-
2009-05-21
بىز راسلا ئەخمەقمۇ ؟ - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39718815.html
ھەي ئەركەك ، يېنىڭىزىدكى ئەخمەق ئايالنىڭ قەدرىنى قىلىڭ!
ئاياللا بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق .
بىر ئەركەكنى دەپ ئاتا - ئانىسىدىن كىچىپ ، ئەرنىڭ ئاتا - ئانىسىغا قارايدۇ .
ئەر كىشى ئۇنداق قىلمايدۇ .
ئاياللا بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق .
ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەركىشىگە بالا تۇغۇپ بېرىش ئۈچۈن ، توققۇز ئاي ، توققۇز كۈن جاپالىق قورساق كۆتۈرۈپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ .مەيلى كىيىن بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كىتەمدۇ ئۇنى ئويلىمايدۇ .
ئەر كىشىنىڭ ئۇنداق قىلىشى ھاجەت ئەمەس .
ئاياللا بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق .
ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن ، ئۆزىنى قوغلىشىۋاتقان بىر ماشىنا ئەركەككە قارىمايدۇ ، پەقەت شۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتسىلا بولدى ، ياشلىقى ئەەن شۇنداق ئۆتۈپ كىتىدۇ .
ئەر كىشى ئۇنداق قىلمايدۇ .
ئاياللا بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق .
ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى دەپ ، ئەتتىگەندە ئىشقا بارغان ، چۈشتە ، كەچتە يەنە تاماق ئەتكەن ، بالىغا قارىغان .....
خىزمەت بېسىمى ...ئائىلە بېسىمى .....
لىكىن ئەركىشى ئۈچۈن بولسا ، ئۆي ئۈچۈن پۇل تېپىشىپ بېرىدىغان بىر ئادەم ۋە ئايلىق بەرمەيدىغان بىر ئائىلە خىزمەتچىسى كۆپىيىدۇ .
ئاياللا بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق .
ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى دەپ ناتۇنۇش بىر ئائىلىگە كىرىدۇ ۋە ئەرنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ تەنقىدلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ .
ئەردىن ئۆزىنى قوغداشنى كۈتكەندە ، بەزى ئەرلەر ھەتتا قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئۆزى قارشى تەرەپكە ئۆتىۋالىدۇ ....
ھەي ئەركەك !
ئەگەر سىزنىڭ قېشىڭىزدا مۇشۇنداق ئەخمەق ئايال كىشىدىن بىرسى بولسا ، سىز ئۇنىڭ دۆت ئېرى بۇلۇڭ ، ئۇنى قەدىرلەڭ ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈڭ !
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ئۇ ھەرگىزمۇ سىز ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ئەمەس !ئايال كىشى ئەخمەقلا ئەمەس بەلكى بەك چىداملىق !
ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندا ، سىزگە تەلمۈرگەندە ، ياش تۆككەندە ، ئۇنى قوغداڭ ،كۆڭۈل بۆلۈڭ ، ياشلىرىنى سۈرتۈپ قۇيۇڭ !شۇ كىچىككىنە ھەركىتىڭىز ئايال كىشىگە ھەددى ھېسابسىز خوشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ .
تېخىمۇ ئەستە ساقلاشقا تىگىشلىكى :
ئەر كىشى قېرىغاندا ، ئاغىرغاندا سىزگە قارايدىغان ، پوق سۈيدۈكىڭىزنى تازلايدىغىنى يەنە شۇ ياشلىقىڭىزدىن تارتىپ قېرىغىچىلىك قېشىڭىزدا تۇرۋاتقان ئەخمەق ئايالىڭىز !!!مەنبە: تەرمىلەر
历史上的今天:
ئوردىخان پادىشاھ ۋە ئوردا خېنىم رىۋايىتى 2009-05-21ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ 2009-05-21ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 2009-05-21ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﺮﻯ 2009-05-21
收藏到:Del.icio.us