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەرەپ ئەللىرىدە ياسالغان قەغەز تۇنجى بولۇپ ئىسپانىيىدىكى خىرىستىيان مۇخلىسلىرىنىڭ قولىغا يەتكەن.ياۋرۇپالىقلار ئىسپانىيىدىكى مۇسۇلمانلاردىن بۇ خىل قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى ئۈگەنگەن.1150-يىلى ئەرەپلەر ئىسپانىيىنىڭ كوردىۋا شەھرىدە ياۋرۇپادىكى تۇنجى قەغەز ياساش زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىققان.ئىتالىيە 11-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ خىلدىكى قەغەزنى ئىشلىتىشكە باشلىغان بولسىمۇ ئەمما 14-ئەسىرلەرگىچە بۇ خىلدىكى قەغەز ياساش تېخنىكىسى بۇ رايۇنلارغا تارقىلىپ كىرمىگەن.ياۋرۇپادىكى يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئىسپانىيە،پورتتىگالىيە،ئىتالىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەرنىڭ قەغەز مەھسۇلاتى باشقا دۆلەتلەرنى كۈچلۈك جەلىپ قىلغان.ئىتالىيىلىكلەر بۇ خىلدىكى تېخنىكىنى ئىگەللىگەندىن كىيىن كەڭ كۆلەمدە قەغەز ياساپ قەغەز باھاسىنى چۈشۈرۈپ پۈتكۈل ياۋرۇپا ھەتتا شىمالىي ئافرىقا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى قەغەز سودىسىنى مونۇپول قىلغان.
    مىسىردىن تېپىلغان قەدىمقىي ۋەسىقىلەر مىسىردا 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى10-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇشۇ خىلدىكى قەغەزنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.يېڭى تىپتىكى قەغەزنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە ئۇنىڭ ناھايىتى تىز كېڭىيىشى ئەرەپ دۇنياسىدىكى مەدەنىيەت مەرىپەت ساھەسىكى نوپۇزلۇقلارنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ ئىسلام ئەللىرىنى يېڭىچە قىياپەت بىلەن دۇنياغا تۇنۇشتۇردى.دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئىسلام ئەللىرىگە مەنسۇپ بولغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئەسەرلەر مۇشۇ دەۋىردە مەيدانغا كەلدى ۋە يىپەك يولى يەتكۈزۈپ بەرگەن قەغەزگە يېزىلىپ ساقلاندى.848-يلى مۇشۇ خىلدىكى قەغەزگە يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى ئەرەپ ئەدەبىياتى تا ھازىرغىچە مىسىردىكى ئالىكساندىر كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.971-يىلى«قۇرئان» نىڭ مۇكەممەل نۇسخىسى ئىرانلىق ئەلى بىن ئەل رازى تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ مۇشۇ خىلدىكى قەغەز گە كۆچۈرۈلگەن.
        
