ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئۇيغۇرلاردا لەقەم - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39714811.html

    ·            ئۇيغۇرلاردا لەقەمسىز ئادەم ئاز تېپىلىدۇ،شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «لەقەمسىز ئەر بولماس،ئويماقسىز خوتۇن»دېگەن ماقال كېلىپ چىققان. لەقەم-كىشىلەرنىڭ بىرەر خۇسۇسىيىتىگە قاراپ،ھەزىل قىلىپ ياكى مەسخىرىلەپ بېرىلگەن قوشۇمچە نام.لەقەم-بىر ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنىڭ قانداقلىقىنى،نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى،...بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ.لەقەم-لەقەم ئىگىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئەمەس،بەلكى باشقىلار تەرەپتىن قويۇلۇپ سىڭدۈرىۋېتىلگەن بولىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن لەقەمنى ئىسىمغا قوشۇپ ئېيتىش ئادىتى شەكىللەنگەن.
          ئۇيغۇرلاردا لەقەم مۇنداق قويۇلۇپ كەلگەن:
          1)كەسپىي لەقەملەر-ئۇيغۇرلاردا مۇنداق لەقەملەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن،  
    XXبورىچى، XXكىگىزچى، XXباخشى، XXسەيپۇڭ، XXمەنجاڭ، XXچامباشچى، XXچاڭ، XXراۋاب، XX
    تەمبۈر دېگەنلەرگە ئوخشاش.
          2)مىجەز-خاراكتىرىگە مۇناسىۋەتلىك لەقەملەر-بۇ خىل لەقەملەر ئۇيغۇرلاردا خېلى كۆپ .مەسىلەن،
    XXدودەن،XXئەسكى،XXسەتەڭ،XXسوغۇق،XXتۈلكە،XXشەيتان،XX
    جىن دېگەنلەرگە ئوخشاش.
          3)فىزىئولوگىيىلىك لەقەملەر-بۇ خىل لەقەملەر ئۇيغۇرلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن،
    XXتۆگە،XXقوتاز،XXقاۋان،XXچاشقان،XXكاناي،XX
    دەلدۈش...دېگەندەك.
          4)بىراۋنىڭ باتۇرلىقىغا قاراپ قويۇلىدىغان لەقەملەر.مەسىلەن،
    XXپالۋان،XXنوچى،XX
    باتۇر،دېگەندەك.
          5)بەزى ئادەملەرگە سىياسىي تۈس ئالغان لەقەم قويۇلۇپ،ئوبدان سىڭدۈرۈلگەن.مەسىلەن،
    XXناھىيىسىدە بىر دېھقان ئۆز يۇرتىدا ھەمكارلىق گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئالىي كوپىراتىپ قۇرۇلغانغا قەدەر(ئۆلگەنگە قەدەر)يەككە ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن،ئۇنىڭغا «XXيەككە»دېگەن لەقەم قويۇلغان ۋەئوبدان سىڭىپ كەتكەن.شۇنداقلا « مەدەنىيەت ئىنقىلابى»مەزگىلىدە شەكىللەنگەن «زاۋفەنپەي»،«باۋ خاڭپەي»دېگەن تەشكىلاتلارنىڭ قاتناشچىلىرىدىن ئۆز تەشكىلاتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ساداقىتى ۋە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقىغا قاراپ،ئۇلارغا XXزاۋفەنپەي،XX
    باۋخاڭ...دېگەندەك لەقەملەر قويۇلۇپ سىڭدۈرۈلگەن.دېمەك،لەقەم كۈچلۈك ھەجىۋىيلىككە ئىگە بولىدۇ.
         بەزى لەقەملەر لەقەم ئىگىسى ئۆلۈپ كېتىش بىلەن ئەۋلادىغا مىراس قالىدۇ.ئېيتايلى،يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «يەككە»دېگەن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن،بالىسى گۇڭشىغا كىرگەن بولسىمۇ،«يەككە»دېگەن لەقەم بالىسىغا قالغىنىغا ئوخشاش...،«
    XX
    باخشى»دېگەن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ،بۇ لەقەم بالىلىرىغا قالغىنىغا ئوخشاش.
          ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شەخسىي لەقەمدىن باشقا يەنە يۇرت-مەھەللە لەقىمى بولىدۇ.مەسىلەن،تۇرپاندا«پالاسلار مەھەللىسى»،«تورغايلار مەھەللىسى»دېگەن مەھەللىلەر بار.بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئورتاق لەقىمى «پالاس»،«تورغاي»بولغىنىغا ئوخشاش.
         لەقەم بەزمە-ئولتۇرۇشلاردا ۋە باشقا سورۇنلاردا كۈلكە-چاقچاق ئۈچۈن ئوبدان تېما بولۇپ بېرىدۇ.لېكىن لەقەم توغرىدىن-توغرا ئوتتۇرىغا قويۇلمايدۇ.بۇنداق بولمىغاندا،چاقچاق كۆتۈرەلمەيدىغان ئادەم بولسا،كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىدۇ.شۇڭا ئەگىتمە يول بىلەن شۇ لەقەمگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر قىلىنىدۇ.ئېيتايلى،«توخۇ»لەقەملىك ئادەم بولغان بولسا،توخۇنىڭ خۇسۇسىيىتىگە دائىر سۆزلەر قىلىنىدۇ-دە،باشقىلار سورۇندا «توخۇ»لەقەملىك ئادەم بارلىقىنى بىلىدۇ،ۋەھاكازا.
          دېمەك،لەقەم قويۇش ئۇيغۇرلارنىڭ خۇش-چاقچاق،يۇمۇرىستىك خاراكتىرىنىڭ كونكرېت ئەكس ئېتىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
    «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»دىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.