ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-08-27

    ئەتلەس ھەققىدە - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/73813823.html

    شىنجاڭ قەدىمقى زاماندىن تارتىپ يىپەكچىلىك بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خۇتەن ۋە قەشقەر رايۇنلىرىدا يىپەكچىلىك بىر قەدەر بۇرۇن تەرەقىي قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن گىرمانىيىلىك مەشھۇر خېوگراف ۋە ئارخېئولوگ رىچخوۋىن (1833-1905) بۇ يەرگە <يىپەكيولى> دەپ نام بەرگەن ۋە قەدىمقى ئۇدۇن يەنى خۇتەننىڭ نەپىس ئىشلەنگەن جۇلالىق يىپەك رەختلىرى <يىپەك يولى> سودىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىنتايىن ئالقىشقا ئىرىشكەن.
    ئەتلەس يىپەك توقۇلمىلار ئىچىدە خىلى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن، نۇسخا ۋە تۈرى ئەڭ كۆپ رەخت بولۇپ، ئۇيغۇر يىپەكچىلىكىدىكى داڭدار مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىيدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئەتلەس چىڭ دەۋرىگە يەنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى، كىيىنكى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتا 27 خىل ئەتلەس تۈرى بولغان. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى، پىشقەدەم ئۈستىكارلارنىڭ تۈگەپ كىتىشى، شاگىرت يىتىشتۇردىغان ئادەمنىڭ يوق بولىشى ھەم كىيىم-كىچەك نۇسخىللىرىنىڭ يىڭىلىنىشى بىلەن كونا نۇسخىلار يوقاپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەتلەسنىڭ پەقەت تۆت خىل تۈرى قالغان، يەنى قارا ئەتلەس، سېرىق ئەتلەس، قىزىل ئەتلەس ۋە يەركەنچە ئەتلەستىن ئىبارەت.
    ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كىيىم-كىچەكنى ياش قۇرامى ۋە سالاھىيىتىگە قاراپ كىيىدۇ. قارا ئەتلەس(دارايى ئەتلەس) ياشتا چوڭراق، ئۆزىنى تۇختاتقان ئاياللار ئۈچۈن لاھىيىلىنىدۇ. سېرىق، كۆك، زەيتۇن رەڭلىك ئەتلەسلەر (خوجەئە ئەتلەس) ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئۈچۈن لاھىيىلىنىدۇ. قىزىل ئەتلەس بولسا قىز جۇۋانلار ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن بولۇپ تۆت خىل نۇسخىدا توقىلىدۇ. يەركەنچە ئەتلەس كۆپ نۇسخىلىق ئەتلەس بولۇپ يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئون خىل نۇسخىدا تۇقۇلغان. ئەجداتلىرىمىز ئۇنى تاج سىمۇۋىلى قىلىپ خان ئەتلەس دەپ ئاتىغان.
    ئەتلەس ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستىتېك تەپەككۇرىدا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ماكاننىڭ يەر تۈزلىشىنى، گۈزەل باغۇ-بۇستانلىرىنى، يىشىل لىنتىدەك ئاقار دەريالىرىنى نەپىس ۋە رەڭدار يىپەك بىلەن تەقلىدى ئىپادە قىلغان سەنئەت خەزىنىسىدۇر. ]ئەتلەس، شايى، بەقەسەملەر روشەن يەرلىك مەھسۇلاتلار بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلىرىدۇر .

    مەنبە: <شىنجاڭ ئاياللىرى> ژورنىلى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.