ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-08-27

    ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيىمى - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/73813755.html

    چاپان، كۆڭلەك ، ئاياغ– ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيىمى بىر قەدەر ئاددى ، ئازادە ، ئاساسلىقى يەكتەك ، تون، پەشمەت، نىمچە، كۆڭلەك، پوتا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار تاش كىيىمنى بىردەك چاپان (tfapan) دەپ ئاتايدۇ. ئەرەنچە كىيىملەر كۆپرەك قوي تېرىسىدىن، يۇڭدىن، يىپەك ۋە پاختا رەختتىن تىكىلىدۇ. رەڭگى قارا، ئاق، كۆك رەختلەردىن كۆك، كۈلرەڭ، ئاق، قارا قاتارلىق تۈرلۈك تاۋار-دۇردۇنلاردىن كەڭ-تار ھالدىكى زىغزىغلارنىڭ ۋە گىئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.

     

    ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كېيىملىرى

    ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كېيىملىرى

    بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيىمى ئاساسەن ئۇزۇن، تىزنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك كۆڭلەك ياكى تون ئىدى، ئۇنىڭغا تۈگمە ياكى ئىزما قادىمايدۇ. شۇڭا بەلدىن پۇتا بىلەن باغلىۋېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل تون ياكى تونچە كۆڭلەكنىڭ يانچۇقى بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن پوتا يەنە يانچۇق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ پوتىسى ھەر خىل رەڭدىكى يىپ ياكى يىپەك رەختلەردىن ئىشلىنىدۇ، ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ. تەخمىنەن ئۇزۇنلىقى ئىككى مېتىردىن كۆپرەك، كەڭلىكى ئەللىك سانتىمېتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭگى كۆپ ھاللاردا قارا، قوڭۇر، قېنىق كۆك رەڭلەردە بولىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردىكى پوتا بىلەن ھېيت، ئايەم، مۇراسىملاردىكى پوتىنىڭ پەرقى زور بولىدۇ. بەزىلەرگە گۈل نۇسخىسى بېسىلغان ياكى كەشتىلەنگەن بولىدۇ. دىندارلار يەنە ئۇزۇن ئاق خەسە بىلەن بىشىنى ئورايدۇ. بۇنى ئۇيغۇرلار «سەللە» دەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم ئادىتىدە يەنە ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغۇچىلارغا ۋە ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان مېھمانلارغا تون يىپىپ ھۆرمەت ۋە تەنتەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئادەتمۇ بار.

     

    ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كېيىملىرى

    ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كېيىملىرى

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىنى بۇرۇن كۆپ ھاللاردا ئېغى كەڭ، نۇسخىسى بىر قەدەر ئاددى ئىدى، يالاڭ ئىشتان، ئەستەرلىك ئىشتان، پاختىلىق ئىشتان دەپ ئۈچ خىل بولاتتى. ھەر خىل رەختلەردىن تىكىلەتتى. قوي تېرىسى، ئىت تېرىلىرىدىنمۇ تىكىلەتتى. ئەرلەرنىڭ ئىشتىنى ئاياللارنىڭكىدىن قىسقاراق ئىشتاننىڭ پۇشقىغى سەل تارراق. ئاياللارنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇشقىغى كەڭرەك، ئۇزۇنلىقى ئۇشۇققىچە كىلىدۇ. ھازىر ياشانغانلار يەنىلا مۇشۇنداق ئىشتان كىيگەندىن سىرىت، كۆپچىلىك ئۇيغۇر ئەرلىرى بۇرۇلكا، ئاياللار ئۇزۇن پايياق تارتىپ، كۆڭلەك كىيىدۇ.

     

    مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.