-
2009-05-17
رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك 10 خىل ئادەم - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39527352.html
ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىزگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە تىرىشىڭ . چۈنكى ، ئۇ سىزدىن يىراقلاپ كەتكەندە ، بەختىڭىزنىڭ يىراقلاپ كەتكەنلىگىنى ھېس قىلىسىز .
دوستىڭىزغا رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقىڭىزنى داۋاملىق ساقلاڭ . چۈنكى ، كىشىلىك ھاياتتا ھەقىقىي دوستقا ئېرىشمەك قىيىن .
شەپقەتچىڭىزگە رەھمەت ئېيتىڭ . سىزگە شەپقەت قىلغان ئادەمنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى ، ئۇ ھاياتىڭىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى پەيدا قىلغۇچىدۇر .
ئىلگىرى سىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنى يولۇقتۇرغاندا ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ بېقىڭ . چۈنكى ، ئۇ سىزنىڭ مۇھەببەتكە بولغان چۈشەنچىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرغان ئادەم .
ئىلگىرى سىزنى بىزار قىلغان ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنى يولۇقتۇرغاندا ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ . چۈنكى ، ئۇ ئىرادىڭىزنى چىڭىتىشقا ياردەم بەرگەن .
سىزگە ساتقىنلىق قىلغان ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنى يولۇقتۇرغاندا ،ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ . چۈنكى ، ئۇ بولمىغان بولسا ،كىشىلىك ھاياتنى ھازىرقىدەك چۈشەنمىگەن بولاتتىڭىز .
سىز خۇپىيانە كۆيگەن ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنىڭ بەختلىك بولىشىنى تىلەڭ .چۈنكى ، ئۇنىڭغا خۇپىيانە كۆيگەن ۋاقتىڭىزدا ، سىز ئۇنىڭ بەختلىك بولىشىنى ئۈمۈد قىلغان .
سىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . چۈنكى ، ئۇ ئادەم ھاياتىڭىزنىڭ بىر قىسمى بولغان .
ئىلگىرى ئاراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق بولغان ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . ئۇنى يولۇقتۇرغاندا ، ئاراڭلاردىكى ئۇقۇشماسلىققا چۈشەنچە بېرىڭ . چۈنكى ، پۇرسەت ھەمىشە بولىۋەرمەيدۇ .
سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە بەل باغلىغان ئادەمگە رەھمەت ئېيتىڭ . چۈنكى، ئۇ ئادەم بولغاچقا ، ئۆزىڭىزنى بەختلىك ۋە خۇشال ھېس قىلىۋاتىسىز .
مەنبە : قاراماي نېفىت گېزىتىدىن历史上的今天:
ئىززىتىڭنى ساقلىغىن قىزچاق 2009-05-17ئانىلار ئەخلاقى 2009-05-17ئىللەتلەردىن رۇبائىيلار 2009-05-17ئۇيغۇرلاردىكى تازىلىق ۋە ساغلاملىق ئادەتلىرى 2009-05-17
收藏到:Del.icio.us