    13-ئەسىردە مۇڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانى ئىستىلا قىلغاندىن كىيىن غەرپ ۋە شەرقىنى تۇتاشتۇرۇدىغان قەدىمىي سودا يولى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى،يىپەك يولىدىكى قاتناشمۇ ئاۋاتلىشىپ ئىسلام ئەللىرىدىكى يېڭى ئىدىيە قاراشلار سىڭدۈرۈلگەن پەلسىپىۋلىگى كۈچلۈك بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەر نەچچە يۈز يىل بۇرۇن مەزكۇر ئۇرۇندىن ئىسلام ئەللىرىگە تارقالغان قەغەزگە پۈتۈلۈپ بۇ رايۇننىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تىزلەتتى.باغدات دەمەشىقلەردە ياسالغان قەغەزلەر بۇ رايۇندىكى سودا دۇكانلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى.قەغەزنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىمۇ بۇ رايۇندا ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى.ئەينى ۋاقىتتىكى ئىتالىيىلىك سەيياھ ماركىي پولو بۇ رايۇندىن ئۆتكەندە كىشىلەرنىڭ سودا سېتىقتا قەغەز پۇل ئىشلىتىدىغانلىغىنى،بۇ قەغەز پۇل بىلەن خىلمۇ-خىل تاۋارلارنى سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىغىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالغان ۋە ئۇنىڭغا قىزىققان(12) ئەمىلىيەتتە بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ رايۇنىدا مەتبەچىلىكنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ئاللى قاچان نەچچە يۈزيىل بولغان بولۇپ بازارلاردا ئوبروت قىلىنىۋاتقان قەغەز پۇللارمۇ قەغەز باسمىچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.لۇشۈن مۇزىيىدا قەدىمكى شىنجاڭدا ئىشلىتىلگەن يېزىقلاردا يېزىلغان 300 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپنىڭ ساق ۋە كەمتۈك ۋاراقلىرى رەتلىنىپ ئەينەكنىڭ قېتىغا ساقلانماقتا.بۇنىڭ ئىچىدە سانسىكىرت،توخرى،ساك،براھمى،تۈرك،ئۇيغۇر،تۈبۈت يېزىقلىرىدا يېزىلغان ئەسەرلەر بار.يەنە بىر قىسىم يىپەك رەخت ۋە قەغەزگە سىزىلغان ياكى مەتبەئەدە بېسىلغان ئىدىقۇت خانلىغى دەۋرىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن بىر ئىككى ئەسىر بۇرۇنقى قىممەتلىك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ بار.ئەڭ مۇھىمى شۇكى،ئۇنىڭدىن بۇرۇن،مىلادى 5-ئەسىرگە تەئۇللۇق بولغان ئويما ۋە تامغا مەتبەئەدە بېسىلغان بۇددىزىم رەسىملىرىمۇ بار بولۇپ (13)بۇ تۇرپان رايۇنىدا 5-ئەسىردىلا مەتبەچىلىكنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.ھەم سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىشېڭ نىڭ مەتبە ئىجات قىلغان يىل دەۋرىدىن(1041-1048) 5 ئەسىر بالدۇر تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەنى مىلادىي 7-ئەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياغاچقا ئويۇپ قەغەزگە بېسىلغان «خوتۇن-قىزلار رىسالىسى»دىگەن ئويما مەتبەدە بېسىلغان كىتاپتىن بىر يېرىم ئەسىر بۇرۇن تۇرپان ئويمانلىغىدا مەتبەچىلىكنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىگىدەك يەكۈننى ئىلگىرى سۈرىدۇ.دىمەك يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بوپ كىلىۋاتقان شىنجاڭ رايۇنىدىن ئاۋال ئىسلام ئەللىرى ئۇنىڭدىن كىيىن ياۋرۇپاغا تارقالغان قەغەز ۋە قەغەز ياساش تېخنىكىسى مەزكۇر رايۇنلاردا ئومۇملىشىپ ئالقىشلىنىۋاتقان دەۋرلەردىن خېلى ئىلگىرىلا شىنجاڭ رايۇنىدا قەغەز ياساش تېخنىكىسىدىن بىر دەرىجە ئۈستۈن بولغان مەتبەچىلىك بارلىققا كەلگەن بولۇپ ئەزەلدىن ئىلغارلىققا ۋە يېڭى مەدەنىيەتكە سەزگۈر بۇ زىمىن يەنە بىر قېتىم مەدەنىيەت ئۆتكۈزۈش رولىنى ئۆتەپ مەتبەچىلىك تېخنىكىسىنى ئىسلام ئەللىرىگە يەتكۈزگەن.8-ئەسىردىن 13-ئەسىرلەرگىچە ئىسلام دۇنياسى پۇتۇن دۇنياغا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى،پەلسەپىسى ۋە دۇنيا قاراش ئەقىدىلىرى بىلەن زور تەسىر كورسەتتى ئافرىقا،ئاسىياۋە ياۋرۇپادىكى ئىسلامشقان بارلىق جايلار ھەم خىرىستىيان ئەللىرىمۇ بۇ دەۋردىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت ئەندىزىسىگە قىزىقتى ھەم ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.بۇ خىلدىكى ئىرىشىش ھەم تۇنۇشۇش بىۋاستە ھالدا قەغەزنى ۋاستە قىلدى.قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي ،ئىقتىساسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بىرلىككە كىلىشى نەتىجىسىدە 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرى باشلاندى.شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەركىتىنىڭ تەسىرىدە ئىسپانىيىنىڭ كوردىۋا شەھرىدە مەخسۇس ئەرەپ تىلىدا يارىتىلغان ئىلمىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ياۋرۇپا تىللىرى(ئاساسلىغى لاتىن تىلى) غا تەرجىمە قىلىدىغان تولدا-كوردىۋا تەرجىمە مەكتىۋى قۇرۇلدى(14).بۇنىڭ بىلەن قەغەزچىلىك تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئىرىشىپ بىۋاستە ھالدا خىلمۇ-خىل مەدەنىيەت ئەقىدىلىرى پۈتۈلىدىغان بويۇمغا ئايلىنىپ ئۆز رولىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى.ئوتتۇرا ئاسىيادا تېمۇرىيلەر ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشى بىلەن بۇ تېروتىرىيىدە تۈركىي-موڭغۇل ۋە ئىران ئىسلام مەدەنىيەتلىرىنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان يىڭىچە مەدەنىيەت مەيدانغا كىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ئۆز دەۋرىدىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت،سودا مەركىزىگە ئايلاندۇردى.شۇنىي ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى،ئەرەپ خەلىپىلىگى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن دەسلەپكى شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرى دە يارىتىلغان مول ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات نەتىجىلىرى تېمۇرىلەر دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئاخىرقى مەدەنىيەت ئويغىنىشىغا مەنبە بولۇپلا قالماستىن بەلكىي يەنە 15-16-ئەسىرلەردە ئىتالىيىدىن باشلانغان ياۋرۇپا ئەدەبىي ئويغىنىشىغىمۇ مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسەتتى(15) بۇنداق ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى،ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇلۇش ھادىسىسىدە قەغەزنىڭ ئوينىغان رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.رىچتوفىن ئەپەندى ۋە ھاررىمان ئەپەندىلەر تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرغا چىقارغان شەرق غەرپنى تۇتاشتۇرغان يىپەك يولىنىڭ قەغەز ياساش تېخنىكىسى ۋە مەتبەچىلىك تېخنىكىسىنى باشقا ئەللەرگە تۇنۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئورنىغا يۇقۇرى باھا بەرگەن بىر تۈركۈم غەرپلىك ئالىملار يىپەك يولىنى «قەغەز يولى»(Paper Roads) دەپمۇ ئاتىغان.
          
    قەغەزنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ شەرقتىن غەرپكە تارقىلىشى ئەينى دەۋردىكى مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى بولسا ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنلىرىدىكى ئىدىيە ئېقىملارنىڭ قەغەزنى ۋاستە قىلىپ يەنى شۇ رايۇنلارنىڭ ئىدىيە ئېقىملىرىنىڭ قەغەزگە يېزىلىپ يىپەك يولىدىكى غەرپتىن شەرققە بولغان لىنىيە بويىچە قايتا تەسىر كۆرسىتىشى شىنجاڭ رايۇنىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.بۇنىڭغا شىنجاڭ رايۇنىدىن تېپىلغان ھەرخىل يېزىقتا يېزىلغان ۋەسىقىلەر ،ھەرخىل دىنلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى،ئەرەپ،پارىسلارنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى مىسال بولالايدۇ. بۇ يىپەك يولىنىڭ تۈگىنىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بۇ زىمىندىكى شەھەرلەر نىسبەتەن يۇقۇرى بولغان ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋىي مەدەنىيلىكنىڭ ياراتقۇچىلىرى ئىكەنلىگىنى ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى تېخنىكا ۋە ئىدىيىنى قۇبۇل قىلىپلا قالماستىن ،بەلكىي بۇ يېڭى تېخنىكا ،يېڭى ئىدىيىلەرنى قوشنا دۆلەتلەرگە تارقىتىپ مەدەنىيەتلەر ئارا ئۇچرىشىش،مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگ ئېلىپ بېرىشتا ئۇزاق تارىختىن بۇيان كاتالىزاتۇرلۇق رول ئويناش ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كەلگەنلىگىنى جانلىق ئىسپات بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

    ئىزاھاتلار:
    (1) لىن مېيسۈن:« يىپەك يولى ئارخىلوگىيىسىنىڭ 50يىلى »،2-بەت،بېيجىڭ ئۇنۋىرسىتىتى 2006-يىللىق نەشىر.خەنزۇچە
    (2) يۇقۇرىدىكى بىلەن ئوخشاش،3-بەت.
    (3) مۇ يىڭ : « شىنجاڭنىڭ قەدىمكى قەغەزچىلىگى »، شىنجاڭ گېزىتى،
    1979-يىللىق2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەنزۇچە سانى
    (4) يۇقۇرىدىكى بىلەن ئوخشاش.
    (5)فەن جىشىڭ : « قەغەز ياساش تېىخنىكىسىنىڭ پەيدا بولىشى ھەققەدە »،« يادىكارلىقلار » ژورنىلى 43-بەت،1973-يىللىق 9-سان(خەنزۇچە).
    (6)ئىمىن تۇرسۇن:«قەدىمكىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» 264-بەت،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى2000-يىللىق ئۇيغۇرچە نەشىر.

    (7)(Victor Puccel:《The Chinese in Southeast Asia》,page 222 (8)
    مۇ يىڭ : « شىنجاڭنىڭ قەدىمكى قەغەزچىلىگى »، شىنجاڭ گېزىتى،
    1979-يىللىق2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەنزۇچە سانى.
    (9)ما مىڭلىياڭ:«ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاقە مۇساپىسى ۋە ئارقا كۆرۈنىشى»،115-بەت،جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر نەشىرياتى 2006-يىللىق خەنزۇچە نەشىر.

    (10)Sims-Williams:《Ancient letters》,《Encyclopaedia Iranica》,Vol ,2,London,1987,pp,7-

    (11)T.I.Zeymal:《The Dictionary of Art》,Vol,17,New York,1996,pp,735

    (12)اۋ شىياڭرۇ:«جۇڭگۇ مەتبەچىلىگىنىڭ غەرپكە تارقىلىش،ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹باس› سۆزىنىڭ كىلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش»،«مىللەتلەر تەتقىقاتى»،78-بەت،1987-يىللىق 2-سان،خەنزۇچە.

    (13)قۇربان ۋەلى:«بىزنىڭ تارىخي يېزىقلىرىمىز»،201-بەت،شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى1986-يىللىق نەشىر.

    (14)ئەسەت سۇلايمان:«تارىم قوۋىقى چىكىلگەندە»،222-بەت ،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2002-يىللىق نەشىر.

    (15)يۇقۇرىدىكى بىلەن ئوخشاش،229-بەت.

    ئاپتۇرنىڭ خىزمەت ئورنى:ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى

    <ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى>2008-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.