ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-24

    بۆرە ئەپسانىسى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41425600.html

     يامادا نوبۇئو (ياپونىيە)

    ئىلىلم ساھەسىدە كۆك تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ ئالتاي تېغىغا يېقىن بىر جايدا ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنغان . بۇ ماقالىدە مەن بۇ يەرنى تېخىمۇ كەسكىن بىر رەۋىشتە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن.نۇرغۇن قەبىلىئە ئەپسانىلىرى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى "تۈرك "سۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خەنزۇچە خەتنىڭ "突厥" ئىكەنلىكى ۋە خەنزۇچە مەنبەلەرنىڭ بۇ قوۋمغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .مانا مۇشۇ بايانلارنىڭ ئىككىسى "سۈينامە"(84-جلىد)ۋە "جۇنامە"(50-جىلد)لەرگە جۇغلانغان بولۇپ ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خاتىرىگە ئېلىنغان(1)"سۈينامە"دە ئىككى مۇھىم بايان بار.ئۇنىڭ بىرى تۆۋەندىكىچە: تۈركلەرنىڭ ئەجدادى پىڭلىياڭ (گەنسۇ ئۆلكىسىدە)ياشايدىغان ئاشنا قەبلىسىگە مەنسۇپ ئارىلاشما ياۋايىلار ئىدى. 439-يىلى ۋېي پادىشاھى تەيۋۇدى يات تائىپە –قۇتقۇلار(2)نى يوقاتقاندىن كىيىن ،ئاشنا قەبىلىسى 500 چىدىرلىق ئادەمنى باشلاپ كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە كۆپىيىپ ، تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلدى. بۇ تاغ خۇددى تۆمۈت قالپاق (ساۋۇت)قا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى “تۇجۆ”دەپ ئاتىشاتتى. بۇنىڭدىن باشقا ، تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ كاسپىي دېڭىز بويىدا ياشىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ:يامان بىر تەلەيسىزلىك تۈپەيلىدىن قوشنا بىر قەبىلە تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلايدۇ، دۈشمەن پەقەت بىر ئوغۇل بالىنىلا ھايات قالدۇرۇپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىپ تاشلاپ ،سازلىققا تاشلىۋêتىدۇ. بۇ يەرگە بىر چىشى بۆرە كېلىپ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بالا چىشى بۆرە ئېلىپ كەلگەن گۆشلەرنى يەپ ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. كىيىن بالا بۆرە بىلەن جۈپلىشىپ ، بۆرە بوغاز بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى قوشنا دۆلەت بالىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئادەم ئېۋەتىدۇ. لېكىن بۆرە جان-جەھلى بىلەن بالىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان بۆرە كاسپىي دêڭىزىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، قۇچۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تاغ ئېتىكىگە كەپتۇ، ھەمدە 200 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ئوتلىقى بار بىر غار ئىچىگە ئورۇنلىشىپتۇ.بۆرە بۇ غاردا 10 ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىقى بولغان ئاشنا ئۇلارغا باش بولۇپتۇ. ئۇلار ئۆز ئانىسىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇرغان يەرنىڭ دەرۋازىسىغا ھەر دائىم بۆرە بېشى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تۇغ تىكىشىدىغان بولۇپتۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە ئاشنا ئۆز قوۋمىنى باشلاپ ، غاردىن چىقىپ رورانلارنىڭ قېشىغا كەپتۇ. “جۇنامە”دە تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىگە ئائىت ئىككى ئەپسانە بار. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى بۆرە ئەپسانىسى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاشنا قەبىلىسىنىڭ رورانلارنىڭ كەينىدىن ئالتاي تېغىغا كەتكەنلىكى يېزىلىدۇ. “جۇنامە”دىكى ئىككىنچى ئەپسانە يوقۇرقىلاردىن پۈتەنلەي پەرقلىق بولۇپ ، ئۇنىڭدا تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ شۇ دۆلىتىدىن كەلگەنلىكى يېزىلىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتى ھونلارنىڭ شىمالىدىكى زېمىنلار ئىدى. باشلىقى ئاپام بىرۇك ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ ، ئۇنىڭ 17 قېرىندىشى بار ئىدى . بۇلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى ئېركىن نىشىدۇ بولۇپ ، بۆرىدىن تۇغۇلغان ئىدى. ئاپام بىرۇك ۋە ئۇنىڭ قوۋمى تۇغۇلۇشىدىنلا پاراسەتسىز بولغاچقا ، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپتۇ.ئېركىن نىشىدۇنىڭ مىجەز –خاراكتېرى تۇغۇلۇشىدىنلا ئۆزگىچە ئىكەن .ھەتتا بوران، يامغۇرنىمۇ چاقىرىپ كىلەلەيدىكەن . ئۇ ئىككى خوتۇن ئاپتۇ. بىرى ياز تەڭرىسىنىڭ ، يەنە قىش تەڭرىسىنىڭ قىزى ئىكەن . ئۇلارنىڭ بىرى ھامىلىدار بولۇپ ، تۆت ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئوغۇللارنىڭ بىرى چىرايلىق ئاققۇغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ،بىرى ئاپار دەرياسى بىلەن كەم دەرياسى ئارىلىقىدا دۆلەت قۇرۇپ ، نامىنى قىرغىز دەپ ئاتاپتۇ. يەنە بىرى كۆك يىش تېغىغا(3) ماكانلىشىپتۇ.بۇ تاغنى ماكان قىلغانلار نىشىدۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۇغلۇق شاد ئىكەن . بۇ تاغدا يەنىلا ئاپام بىرۇكنىڭ قوۋمى ياشايدىكەن . بۇ جايدا يەنە دائىم قىرو ئۈششۈكى پەيدا بولۇپ تۈرىدىكەن .چوڭ ئوغۇل ئۇلارغا ئوت كەشىپ قىلىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ قىشتىن ئامان –ئىسەن ئۆتىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپتۇ.مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆپچىلىك ئۇنى “ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلاپ ، ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ ئاتىشىپتۇ. تۇغلۇق ئۆلگەندە ئۇنىڭ 10 خوتۇنىدىن بولغان ئوغۇلالر ئۆزلىرى ئىچىدىن بىرسىنى باشلىق سايلىماقچى بولۇپ ، ھەممىسى بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا يىغىلىپتۇ.ئاندىن ئۇلار:كىمدا-كىم مۇشۇ دەرەخنىڭ بويىنى بويلاپ ئەڭ ئېگىز سەكرىيەلىسە شۇ باش بولسۇن ، دەپ كېلىشىپتۇ. ئاشنانىڭ ئوغلى گەرچە كىچىك بولسىمۇ ، لېكىن ھەممىدىن ئېگىزگە سەكرەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى ئوغۇلالر ئۇنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلاپ ، ئۇنى ئاشەن شاد دەپ ئاتىشىپتۇ. بۇ ئەپسانىنىڭ كۆپ قىسمى ئالدىنقى ئەپسانىلەردىن پەرقلىق بولسىمۇ ،لېكىن بۆرە ئورتاق مەنبەدۇر. بۇ ئەپسانىلەر تۈركلەرنىڭ سىياسىي مەركىزىنى تەشكىل قىلغان ئاشنا ئۇرۇقۇ ئارىسىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن . لېكىن يەنە ئاشنا ئۇرىقى بىلەن ئوخشاش ئابرۇيغا ئىگە ئاشىد ئۇرىقى ئارىسىدا تارقالغان يوقۇرقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئەپسانىلەر بار. بۇ دۇئەن چېڭشىنىڭ “يۈياڭ خاتىرىلىرى”(4)دە بايان قىلىنغان ئەپسانە بولۇپ ، ئۇنىڭدا مۇندا دېيىلگەن: تۈركلەرنىڭ ئەجدادى شېمۇشېلى بولۇپ ،ئاشىدلار تۇرىدىغان غارنىڭ غەربىدىكى دېڭىزدا بىر تەڭرى ياشايدىكەن . دېڭىز تەڭرىسىنىڭ بىر قىزى بولۇپ ، ئۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر ئاق بۇغىنى شېمۇنى دېڭىزغا باشلاپ كىرىشكە ئەۋەتىدىكەن، تاڭ يورىغاندا شېمۇنى ئۇزىتىپ قويىدىكەن. مۇشۇ تەرىقىدە نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كىيىن ، شېمۇنىڭ قەبىلىلىرى چوڭ بىر ئوۋغا تەييارلىنىپتۇ. دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزى شېمۇغا :ئەتە سىز ئوۋ ئوۋلاۋاتقان چاغدا ، ئاتا-بوۋىلىرىڭىز ياشىغان غاردىن بىر ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك ئاق بۇغا چىقىدۇ، ناۋادا بۇ بۇغىنى ئاتالىسىڭىز مەن بىلەن داۋاملىق كۆرىشەلەيسىز ، ئاتالمىسىڭىز ئالاقىمىز ئۈزۈلىدۇ، دەپتۇ. تاڭ سۈزۈلگەندە ، دەرۋەقە ئالتۇن مۈڭۈزلۈك بىر ئاق بۇغا غاردىن سىرتقا چىقىپتۇ. شېمۇ ئادەملىرىنى بۇغىنى قورشاشقا بۇيرۇپتۇ. ئۈركۈپ كەتكەن بۇغا ئادەملىرىنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپتۇ، ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئادەملەر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەڭەن شېمۇ ئاجى ئىسىملىك بىر قومانداننىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ، ھەمدە ئادەملىرىگە قاراپ "بۇغۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ، بۇنىڭدىن كىيىن تەڭرىگە ئاتاپ ئادەم قۇربانلىق قىلىمەن" دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىش تۈركلەر ئارىسىدا بىر ئەنەنىگە ئايلىنىپتۇ. تۈركلەر ئادەم قۇربانلىق قىلىشتا دائىم ئاجىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەردىن بىر ئادەم تاللايدىغان بوپتۇ. شېمۇ ئاجىنى ئۆلتۈرگەندىن كىيىن ، كەچتە دېڭىزغا قايتىپتۇ. دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزى ئۇنىڭغا ئۆز قولۇڭ بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ، ئۇزايىڭدىن قان ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ،شۇڭا سەندىن مۇناسىۋىتىمنى ئۈزدۈم،دەپتۇ. يۇقىرىقى تۆت مەنبە ئەپسانە بولسىمۇ ، لېكىن كېيىنكى ئۈچىدە ئورتاقلىق بار. ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى ئەپسانىدە تۈركلەرنىڭ پەيدا بولغان يېرى بىر غارغا مەركەزلەشكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەپسانىلەردە غەربىي دېڭىز دېگەن بىر ئورتاق مەنبە بار. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى خىل ئەپسانىدە دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزىغا مۇناسىۋەتلىك ئورتاقلىق بار .ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىقى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەپسانىلەردىكى ئورتاقلىقلار مۇنداق: 1. قەبىلىلەر بۆرە نەسلىدىن تۆرىلىدۇ. 2. ئەسلىدىكى قەبىلە يوقۇتۇلۇپ، ساق قالغانلارنىڭ ئىچىدىن ئاشنا باشچىلىقىدىكى 10 ئۇرۇق شەكىللىنىدۇ. 3. ئاشنا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بولىدۇ.باشقا جەھەتتە بۇ ئىككى ئەپسانە ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرىقلەرمۇ بار. تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ ۋەتىنى ئىككىنچى ئەپسانىدە غەرىپتە، ئۈچىنچى ئەپسانىدە شىمالدا (ياكى شەرقتە) دەپ كۆرسىتىلىدۇ. ئىككىنچى ئەپسانىدە ، تۈركلەرنىڭ ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا ، بۇ ئىتتىپاقتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى ئەپسانىدە بۇ كۆرسىتىلمەيدۇ. ئىككىنچى ئەپسانىنىڭ مەزمۇنى ئاددىي ھەم ئوچۇق ، لېكىن ئۈچىنچى ئەپسانىنىڭ مەزمۇنى تۇتۇق ۋە مۇرەككەپ .