ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-12

    قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزى ــ لۈش قەبرىستانلىق خارابىسى توغرىسىدا - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/78108142.html

    --

    ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇن

    دەۋر چاقى يېڭى ئەسىر ۋە يېڭى ئىرانىڭ بۇسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغان پەيتلەردە قاراقۇرۇم تاغلىرى ئارىسىدا غايەت زور ۋە سىرلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى يۇشۇرۇپ ياتقان كېرىيە دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى لۈش قەدىمىي قەبرىستانلىغى تارىخنىڭ ئۈچ مىڭ يىللىق چاڭ تۇزانلىرىنى قېقىۋېتىپ يىپ يېڭى قىياپەت بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ تۇيۇقسىز بايقىلىشى ۋە قېزىلىشى ئاخېلوگىيە ئىلمىنى يىراق قەدىمىي زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە زور تۈركۈمدىكى بىرىنچى قول ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلەپ بىرىش بىلەن بىرگە قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىدىكى قەدىمىي ھاياتلىق ئىزى ۋە ئۇلار ياراتقان يۈكسەك مەدەنىيەت ئۇلارنى قاتتىق ھەيرەتتە قالدۇردى. قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن بايقالغان ھەمدەپنە بۇيۇملىرى بەرگەن ئۇچۇرلاردىن بۇنىڭدىن ئۈچ ئىرا مۇقەددەم بۇ جايلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەدەنىيەت دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىگى بىلىشكە بولسىمۇ ئەمما ھېچقاندەك بىر تارىخ مەنبەلەردە ئىككى ئېقىن قۇشىلىدىغان بۇ جايدا بىرەر مەدەنىيەت ئىزىنىڭ بارلىغى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرۇلمىغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى پۈتۈن دۇنيا خاراكتىرلىق تارىم مەدەنىيتىگە بولغان قىزىقىش ۋە ئىكىسپىدىتسىيە قىزغىنلىغى دەۋرىدىمۇ كېرىيە دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئىلمى تەكشۈرۈش ۋە ئىكىسپىدىتسىيە پائالىيەتلىرىدە بولغان ئەنگىلىيىنىڭ ھەربىيلىكتىن چىكىنگەن كاپىتان دەرىجىلىك ئەمەلدارى دىيىش (1897-يىلى كېرىيە دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى تەكشۈرگەن)، ئەنگىلىيىلىك روسبىي بىلەن فىرانسىيەلىك ئۇنىشىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەتىرىتى (1903-يىلى كېرىيە ئارقىلىق قاراقۇرۇم تاغلىرىنى تەكشۈرگەن)، ئەنگىلىيىلىك بروس بىلەن رىئاد (1905-يىلى كېرىيە دەريا ۋادىسىدا ئىلمى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان)، ياپۇنىيە داگۇ ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتىدىكى تاچىبانا زۇچىيۇ (جۇرۇيچاۋ) (1908-يىلى كېرىيە تاغلىق رايۇنلىرى ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان) ۋە روسسىيىلىك پىرژىۋالىسكىي (1884-يىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان) قاتارلىقلارمۇ بۇ جايدا تارىختىن بۇرۇنقى مەدەنىيەتنىڭ ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغانلىغىنى بايقىغان ئەمەس. پەقەت بۇنىڭدىن ئون مىڭ بۇرۇنقى دەۋرگە تەئەللۇق دەپ قارالغان «باش كەڭسۇلاق تاش قۇرال ئىزى» (كېرىيە دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا)، سانجۇ قىيا تاش سىزمىلىرى (گۇما ناھىيىسىدە) قاتارلىقلار قاراقۇرۇم ۋادىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمقى ئىنسانىي پائالىيەتلەرنىڭ ئىزى ئىدى. ئەمما بۇلار سېستىمىلاشقان قەدىمقى مەدەنىيەتتىن ئەمەس بەلكى ئىپتىدائى ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىق پائالىيەت ئىزىدىنلا دېرەك بىرەتتى. كېرىيە دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنلىرىدا بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقلارنىڭ بايقىلىشى كېرىيە دەرياسىنىڭ تۈۋەن ئېقىنلىرىدا شانلىق مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپ، قۇم بۇران ئۇچۇپ يۈرىدىغان تەكلىماكان قۇملۇغىنىڭ يۈرىگىدە «يۇمىلاققۇم قەدىىمي شەھەر خارابىسى»، «مارجانلىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى»، «قارادۆڭ قەدىمىي شەھەر خارابىسى»، «دەندان ئۆيلۈك قەدىمى خارابىسى» ... قاتارلىق مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئەجداتلارنىڭ كىيىن دەريا ۋە ئېقىن قوغلىشىپ تەدىرىجى جەنۇپقا سۈرۈلۈپ بۈگۈنكى بوستانلىق كارىدۇرلىرىنى ئەھيا قىلىپ ئۆز مەۋجۇتلىغىنى بۈگۈنگە ئۇلاشتىن بۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بارغان ماكانى ۋە ئۇلار ياراتقان ئەڭ دەسلەپكى مەدەنىيەتلىرى ھەققىدە بىزنى ئارخېلوگىيىلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.

