-
2009-06-17
ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41139624.html
تۇرمۇشتىكى زىدىيەتلەر تۇپەيلىدىن ئادەملەرنىڭ مىجەز - خاراكتېرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ .
ھەر بىر ئادەمنىڭ كوڭلى خۇشال بولىدىغان چاغلىرىمۇ ، بىئارام بولىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ . خۇشال بولغان چاغدا ھىچكىم ئۆزىنى ئەيىپلىمەيدۇ. لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر كوڭلى يېرىم بولغاندا، بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئۈمۈتسىزلىنىپ، بىئارام بولۇپ باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ، ھەتتا روھى جەھەتتىن چۇشكۇنلىشىپ ئۆزىنى كونترول قىلالماي قالىدۇ . بۇ پىخسىك جەھەتتىن ئالغاندا ، روھى ئاجىزلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى .
مەلۇم بىر ئورۇندا تۆمۇرچىلىك قىلىدىغان مىجەزى چۇس بىر ھۇنەرۋەن ياسىغان سايمانلىرىنى باشقىلار ئەرزان سورىغانلىقتىن ئۆزىنىڭ قولىنى سەندەل ئۈستىدە قويۇپ بولقا بىلەن ئۇرۇپ زەخمىلەندۇرگەن . دېمەك ئادەملەردە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولمىسا ، تۈرلۇك بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىمۇ بولمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنداق ئادەم ھىچقىنداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ .
جەمىيەت ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقمايدۇ . تۇرمۇشمۇ ھەر ۋاقىت ئادەمگە بەخت ئېلىپ كېلىۋەرمەيدۇ . ئوڭۇشسىزلىق تۇرمۇشقا ئۈن -تىنسىز بېسىپ كىرىدۇ . بۇنداق تاسادىپىي ئوڭۇشسىزلىقلارغا نىسبەتەن ئادەمدە ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق بولۇشى كېرەك . ئۆزىمىزنىڭ مىجەز - خاراكتېرىمىزنىڭ قاندىق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز كونترول قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يېتىلدۇرىشىمىز لازىم .نېفىت خېمىيە گېزىتىدىن .
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us