ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-24

    كۆكتۈرك دەۋرىدە ئۆتكەن باتۇر ئۇيغۇر سەركەردىلەر - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41425534.html

     

    ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات


    كۆكتۈرك دەۋرى(مىلادى 552~648-يىللىرى) نىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياغلاقار ئۇرۇقىدىن بولغان ئۈچ ئەۋلاد باتۇر سەركەردە ئۆتكەن بولۇپ ئۇلار تەرتىپ بويىچە تېكىن ئېركىن ،ئۇنىڭ ئوغلى بوسات تېكىن ۋە نەۋرىسى تۆمىد ئىلتەبىر قاتارلىقلاردۇر①.

    _________________________________________________________
    ① :ئابلىز مۇھەممەت سايرامى،«سۈي،تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر» 10-،60-،74-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999-يىل 7-ئاي

     

    باتۇر سەركەردە تېكىن ئېركىن(سۈكۈت ئېركىن)


    ئۇيغۇرلارنى ئەڭ دەسلەپ بىرلەشتۈرۈپ بىر ئاقساقالنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرغان كىشى تېكىن ئېركىن ئىدى. غەربىي تۈرك خانلىقى دەۋرىدە غەربىي تۈرك خاقانى ئەپ تاپسىلا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مال-ۋارانلىرىنى بۇلاپ كەتكەنلىكتىن،تېكىن ئېركىن باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئادەملەر تۈرك خاقانلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن.غەربىي تۈرك خاقانى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بويسۇنماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن بىر نەچچە يۈز كىشىنى يىغىپ تىرىك كۆمۈۋەتكەن. تۈرك خاقانىنىڭ بۇنداق بىر قاتار زوراۋانلىقلىرىغا چىدىمىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قەبىلىلەر ئىتىپاقىنى شەكىللەندۈرۈپ، باتۇر سەركەردە تېكىن ئېركىن ئېتىراپىغا ئۇيۇشۇپ، غەربىي تۈركلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىدۇ.

    باتۇر سەركەردە تېكىن ئېركىن شەرقىي تۈرك خانلىقى بىلەن غەربىي تۈرك خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزلۈكسىز بولۇپ تۇرغان توقۇنۇشلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ(مىلادى 583-يىلى تۈرك خانلىقى غەربىي ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقىغا بۆلىنىپ كەتكەن ئىدى)،شەرقىي تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ.بىر قانچە يىل داۋام قىلغان بۇ ئۇرۇشتا تېكىن ئېركىن باشچىلىقىدىكى تۇرالار تارىم ۋادىسىنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىدىكى تۇيغۇنلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ئۇلارنى شىزاڭ ئېگىزلىكىگە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ.سىياسىي جەھەتتىكى يۈكسەك بىرلىك ۋە مۇقىملىق بىلەن تۇرالارنىڭ ئىقتىسادىي راۋاجلىنىپ تۇرالار بىر مەھەل قۇدرەت تاپىدۇ.بۇ مەزگىلدە ئەتراپىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەر بۇ ئىتتىپاققا مەركەزلىشىپ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دېگەن نام بىلەن«ئۇيغۇر ئورخۇن دۆلىتى» نى قۇرۇشنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    تېكىن ئېركىن تۇرالارنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان،شۇنداقلا تۇرالار تارىخىدا تۇنجى بولۇپ قەبىلە ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن باتۇر سەركەردىدۇر.

     

    ھەربىي ئالىم،سىتراتىگىيچى __ بوسات تېكىن

     