     لۈش قەدىمىي قەبرىستانلىغى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاتچان تاغلىق يېزىسىنىڭ لۈش كەنتىدىكى ئارقائۇلاق دېگەن جايغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن 2850 مېتىر ئىگىز، كېرىيە ناھىيە بازىرىغا 120 كىلومىتىر كىلىدۇ. لۈش تاغلىق كەنتى قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىدىكى بىر تەبىئى كەنت بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇغىغا چۇڭقۇرلاپ كىرگەن كېرىيە بوستانلىغىنى ھاياتلىق سۈيى بىلەن تەمىنلەپ كىلىۋاتقان كېرىيە دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىنىمۇ مۇشۇ كەنتتىن «ئۇلۇغ دەريا» نامىدا ئېقىپ ئۈتۈپ يۇقىرى تۈۋەن ئېقىندا باشقا تارماق دەريا ئېقىنلارنى ئۆزىگە قۇشىۋالغاندىن كىيىن خوتەن ۋىلايىتى بۇيىچە ئۈچىنچى چوڭ دەريا بولغان كېرىيە دەرياسىنى تەشكىل قىلىپ شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ. ئۇلۇغ دەريا قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ قارلىق چۇققۇلىرى ئارىسىدىن ئېقىپ كىلىپ لۈش بۇستانلىغىنىڭ غەربى تەرىپىگە كەلگەندە شەرق تەرەپتىن كىلىپ لۈش بوستانلىغى ئۇتتۇرىدىن كىسىپ ئۈتىدىغان لۈش دەرياسى بىلەن قۇشىلىدۇ. بۇ جايدا يەنە ئۇلۇغ دەريانىڭ قارشى قاسنىغىدىكى ئۈگىيەك مەھەللىسىگە ئۆتىدىغان ھەمدە تاغ يۇلىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان چوڭ كۆۋرۈك، ئۇنىڭ يېنىدا تاشلىنىپ قالغان ئاسما كۆۋرۈك بار، لۈش قەدىمى مازار خارابىسى مانا مۇشۇ ئىككى دەريا قۇشىلىدىغان يېرىم ئارالسىمان دۇقمۇشتىكى دۆڭلۈككە جايلاشقان. لۈش قەدىمى مازار خارابىسى جايلاشقان يېشىل دۆڭلۈك ئۈستى ئەسلى ۋاسكىتبول مەيدانىدىن چوڭراق بىر تەكشىلىك بولۇپ، بۇ دۆڭلۈكنىڭ ئۈستىدە كىشىلەر دائىم خامان ئىتىدىگەن، كىيىنچە بۇ دۆڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا لاي ئېقىتىپ يەر ئۆزلەشتۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنتنىڭ گۈتالغۇ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق قۇربان داۋۇت تۈنجى بولۇپ بۇ يەردىن كۇزا تېپىۋاپتۇ، باشقىلارمۇ كۇزا ۋە باشقا قەدىمىي بۇيۇملارنى تېپىۋالىدىغان بۇلۇپتۇ، قەدىمىي قەبرە ھەققىدىكى پاراڭلار كەڭ تارقالغاندىن كىيىن، بىر قىسىم بايلىق ئىزدىگۈچىلەرمۇ بۇ قەدىمىي قەبرىنى ئوغرىلىقچە قازىدىغان بولۇپتۇ. 2002-يىلى 6-7-ئايلاردا جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىسىنىڭ بىر گۈرۇپپا تەتقىقاتچىلىرى يىراق قەدىمىي زاماندىكى قاشتېشى يۇلىنى بۇيلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرىدە قاراقۇرۇم تاغلىرىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ لۈش بوستانلىغىنى قاراقۇرۇمغا چوڭقۇرلاپ كىرىشتىكى رابات قىلغان بۇ جەرياندا بۇ گۇرۇپپىدىكى تەتقىقاتچىلار يەرلىكلەرنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن قەدىمىي قەبرىستانلىقنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىلمىي تەكشۈرگەن. 2003-يىلى 7-ئايدا جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخېلوگىيە تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىغى دوكتۇر ۋۇ شىڭخۇا باشچىلىغىدىكى تۆت نەپەر ئارخىلوگىيە خادىمى بۇ جايدىكى تۇققۇز ئۇرۇندىكى قەبرىنى قېزىپ، بايقىغان باش سۈڭەكنى كاربۇن 14 تەجىرىبىسىدە ئۆلچەش ئارقىلىق بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى قەبرە ئىكەنلىگىنى بىكىتتى. 2005-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇش ئورنى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىسى مىڭچىڭ ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئۇرۇنلار بىرلىشىپ تۇققۇز نەپەر ئارخېلوگدىن تەشكىللىنىپ 3-قېتىم بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقنى تېخىمۇ كەڭ كۈلەملىك قېزىش ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى قېزىشتا بۇ تەخمىنەن ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان بۇ سىرلىق قەبرىستانلىقنى ئۇزۇنلىغى 130 مېتىر؛ كەڭلىگى 30 مېتىر؛ چوڭقۇرلىغى 10 مېتىر ئەتراپىدا 60 تىن ئارتۇق گۈرلۈكنى قېزىش ئارقىلىق قاراقۇرۇم ئىتىگىدىكى بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقنى ئىنسانىيەتنىڭ كۆزئالدىدا تۇلۇق نامايەن قىلدى. شۇ ۋاقىتتا شىنخۇا ئاگىنتلىغى تەرىپىدىن «سىرلىق ‹لۈش مەدەنىيىتى› نى ئىزدەپ» دېگەن چوڭ تىما ئاستىدا «چوڭ تىپتىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن غەلىتە دەپنە قىلىنغان گۈرلۈكلەر بايقالدى» نامىدا نەخمەيدان خەۋىرى تارقىتىلىپ ھەر ساھەنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتتى. ئاخبارات خەۋىرىدە دوكتۇر ۋۇشىڭخۇا «بۇ ھازىرغىچە كوئىنلۇن ئىتەكلىرىدىن تۈنجى بولۇپ بايقالغان قەدىمىي دەۋر ئىنسانلارىنىڭ پائالىيەت ئىزلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، لۈش قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كولتۇرلۇق مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، قاراقۇرۇم ئىتەكلىرى، كېرىيە دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى قەدىمىي ئىنسانلار پائالىيتىنىڭ كۈرۈنىشى ۋە ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە «ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇنقى لۈشلۈكلەرنىڭ تۇرمۇش ھالىتى چارۋىچىلىق بولسىمۇ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئەمەس، يېرىم ئولتۇراقلاشقان ياكى مۇقىم ئولتۇراقتىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىگى بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇئەييەن سالماقتىكى دىھقانچىلىق ئىگىلىگىمۇ بولغان. نىمىشقا مۇنداق دەيسەن؟ دېگەندە قەبرىستانلىقدىن بايقالغان سايمان جابدۇقلار ئىچىدە چوڭ تىپتىكى سايمانلار بار، گەرچە ھەمدەپنە بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى كىچىك تىپتىكى جابدۇقلار بولسىمۇ تاش دۈۋىلىرى، قەبرە دۈۋىلىرى ئارىسىدىن چوڭ تىپتىكى جابدۇقلار ساپال بۇيۇملارنىڭ پارچىلىرى بايقالدى. چوڭ تىپتىكى ساپال بۇيۇملىرىنىڭ بايقىلىشى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆچمەن تۇرمۇش ئەمەسلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى ناۋادا كۆچمەن تۇرمۇشتا ھايات كەچۈرسە بۇنداق چوڭ تىپتىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرەلمەيدۇ بۇ ئۇلارغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كىلىدۇ ئەلۋەتتە».

