ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-24

    ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41425806.html

    مەن ھەركۇنى نەچچە قىتىم ئۆتىدىغان يول ئۇستىدە يەنى ئاپتۇنوم رايۇنلوق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تونۇش بۇۋاي كۇندە دىگۇدەك ئۇچرايدۇ،ئۇبۇۋاينىڭ مەيلى قىش،مەيلى ياز بولسۇن ھەركۇنى شۇيەردە ئاچچىق موخۇركىسىنى،قاتتىق شورىغىنىچە چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ،ھومايغىنىچە تۇرغىنى تۇرغان.بۇ بۇۋاي بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان <<مىنىڭ راۋابىم>>،<<كۇن ۋەتۇن>>،<<تاشۋاي>>قاتارلىق مەشھور مۇزىكىلارنىڭ
    .
    ئىجادچىسى،زامانىمىزدىك ئەڭ مەشھور كومپۇزىتۇرىمىز قۇربان ئىبراھىم.مەن بىر يىرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ جايدا بۇ غەلىتە بۇۋاي بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالدىم،بۇ بۇۋاي ماڭا ئۆزىنىڭ <<نەۋرەم>>ناملىق مۇزىكىسى ئۇستىدە پىكىر يۇرگۇزىۋاتقانلىغىنى .ئىيىتتى.بۇ بۇۋاي گەپنى بوم ئاۋازدا قىسقا،قوپال ھەم تۇز قىلىدىكەن.مەن سۆز ئارلىغىدا <<قۇربان ئاكا،كۇندە مۇشۇ يەردە تۇرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى تارتقان يەرلەرگەبىرىپ تۇرۇپ كەلسىڭىز بولمامدۇ؟
    >>
    دىدىم.بۇ بۇۋاي ئادىتى بويىچە قوپال جاۋاپ بىرىپ،<<ۋاي ئۇكام،بۇ گۇيلار مىنىڭ مۇزىكامنى ئاپارمىغان يىرى

    قالمىدى،ئەمما مىنى ئولانبايدىكى ساناتۇرىيىگىمۇ ئاپىرىپ بىرەر ئاي دەمئالدۇرۇپ قويمىدى ئەمەسمۇ!؟>>دىدى

    شۇ كۇندىن بىرى،مىنى بىزنىڭ ئىجادىيەت بىلەن ئىجاتكارغا تۇتقان مۇئامىلىمىزدىكى ئاسمان-زىمىن پەرىق كۆپ ئويلاندۇردى.بىزدە كۆپ ھاللاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى تەتۇر تاناسىپ بولۇپ قالىدىكەن.رۇشەنكى بۇ كىشىنى ئىچىندۇرىدىغان،غەزەپلەندۇرىدىغان ھادىسە!نىمە ئۇچۇن بۇنداق غەلىتە ھادىسە بىزدە شۇنچە كۆپ؟بۇ نىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددى ،چۇنكى بىز نادان-مىللەت
    !
    كىسىپ ئىيتىش كىرەككى،ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادان مىللەت! دۇنيادا بۇ جەھەتتە بىزنى بىسىپ چۇشىدىغان مىللەت يوق بىزئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئىتراپ قىلمىساق پاكىت بىزنى ماڭدامدا بىر مات قىلىدۇ
    .
