ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-03

    ئۇيغۇر مەشرەپلىرى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38874116.html

      

    كۆرۈۋاتكىنىڭلار قۇمۇل ئوردامەشرىپى
    (جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى پلاستىنكىلار توپلىمىدىكى يازما مەزمۇنىدىن ئېلىندى)
    كىرىش سۆز

    «شەرق مۇزىكا تارىخىدىكى بىباھا گۆھەر» دەپ شۆھرەت قازانغان ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئېتنىك يىلتىزى بولغان «جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى» ئەقىل-پاراسەتلىك ، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىي مېھنىتى بولۇپ ، ئۇ تولىمۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات ئارقىلىق مۇكەممەللىشىپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۇلۇغ سەنئەت مىراسىدۇر .
    ئۇيغۇر مەشرەپلىرى تارىخىمىزدا مىللىي خاسلىقى بىلەن ئالاھىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاممىۋى ، ئۆزگىچە كۈچلۈك ئىجدىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ، مەزمۇنلۇق ، ئىلمىي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ ، مۇقاملار ۋە خەلق ناخشا-ئۇسۇللىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ ، ئەلنەغمە ، غەزەل-قوشاقلار ، تېپىشماق ، ۋائىزلىق ، جەڭنامە ، تارىخىي رىۋايەت ، كىتابچىلىق ، پەند-نەسىھەت ، دارۋازلىق ، سېرىك ، سېھرىگەرلىك ۋە ھەرخىل كومېدىيىلىك ئويۇنلار بىلەن تەركىبلەنگەن .
    ئۇيغۇر مەشرەپلىرى قەدىمدىن بۈگۈنگىچە ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن سەنئەت بىرىككەن ، چىن مەنىدىكى «خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى» بولۇپ كەلدى . ئۇ خەلقىمىزنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئىشتىياقىنى ، ئارزۇسىنى ، ھېس-تۇيغىلىرىنى ، قابىلىيەت ۋە ماھارەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرقى زامان سەنئىتىمىزنى گۈللەندۈرۈشتىكى مول مەنبە بولماقتا . ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى يۇرتلاردا مەشرەپلەرنىڭ 120 خىلىدىن كۆپرەك تۈرى ، 100 خىلدىن ئارتۇق تەقلىدىي تۈرى ساقلانغانلىقى تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئەل ئىچىدىكى ۋەقەشۇناسلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە قەيت قىلىنىدۇ . ئەپسۇسكى ، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ يىلسايىن ئازلاپ ، ئىزباسارلارنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك بىرمۇنچە مەشرەپلىرىمىز يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى . نۆۋەتتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ، شۇنداقلا نۇرغۇن رېژىسور ، خەلق سەنئەتكارلىرى ۋە باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىپ قېزىش ، قۇتقۇزۇش ، رەتلەش ، قوغداش ، نەشىر قىلىش ئارقلىق ئۇنى پۈتكۈل مەملىكەتكە ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ ، ئۆلمەس ھاياتى كۈچىنى قايتىدىن نۇرلاندۇرۇشتىن ئىبارەت سەنئەت قۇرۇلۇشى ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا .
    ئىشىنىمىزكى ، ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى كەڭ سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن بارا-بارا مۇكەممەللىشىپ ، تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە تولۇپ ، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باھارى ۋە ئالتۇن دەۋرىنى كۈتۈۋالغۇسى .