    قەدىمكى قەبرە قۇرۇلۇشلىرى بىلەن ھەمدەپنە بۇيۇملىرى ئىپتىدائى تۇرمۇش ۋە ئادەت ئىتىقاتنىڭ بىر پارچە ئەينىگى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن دەپىن قىلىنىش شەكلى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، قازغۇچىلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. جەسەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بېشى غەرپ پۇتى شەرق تەرەپكە، پۇت قوللىرى يىغىلغان ھالەتتە قۇيۇلغان. لەھەتلەرنىڭ دەپنە شەكلى ئىللىپىسسىمان بولۇپ، مېيت توپ دەپنە قىلىنغان بىر لەھەتكە ئەڭ ئاز بولغاندا بىر ئادەم كۆپ بولغاندا تۇققۇز جەسەت كۈمۈلگەن ئادەتتىكىلىرىگە ئاساسەن 4-5 ئەتراپىدا جەسەت قۇيۇلغان. ھەر بىر لەھەتتىكىلەر بىر ئائىلە ياكى بىر قەبىلە ئۇرۇغى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى جەسەتلەر قاتلاملىق دەپىن قىلىنغان بولۇپ بىر قەۋىتىگە مېيىت قۇيۇلسا ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت تۇپا قۇيۇلغان يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت مېيىت كۈمۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تۇپا كۈمۈلگەن. بەزىلىرى بىر قەۋەت بولسا بەزىلىرى ئىككى ياكى ئۈچ قەۋەت قىلىپ ئۈستىمۇ ئۈستى قۇيۇلغان. ئەڭ ئۈستى قەۋەت چوڭ تاش بىلەن يېپىلغان. قەبرە ئىچ ئايلانمىسى ياخشى ئاينىغان قۇغۇن تاۋۇزلاردەك چوڭلۇقتىكى تاشلار ئۈستى ئۈستىلەپ تىزىلىپ تام شەكلىدە ياسىلىپ ئەڭ ئۈستى يەنە گۈمبەزسىمان ھالەتتە تىزىلغان تاشلار ئارقىلىق يېپىلغان، ئۇندىن باشقا ھەر بىر قەبرىنىڭ قەبرە ئالدى تەرىپىگە ئوچاقنىڭ كولۇڭى چوڭلىىغىدا چەمبەرسىمان تاش تىزىلغان. بۇ قەبرىنىڭ ئالدىدا ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ كۈجە كۆيدۈرۈش دۇئا تىلاۋەت قىلىش ئىھتىياجىدىن بىلەن ياسالغان بولۇپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۈچ مىڭ يىل مۇقەددەمكى دىن مەدەنىيىتى، دۇنيا قاراشلىرى، ھايات مامات ئۇقۇملىرىدىن بىشارەت بىرىدۇ. قەدىمقى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ كەڭ تارقالغان شامان ئىتىقادى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى تۈرلۈك ساددا ئىپتىدائى ئىتىقادلارنىڭ ھەممىسىدە ئەجداتلارنىڭ روھىغا سېغىنىش بىر خىل ئىپتىدائى ئىتىقاد تۈسىنى ئالغان دىنى پائالىيەت بولۇپ، «ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيا قەدىمقى ئاھالىلىرى ھەر يىلى باھار، ياز پەسلى ئارىسىدا غارلارغا بېرىپ، قۇربانلىق ۋە زىيارەت قىلىپ ئاتا ئانا ئەرۋاھلىرىغا سېغىنىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»). شامانىزىم ئىتىقادى يەر يۈزى ئىنسانىيەتنىڭ پائالىيەت ماكانى، ئاسمان بولسا تەڭرىلەر ۋە ياخشى روھلارنىڭ دەرگاھى، يەر ئاستى زۇلمەت، جىن ئالۋاستى ۋە يامان روھلارنىڭ ماكانى دېگەن ئالەم چۈشەنچىلىرىنى ئۆز ئىدىلوگىيىسىنىڭ ئاساسى قىلىدىغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئەرۋاھلىرىنىمۇ ياخشىلىق ۋە ساخاۋەت ماكانى بولغان ئاسمانلاردا دەپ تەسەۋۋرۇر قىلغان ۋە ئۇلارغا سېغىنىپ ئوتتىن ئىبارەت بۈيۈكلۈككە، كۆككە تەلپۈنىدىغان ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇقنى قەبرە بېشىدا ھازىرلاش ئارقىلىق ياخشى تىلەك، ئارزۇ سېغىنچلىرىنى ئوت ئۇچقۇنى ئارقىلىق ئەجداتلار روھىغا ئەۋەتكەن، بۇ قەبرە ئالدىدا تۈرلۈك دىنى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. لۈش قەبرىستانلىق خارابىسىدىكى ھەر بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا ياسالغان بۇ ئىسرىق ئۇچاقلىرىمۇ ئەنە شۇ دىنى تىلاۋەت ئىھتىياجىدىن ياسالغان بولۇپ، شامانىزىملىق ئىتىقادىدىكى قەدىمكى ئەجداتلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ زاھىرەن ئىپادىسىدۇر.

    جەسەتلەرنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا بۇ قەبرىستانلىقتىكى قەبرىلەرگە قۇيۇلغان ياشلارنىڭ بۇي ئىگىزلىگى 1.70 دىن ئىككى مېتىرغىچە بولۇپ ئۇلار غۇلۇس ۋە ئىگىز بۇيلۇق ئىكەن بۇنىڭ بۇ جايدا ئۈچ مىڭ يىللار ئىلگىرى ھازىرقى زامان ئادەملىرىدىن تەن قۇرۇلما جەھەتتە كۆپ ئۈستۈن بولغان بىر قەۋمنىڭ ياشىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا «ئۇلارنىڭ يۇمىلاق شەكىللىك باش سۈڭەكلىرى ياۋرۇپالىقلارنىڭ باش سۈڭەكلىرىگە يېقىن كىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىز بىلىدىغان ئازسانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ باش سۈڭەك شەكلىگە  ئوخشاپ قالىدۇ» (ۋۇشىڭخۇا)كەن.