كېيىنكى ئۈچ ئەپسانە ئالتاي سêلىشتۇرما ئەپسانىشۇناسلىقى ئۈچۈن باھاسىز ماتېرىيال بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ھەقتىكى ئانالىز تەتقىقاتىنىڭ سىرتىدا تۇرماقتا. بۇ ئەپسانىلەردىكى مۇھىم نۇقتىلار تۈركلارنىڭ مەنبەسىنىڭ قۇچۇنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي تەڭرىتاغلىرىدا بولۇشىدۇر. بۇ ئەپسانىلەر ئىچىدە “سۈينامە”دە خاتىرلەڭەن بىرىنچى مەنبەلا رېئال تارىختىن دالالەت بېرىدۇ. “سۈينامە” 629-ۋە 636-يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان. تۈركلەر ئۇزاقتىن بېرى خەنزۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەچكە ، بۇ خاتىرىلەرنى يازغان تارىخچىنىڭ تۈركلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرى كۆپ ئىدى. 542-يىلدىن ئىلگىرى تۈركلەر جۇڭگو مەنبەلىرىدە شىمالدىن كەلگەن بىر تاجاۋۇزچى دەپ قارىلاتتى.(5)بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم قەبىلىلەر يەرلىك ئولتۇراق خەلق بىلەن سودا قىلىشنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. 545-يىلى غەربىي ۋېي سۇلالىسى تۈركلەرگە تۇنجى قېتىم ئەلچى ئەۋەتتى. تۈركلەر ئىككىنچى يىلى بۇنىڭغا جاۋابەن ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ بېرىش –كېلىشلەر ئاساسەن سودا - سېتىقنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىدى. “سۈينامە”دە بايان قىلىنغانلار تۈركلەرنىڭ رورانلارنىڭ ھوكۈمرانلىقى ئاستىدا كۈچىيىۋاتقانلىقىغا بېرىلگەن بېشارەت ئىدى. بۇ تەرەققىيات تەيۋۇدى قۇتقۇ قەبىلىسى نى بوي سۇندۇرۇپ ، شىمالدىكى سۇلالىلارگە خاتىمە بېرىشتىن 100 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن ئىدى.يۇقىرىقى ئەپسانىلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىشلار تۈركلەرنىڭ يازما خاتىرىلەردە تىلغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى مۇۋاپىقىيەتلارگە ئالاقىدار بولسا كېرەك. مانا مۇشۇلاردىن تۈركلەرنىڭ 5-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئاشنا ئۇرۇقى تەرىپىدىن بىر سىياسىي كۈچ بولۇپ ئۇيۇشقانلىقىنى كۆرەلەيمىز .ئەمدىكى مەسىلە ، تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ نەق ئورنى مەسىلىسى . “سۈينامە” دە تۈركلەرنىڭ ئەلمىساقتىن بېرى ئالتاي تاغلىرىدا ياشىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. پەقەت “شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى”نىڭ 99-جىلدىدىدا تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر رايوندا ياشىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە. بۇ مەلۇمات باشقا خاتىرىلەر تەرىپىدىنمۇ توغرا توغرا تېپىلماقتا. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ، تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ياكى غەربىي جەنۇبىدىكى بىر جاي ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇ جاينىڭ كونكرېرت ئورنىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن داڭلىق ئالىم پروفېسسور ماتسۇدا خىسائو بولۇپ ، ئۇ تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئالتاي ئېتىغىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئۇچىدا، يەنى قارا ئېرتىش بىلەن ئورۇنغۇ دەرياسى ئارىلىقىدىكى ھاۋزىدا دەپ مۇقىملاشتۇرغان ھەمدە ئۇلار شىمالىي جۇڭغارىيىدىن شەرققە ۋە غەربكە قاراپ يېيىلغان دەپ كۆرسەتكەنىدى.