    قاراڭ،فرانسىيىلىك مەشھور ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس،تارىخچى گراسسرت1930-يىللىرى يازغان <<يايلاق ئىمپېرىيىلىرى
    >
    ناملىق كىتابىدا قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئۇستىدە توختىلىپ،<ئۇيغۇرلار تۇركىي خەلىقلەرنى مەدەنىيەت دەۋرىگە باشلاپ كىرگەن>،<ئۇيغۇرلار باشقا تۇرۇك -مۇڭغۇل خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ،چىڭگىزخان دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئۇلار يەنە تەربىيلىگۇچىلەردىن ئىدى>دەپ يازغان.ئەپسۇسكى بىز ئۇيغۇرلار دەل شۇ 30-يىللىرى <<ئۇيغۇر>>دىگەن مىللەت نامىمىزنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ھەركىتىنى ۋە مەمتىلى .ەپەندىنىڭ مەرىپەت بايرىغى ئاستىدا ئاقارتىش ئىشىنى ئىلىپ بىرىۋاتاتتۇق.ئوتتىرا ئەسىردە باشقىلارغا مەدەنىيەت ئۇستازى بولغان بۇ مىللەت بۇ كۇنگە كەلگەندە <<ئۇيغۇر>>دىگەن نامىنىمۇ ئۇنتۇپ ،ئۆزىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە قالغاندى
    !
    1960-
    يىللىرى ئامرىكىلىق تەتقىقاتچى دىنىس سىنور<<ئىچكى قۇرۇقلوق ئاسىيا>>ناملىق ئەسىرىنى يىزىپ ئۇيغۇرلارنى<<قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇلار مەركىزى ياۋرۇپا-ئاسىيادا ئوتتىرا ئەسىردە بولۇپ باقمىغان تۇرمۇش سەۋيىسىدىن بەھرىمان بولغان>>،<<تۇرۇك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر ئىچىدە ھىچقايسىسى ئۇيغۇرلار يەتكەن مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يىتىپ باقنىغان>>دەپ يازغان بولسا شۇ 60-يىللاردا بىز ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى،ئەقلى،ئىتقادى،غۇرۇرى بار بارلىق ئەزمەتلىرىنى بىر بىرلەپ تۇتۇپ،بولىشىغا دۇمبالاپ،ئىت-ئىشەكتىن بەتەر خار قىلىپ،پرۇلتارىياتنىڭ پولات مۇشتۇمىنىڭ تەمىنى تىتىۋاتاتتى
    ...!
    ھايات سىرلىرىنى بىلىدىغان بارلىق مۇتەپپەككۇرلار خۇددى پۇتۇشۇۋىلىشقاندەك<<ئىنسان ئۈچۇن نادانلىقتىن،بىلىمسىزلىكتىن چوڭ ئاپەت بولمايدۇ >>دەپ ئىيتىشقان .بىزنىڭ بۇ تەپسە تەۋرىمەيدىغان ئەبگا مىللىتىمىز ھەممە خەق ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تۇشمۇ-تۇشتىن ئىزدەنگەن ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان بۇ 20-ئەسىدە نادانلىقتىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز ئاپەتنىڭ قارا پاتقىقىغا گەدىنىگىچە پاتقان ھالدا ياشاپ كەلدى ۋە ھىلىمۇ ياشاۋاتىدۇ .