    ھەمدەپنە بۇيۇملاردىن نەقىش ئۇيۇلغان ۋە سىدام ساپال بۇيۇملار بىر قەدەر كۆپرەك بولۇپ، ئۇلار ساپال كوزا، خۇمرا، ساپال تەخسە قاتارلىقلاردۇر. ساپال بۇيۇملاردىكى رومبا شەكىللىك، بېلىق شەكىللىك، ئۈچ بولۇڭ شەكىللىك، دولقۇن شەكىللىك نەپىس ئويما رەسىم ۋە نەقىشلەر «لۈش مەدەنىيىتى»نىڭ پارلاق مەنزىرىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بۇلاردىن جۇپ بېلىق سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ساپال تەخسىلەر ئالاھىدە ئۇرۇندا تۇرىدۇ. مىس بۇيۇملاردىن مىس پىچاق، مىستىن ياسالغان ئاتنىڭ ئېغىزدۇرىغى قاتارلىقلار بار، ئۇندىن باشقا ھايۋانات مۈڭگۈزلىرىدە ياسالغان ئېغىزدۇرۇق، ھەر خىل تاشلاردىن ياسالغان ھالقىلار،  دېڭىز قۇلۇلىسى (سەدەپ) ... قاتارلىق بىرەر يۈزدىن ئارتۇق بۇيۇملار بار.

    تەتقىقاتچىلار يەنە قەبرىستانلىقنىڭ 6-نۇمۇرلۇق گۈرلۈكتىن بۇنىڭدىن 4000 مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەۋە بىر مىتىر قېلىنلىقتىكى بىر قەۋەت كۈكىس كۈلى بايقىغان بولۇپ بۇ جايغا جەسەت دەپنە قىلىشىتىن مىڭ يىل قەدىمقى زامانلارغا توغرا كىلىدىكەن

    سەنئەت تۈسىنى ئالغان ھەر خىل قول ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرى قاراقۇرۇم ۋادىسىدا ياشىغان قەدىمكىي ئەجداتلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقان بولۇپ، ساپال بۇيۇملارنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىستىتىك تۇيغۇلىرىنى نەقىش قىلىپ ئۇيۇش، تاش ماتىرىياللاردىن تۈرلۈك مۇنچاقلارنى ياساش ھەتتا ھېقىقلار بىلەن قاپلانغان چىرايلىق زەنجىرلەرنى بۇيۇن، قول، پۇتلىرىغا ئېسىشقان. ئاياللار كۈمۈر گۆھىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قاش كىرپىكلىرىنى بۇياشنى بىلگەن ۋە تېخىمۇ جەزبىدارلىققا تۇيۇنغان.

    قەبرىستانلىقتىن زور مىقداردىكى ساپال بۇيۇملاردىن سىرت يەنە سېلىندىرسىمان تاش ياكى سۈڭەك بىزەك بۇيۇملىرى، مۇنچاق مارجانلار شۇنداقلا يەنە يېشىل قاشتېشى ھالقا (翠玉小圆环) قاتارلىق بايقالغان بولۇپ، لۈش قەبرىستانلىغىدىن تېپىلغان قاشتېشى بىلەيزۈك شىنجاڭ تارىخىدا بايقالغان ئەڭ دەسلەپكى قاشتېشى بىلەيزۈك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. لۈش كەنتى كېرىيەنىڭ جۈملىدىن خوتەن تاغلىق رايۇنىنىڭ ئاساسلىق قاشتېشى چىقىدىغان رايۇنلىرىدىن بولۇپ بۇنىڭدىن ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇن بۇ جايدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىنسانلار قاشتېشىنى زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا ئىشلەتكەن. بۇ ھەقتە تارىخچى غەيرەتجان ئوسمانمۇ ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتىگە دائىر مۇلاھىزىلەر» ناملىق كىتاۋىدا «بۇنىڭدىن 4000 -5000يىل ئىلگىرى تارىم ۋادىسىدا قاشتېشى ئويمىچىلىق تېخنىكىسى ئىختىرا قىلىنغان بۇ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ بۇرۇن ئىگىلەنگەن ھۈنەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ» دەپ يازىدۇ.

    بۇ قەبرىستانلىقتىن يەنە زور مىقداردىكى قۇل ھۈنەرۋەنچىلىكتە كامالەتكە يەتكەن مىس پىچاق، مىس ئۇق ئۇچى، مىس بىلەيزۆك قاتارلىقلار تېپىلغان كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى يەنە بىر قەبرىدىن تۈمۈر پىچاق تېپىلغان. ئىنسانلار جەمىيىتىدە تۈمۈردىن پايدىلىنىش ۋە تۈمۈر ئىشلىتىشنىڭ باشلانغانلىغى ماددى مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىر قېتىملىق سەكرەش بولۇپ، تۈمۈرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. تارىختا ھەر قايسى ئەل رايۇنلىرىنىڭ بۇ مەدەنىيەت دەۋرىگە يىتىشىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا بولمىغان، دۇنيا تارىخىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 17-ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىرگىچە كىچىك ئاسىيادا قۇدەرەت تاپقان قەدىمقى ھېتتت خەلقى مىلادىدىن بۇرۇنقى 1400 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا تۈنجى بولۇپ تۈمۈر تاۋلاپ قۇرال سايمانلارنى ئىشلەتكەن. ئۇلار ئىنسانلار تارىخىدا تۈنجى بولۇپ تۈمۈردىن پايدىلىنىپ قۇرال سايمان ياسىغان خەلق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تۈمۈر ئىشلىتىش كۇرىيىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى ئالتە ئەسىر بۇرۇنقى دەۋرگە، ياپۇنىيەدە مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كىلىدۇ، ئويغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ قەدىمقى مىراسلىرىدىن بولغان «ئەرگىنەقۇن» داستانىدا كۆككە سانچىلىپ تۇرغان ئىگىز تاغ قىيالىقلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغان تۈركىي قەۋملىرىنىڭ مەلۇم بىر بۈلۈكنىڭ رودىلارنى ئىرىتىپ تۈمۈر تاۋلىغانلىغىغا ئائىت مەزمۇنلار بار بولۇپ بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائى سانائەتچىلىك ئۇقۇملىرىنىڭ تۈنجى بولۇپ ئەدەبىيات مىراسلىرىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. كۆكتۈرك خانلىغى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن تۈركلەرنىڭ تۈمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىغى ھەققىدىكى مەلۇمات تارىخى مەنبەلەردە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، ھەتتا كۆك تۈركلەر باش كۈتۈرۈشتىن بۇرۇن جۇجانلار تۈركلەرنى «تۈمۈرچى قۇللىرىمىز» دەپ ئاتىغانلىغىمۇ تارىخنامىلەردە قەيت قىلىنغان. بۇنىڭدىن كۈرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تۈركىي مىللەتلەردە تۈمۈردىن پايدىلىنىش، تۈمۈر تاۋلاش خىلى بۇرۇنلا باشلانغان ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇۋەپپەقىيەت شەكلىدە كەڭ ئۇمۇملاشقان. كورىيىلىكەر مىلادىدىن ئالتە ئەسىر ئىلگىرى، ياپۇنىيەلىكلەر مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرى تۈمۈر بىلەن تۇنۇشقان؛ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا بولسا چۈنچىيۇ دەۋرىدە يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 493-يىلى جىن جىياۋياڭ ئوستا بىلەن جېڭ خەندا ئۇستىنىڭ تۈمۈر بىلەن ئېلىشقانلىغى توغرىسىدىكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئۇچۇر بار بولۇپ «تۈمۈر قۇراللار پەقەت خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىلا ئاندىن جۇڭگۇدا كەڭ كۈلەمدە ئۇمۇملاشقان» (ئۆكيانۇس).

    ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان لۈش قەدىمىي قەبرىستانلىغىدىن نەپىس ئىشلەنگەن تۈمۈر قۇرالنىڭ تېپىلىشى لۈش مەدەنىيىتىنى ياراتقان قەدىمىي قەۋمنىڭ تېخىمۇ قەدىمىي زامانلار ئىلگىرى يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىرلەردىن باشلاپلا تۈمۈر بىلەن تۇنۇشۇپ بولغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنمۇ ئۆزىنىڭ «قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا» ناملىق ئەسىرىدە «مەركىزى ئاسىيادا تۈمۈر تەخمىنەن ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن بىر ئىككى ئەسىر ئىلگىرى تۇرمۇشقا كىرگەن بۇلۇشى ئىھتىمال» (41-بەت) دەپ يېزىش ئارقىلىق مەكىزى ئاسىيا خەلقىنىڭ تۈمۈر بىلەن تۇنۇشۇش تارىخىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇنلىغىغا بولغان قىياسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتكەن. قەبرىستانلىق تۇپراق قاتلىمى ئارىسىدىن بايقالغان ئىككى ئۇچاقمۇ بۇ جايدا يەنە مىتال ئىرىتىش تېخنىكىسىنىڭ ئاللىقاچان پەيدا بولغانلىغىنىڭ دەلىلىدۇر. قەدىمقى زامان ئاپتۇرلىرىدىن لى داۋيۈەن (郦道员) (مىلادىيە 472-527)«سۇ ئېقىنلار تەزكىرىسى (水经). دەريالارغا ئىزاھات» ناملىق كىتابىدا «كۆسەندە تاش كۈمۈر بىلەن تۈمۈر تاۋلىنىپ 36 خانلىق تەمىن ئىتىلىدۇ» دەپ يازغان بولۇپ 1986-يىلى نەشىر قىلىنغان «جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى كۈمۈر ئېچىش تارىخى» ناملىق كىتابتا بۇ « ئىلىمىزنىڭ تاش كۈمۈر بىلەن تۈمۈر تاۋلىغانلىغىغا ئائىت ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «پەن تېخنىكىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىكى بايانلارغا قارىغاندا، كىيىنكى زامانلاردا تېخنىكىدا ئالدىدا كەتكەن غەربىي ياۋرۇپادا بۇ خىل پەن تېخنىكا 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن قوللىنىلغان.