    تۆمۈر داۋامەت
    2008-يىل4-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    قۇمۇل ئوردا مەشرىپى

    قۇمۇل مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدلىككە ئىگە مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، مول مەزمۇنلۇق ، جانلىق ئۇسلۇبنى ئۆزىگە نۇجەسسەم قىلغان خەلق سەنئىتىدۇر .
    قۇمۇل مەشرەپلىرى قۇمۇل مۇقاملىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان ۋە خەلق ئىچىگە سىڭگەن . قۇمۇل مەشرەپلىرىنىڭ تۈرى 20 خىلدىن ئاشىدۇ ، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى «ئوردا مەشرىپى» دۇر . ئوردا مەشرىپى قەدىمىيلىككە ، نەپىس سەنئەت شەكلىگە ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدلىكلەرگە ئىگە ، زامان ، ماكان خارەكتېرى كۈچلۈك سەنئەتتتۇر .
    بۇ «ئوردا مەشرىپى» قۇمۇلنىڭ يىتتىنچى ئەۋلاد ۋاڭى مۇھەممەد بېشىر ۋاڭ دەۋرىنى ، ئۇنىڭ ئىلى يۇرتىدىن مېھرىبانۇ خېنىمغا ئۆيلەنگەن توي كۈنلىرىنى ئاساس قىلىدۇ .
    مۇھەممەد بېشىر ۋاڭ مەرىپەتپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ، سەنئەتخۇمار ۋاڭلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ قۇمۇل دىيارىنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرغان ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ، ئەلنى قوغدىغان ، خەلقنىڭ مەرىپەت ، ئىلىم-بىلىم ، سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان . ئۇ مېھرىبانۇ خېنىمغا ئۆيلىنىشتىن 40 كۈن بۇرۇن قۇمۇلغا قاراشلىق 12 تاغ ، بەش شەھەردىكى ، شەھەر ئەتراپىدىكى داڭلىق ئەلنەغمىچى ، سازەندە ، ناخشىچى ، ئۇسسۇلچى ، قىزىقچىلارنى يىغىپ ئوردا مەشرىپى ئۈچۈن تەييارلىق قىلدۇرغان ھەم قۇمۇلنىڭ مەشرەپ-مۇقاملىرىنى رەتلەتكەن . شۇ ئاساستا كېيىنكى ئوردا مەشرەپلىرى ۋە باشقا ھەرخىل مەشرەپلەر ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەرگەن .
    قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدىكى ئوردا مەشرىپى بەزىدە مېلىس شەكلىنى ئالغان بولۇپ ، پەند-نەسىھەت ، ئىلىم-تەربىيە ، خەلق تۇرمۇشى ھەققىدىكى مەسلىھەت قاتارلىق ئىشلار ئوردا مەشرىپىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى بولۇپ قالغان .
    ئوردا مەشرىپى ئاساسەن روزا ھېيت ، قۇربان ھېيت ، نورۇز بايراملىرىدا ، توي ، بۆشۈك توي ، سۈننەت تويلاردا ۋە سېرتتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەرىكىلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ . ئوردا مەشرەپلىرىدە ئاساسەن ناخشا ، مۇزىكا ، ئۇسسۇل ، لەپەر ، قىزىقچىلىق ، بېيت ئېيتىشىش ، دورامچىلىق ، تەقلىد قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار .

    قۇمۇل كۆك مەشرىپى

    قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق مىللىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، قويۇق يەرلىك تۈسكە ئىگە ئۆزگىچە مەدەنىيەت شەكىللەندۈرگەن ، ئەنە شۇ مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان قۇمۇل مەشرەپلىرى ، جۈملىدىن «قۇمۇل كۆك مەشرىپى» كۈنسېرى ئىجتىمائىيلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيا جاھان ئەھلىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىپ كەلمەكتە .
    «قۇمۇل كۆك مەشرىپى» تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمىي ، ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىنىڭ بىرى . شۇڭا مەشرەپ قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ، ئەڭ ئومۇملاشقان مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئايلانغان بولۇپ ، گۈللەپ ياشناشقا سىمۋول قىلىنغان . بۇ مەشرەپ مول ھوسۇل شادلىقىنى ئىزھار قىلىش ، شادلىققا تولغان ئامەتلىك يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆزئارا تىلەك تىلەش مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
    قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى بولغان «كۆك» نى ئالاھىدە ئالاھىدە تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈپ تىييارلايدۇ ۋە تولىمۇ ئەتىۋارلايدۇ . ئۇنى «كۆك خېنىم» دەپ تەرىپلەپ ، خۇددى ساھىبجامال ئورنىدا كۆرىدۇ . ئۇنى مەشرەپ چوڭلىرى جامائەتنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىپ ، مول ھوسۇللۇق يىللارغا بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ .

    پىچان مېلىس مەشرىپى

    1848-يىلى لۈكچۈن ۋاڭى ئەفرىدۇن بىر قېتىملىق يۇرت كېزىش سەپىرىدە تاسادىپىي پىچان ياشلىرىنىڭ مېلىس مەشرىپىگە قاتنىشىپ قېلىپ ، مەشرەپتىكى ئېسىل خەلق ناخشا-سازلىرىنى ئورۇندىغان خەلق سەنئەتكارلىرىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارنى تارتۇقلايدۇ ، ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىن بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ھەيران قالىدۇ ۋە ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېتىدۇ .
    بۇ مەشرەپتە يۇقىرىقى ۋەقەدىن باشقا يەنە «مارجان بىلەن» ، «چىنە چاققان يارلىرىم» ، «شاپتۇلۇڭ بىر يارماققا بەش» قاتارلىق قەدىمىي خەلق ناخشا-ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ئەينى تارىخىي دەۋردىكى پىچان خەلقىنىڭ مول مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نامايەن قىلىنىدۇ .

    تۇرپان قەيت مەشرىپى

    تۇرپان «قەيت مەشرىپى» ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە . ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ ، ئاممىۋى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق كىشىلەرگە قانۇن ئېڭىنى سىڭدۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ . كىشىلەرنى ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ ، ئۇلارنى ئەدەب-ئەخلاقلىق ئالىيجاناپ ئىنسانىي پەزىلەتلىك ، ئىناق ، ئادىل ، راستچىل ، ئىشچان ، غەيرەت-جاسارەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ .
    قەيت مەشرىپى __ قەيت قىلىشنى ئاساس قىلىپ ، كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن . ئۇنىڭدا مۇقاملار ، ناخشا-ئۇسۇللار ، قىزىقارلىق ئەلنەغمە نومۇرلىرى ، لەتىپە ، قىزىقچىلىقلار ، تېپىشماق تېپىش ، ئەقىل سىناش ۋە ھەجىۋىي تۈس ئالغان كۈلكۈلىك جازا ئۇيۇنلىرى بولىدۇ . بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى سەمىمىي-ساداقەتمەن ، ئادالەتلىك ۋە مەرد-مەردانە بولۇشقا يېتەكلەيدۇ .

    توقسۇن مەرتەم مەشرىپى

    تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان توقسۇن بوستانلىقى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل سۈپىتىدە ناھايىتى زور رول ئوينىغان .
    گەرچە ھەرخىل مەدەنىيەتلەر بۇ ئۆتكەلگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن توقسۇنلۇقلار ئۆزىگە خاس مول ھەم قىممەتلىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن . جۈملىدىن توقسۇن مۇقام-مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە قەدىرلىنىشكە ۋە قوغدىلىشقا ھەقلىقتۇر .
    توقسۇندا «مېلىس مەشرىپى» ، «قەيت مەشرىپى» ، «مەرتەم مەشرىپى» ، «توي مەشرىپى» ، «كۆك مەشرىپى» ، «قارلىق مەشرىپى» قاتارلىق كۆپلىگەن مەشرەپلەر بار بولۇپ ، شۇ مەشرەپلەر ئىچىدىكى «مەرتەم مەشرىپى» قايتىدىن قېزىلىش ۋە رەتلىنىش ئاساسىدا سۈرەتكە ئېلىندى ، بۇ مەشرەپتە توقسۇن خەلقىنىڭ يەرلىك ناخشا-ئۇسسۇللىرى ، قىزىقچىلىقلىرى ، سۆز ئويۇنلىرى قاتارلىقلار ۋە كىيىم-كېچەكلىرى نامايەن قىلىنىدۇ .