نادان مىللات نىمە ئىش قىلىدۇ ؟نادان مىللەت جاھاندىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئەڭ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ .كىچە-كۇندۇز خەلقنىڭ غىمىنى يەدىغان ئەزمەت ئوغۇللىرىنى خارلاپ ،ئازاپلاپ،تللاپ سىسىتىپ ئىككى يۇزلىمىچى مەككار ئادەملەرنى ئۇلۇغلاپ،ئىزىزلاپ،مازار غوجام قىلىۋالىدۇ.ھەقىقەتنى ئۆلچەيدىغان تارازىسىنىڭ خاتالىغىدىن گۇمانلىنىپ باقمايدۇ .ھەممە نەرسىگە ئاڭلىۋالغىنى بويىچە ياكى سەخسىي مۇددىئاسى بويىچە قارىسىغا ھۆكۇم قىلىدۇ،تۇغرا ،ئادىل باھا بىرىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ. سىيىت نوچىدەك ئەخمەق ،مۇناپىقسىمان ئادەملەرنى يۇز يىللاپ سىغىنىپ ،ئۇلۇغلاپ شولگەيلىرىنى .ىقىتىشىپ ماختىشىدۇ.<<مىللى قەھرىمان>>دەپ تەرىپلىشىدۇ.سىيىت نوچى ھاياتىدا خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنگەن زالىملاردىن بىرەسىنى ئۆلتۇرگەنمۇ؟بىرەر ئىش تەۋرەتكەنمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدۇ؟ئەجەبا ئۇ ئۇچتۇپان ھاكىمىنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ قىنىنى شوراۋاتقان بىر زالىمنىڭ يىنىدا دوست بولۇپتۇرۇشقا ماقۇل بولدىغۇ؟شۇنىڭغا راۋاپ چىلىپ بىرىپ شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتىغۇ ؟قەشقەر دوتىيىگە .اپارساڭ ساڭا ئەمەل بىرىدۇ ،دىسە ئەمەل تاماسىدا مەس بولۇپ ئۆلۇم خىتىنى كۆتۇرۇپ كەلدىغۇ؟قەشقەر دوتىيى ئۇنى .ئەخمەق قىلىپ،<<سېنى ئۆلتۇرەي دىسەم قولۇم بارمايدۇ،ئۆلتۇرمەي دىسەم خاننىڭ ئۆلۇمگە بۇيرىغان خىتىنى ئىلىپ كەپسەن >>دەپ ئالدىسا،<<خاننىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالما،ئىككىلەنمەي مىنى ئۆلتۇرگىىن>>دەپ ئۆزىنىڭ بىگۇنا ئۆلىمىگە قۇللارچە رازىمەنلىك بىلدۇردىغۇ ؟ياق مىنىڭ گۇناھىم يوق،مىنىڭ خۇدا بەرگەن ياشاش ھوقۇقۇم بار ،مەن سىنىڭ خالىساڭ .ئۆلتۇرىدىغان ،خالىساڭ ياشىتىدىغان كۈچۈكۈڭ ئەمەس.دەپ ئۆز ئەركىنلىگى ئۇچۇن ئىسيان كۆتۇرۇپ،چۇقان سالمايدىغۇ؟مۇشۇغۇ بىزنىڭ مىللى قەھىرمانىمىز؟!تىللاردا داستان قىلىدىغان نوچىمىز؟!بۇ ئەڭ سادىق قۇل،ئەڭ ئىتائەتمەنمۇناپىقمۇ ياكى ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان نوچىمۇ؟!بىز مۇشۇنداق بىر ئادەمنى ئالىي مەكتەپنىڭ دەرىسلىكلىرىگە<<مىللى قەھىرمان>دەپ كىرگۇزۇپ ھازىرمۇ تىخى كاپشىپ ئۆتىۋاتىمىز .رادىئو-تېلېۋىزۇرلاردا ئۇنىڭ شەنىگە ناخشا-قوشاق تۇۋاتىمىز
    ...
