ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-17

    ئانىلار ئەخلاقى - [ئەخلاق تېمىلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39528199.html

    .
          بىر ئائىلىنىڭ بەختلىك ، ئىناق، خۇشال _ خۇرام ئۆتۈشىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار بولسىمۇ، لېكىن ئانىنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى مۆلچەرلىگۈسىزدۇر . بالزاك ئانا توغرىسىدا توختالغاندا : «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا» دېگەنىدى. بۇ، ئانىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت ، ھەتتا بىر پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
          شۇنداق، ئانا-مىللەتنىڭ ھازىرىنى تەۋەللۇت قىلىپلا قالماي، بەلكى مۇھىمى مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى ئىنساندۇر. شۇڭا ئانا ھەر دائىم ئۇلۇغلىنىشى ، قەدىرلىنىشى ، ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. لېكىن بۇنداق ئۇلۇغلىنىشقا ئانا بولغۇچى پەقەت ئانىلىق  ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇندىغاندىلا ئاندىن ئېرىشەلەيدۇ . ئانىلىق بۇرچى دېگىنىمىز ، ئانىلارنىڭ بىلىشكە ۋە ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىدۇر .
          قېيىنئانا – قېيىنئاتا ، ئۆز ئاتا – ئانىڭىزنى، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ، قولۇم - قوشنىلارنى ھۆرمەتلەڭ. ئېرىڭىزگە ساداقەتمەن بۇلۇڭ ، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز  بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلماڭ . ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جېدەللەشمەڭ ، چىرايىڭىزنى تۈرمەڭ. بولۇپمۇ ياخشى – يامان كۈنلەردە ، خۇشاللىق ۋە قايغۇدا سىرداش، مۇڭداش، تەقدىرداش بولۇڭ . ئېرىڭىز ئىشقا ماڭسا «ئاللاھقا ئامانەت» دەپ تەبەسسۇم بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ قويۇڭ. ئىشتىن كەلسە «ھارمىغايسىز» دەپ قولىدىكى نەرسىنى ئېلىڭ. ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتۈلسە مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ سادىقلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلماڭ. ئۇنىڭدىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋېلىشنى ئويلىماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ ئەۋۋىلى ۋە ئەۋزىلى ھۆرمەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بەندىلەرگە سەجدە قىلماق شەرىئىتىمىزگە ئۇيغۇن بولسا ، ئاياللارنى ئەرلەرگە سەجدە قىلىشقا بۇيرار ئىدىم». بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئەرلىرىگە ئىتائەت ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. بۇنداق ئاياللار ئېرىنىڭ قەدىرلىشىگە، ئەل – جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.
          «تېجەشلىك بولۇڭ . ئىسراپچىلىق، بەتخەجلىك قىلماڭ. ئاددىي نەرسىلەردىنمۇ پايدىلىنىشنى بىلىڭ. ئېرىڭىزنىڭ جاپا تارتىپ تاپقىنىنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى ئىقتىساد قىلىپ ساقلاپ قويۇڭ. بارىغا قانائەت قىلىڭ. تاقەتسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر. «خوتۇننىڭ ئېرىگە بولغان مېھرىبانلىقى پەرزەنتنىڭ ئاتىغا بولغان مېھرىبانلىقىنى پەيدا قىلىدۇ» دەيدۇ كۆپنى كۆرگەن ئۇلۇغلار.
          پەرزەنت تەربىيىلەشتە ئانىنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرنى ئەدەپ – ئەخلاقلىق ۋە بىلىملىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز زۆرۈر بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇڭ . پەرزەنتلەرنى  راستچىل ، مۇلايىم بولۇش ، ئەمگەكنى سۆيۈش، ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش، ھورۇن بولماسلىق ، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالماسلىق، چامى يەتكەن ئىشلارنى ئۆزى قىلىش ، باشقىلارغا ياردەمدە بولۇش ، پاكىز يۈرۈش ، تاماق تاللىماسلىق ، چېقىمچى ، غەيۋەتخور بولماسلىق، ئىككى يۈزلىمىچى بولماسلىق ، جۈرئەتلىك بولۇش توغرىلىق تەربىيىلەڭ ۋە ئۈلگە بولۇڭ. ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىزدۇر . ”ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، يەر قىلغانمۇ خوتۇن “. ئانىلار ، بىلىپ قېلىڭلار: ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ تەقدىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا .

          مەنبە: ئەدەپ-ئەخلاقتىن تەۋسىيىلەر


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.