-
2009-06-17
خاتالىقنىڭ پايدىلىق تەرپى - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41140208.html
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، . ئالدى بىلەن ھەرقايسىڭلاغا سەمىمى سالام .
بۇگۇن مەن يەنە شۇ كونا ئادىتىم بويىچە ماتىريال كۆرۇۋېتىپ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم،
ھەمدە دوسلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىدى بىلەن مۇنبەرگە يوللاشنى مۇۋاپپىق كوردۇم . قېنى دوستلار مەرھەممەت قىلىڭلار:[align=center][color=#FF3300] خاتالىقنىڭ پايدىلىق تەرپى[/color][/align]
داۋىې بالچ
خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرپى بار ، سەۋەبىگە قىزىقانسىز؟
خاتالىق شۈھبىسىزكى، سىزنىڭ يېڭى ئىشلارنى سىناۋاتقانلىغىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ، يېڭى ئىشلارنى سىناپ كۆرۈشنىڭ ھىچقانداق زىيىنى يوق . چۈنكى، سىز مۇشۇ جەرياندا ئۆسۈپ يېتىلىسىز . ئەگەر يېڭى ئىشلارنى ئەزەلدىن سىناپ باقمىغان بولسىڭىز ، قانداقمۇ ئىلگىرلىيەلەيسىز؟قانداقمۇ تەرەققى قىلالايسىز ؟قانداقمۇ يېڭىلىق يارتالايسىز ؟ئۇنىڭ جاۋابى بەك ئاددى ، ھىچقايسىسىنى قىلالمايسىز! ئەتراپىڭىزغا نەزەر تاشلاڭ، سىز ئوبېكتىپ دۇنيادا كۆرگەن ھەر بىر شەيئى ياكى ھەر بىر شەيئىنىڭ بىر نازۇك ھالقىسى باشقىلارنىڭ يېڭىلىقلارنى سىنىغانلىغىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ يەنە بىر پايدىسى :خاتالىق سادىر قىلىش جەريانىدەل ئۈگىنىش جەريانىدۇر . ئويلاپ بېقىڭ . ئېدىسون ئېلىكتر لامپىنى ياخشىلاپ ئۆزگەرتەپ چىقىشتىن بۇرۇن ئالاھىزەل ئون مىڭ قېتىم مەغلۇپ بولغان . شۇنچە كۆپ قېتىنم مەغلۇپ بولغان ئېدىسوندىن ئۆز تەسىراتىنىڭ قانداقلىغىنى سورىغاندا ، ئۇ ئۆزىنىڭ قانداقتۇر ئون مىڭ قېتىم مەغلۇپ بولغانلىغى ئەمەس، بەلكى ئون مىڭ خىل ئەسقاتمايدىغان نەتىجىگە ئېرىشكەنلىگىنى ئېيتقان.
مۇھىم نوقتا شۇكى، خاتالىق سادىر قىلىۋاتقان ۋاختىڭىزنىڭ ئۆزى دەل مۇۋەپپىقىيەتكە يېقىنلىشىۋاتقان ۋاختىڭىزدۇر. نىمىشقا دەمسىز ؟
سىز مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئالدىدا، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تولۇق تۈگەتتىڭىز، سىزنىڭ يېڭىلىق ئۈستىدىكى سىناقلىرىڭىز ھامان چەكلىك بولىدۇ . ھەر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزگەندە سىزنىڭ يېڭىلىق ئۈستىدە قىلىشقا تېگىشلىك سىناقتىن بىرى ئازىيىپ بارىدۇ . سىز مۇۋەپپىقىيەتكە قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاشقان بولىسىز .
بۇ دېگەنلىك ھەرگىز ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايلا قاراملىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىڭ ،دېگەنلىك ئەمەس. دەل ئەكسىچە، يېڭىلىقلارنى سىناپ بېقىۋاتقان چاغىڭىزدا ، سىز ئۆزىڭىزگە ئاكتىپلىق بىلەن بىر چەك چېگرا بېكىتىپ ، ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك يۈرۈشمىگەندە، يەنە بىر سىناققا ئىمكانىيەت قالدۇرشىڭىز زۆرۈر .
ئىقتىساد ۋە ۋاقىتقا كەلسەك، ھەممىمىزنىڭ قولىدا بارى ھامان چەكلىك بولىدۇ ، چەكلىك بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش ئىنتايىن مۇھىم . سىز بارلىق ۋاختىڭىزنى ھەم ئىقتىسادىڭىزنى ھەرگىز بىرلا مەسىلىنى ھەل قىلىشقا سەرىپ قىلماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى ، ئىشلىرىڭىزنىڭ بىرلا قېتىمدا كەم كۈتسىز بولۇپ كېتىشى ناتايىن ، سىز بىساتىڭىزنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ يېڭىلىق يارتىشقا ئىشلەتسىڭىزلا ئۆگىنىش، تەرەققى قىلىش ۋە يېڭى سىناقلارنى قىلىش ئىمكانىيىتىەە ئېرىشەلەيسىز ، پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق خاتالىقلىرىڭىزنى رازىمەنلىك بىلەن ئېتراپ قىلىپ پايدىلانسىڭىز، ئاندىن ئۆز كەسپىڭىزدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۇرەلەيسىز.
قەدىمكىلەردىن مۇنداق بىر ھېكمەت قالغان :<< خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىك - بارلىقىنى تەغدىم قىلمىغانلىقتۇر>>.
قېنى، مەردانە ئالغا! خاتالىق ئۆتكۈزۈڭ ! ئاندىن ئۈگىنىڭ ، قەدەممۇ قەدەم تاكامۇللىشىڭ، ئاخىردا زەپەر سىزگە يار بولغۇسى!
مەنبە: << جوڭگۇ مىللەتلىرى>> ژورنىلى(ھورمەتجان يىلتىز -تەرجىمىسى).1000يول مۇنبىرى ئۆز يوللانمىلىرىم
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us