    لۈش قەبرىستانلىق خارابىسىدىكى ھەر قايسى قەبرە ۋە دەپنە بۇيۇملارنىڭ كاربۇن 14 ئانالىزى ئارقىلىق يىل دەۋرىنى ئىنىىقلاشتىكى يىل دەۋر ئارلىقلىرى، قاتلامسىمان دەپنە ھالىتىدىكى ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ دەپنە قىلىش ۋاختىنىڭ ئوخشىماسلىغى، شۇنداقلا ھەمدەپنە بۇيۇملاردىكى نەپىسلىك ۋە تۇرمۇشچانلىغىنىڭ يۇقىرلىغىغا قاراپ بۇ خەلىقنىڭ خاس چارۋىچىلىق ئىگىلىگىدىكى كۆچمەن تۇرمۇش بىلەنلا ئۆتمەستىن بەلكى قاتتىق دىتال ھالىتى مۇكەممەل بولغان مۇقىم ئولتۇراق ھالىتىنىڭمۇ بارلىغىنى قىياس قىلىشقا بۇلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ شانلىق مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئەجداتلىرىمىز مۇقىم ئولتۇراقلاشقان شەھەر رايۇنلىرى قەيەر دېگەن سۇئال تۇغىلىدۇ. ناۋادا ئۇلار كۆچمەن ھالەتتە ياشىغان دەپ قارىساق ئۇلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلار قاراقۇرۇمنىڭ قۇينى كەڭ ئېتەكلىرى بۇلىدۇ، قاراقۇرۇم بۇستانلىغىدىكى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان تاش قۇرال ۋە بىرونزا دەۋرىدىنمۇ بۇرۇنقى ساپال بۇيۇملار دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان كۈزا پۇچۇقلىرىغا، ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ھايات پائالىيىتىنىڭ ئىزناسى بولغان تاش قۇرال ئىزلىرىغا قاراپ قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردە بۇ ماكاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىغىنى ھىس قىلالايمىز ئەلۋەتتە مازار دېگەننى ئاھالە ئولتۇراقلاشقان جايغا يېقىن يەرگە ئەھيا قىلىنىدۇ ئۇنداقتا مۇشۇ مازار ئەتراپدىكى قايسىدۇر بىر دۆڭ مۇقەددەم ئىرالار ئىلگىرىكى شۇ شانلىق مەدەنىيەت ئاپىرىدى بولغان قەدىمىي شەھەرلەرنى بېسىپ پىنھان ياتقان بۇلىشىمۇ مۇمكىن ئەلۋەتتە! بۇ جايدا يەنە شۇنى قۇشۇمچە قىلىپ ئۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ، 2005-يىلى ئىيۇندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇستاز شائىرلىرىدىن بولمىش فىروپپىسۇر بۇغدا ئابدۇللا كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئاتچان تاغلىق يېزىسىدا بىرنەچچە كۈنلۈك تۇرمۇش ئۈگىنىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇپ ئۆتتى، ئاتچاننىڭ ئۆزگىچە بولغان فولىكلور مۇھىتى شائىر قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ كېرىيىگە تەۋە بولغان بۈلۈگىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان پۇلۇ كەنتىگە چىقىپ كۈرۈش شائىر قەلبىدە بىر تاتلىق ئارمان پېتى قالغان ئىدى، كىيىنكى يىلى يەنە شۇ ئىيۇن ئېيىدا شائىر قايتا كېرىيگە كەلدى ئۇنىڭ مەخسىدى ئەمدى تارىختا سانسىز ئىكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتقان، قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىپ تىبەت ئىگىزلىگىگە ئۈتۈشتىكى ئاساسلىق ئېغىزلارنىڭ بىرى بولغان كېرىيە ھاتەم پاشا تاغلىق يۇلىنىڭ ئۈستىدىكى ئاساسلىق رابات پۇلۇنى كۈرۈپ كىتىش ۋە بۇ جايدىكى يىگانە ساقلىنىپ قالغان ئۆزگىچە يەرلىك مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن تۇنۇشۇش ئىدى. مەن ئىلىمسۈيەر بىرنەچچە دوستلار بىلەن بىرلىكتە شائىرغا ھەمرا بولۇپ ئەگرى تۇقاي ۋە خەتەرلىق تاغ يوللىرى ئارقىلىق قاراقۇرۇم تاغ ئىتەكلىرىدىكى بۇ يىگانە ۋە خىلۋەت بوستانلىق پۇلۇغا يىتىپ كەلدۇق، پۇلۇ كەنتى كوراپ دەرياسى ئارقىلىق قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ چىرا ناھىيىسى تەۋەلىگى بىلەن چىگىرىلىنىپ تۇراتتى، كوراپ دەرياسىدىن ئۆتۈپ غەربى جەنۇپ يۈنىلىش بىلەن ئېشەكلىك بىر ئىككى سائەت ماڭغاندا چىرا ناھىيىسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىغا تەۋە بولغان قاراقۇرۇم تاغلىق رايۇنىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قىسمىغا جايلاشقان ئەرەنلىك كەنتىگە يىتىپ بېرىشقا بۇلاتتى، بىز ئەرەنلىكتىكى تۇنۇشىمىز باقاخۇننىڭ قىزغىن تەكلىۋى ۋە مەخسۇس قاتناش (ئېشەك) ئېلىپ ئالدىمىزغا كىلىشى بىلەن ئۇ جاينىمۇ كۈرۈپ كىلىشكە باردۇق. (ئەپسۇسكى شائىرنىڭ بۇ ئېشەكلىك سەپەرگە جىسمانى قۇۋىتى يار بەرمىگەنلىگى ئۈچۈن پۇلۇ مۆتىۋەرلىرىدىن بۇلغان مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى ئىبدى باراتنىڭ ئۆيىدە قالدى. ئىبدى باراتنىڭ ئېغىزىدىن تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان پۇلۇدىكى كۆك بۇلاقنىڭ سۈيىدەك ئوخچۇپ چىقىدىغان خەلىق قۇشاقلىرى ۋە بۇ خەلق سەنئەتكارى چالغان ئاللىچى راۋاپنىڭ مۇڭلۇق كۈيى شائىرنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغان ئىدى) بىز ئەرەنلىكتە مىھماندوست ئەرەنلىك خەلقى بىلەن مۇڭشىش جەريانىدا بۇ كەنت جايلاشقان ئەرەنلىك دەرياسىنىڭ سەل يۇقىرى ئېقىن بۇيىدىكى بىر دۆڭلۈكتە «گوريار قەدىمى قەبرە ئىزى» ۋە «ئاقتاش غۇجام مازىرى» نامى بىلەن مەشھۇر بىر مازارنىڭ بارلىغىنى ئاڭلاپ باقاخۇننىڭ ھەمراھلىغىدا ئۇ جاينى كۈرۈپ كىلىش ئۈچۈن باردىم، گوريار ئەسلى ئەرەنلىك دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىقىنىدىكى بىر چوڭ دۆڭ بولۇپ كىشىلەر بۇ جايدا ھەر يىلى خامان ئالىدىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى بۇ جايدا كاتتا ئايۋان ساراي ۋە چوڭ چوڭ تىرەكلەر بار ئىمىشكەنتۇق، بۇ كىچىككىنە گوريار دۆڭى خامان ئېلىش ئىھتىياجى بىلەن ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان كۈنلەردە دەريا سۈيى بارغانسىرى دۆڭ لىۋىنى يالاپ تەدىرىجى دۆڭنى ئېقىتىشقا باشلاپتۇ، بولۇپمۇ ئىككى يىل ئاۋۋالقى كەلكۈندە دۆڭنىڭ يېرىمدىن ئارتۇقراق قىسمىنى سۇ يالاپ ئېلىپ كىتىپتۇ، كەلكۈندىن كىيىن كىشىلەر دۆڭ تىگىدە توپ دەپنە قەبرىستانلىغىنى كۈرۈپتۇ، كۆرگەنلەرنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە بۇ قەبرىلەر تاش قەبرە بولۇپ سانى 7-8 ئىكەن، تاش قەبرە ناھايىتى چوڭ تاشلاردىن تىزىلىپ ياسالغان بولۇپ ھەر بىر قەبرىگە 4-5 جەسەت ئۈستىمۇ ئۈستى دەپنە قىلىنغان، جەسەتلەر پۈتۈنلەي قۇرۇق ئىسكىلىت ھالەتكە كىلىىپ قالغان، باش سۈڭەكلىرى چوڭ، چىشلىرى تۇلۇق ھەم سىرى ئىكەن، ھەيران قالارلىغى شىراق سۈڭەكلىرى ھازىرقى نۇرمال ئادەمنىڭ شىراق سۈڭىكىدىن خېلىلا توم ھەم ئۇزۇن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ جايغا كىلىشتىن قۇرقۇپ كىتىپ شۇ كۆرگەن پېتى تاشلاپ قۇيۇپتۇ، بۇلتۇرقى كەلكۈندە سۇ ھېلىقى جەسەتلەرمۇ ئاللىقاچان ئېقىتىپ كىتىپتۇ.