    خوتەن گۈلچاي مەشرىپى

    «خوتەن گۈلچاي مەشرىپى» خوتەن خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۆزىگە ئەنئەنە قىلىپ كېلىۋاتقان يوسۇن-قائىدىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە يۇرت ئاۋاملىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇش ئارقىلىق يۇرتتا بولۇپ ئۆتكەن ، يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى يۇرت چوڭلىرىغا مەلۇم قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ، ساۋاپ ئىگىلىرىنى تارتۇقلاش ، ناشايان ئىشلارغا تەنبىھ بېرىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان مەشرەپتۇر .
    گۈلچاي مەشرىپىدە شۇ بىر مەيدان مەشرەپ ئەرلەر سورۇنى ۋە ئاياللار سورۇنىدىن ئىبارەت ئىككى سورۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ، جۈملىدىن خوتەن خەلقىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادىتى ئىپادىلىنىدۇ ، ئەرلەر سورۇنىدا ئەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەمگەك ، تۇرمۇش توغرىسىدىكى پەند-نەسىھەتلەر سۆزلەنسە ، ئاياللار سورۇنىدا ئاياللارغا خاس بولغان تەلىملەر سۆزلىنىدۇ .

    گۇما كىلىياڭ مەشرىپى

    قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي يان باغرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن قارا قۇرۇم ئۇيغۇرلىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئارلاشما ئىگىلىك شەكلىگە يارىشا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان . ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيىسىنىڭ كىلىياڭ يېزىسى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي كارۋان يولى __ لاداخ يولىدىكى مۇھىم بىر ئۆتكەل بولۇپ ، نەچچە ئەسىردىن بۇيان دىيارىمىز بىلەن باشقا ئەللەرنى تۇتاشتۇرغان ھەرخىل باردى-كەلدىلەرگە شاھىد بولۇپ كەلگەن . بۇ يېزىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئۆزىنىڭ خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغان ، بۇ خىل ئەنئەنە «كېلىياڭ مەشرىپى» دەپ ئاتالغان مەھەللىۋى ئۇنىۋېرىسال سەنئەت پائالىيىتىدە بىر قەدەر مەركەزلىك ئىزچىللىشىپ ماڭغان .
    20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا ئۆتكەن سائىر ۋە خەتتات ئىسمائىل ھاجىمنىڭ دالالىتى بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بىرى ، ئاتاقلىق سائىر ۋە ماھىر تېۋىپ ھۇسەيىنخان تەجەللى قاغىلىقتىن كىلىياڭغا كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغان ھەمدە بۇ ئىككى ئەدىبنىڭ يېقىن دوستلۇقى تاكى تەجەللى ۋاپات بولغىچە داۋاملاشقان .
    بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان «كىلىياڭ مەشرىپى» ئەينى ۋاقىتتا ئىسمائىل ھاجىم تەجەللىنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق ئائىلە مەشرىپى ئاساسىدا ئىشلەندى . بۇ مەشرەپكە شۇ خاتىرە كۈنلەر ئۈچۈن تۇغۇلغان «كىلىياڭ مەشرىپى» دەپ ئاتىلىدىغان يۈرۈشلەشكەن ئەلنەغمە ، ئۇسسۇل ، مەشرەپ ئويۇنلىرى ، خەلق ناخشىلىرى قاتارلىقلار رەتلەپ كىرگۈزۈلدى .

    يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى

    «كاچۇڭ مەشرىپى» __ قارا قۇرۇم باغرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسىر-ئەسىرلەردىن بۇيان قانماي ئويناپ كېلىۋاتقان ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەنئەنىۋى سەنئەت مىراسلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر . 105 نەغمە ، 2100 مىسرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز يۈرۈش چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق بىرىكمە گەۋدىدىن تەركىپ تاپقان كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ شاش ، مەردانە تەلقىنلىرىدىن ھېلىمۇ «ئات ئۈستى مەدەنىيىتى» دەۋرىدىكى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھىدى كېلىدۇ . «ئون ئىككى مۇقام» دەرۋەقە دۇنيا سەنئەت تارىخىدىكى بىر ئاجايىبات . بۇ ئاجايىبات تاسادىپىي ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن مۇقام ھادىسىسىگە مۇنبەت زېمىن ھازىرلىغان ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن ئاينىغان . دولان مۇقامى ، قۇمۇل مۇقاملىرى ، جۈملىدىن كاچۇڭ مەشرەپ-مۇقاملىرى ئانىلىق قۇچاق بولۇپ ، «ئون ئىككى مۇقام» نى ئەي قىلغان ئىپتىدائىي مەنبەدۇر .

    مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى

    «ناماقۇللۇق مەشرىپى» __ دولان مەشرەپلىرى ئىچىدە نۆۋەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپ بولۇپ ، مەشرەپ داۋاملىشىۋاتقاندا مەشرەپ قاتناشچىلىرىدىن بىرەرسى مەشرەپنىڭ قائىدە-تۈزۈمىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزسا ياكى مەشرەپنىڭ ئەدەب-ئەخلاقىغا خىلاپ ئىش قىلسا ۋە ياكى مەلۇم كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ ، زىتىغا تېگىپ كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلسا ، مەشرەپنىڭ يىگىت بېشى ۋە بېگى ئاممىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ كىشىگە جازا ئورنىدا بىر نۆۋەت ناماقۇللۇق مەشرىپى بېرىشنى بۇيرۇيدۇ . ئاشۇ جازالانغۇچى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ «ناماقۇللۇق مەشرىپى» دەپ ئاتىلىدۇ .
    مەشرەپتە قىزىقارلىق ئويۇنلار ، ناخشا ، مۇقام ، ئەلنەغمە ، خەلق ئويۇنلىرى ئوينىلىدۇ ، «ناماقۇللۇق مەشرىپى» نىڭ سېھرىي كۈچى كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە كۈچلۈك تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ .

    مەكىت ئوۋچى مەشرىپى

    «ئوۋچى مەشرىپى» __ دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى . «ئوۋچى مەشرىپى» دە دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ .
    دولان ئۇيغۇرلىرى قەدىمكى زامانلاردا ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغىللىنىپ كەلگەن ، قەدىمدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە توپلىشىپ ئوۋچىلىق قىلىپ ، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ دارىختا نام قالدۇرغان ئىدى .
    ھازىرقى كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئوۋچى مەشرىپى» دە ، دولان ئوۋچىلىرى ئوۋ قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، يۇرت-مەھەللىدىكى خەلق كاتتا كۈتۈۋېلىش مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ ، ئوۋچى باتۇرلارنىڭ غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش ئەھۋالى تەۋىرلىنىدۇ . شۇنداقلا ، قىزىقارلىق ھەجىۋىي ئويۇنلار ، ناخشا-ئۇسسۇل ، كومېدىيىلىك ئويۇنلار ، بېيت-قوشاقلار ئارقىلىق ، ئوۋچى باتۇرلارغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ .

    يېڭىسار ئىسپال مەشرىپى

    «ئىسپال مەشرىپى» __ يېڭىسار خەلقى قەدىمدىن تارتىپ ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن مول مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى . يېڭىسار خەلقى قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىنى مۇشۇنداق مول مەزمۇنلۇق مەشرەپلەر بىلەن قىسقارتقان . مەشرەپنىڭ مەزمۇنى ناخشا-مۇزىكا ، ئۇسسۇل ۋە قويۇق تىياتىر تۈسىگە ئويۇنلاردىن تەشكىل تاپقان . يىگىت بېشى ، مەسلىھەتچى ، مىرشاپ قاتارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا مەشرەپ سورۇنى تەرتىپلىك تەشكىللىنىدۇ . مىرشاپنىڭ قولىدا ئوتتۇرىسى يېرىق تاراسلاپ ئاۋاز چىقىرىدىغان ، لېكىن تەگسە ئاغرىتمايدىغان تاياق بولۇپ ، ئۇ «ئىسپال» تايىقى دەپ ئاتالغاچقا ، يېڭىساردىكى مەشرەپلەرمۇ شۇ نامدا ئاتالغان .
    بۇ مەشرەپكە مەزمۇنى جەھەتتىن قەدىمىي ، شەكلى ئۆزگىچە بولغان ، ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولغان كومېدىيىلىك ئويۇنلار تاللاپ كىرگۈزۈلدى . ناخشا-مۇزىكا جەھەتتىن يېڭىسارغا خاس بولغان ناخشا-مۇيزىكىلار كىرگۈزۈلدى ، ئۇسسۇل جەھەتتىن باشقا يۇرتلاردىكىگە ئوخشىمايدىغان ھەرىكەت-شەكىلدىكى ئۇسسۇللار قايتىدىن رەتلەندى . ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئوينىلىدىغان بۇ مەشرەپ كىشىلەرگە ئۆزگىچە كومېدىيىلىك زوق ۋە چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر ئاتا قىلغۇسى .

    مەكىت ساغادى مەشرىپى

    «ساغادى مەشرىپى» __ دولان ئۇيغۇرلىرى ياشاۋاتقان رايونلاردا ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ياز ۋە كۈز پەسلىدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدا دېھقانلار ساغادى باغلاپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ ، ھاردۇقىنى چىقىرىپ ، مادارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، دېھقانچىلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس يارىتىدۇ . «ساغادى مەشرىپى» مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىشنى شۇنداقلا ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىشنى ئاساس قىلغان ئاممىۋى پائالىيەتتتۇر . «ساغادى مەشرىپى» دە دولان مەشرەپ مۇقامچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ۋارىسلىرىنىڭ مۇقام توۋلاپ مەشرەپ ئويناش پائالىيەتلىرى ، مەشرەپنىڭ قىزىقچىلىق ئويۇنلىرى ۋە ناخشا-ئۇسسۇل ، ھەجىۋىي ئېيتىشىش قاتارلىقلار زىچ بىرلەشتۈرۈلۈش ئارقىلىق ، ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۈزۈلمەي داۋام قىلىدىغان خاسىيەتلىك كۈچى نامايان قىلىنغان .

    يوپۇرغا ھويلا مەشرىپى

    «ھويلا مەشرىپى» __ يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ يېزا-قىشلارقلىرىدا ئوينىلىپ كېلىۋاتقان ئاڭ قەدىمىي ئەل ئىچى سەنئەت شەكلىدۇر . ئەينى ۋاقىتتا ، كىشىلەر توي-تۆكۈن ، ھېيت-ئايەملەردە يىغىلىپ ، ئەنئەنىۋى چالغۇلارنى چېلىپ ، ناخشا-قوشاقلارنى ئېيتىشىپ ، ئۇسسۇل ئويناپ ، قىزىقچىلىق قىلىشىپ كۆڭۈل ئېچىپ كەلگەن . بۇ خىل ئادەت يوپۇرغىنىڭ بايئاۋات ، ئەمەنلىك ، چاقا دېگەن جايلىرىدا بىرقەدەر كەڭ ئومۇملاشقان . ھالبۇكى ، مىلادىيە 14-ئەسىردە يوپۇرغىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەلنەغمىچى يارگۈل مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئەل ئىچى سەنئەت ئويۇنلىرىنى رەتلەپ ، خېلى سىستېمىلاشقان ئاممىۋى سەنئەت ئويۇنى شەكلىگە كىرگۈزگەن . بۇ ئويۇنلار مەھەلە-كويلاردىكى شارائىتى ياخشىراق ، كەڭ ھويلىلاردا ئۆتكۈزۈلگەچكە ، «ھويلا مەشرىپى» دەپ ئاتالغان .
    «ھويلا مەشرىپى» تولاراق ياز ۋە كۈز پەسلىدە ، بەزىدە قىش ۋە ئەتىياز ۋاقتىدا ئايۋان-سارايلاردا ، قۇتلۇق ئىشلار ، ھېيت-ئايەملەردە ، ئەزىز يۇرت مېھمانلىرى شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ . مەشرەپتە ناخشا-ئۇسسۇل ئاساس ، چاي تۇتۇش ، دەررە ئويناش ، بېيت ئېيتىشىش ، قىزىقچىلىق قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ ، مۇزىكا ، ۋاقىت ، ئادەم سانى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ .
    «ھويلا مەشرىپى» ئاۋامنىڭ شادلىق سورۇنى ، شۇنداقلا ئەدەپ-ئەخلاق ، قائىدە-يوسۇن ئۆگىنىش سورۇنىدۇر . ئۇ توختاۋسىز ئۇخچۇپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۈيىدەك ، ئاۋامنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھەر قايسى دەۋرلەردىكى خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۇلايدىغان ئۈزۈلمەس سىمفونىيە كەبى داۋام قىلىپ كەلمەكتە .