    ھەي... بىزنىڭ نادانلىقىمىز ،ئەقىلسىزلىكىمىز ،بىلىمسىزلىكىمىز،ئابدۇقادىر داموللام بىلەن مەمتىلى تەۋپىقتەك ئۇلۇغ مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىشنى ئويلاشمىدۇق ،ئەمما تېيىپچان ئىليوۋنىڭ خەت-چەكلىرىنىمۇ تېرىپ -تۆشەپ كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇق .بىر پارچىمۇ شېئىرى خەقنىڭ ئېسىدە يوق ئەلقەم ئەختەمدەك قۇرۇق قەسىدىچى شائىرلارنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى مۇبارەكلەپ تون كىيدۇردۇق ،ئەمما نىزامىدىن ھۆسەيىندەك ئىمانى ئەركەك قەلەمكەشلىرىمىزنى توپا بىسىپ قىلىۋاتسا پىسەنىت قىلمىدۇق .ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنى
    ئەدەبىياتتىن زىرىكتۈرۇشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ،سولچىل ئەدەبىياتنىڭ بايراقدارى بولمىش قېيۇم تۇردىدەك يازغۇچىللىرىمىزنىڭ<<قىزىل تاغ چىراغلىرى>>دىگەن كىتابىنى قايتا نەشىر قىلىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كاسىلداپ چۈشەندۇرۇپ قايتا نەشىر قىلدۇق،ئەمما ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئۇلۇغ ئالىم<<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>>دەپ كىتاپ يىزىپ بەرسە <<تىراژ تاپ>> دەپ مەكتەپمۇ -مەكتەپ سوكۇلداتتۇق.<<بېرىۋاتقان باھايىمىز مۇۋاپىقمۇ-ئەمەسمۇ؟>>دەپ ئويلانماستىن،ساقىلىنىڭ ئاقلىغىغا قاراپلا<<فۇزۇلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى>> دىگەن تونوشتۇرۇش ماقالىسىدىن باشقا بىر پارچىمۇ ئىلمى ئەسىرى يوق شۈكۈر يالقۇننى<<بۇلاق>> ژورنىلىدا <<كامالەتكە يەتكەن ئەدىب>>،<<ئەدەبىيات پىشۋاسى>>دەپ ھاماقەتلەرچە ماختىدۇق.ئىلىمگە ئىلىمچە، ئادەمگە ئادەمچە مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىغان ژورنالىستلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ ،باشقىلارنىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۇپ قويىدىغان بۇ قىلمىشلىرىدىن نۇمۇس قىلماي ماختىنىشى تۇرغان گەپ...
    ئويلاپ باقساق،ساناپ كەلسەك بىزدە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ،ئىجاتكارنىڭ قىسمىتىنىڭ تەتۇرلىكىگە
    ئائىت مىساللار ساماندەك.بەلكىم مەرھۇم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن بۇ جەھەتتتىكى ئەڭ تىپىك مىسال بولىشى مومكىن. ئۇ شائىرلىرىمىز ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بىزگە مەخسۇس رۇبائىيلار توپلىمىنى تەقدىم قىلسا ،بىز ھەسەت قىلىپ ،رەزىللىك بىلەن <<ياخشى رۇبائىدىن ئادەم ئۆمرىدە پەقەت بىر نەچچىنىلا يازالايدۇ>>دەپ پەتىۋا چىقىرىپ كەم سۇندۇردوق .<<قاتلام نەزىريىسى>>نى ئوتتۇرىغا قويسا ئىلمى رەدىيە بىرەلمەستىن بۇ نەزىريىنى چەتئەللىكلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان،دەپ گەپ تارقاتتۇق .تارىخ پەلسەپە ،ئىستىتىكا تەتقىقاتى ۋە شېئىر-نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللۇنىپ توم-توم كىتاپلارنى يېزىپ بەرسە،خوشال بولۇشنىڭ ئورنىغا<<بۇ ئادەم ھەممە ساھەگە ئىسىلىۋالماي بىرلا ئىشنى قىلسا بولاتتى>> دەپ ئەخمەقلەرچە ئەقىل كۆرسەتتۇق. ئويۇن تاماشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ مىللەت ئۈچۇن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا <<ئادەم بولغاندىن كىيىن توي-تۆكۈنلەرگە بارمىسا بولامدۇ؟>>دەپ ئۇنى ئەيىپلەپ ئۆزىمىزنىڭ كۈننى ھارام ئۆتكۈزىۋاتقانلقىمىزنى ئويلىماي ھاماقەتلەرنى كۈشكۈرتۇپ ئۇنى ئالدى-كەينىدىن ھاقارەتلىگۈزدۇق.ئۆزىمىزنىڭ بىرەر نەشىريات ياكى گېزىت ژورنالدا تىگىپ قالغان چۆمۈچنىڭ سېپىچىلىك ھوقۇقىمىزنى ئۇنىڭ ئالىملىقىدىن ئالىي بىلىپ بىزگە يېلىنمىغىچە ئەسەرلىرىنى يىقىن يولاتمىدۇق.ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ كىچە كۇندۇز پۇچىلىنىدىغان ئەۋلىيا-ئەزەملەرنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ ،شۇلارنىڭ نەزىرىگە نائىل بولۇش ئۈچۇن ،بۇ ئالىمنى قاغىدەك چوقۇدۇق .جەمئىيەتتە بىرەر يامان گەپ-سۆز تارقالسا ،دەرھال ئۇنى شۇ ئىشنىڭ ئىگىسى قىلدۇق .ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە ،كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدۇق .ئۇ ئوغلىنى ئۆيلىمەك بولۇپ ،ئۆيمۇ _ئۆي كىرىپ باغاق تارقاتسا ،بىز ئارقىدىن ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ <<ئۇنىڭ تويىغا بارماڭلار>>دەپ گەپ تارقاتتۇق .قان تۈكۇرۈپ قىينىلىپ ئەسەر يېزىپ مەتبۇئاتلارغا نەچچە ئون قىتىملاپ قاتراپ كىتاپ چىقىرىپ ئازغىنا قەلەم ھەققىگە ئېرىشسە <<شۇنچە قەلەم ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ بىرەر ئادەمنى چاقىرىپ مېھمان قىلايمۇ دىمەيدۇ>>دەپ ھارام تامادا كۆپۈپ ئۇنى تىللىدۇق.ئۇ يازغان ئىلمى ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلەشسەكمۇ يازالمايدىغانلىغىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنى سۆكتۇق ،<<ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقى تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى>> دەپ ماقالا يىزىپ بىزگە خانىقا ئىشىدا ساخاۋەتچى بولۇۋېلىپ مۇرىت توپلاپ ئىلىم ساھەسىگە نۇمۇس كەلتۇرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ ئالىملىرىمىزغا باش بولىۋالغان بىر ئىلىم زومىرىگىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تونۇپ بەرسە <<ئاپىرىن>> ئېيتماستىن ،<<بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلسا بولاتتى>>دەپ ھەقنى سۆزلىگەن ئادەمنى ئەيىپلىدۇق.قارىغاندا ھەقىقەت بۇ مىللەتنىڭ زەئىپلەشكەن تېنىگە رىئاكسىيە بىرىدىغان ئوخشايدۇ.مۇناپىقنى ئەڭگۇشتەر بىلىپ ياشاپ ئادەتلىنىپ قالغان بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز ئاق-قارىنى ئارلاشتۇرۇپ بىزنى ھەر كويلارغا سالىدىغان ئوخشايدۇ.
    ئابدۈشۇكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئالىمدا ھەقىقەتنى تونۇيدىغان ئۆتكۈر كۆز،ئاقىل بىلەن ناداننى پەرىقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان دىت بار ئىدى. شۇڭا ئۇ:
    <<مىڭ توخۇنىڭ تاقلىشى،سۇمرۇغ كەبى پەرۋاز ئەمەس.چۇرقىراپ سايراشلىرى بۇلبۇل كەبى ئاۋاز ئەمەس>>دەپ غەزەل يىزىپ قىلمىش -ئەتمىشلىرىمىزگە مىيىقىدا كۈلۈپ قوياتتى.
    بۇ بەخىتسىز ،ئەمما ئۇلۇغ ئالىم ئاخىرى ئارىمىزدىن كەتتى .نۇغۇنلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ھەسەت ئوتىدا كۆيدۈرگەن ،نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئىسىل ئەمگەكلىرى بىلەن كۈلدۈرگەن بۇ ئالىم تۇيۇقسىزلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى ،خۇددى بىر قىتىم ماڭا <<ئۆلۇم دىگەن ئۇ،شۇنداق نىمە،ئەزرائىل كىلىدۇ ئاپتوبۇسقا چىق دىگەندەك قىلىپلا ،ئىلىپ كىتىدۇ >>.دىگىنىدەك غىپپىدە كىتىپ قالدى شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى ئەزرائىل ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ <<ئاپتوبۇس >>قا تارتىپ چىققىچە بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى <<ئاپتوبۇس>>قا ئىتتەردۇق ... دەسسىگەن يېرىنى چوغ قىلىپ ،يىگەن ئىشىنى زەھەر قىلىپ ،كۆرگەن كۈنىنى ھارام قىلىپ ،تۇغۇلغانغا ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتۇق .
    بىر تەڭدىشى يوق ئالىمىمىز ئۆلۇپ كەتسە بىز نىمە ئىش بىلدۇق ؟ھەر بايرام كەلسە يۈزلەپ شېئېر يازىدىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرەسىمۇ مەرسىيە يازمىدىغۇ ؟ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنى سېغىن كالىنى ساغقاندەك سېغىپ سەمرىگەن تەتقىقاتچىللىرىمىز بىرەر ئەسلىمە يازمىدىغۇ؟ قىچىشقاقنىڭ دورىسىنى يىللاپ ئىلان قىلىپ ھارمايدىغان رادىئو -تىلۋىزورلىرىمىز بىرەر پارچىمۇ خەەۋەر بەرمىدىغۇ؟ بىر ئادەمنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى يۈتۇپ كەتسە ئالقانچىلىك يەرگە ئىلان بىرىدىغان <<ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى >>بارماقچىلىك يەرگە كاۋاك چالمىسى قاتارىدا كىچىككىنە بىر خەۋەر بىرىپ قويدىغۇ ؟ئەجەبا بىزدە ئالىم شۇنچە كۆپمۇ؟ئەتىۋارى يوقمۇ؟ بىر نازىر ئۆلۈپ كەتسە ئورنىغا مەن بار دەپ مەيدىسىگە مۇشىتلاپ چىقىدىغان ئادەمدىن كۈرمىڭى چىقىدۇ ،قىنى<<ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئالىملىق ئورنىغا مەن تەييار >>دەپ ئوتتىرىغا چىقىدىغان بىرەر ئەزىمەت بارمۇ؟شۇھالىمىزغائاشۇ ئۇلۇغ ئالىمنى نېمانچە ھاقارەتلىگەندۇق؟ نېمانچە ئازاپلىغاندۇق؟بىزدەك ئەزىزلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئادىمىنى خارلايدىغان نادان خەلق باشقا جايلاردىن تىپىلمىسا كىرەك.
    شۇ ھىكمەت.شۇ سىر ئىسىمىزدە بولسۇنكى ،ئەيسا كىرىتستقا مىخلانغاندا ،مەنسۇر ھەللاجى،شاھ مەشرەپلەر دارغا ئىسىلغاندا ،ئابدۇقادىر داموللا ،تەۋپىق ئەپەندىلەر قان ئىچىگە غەرىق بولغاندا ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەخىتسىز ئۆلۇمىدىن ئۆكۈنۇپ پۇشايمان قىلغان ئەمەس ،بەلكى ھەقىقەتنى تونۇپ يىتەلمىگەن خەلىقنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىشىپ ھەسرەت چەككەن ...
    پەلەك بىزنىمۇ ئەقىلنىڭ بۇرچىدا ياشىتىپ باقار .ئاق-قارىنى پەرىق ئېتىشنى ئۆگنىۋالارمىز،بۇ بەخىتسىز ئالىمىمىزنىڭ ئۆلىمى ئۆزىگە خاس ئۇلۇغ مەنا بىلەن بىزنى ئەقىلگە ئۈندەيدىغان ،نادانلىقتىن ئويغۇتىدىغان ،قېرىنداشلارچە ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان خاسىيەتلىك كولدۇرما بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس! 

    ئاپتورى:يالقۇن روزى
      
         مەنبە:ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى ،1995

    -يىلى 4-ئاينىڭ -1-كۇنى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.