    تېكىن ئېركىننىڭ ئوغلى بوسات دادىسىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ مىلادى 627-يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ داچىڭشەن تېغى ئەتراپىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ،تۇرالارنى سىياسىي،ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن دەۋر بۆلگۈچ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈردى.
    مىلادى 630-يىلى بوسات تېكىن سىرتاردۇشلار بىلەن بىرلىشىپ، شەرقىي تۈكلەرنىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەرنىڭ خاقانى ئۆز ئوغلى يوقۇق شادنىڭ قوماندانلىقىدا 100مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدۇ.بوسات تېكىن 5000 كىشىلىك ئاتلىق چەۋەنداز قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ ئاز كۈچ بىلەن زور قوشۇننى يېڭىپ تۈركلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىدۇ. مازۇڭشەن (بەزى مەنبەلەردە مالىشەن دەپ ئېلىنغان ئا) تېغى ئەتراپىدا تۈرك ئەسكەرلىرىنى تېرى-پىرەن قىلىپ،شەرقىي تۈركلەرنى مۇنقەرز قىلىدۇ.بۇ قېتىمقى غەلىبە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيۋىسى شىمالنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈپ،ئۇيغۇرلار شىمالدىكى غايەت زور كۈچكە ئايلىنىدۇ.نەتىجىدە بوسات تېكىن ئۆزىنى «ئالىپ ئىلتەبىر» دەپ جاكارلاپ،تۇغلا(تۇرا) دەرياسى بويىدا ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى قۇرىدۇ.بوسات تېكىن قۇرغان بۇ ھاكىمىيەت ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ قۇرىلىشى ئۈچۈن سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك ئۇل سالىدۇ.

    بوسات تېكىن ئۆز دەۋرىنىڭ كۈچلۈك ھەربىي ئالىمى ۋە سىتىراتىگىيىچىسى بولۇپلا قالماي،بەلكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەم تېپىلىدىغان دېپلۇمات ئىدى.ئۇ مىلادى 629-يىلى تاڭ سۇلالىسى بىلەن تۇنجى قېتىم سىياسىي ،ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ئورناتقان.

     

    تەرەققىيپەرۋەر ئىسلاھاتچى، ھەربىي ئالىم __ ئۇلۇغ ئىلتەبىر تۈمىد


    ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ھەربىي ئالىمى بوسات تېكىن مىلادى 630-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلۇغ ئىلتەبىر تۈمىد دادىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ.ئۇ 10 يىلچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھاكىمىيەتنى پۇختىلايدۇ.مىلادى 646-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇلارغا ياردەملىشىپ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالدىكى ئەشەددىي دۈشمىنى سىرتاردۇشلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە قوزغىغان ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدۇ.بۇ ئۇرۇشتا تۈمىد ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىنى نامايان قىلىپ،سىرتاردۇش خاقانى دومىنى مەغلۇپ قىلىپ مۇنقەرز قىلىدۇ. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دىكى مەلۇماتقا قارىغاندا تۈمىد ئۇلۇغ ئىلتەبىر مىلادى 646-يىلى سىرتاردۇشلارنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى خاقان دەپ جاكارلاپ مەنسەپدارلارنى تەيىنلىگەن.تۈركلەرنىڭ مەنسەپ تۈزۈمى بويىچە 6 چەت بۇيرۇق (ۋەزىر)، 3 ئىچ بۇيرۇق تەيىنلىگەن.ئۇندىن باشقا تۇتۇق بەگ،سانغۇن، ئەمر قاتارلىق مەنسەپلەرنىمۇ تەيىنلەپ سىياسىي جەھەتتىن زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھاكىمىيەتنى تېئىخىمۇ مۇستەھكەملىگەن.

    شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، تۈمىد ئۇلۇغ ئىلتەبىر ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى جايلىرىغىچە بارىدىغان غول قاتناش يولى«تەڭرى خاقان يولى»نى ياسىتىپ،چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى جايلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى جايلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

    مىلادى 648-يىلى بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر خاقانلىقى ئىچىدە يېغىلىق يۈز بېرىپ،تۈمىد ئۇلۇغ ئىلتەبىر ئۆز ئاكىسىنىڭ ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن توپىلاڭنى تىنجىتىشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە تۈمىدنىڭ ئوغلى بايان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى بولىدۇ.

    دېمەك تۈمىد تەرەققىيپەرۋەر ئىسلاھاتچى خاقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىغا سىياسىي جەھەتتىن ئۇل سالغۇچى مەشھۇر تۆھپىكاردۇر.


    مەنبە: http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-110674-keyword-.html


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.