(6). بىراق مەن 5-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا قەدەر بۇ رايوندا يۈز بەرگەن زور سىياسىي توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن ، بۇ زېمىننىڭ ئۇنچىۋالا يىراقتا (شىمالدا) بولۇشىنى قوبۇل قىلالمايمەن. ئاشنا قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان رورانلار جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىن كەلگەن . تەخمىنەن 450يىلدىن 500-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا رورانلار غەرىبكە سۈرۈ”لوپ ، شەرقىي تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلغان. بۇ چاغدا قاڭقىل قەبىلىلىرى بولسا غەربىي جەنۇبىي ئالتاي تاغلىرىدىن تەڭرىتاغقا تۇتاشقان مەزكۇر رايون ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتى . لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.540-يىلى رورانلار قاڭقىللارنى باستۇردى . نەتىجىدە ئاشنا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى تۈمەن روران قاغانى بىلەن بىرلىشىپ جەڭدە زور غەلىبىگە ئېرىشتى. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئاشنا قەبىلىسىگە مەنسۇپ تۈركلەر شىمالىي جۇڭغارىيىدە ئەمەس ، بەلكى جۇڭغارىيىنىڭ جەنۇبىدا ياشايتتى. بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق كۆز قاراش س.گ. كلياشتورنىي غا تەئەللۇقتۇر. ئۇ جىنشەندىكى بىر قىسىم تۈركىي قەبىلىلەر ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا قەدەر يېيىلغان(7)، دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ رورانلار بىلەن قاڭقىللار ئۇرۇشقان ئەسلى جەڭگاھنىڭ قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى باركۆل ئەتراپى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئەسكە سالىدۇ.شۇنداق بولغاندا ، رورانلار بىلەن ئۇلارغا تەۋە قەبىلىلەرنىڭ يۇرتلىرى بۇ جەڭگاھنىڭ شەرقىدە بولغان بولىدۇ. ئەگەر جىنشەن ئالتاي تېغىنى كۆرسەتسە ، ئۇ ھالدا تۈركلەرنىڭ يۇرتى گوبى ئالتاي بىلەن موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى گاشۇن نورنىڭ شىمالىدىكى بايان خوڭور ساھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان “ئالتاي تېغى” ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق ، ئۇ ھالدا بۇ ، ئىككىنچى تۈرك ئەپسانىسىنىڭ مەزمۇنىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. مۇنداق چۈشەندۈرۈش تۈركلەرنىڭ شىمالىي ۋېي خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك بولغاندىلا تۈركلەر بىلەن رورانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. 551-يىلى 6-ئايدا تۈركلەرنىڭ قاغانى تۈمەن غەربىي ۋېي پادىشاھىنىڭ مەلىكىسى چاڭ لې بىلەن توي قىلدى. 552-يىلى يانۋاردا ئەسكەرلىرىنى توپلاپ روران قاغانىغا ھۇجۇم قىلدى. بىر ئاي ئىچىدە تۈمەننىڭ غالىپ ئارمىيىسى دۈشمەننى موڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبى ۋە سەددىچىنغا يېقىن جايلاردا تارمار قىلدى. 555-يىلى مۇقان قاغان رورانلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىش ئىشىنى غەلىبىلىك تاماملىدى. خەنزۇچە مەنبەلەر تۈركلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرىنىڭ لىنىيىلىرىنى ئېنىقلاپ بەرمەكتە ۋە ئۇلارنىڭ كۆچمە قارارگاھلىرىنىڭ يەنىلا ئەسلى يۇرتلىرىدا ئىكەنلىكى ئەسلەتمەكتە. يەنە مۇشۇ مەنبەلەرگە قارىغاندا ، تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى قاڭقىللارغا تەۋە ھەر قايسى قەبىلىلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە كەتكەن. خەنزۇ تارۇخچىلىرى تۈركلەرنىڭ مۇقان قاغاننىڭ باشچىلىقىدا كەڭ كۆلەملىك كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى . بۇ كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا مۇقان قاغان بىۋاسىتە ئارىلاشمىغانىدى. مەسىلەن غەربتىكى ئېفتالىتلارغا قىلىنغان يۈرۈشكە مۇقاننىڭ تاغىسى ئىستەمىي قوماندانلىق قىلغانىدى . شەرقىي موڭغۇلىيىدىكى ك”چلەرنى بوي سۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا مۇقان قاغاننىڭ ئىنىسى قوماندانلىق قىلغانىدى. بۇ ۋاقىتتا مۇقان قاغان خېشى كارىدورىدىكى تۇيغۇنلارنى بوي سۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا ئىدى.