ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    "ئارىفنامە" دىن - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41129728.html



      ئابدۈشۈكۈر مەھەممەتئمىن


    ئارىفنامە___    ئالىمنىڭ پەلسەپەۋىي دۇنيا قارىشىدا روشەن بۇرۇلۇش ياسىغانلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن يېزىلغان تەسەۋۇپلۇق ئىدىيىلەر بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ نادىر ئەسىرى، دەسلەپ « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 1993- يىللىق 5-، 6-، ( قوشما) سانىدا «تەپەككۇر دەرىخىدىن مېۋىلەر» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان. 2000- يىلى يەنە شۇ ژورنالدا ئىگىرى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قالدۇرۇپ قويۇلغان قىسىملىرى قوشۇلۇپ، ئاپتور تەرىپىدىن قويۇلغان ماۋزۇ - « ئارىفنامە » نامىدا تولۇق ئېلان قىلىنغان. مەن كىتابخانلارنىڭ بۇ ئەسەرنى جىبران خېلىل جىبراننىڭ مەشھۇر ئەسىرى «دانىشمەن » بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    - نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن ( يالقۇن روزى)
                        ھېكمەت دەرخى
        تۇپراقتىن  بىنا بولۇپ، چاڭ- توزاندەك ئۇپۇق يۈزىگە كۆتۈرۈلۈپ، يامغۇر يېشىن ۋە شەپەق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، خۇددىي چۆچەكلەردەسۆزلەنگەن سۇمۇرغقا ئايلىنىپ قالدىم. بورانلار بېسىقىپ، سۈبھى سۈزۈلگەندە قوڭۇر زېمىن بىلەن كۆك ئاسمان ئارىسىدا رەڭگارەڭ شېرىن مىۋە بىلەن تولغان بەھەيۋەت ئەلۋەك مېۋە دەرىخىگە كۆزۈم چۈشتى. ئۇ، ئېرەم جەننىتىدە « تۇنجى گۇنەھ » قا سەۋەب بولغان ئەقىل دەرىخىگە ئوخشاش گۈزەل، يۈكسەك ۋە مەپتۇنكار ئىدى.                                                                                                            
       مەن شەيتان ئالدىمى بىلەن ئەمەس، « ئۆزلۈك» ئىلھامى بىلەن بۇ مېۋىلىك دەرەققە يېقىنلاشتىم. مېنى ھېچقايسى مالائىكىمۇ توسىمىدى. مەن دەرەقتىن كۆز چاقنىتىپ تۇرغان جاۋاھىراتتەك ھېكمەتبەخش مىۋىلەرنى ئېغاڭلاتقىلى تۇرغىنىمدا يەھۋىنىڭ غەزىپىنى ئېسىمگە كەلتۈرمىدىم. چۈنكى مەن ئىبلىزنى يېڭىپ، ئۆزلۈك ماقامىغا ئېرىشكەن ماھىيەتلىرىمنى يەھۋىنىڭ زاھىرلانغان سۆرىتى، دەپ چۈشەندىم.
       مېۋىلەر كرىستالدەك چاقناپ، شەربەتتەك خۇشبۇي تارىتىپ تۇراتتى. ئويلىنىپ قالدىم. كىچىكىمدە سېغىزلايدا قۇمۇلاق ئېتىپ ئوينايتتىم. مانا يېشىم 60 قا قەدەم قويغان كۈندە، مىڭ يىللاردىن بېرىقى تەپەككۇر ئەمگىكى ۋە تەسەۋۋۇر ئەجرىنىڭ بۇ مۆجىزىلىك گۈلشىنى كۆزۈمگە تاشلانماقتا. بەختىمنىڭ دەۋىتى بىلەن بۇ جاۋاھىراتلارنى قەلب غەزىنىسىگە توپلاشقا تۇتۇندۇم.
    مەنبە: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» دېگەن كىتابتىن  ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.