-
2009-05-07
ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39019787.html
◆ئايال — بۈيۈك سۆز، ئۇنىڭغا قىزلىق پاكلىقى، دوستقا خاس پىدائىيلىق، ئانا جاسارىتى مۇجەسسەملەشكەن.
— ن. ئا. نېكراسوۋ
◆ ئايال سۆيگۈسىدىن پاكلىق قوبۇل قىلمىغان، ئۇنىڭ مەردلىكىدىن مەدەت ئالمىغان، كەمتەرلىك بىلەن ھايات يولىغا قەدەم ئالمىغان ئادەم ھەقىقىي ھايات كەچۈرمىگەنلىك بىلەن تەڭ.
— ج. رېسكىن
◆ ئاياللارنى سۆيۈڭ ۋە ئىززەتلەڭ؛ ئۇلاردىن پەقەت تىنچلىنىشنىلا ئەمەس، بەلكى ئىلھامىڭىزغا كۈچ، مەنىۋى ۋە ئەقلىي قابىلىيەتلىرىڭىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغان قۇدرەت ئىزدەڭ.
— ژ . مادزىنى◆ئاياللارسىز سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىش ۋە ئەستە ساقلاش كېرەك.
— م. گوركىي
◆ئايالغا مۇھەببەت بىز ئۈچۈن مۇقەددەس، ھېچنەرسىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە؛ ئۇ خۇددى گۆشكە سېپىلىدىغان تۇزدەك يۈرەككە سىڭىپ، ئۇنى بۇزۇلۇشتىن ساقلايدۇ.
— ۋ.گىيوگو
◆ئاياللار نېرۋىلىرىمىزنى، ھەددىدىن ئارتۇق شەخسىيەتچىلىكىمىزنى يۇمشىتىدۇ؛ ئۇلار بىزگە نەدىن بولغانلىقىمىزنى ئەسلىتىپ تۇرۇشىدۇ.— م. باررېس
◆دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىك ئايالغا بولغان مۇھەببەت سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن.
— م.گوركىيhttp://bbs.1000yol.com/read.php?tid=1457
شەرىم -ھايا، ئېسىل پەزىلەت ئاياللىقنىڭ گۈل تاجىسى.
<<ئېزگۇ مالائىكە>>
ياخشى ئايال ئەرنىڭ بارلىق ئېغىرىنى كۆتۈرىدۇ.
<<ئېزگۇ مالائىكە>>
ئاياللارنى سۆيۈش مىللەتنى سۆيۈش دېمەكتۇر.
<<ئېزگۇ مالائىكە>>
ئاياللىق_تەبەئەتنىڭ شاھ ئەسىرى .
ئاياللىق_گۈزەللىك قەسىرىنىڭ مەلىكىسى.
ئاياللىق_ئەجدات ۋە ئەۋلات مەرۋايىتلىرىنى تىزغۇچى رىشتە، تەربىيە پائالىيىتىنىڭ مۇققەدەس ساھىبى.
ئاياللىق ئىلھام چەشمىسى، ئارزۇ يەلكىنى ، ئۈمۈد چولپىنى ، بەدئى ئەسەردىكى يالقۇنلۇق يۈرەك .
<< بەدىئى ئىجادىيەتتە ئاياللار تەسۋىرىنىڭ ئىجتىمائى قىممىتى>>يوقارقى ھىڭمەتلەر <<ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ھىكمەتلىرى>>دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى
历史上的今天:
تىل ئەخلاقى توغرىسىدا 2009-05-07ئاياللار گۈزەللىگى ۋە يىمەكلىك 2009-05-07نەسىھەت 2009-05-07ئاتا - ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەر 2009-05-07كىتاب ھەققىدە ھېكمەتلەر 2009-05-07
收藏到:Del.icio.us