    باقاخۇن بىلەن بىرلىكتە يول بىلەن بولغان ئارلىغى بىرەر يۈز مىتىر كىلىدىغان بۇ گۆريار دۈڭىگە يىتىپ كەلدىم، دېگەندەك يارنى سۇ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بىز كەلگەن تەرەپتىكى دۆڭ يانتۇلۇقلا ساقلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ يانتۇلۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ دەريا يالاپ كەتكەن تىك ياردىن تۈۋەنگە قارىغاندا 10-15 مېىتر تۈۋەندە دەريا ئېقىننىڭ تاشلىرى كۈرۈنۈپ تۇراتتى سۇ تاشلار ئارىسىدىن سىرغىپ ئېقىۋاتاتتى، سەل ئۈستىگە قارىغاندا تىزگىنسىز دەريا سۈيىنىڭ بىر نەچچە قېتىم غول ئېقىننى دۆڭ تەرەپكە قارىتىپ بۇرىغانلىغىنى روشەن كۈرۈشكە بولاتتى، ھازىر ئېقىننىڭ دۆڭ جايلاشقان ئۇرۇندىن سەل يۈقىرى تەرىپىدە كەلكۈن سۈيى ئېقىتىپ كەلگەن تاش شىغىللار تۇقاي شەكلىدە يىغىلىپ قالغاچقا ئاساسى ئېقىن ئەمدى دۆڭدىن نېرىدىراق ئېقىپ بۇ قەبرە ئىزىدىن تاشلار ئارىسىدىن چىققان سىرغىندا سۇلارغىنە ئېقىپ تۇراتتى. دەريانىڭ قارشى قىرغىقىنىڭ سەل يۇقىرى ئېقىن قىسمىدىن يەنە بىر دەريا قارشى قىرغاقتىكى تاغلار ئارىسىدىن چىقىپ مۇشۇ جايدا ئەرەنلىك دەرياسىغا قۇيىلاتتى، بۇ دەريا زوڭ دەرياسى دەپ ئاتىلاتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ جاي ئىككى دەريا قۇشۇلىدىغان ئېغىزنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ئىككى دەريانىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان چوڭ ئېقىنىڭ مۇشۇ دۆڭگە قاراپ ئۇرۇلۇشى بۇ دۆڭنىڭ جۇغراپىيىلىك قىسمىتىدەك قىلاتتى. دەريا قېنى بەكمۇ كەڭ ئىدى. قارىغاندا ئېقىنىڭ قىرغاقلارنى يالاپ مۇشۇ دۆڭگە سۈرۈلۈپ كىلىشىگىمۇ تالاي ئەسىرلەر كەتكەندەك قىلاتتى.

    سۇ يالاپ كەتكەندە پەيدا بولغان قىيا ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى تاش قەبرە ئىزى دەپ قارالغان ئەمما ئادەتتىكى دەريا تىگىگە ئوخشاشلا كۈكۈش تاشلار قالايمقان تاشلىنىپ كەتكەن بۇ جايغا قاراپ كۆڭلۈم بىردىنلا يېرىم بولدى، قەبرە ھەققىدىكى ئۇچۇرغا قارىغاندا بۇمۇ «لۈش قەبرىستانلىق خارابىسى»غا ئوخشاش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بىر قەبرە بولۇشى ئىنىق ئىدى، قاراقۇرۇم ئەجداتلىرىنىڭ قەدىمى ھايات ئىزىنى نەچچە مىڭ يىللاپ ئۆز قۇينىدا يۇشۇرۇپ ياتقان بۇ دۆڭ ئاخىر دەريا ئانىنىڭ يالىشى بىلەن ئەۋلاتلار كۆز ئالدىدا زاھىر بولۇپتۇ، ۋاھالەنكى خارابىلەر ئەتراپىدا خارابىلەردەك خارامۇشلۇقتا قالغان بۇ ئەۋلاتلار كەلكۈن ئېچىۋەتكەندىن كىيىنكى بۇ قەبرە ئىزىنى يەنە سۇ دولقۇنىنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىشىدىن ساقلاپ قالالماپتۇ، ساقلاپ قالالماپتۇ ئەمەس بەلكى ساقلاپ قېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتۇ. مانا بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۆۋەتتە دۆچ كەلگەن تەبىئى بۇزغۇنچىلىق قىسمىتىدىنمۇ ئېغىر بولغان ئۆز قىممىتىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقى ھەقدارلىرى تۇنىيالماسلىقتەك ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ يەنى بىر مىسالى، خالاس.

    بىز دۆڭنى ئايلىنىپ دەريا قېنىغا چۈشتۈق، تەپسىلى كۈزىتىشىمچە بەزى جايلاردىكى بىر قىسىم چوڭ تاشلار ئىللىپىسسىمان ھالەتتە ئايلاندۇرۇپ تىزىلغاندەك كۈرۈنەتتى ئەمما كەلكۈن يەنىمۇ باشقا تاشلارنى قالايمىقان تاشلاپ ئۆتكەچكە بۇنى پەرق ئەتمەك بەكمۇ تەس ئىدى، بۇ ئىللىپىسسىمان گەۋدىلەر تاش قەبرىنىڭ ھۇل قىسمى بولۇشى مۇمكىن ئىدى، كەلكۈن سۈيى سۈڭەك ۋە سۈڭەك پارچىلىرىغا قەدەر ھەممىنى ئېقىتىپ كەتكەن بولۇپ بۇ قەدىمىي قەبرە ۋە ئۇ يۇشۇرۇپ ياتقان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ ئۇچۇرلىرى ھەقدارلىرىنىڭ بىپەرۋالىغى بىلەن دولقۇنلارغا ئەگىشىپ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى مەدەنىيەت ياراتقان تارىم ۋادىسى، تەكلىماكان قۇملۇقلىرىغا قاراپ ئېقىپ كەتكەن ئىدى.

