-
2009-05-17
ئىللەتلەردىن رۇبائىيلار - [ئەدەبى ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39526130.html
ئابدۇلھەمىد ياسىن
ئادەمنى ئالەمدىن تاندۇرار يالغان،
ياخشىلىق يولىدىن ياندۇرار يالغان.
يالغاندىن يانمىغان يامان ئاتاقتا،
مەڭگۈلۈك ھەسرەتكە قالدۇرار يالغان.X X X
ئىللەتلەر ئىچىدە پەسكېشى غەيۋەت،
ئاراملىق بەرمەيدۇ ياز، قىشى غەيۋەت.
ئادەمنى غاجايدۇ ئۆرە تۇرغۇزۇپ،
سېسىغان تۇخۇمدەك، ئىچ - تېشى غەيۋەت.X X X
چېقىمچىنى يەر قوينىغا ئالمايمىش،
ئۆز باغرىنى چاققاچ ئاغزى تالمايمىش.
نى پالۋان، ئالىمنى ھالاك قىلسىمۇ،
قىلمىشىنى ئۆز بوينىغا ئالمايمىش.X X X
ئادەمنى تۆت پۇتلۇق قىلغان خۇشامەت،
بوشاڭنىڭ بۇنىدىن ئىلغان خۇشامەت.
ئازدۇرۇپ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىتىپ،
نى ئەركەك باغرىنى تىلغان خۇشامەت.X X X
زۇلمەتنى ئىزدىسىەڭ يۈگۈر قاۋاققا،
ئۇ قۇچاق ئاچارمىش مەيگە ئامراققا.
ھەييامغا ئارتىپلا ھەممە گۇناھنى،
ئىچىۋەر « قالمايسەن » يامان ئاتاققا.X X X
قېرىنداشنى ياتلاشتۇرغان ئاداۋەت،
پاك قەلبىنى داتلاشتۇرغان ئاداۋەت.
يۈرەككە تۇتاشقان يوللارنى توسۇپ،
ئىناقلىققا قاپقان قۇرغان ئاداۋەت.X X X
نان يېيىشنى ئېغىر بىلەن ھۇرۇنلار،
ئۆز جېنىغا پىچاق بىلەر ھۇرۇنلار.
تولدۇرماستىن مەنالارغا كۈنىنى،
ھاياتىنى ئويۇن بىلەر ھۇرۇنلار.X X X
ئادەملىك پەزلىدىن قالدۇرار شەھۋەت،
ھالال جۈپ يارىڭدىن تاندۇرار شەھۋەت.
ئۆتمىسەڭ ئەخلاقنى قىلىپ مىزانىڭ،
ئاقىۋەت ھاياتتىن چاندۇرار شەھۋەت.X X X
كىشىنى ھەر كويغا سالىدۇ گۇمان،
تۇيدۇرماي جېنىڭنى ئالىدۇ گۇمان.
گۇمانخور ئادەمنىڭ يېگىنى زەھەر،
دۇنيادا يىگانە قالىدۇ گۇمان.X X X
قىمارۋاز ئوغرىدۇر دەيدۇ كونىلار،
قىمارغا قانمىغان چوقۇم قويىلار.
قالمىغاچ بىساتى قىمار تۈپەيلى،
يۈزى يوق قىمارۋاز كىمدىن ئۇيىلار.X X X
ئەلنى قاڭقىر قاقشىتىدۇ ئالدامچى،
مىسنى دۇرغا ئوخشىتىدۇ ئالدامچى.
شەرمەندە بوپ ئاقىۋەتتە بىر كۈنى،
ۋىجدانىنى يوقىتىدۇ ئالدامچى.مەزمۇن كېلىش مەنبەئى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
历史上的今天:
ئىززىتىڭنى ساقلىغىن قىزچاق 2009-05-17ئانىلار ئەخلاقى 2009-05-17رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك 10 خىل ئادەم 2009-05-17ئۇيغۇرلاردىكى تازىلىق ۋە ساغلاملىق ئادەتلىرى 2009-05-17
收藏到:Del.icio.us