-
2009-05-07
نەسىھەت - [نەسىھەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39021042.html
1- ئۈزۈڭنى چوڭ تۇتمىساڭ ئىززەت،ئۆزگنى پەس كۆرمىسەڭ ھۆرمەت تاپىسەن.
2- بىكار يۈرسەڭ ۋاقىت ئۆتمەيدۇ بىر ئىش قىلساڭ ۋاقىت يەتمەيدۇ.
3- ئەستايىدىللىق-ئەتىۋارلىقنىڭ مۇقەددىمىسى رەسۋالىقنىڭ خاتىمىسدۇر
4- ئەجدادىڭنى تارىخ ئەينىكىدىن ئەۋلادىڭنى ئۆز ئەينىكىڭدىن كۆر.
5- ئىنسان دۇنيانى قانچىلىك بىلسە ئۆزنىمۇ شۇنچىلىك چۈشۈندۇ.
6- ئاتا دۇنيادىن كۆزيۇمغاندا باللىرى ئالدىدا ئاتا ئورنىنى باسالايدىغان ئاياللار ھەققى ئانىدۇر.
7- بەخىت سەزسەڭ قەلىپتە،تىلىسەڭ ئاسماندا ،بىلسەڭ ئالقاندا.
8- ئورۇنلۇق جاۋاپ ئالماقچى بولساڭ ،ئۇرۇنلۇق سۇئال سورا .
9- دۇشمىنىڭ قىلدەك بولسىمۇ ،ئەندىشەڭ پىلدەك بولسۇن.
10- غەم-قايغۇنى ئالتۇن بېرىپ قايتۇرغىلى بولماس
11- ئالماس ھەرقانچە قاتتىق بولسىمۇ،ئۇنى ئەقىل پاراسەت يۇمشىتالايدۇ.
12- ھەسەتخورغا جازا يوق چۈنكى ئۇنىڭ ھەسەتخورلىقى ئۆزگە جازا،ئۇ ئۆز ئىچىدىن سېسىپ ئۆزگۆشىنى ئۆزى يەپ نابۇت بۇلىدۇ .13- خۇشامەتچى بەلدىن قېرىيدۇ،ماختانچاق گالدىن قېرىيدۇ.
14- پىخسىق دۇنياغا تويماس، ئۇششۇق دەۋاغا تويماس .
15-ئەقىللىق قەيەردە ،ئەقىلسىزنىڭ يېنىدا .
16-ناتۇنۇش ،يالغۇزئاياللارغا تاشلىغان ھەربىر شەھىۋانە كۆز شەيتاننىڭ ئوتى دىمەكتۇر.
17- تاشقا يامغۇر كار قىلماس، ئەقىلسىزگە سۆز .
18- مەردنىڭ نامى سېخيلىق بىلەن،تۈگمەننىڭ داڭقى سۇ بىلەن.
19-ياخشى بىلەن يۇرسەڭ ياشنايسەن،ئەسكى بىلەن يۇرسەڭ قاخشايسەن.
20-ئاتا -ئاناڭغا يامانلىق قىلساڭ ،بالاڭدىن كۆرىسەن.
مەنبە :شىنجاڭ خەلىق قۇرۇلتىيى 2009-يىللىق 3-سانىدىن تاللاپ ئېلىندى.历史上的今天:
تىل ئەخلاقى توغرىسىدا 2009-05-07ئاياللار گۈزەللىگى ۋە يىمەكلىك 2009-05-07ئاتا - ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەر 2009-05-07كىتاب ھەققىدە ھېكمەتلەر 2009-05-07ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر 2009-05-07
收藏到:Del.icio.us