ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    باشقىلارغىمۇ يول قويۇڭ! - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41140616.html

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! بۇگۇن  ئىشتىن چۈشۈپ ماتىريال كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ تېمىنى ئوقۇپ دوستلار بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىش مەخسىدى بىلەن  بلوگىمغا يوللىدىم  ئاز تولا ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس ئۇنداقا دوستلار قېنى مەرھەممەت :
       دۇنيا بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان شەيئىلەر بىلەن تولغان. مۇشۇنداق پەرق ۋە ئۆزگىچىلىكنىڭ مەۋجۇتلىقى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ، بىزنى زوقلاندۇرىدۇ، قەلبىمىزدە يېڭىچە ھېس- تۇيغۇلارنى ئويغىتىدۇ.
       ھەر بىر نەرسە مەيلى ئۇ جانلىق ياكى جانسىز  بولسۇن چوقۇم ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك، خراكتېرگە ئىگە بولۇشى كېرەك، بۇ پەرقلەر ئارقىلىق شۇ شەيئىنى باشقا شەيئىلەردىن پەرقلەندۈرىمىز. مۇشۇ پەرق ئاساسىدا ھەرقانداق نەرسە مۇستەقىل مەۋجۇت تۇرىدۇ.
       نىمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە يات ياكى قارشى ئىدىيە، پىكىرلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، سوغۇق قانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ كۆز قاراش، ئىدىيىسىدە قانداق ئۆزگىچىلىكلەر بار؟ قايسى تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزەمنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشۇم، قايسى تەرەپلەردىن پايدىلىنىشىم كېرەك دېگەنلەرنى ئويلاپ باقمايسىز؟ ئەگەر كۆز قارىشىڭىزدا مەسىلە بولسا نېمىشقا ئۇنىڭكىنى قوبۇل قىلمايسىز؟ خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتمەسلىك، ھەقىقىقەتنى  قوبۇل قىلماسلىق ھەقىقەتكە ئاسىيلىقتۇر.
        باشقىلارنىڭ سىزگە يات ، غەلىتە تۇيۇلغان پىكىر، كۆز قارىشى، ئىدىيىسىنى قارىقويۇقلا چەتكە قاقماڭ. بۇ دۇنيا سىزگىلا مەنسۇپ ئەمەس، باشقىلار بولمىسا ئۆزىڭىزلا يالغۇز ياشاپ بولالمايسىز .  
       بۇ گۈزەل سەييارىمىزدا باشقىلارنىڭمۇ ئىللىق قۇياش نۇرىغا قاقلىنىش، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش، تەبىئەتنىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇش، ئەركىن تەپەككۈر قىلىش ھوقۇقى بار، باشقىلارغا ئەركىنلىك بەرمىسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ ئەركىن بولالمايسىز .

     مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى 2009-يىللىق 3- سان ژورنىلى.< پەرھاتجان ئۆتكۈر > يازمىسى .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.