    ئۇندىن باشقا ئاتچان يېزىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى ئاتچان دەياسىنىڭ بۇيىدىكى دۆڭلۈك باغرىغا جايلاشقان ئاتچان قەبرىستانلىق ئىزىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان توپ دەپنە بولۇپ بۇ جايغا قۇيۇلغان جەسەتلەرمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك، شىراق سۈڭەكلىرىمۇ ئالاھىدە ئۇزۇن ئىدى، ئالدىنقى قېتىمدا بىزنىڭ ئىشخانىمىزدىن ئابدۇرىشات مۇساجان ئېزىز رەسساملار بىلەن بىرلىكتە ئاچچانغا چىقىپ كىتىپ مۇشۇ قەبرىنى كۆرۈپ قايتاشىدا ئېزىز رەسسام ئادەم پورتىرىتى سىزىشتا پايدىلىنىمەن دەپ ئېلىپ كەلگەن بىر باش سۈڭەكنىڭ چىشىنى ساناۋېتىپ بىز ھەيران قالغان ئىدۇق، چۈنكى ئۇنىڭ چىشى نورمال ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاش 32 بولماستىن بەلكى 34 ئىدى.

    دېمەك قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىدە قەدىمىي ھايات ئىزى ۋۇ شىڭخۇا ئېيتقاندەك بۇ خاس «لۈش مەدەنىيىتى»لا ئەمەس بەلكى بىر پۈتۈن قاراقۇرۇم مەدەنىيتىنىڭ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولغان بىر پارچىسى، لۈش قەبرە خارابىسىمۇ «ھازىرغىچە كوئىنلۇن ئىتەكلىرىدىن تۈنجى بولۇپ بايقالغان قەدىمىي دەۋر ئىنسانلىرىنىڭ پائالىيەت ئىزلىرى» ئەمەس بەلكى باش كەڭسۇلاق، قاراتاش تاش قۇرال ئىزلىرى ... قاتارلىق قەدىمقى دەۋر ئىنسانلار پائالىيەت ئىزىدىن كىيىن بايقالغان يەنە بىر قىمەتلىك ئارخېلوگىيىلىك بايقاش. خۇددى تارىم ۋادىسىغا قەدىمى خارابىلەر يولتۇزلاردەك چېچىلغانغا ئوخشاش بەھەيۋەت قاراقۇرۇم تاغ تىزمىلىرى چوڭقۇرلۇقىغا  ئەڭ قەدىمىي ھاياتلىق ئىزلىرىنىڭ چېچىلىپ ياتىدۇ، بۇ يەردە قەدىمىي شەھەرلەرنى قۇم ئاستىدىن ئېچىۋېتىدىغان تەكلىماكاننىڭ بۇرانلىرى يوق ئۇ پەقەت ھەقىقى مەنىدىكى تارىخ ۋە ئارخېلوگىيە ئىلمىنىڭ ئۆزىدىكى سىر ئەسرارلارنى بايقىشىنى كۈتۈپ جىمجىت ياتماقتا. بىز ھازىرغىچە بەھەيۋەت قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىدىكى كېرىيە دەرياسىنىڭ يۇقىرى غۇل ۋە تارماق ئىقىنلىرى ۋادىسىغا جايلاشقان بۇنىڭدىن ئون مىڭ يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەرگە توغرا كىلىدۇ دەپ قارالغان ئوتتۇرا تاش قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان باش كەڭسۇلاق تاش قۇرال ئىزلىرى، قاراتاش تاش قۇرال ئىزى، ئاتچان قەبرىستانلىق خارابىسى، شۇڭگۇلدىكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، كىچىك پۇلۇ خارابىلىغى، چوڭ پۇلۇدىكى زاراتلىق خارابىلىغى، ئەرەنلىك تاش قەبرىستانلىغى ... قاتارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

    رىۋايەت قىلىنىشچە تۇپان بالاسىدىن كىيىنكى نوھ ۋە ئۇنىڭ كىمىسىدىكىلەردىن باشلانغان ئىككىنجى قېتىملىق ھاياتلىق تاغدىن باشلانغان ئىكەن چۈنكى تۇپان بالاسىدىكى تۈنجى قۇرۇقلۇق تاغ ئىدى، ئىنسانلار غايەت زور سۇ ئاپىتى قالدۇرغان ۋەھىمە تۈپەيلىدىن ئۇزاق زامانلارغىچە تاغلارنى ئۆزىگە ماكان تۇتۇپ ياشىغان ۋە كىيىنچە تۈزلەڭلىكلەرگە كۈچۈپ ئاۋۇپ كۈپەيگەن، شۇنى قىياس قىلىشقا بۇلىدۇكى جەنۇبى تارىم ۋادىسىدىكى كۈجۈم ھايات ئىزى تۈنجى قەدەمدە قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىدە ئاۋۇپ كۈپىيىپ كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن يېرىم ئولتۇراقتىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىگىگە ئۆتكەن ۋە كىيىنچە تېرىم ئىگىلىگىگە ئۈتۈپ ئۇلۇغ دەريانىڭ تۈزلەڭ ۋادىلىرىنى قۇغلاپ ھازىرقى تەكلىماكان چوڭقۇرلىرىغا كۈچكەن ئۇيەردىن تەبىئى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن يەنە ئېقىن قۇغلىشىپ بارغانسىرى قاراقۇرۇم ئېتەكلىرى تەرەپكە سۈرۈلۈپ بۈگۈنكى بۇستانلىقلارنى ئاپىرىدى قىلغان.

    پايدىلانمىلار:

    «جۇڭگۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلار گېزىتى» 2006-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى سانى

    «پايتەخت ئىستىمالچىلار سەھەر گېزىتى» 2003-يىل 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سانى

    «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى

    «ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتىگە دائىر مۇلاھىزە» غەيرەتجان ئوسمان


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • Qimmetlik materiyal bilen teminliginingizge rehmet qerindishim. esil yazmiliringiz uzulup qalmighay.
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.