( 557-يىلى شىمالىي جۇ خانلىقى غەربىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئالغاندا ، تۈركلەر شىمالىي جۇ خانلىقى بىلەن شەرقتىكى شىمالىي چى خانلىقى ئارىسىدىكى رىقابەتكە ئارىلاشتى. قىسقىسى ، تۈركلەر ۋاقتنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانلىقلار بىلەن بولغان ھەربىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتنى تىزگىنلەش بىلەن ئۆتكۈزدى.شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەسلى قەبىلە بازىسى يەنىلا ئىلگىرىكى يۇرتلىرىدا قالدى. مۇقان قاغان 572-يىلى ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئوردىسى موڭغۇلىيىنىڭ شىمالىدىكى ئۆتۈكەڭە كۆچۈردى. تۈركلەرنىڭ تۇنجى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدا بارلىققا كەلدى. بۇ يەر ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىدى. كۆك تۈرك خانلىقى قۇرۇلۇپ زېمىنى كېڭەيگەندىن كېيىنمۇ ، نۇرغۇن تۈركلەر يەنىلا ئالتاي تېغىنىڭ غەرنىي جەنۇبىي بىلەن تەڭتىتاغنىڭ شىمالىدىكى يۇرتلىرىدا قالدى. كېيىنكى مەزگىللەردە بۇلار غەربىي تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولدى. يۇقىرىدا توختالغان ئىككىنچى ئەپسانە ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىدىكى مۈجىمەللىكلەرنىڭ بەلكىم ئۆزىگە چۇشلۇق تارىخى باردۇر. تۈركلەر بىلەن غەربىي تۈركلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كەلگۈسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە باغلىقتۇر. ئىزاھلار: (1) “شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى”دىكى تۈركلەرگە دائىر مەلۇماتلار “سۈينامە”بىلەن “جۇنامە”دىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ، بەزى خەتلەرلا پەرقلىنىدۇ. ليۇ ماۋسەي: “ شەرقىي تۈرك تارىخىغا دائىر خەنزۇچە مەلۇماتلار”،1958-يىلى ۋېسابادىن نېمىسچە نەشرى. (2) قۇتقۇلار 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شىمالىي لياڭ دۆلىتىنى قۇرغان ھونلارنىڭ بىر تارمىقى. (3) بۇ جاينىڭ ئېنىق ئورنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشقان بىلەنمۇ ئېنىق بىر نەتىجىگە ئېرىشىش تەس. (4) دۇئەن چېڭشى: “يۈياڭ خاتىرىلىرى” 4-جىلد. (5) سىن جۇڭميەن : “تۈرك تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى” (6) ماتسۇدا خىسائو (ياپونىيە): “ قەدىمكى تەڭرىتاغنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى ھەققىدە تەتقىقات”،1970-يىلى توكيو 2-قېتىملىق بېسىلىشى، ياپونچە250-بەت. (7) س.گ.كلياشتورنىي : “ قەدىمكى تۈرك- رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر”،1964-يىلى موسكۋا رۇسچە نەشرى ، 110-،111-بەتلەر. ( “جۇنامە”28-جىلد “شى نىڭنىڭ تەرجىمىھالى”. “تۈركىي خەلقلەر تەتقىقاتى”(تۈركچە)نىڭ 1996-يىل 105-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

    شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2001-يىللىق 4-سانىدىن.

     تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇرېشىت جېلىل


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.