    قەشقەر چايخانا مەشرىپى

    ئۇيغۇرلار چايخۇمار كېلىدۇ ، چاي ئىستېمال قىلىش ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە يېمەكلىك ئادىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن .
    يىپەك يولىنىڭ شەرقتىن غەربكە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، قەدىمىي قەشقەر شەھرىدە چاي سودىسى تازا روناق تاپقان .
    ئېلىمىزنىڭ داڭلىق چايلىرى قەشقەر شەھرىدىكى قايناق بازىرى ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا ئاسىيا ، ياۋروپاغىچە چىقىرىلغان .
    بۇ قېتىم ئىشلەنگەن «چايخانا مەشرىپى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى ، نانا مەدەنىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن . سەلەي چاققان ، تاشۋاي قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ چايخانىدىكى سەنئەت پائالىيىتى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن . قىزىقارلىق ھەجىۋىي ئويۇنلار ، ناخشا-ئۇسسۇللار ، قىزىقچىلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى نامايان قىلىنغان .
    مەشرەپنىڭ يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي خاسلىقى ئاشۇرۇلۇپ ، خەلق مەشرەپلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان ، كىشىلەرنى تەربىيىلەيدىغان سېھرىي كۈچى ۋە جەلپكارلىقى ، كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدىغان خاسىيىتى ئىپادە قىلىنغان .

    قەشقەر كىتابخانا مەشرىپى

    «كىتابخانا مەشرىپى» __ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان ، ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . «كىتابخانا مەشرىپى» ئۇلۇغ ئالىم ، تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» «سۇغدۇش»(كۆڭۈل ئېچىش) دەپ ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەبچە «مەشرەپ» ، «مەجالىسۇن كۇتۇب»(كىتاب ئوقۇش مەشرىپى) دەپ ئاتالغان بولسا ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى نەۋائىي زامانىدا «ئىلمىي مۇسابىيە»(ئىلمىي سۆھبەت) ، «مەجالىسۇن نەفائىس»(كۆڭۈل مەجلىسلەر) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . ئابدۇرېھىم نىزارىدىن كېيىن ئانا تىلىمىزدا «كىتابخانلىق مەشرىپى» دەپ ئاتالغان .
    «كىتابخانلىق مەشرىپى» دە كىتابلار ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەت ، بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ ، كىتابلارغا باھالار بېرىلىدۇ ، قۇتلۇق تىلەكلەر ، ئۈمىد-ئارزۇلار ئىزھار قىلىنىدۇ ، بۇ مەشرەپكە يەرلىك خەلقنىڭ سەنئەت ئويۇنلىرى زىچ بىرلەشتۈرۇلىدۇ .
    «كىتانخانلىق مەشرىپى» دە ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشكە دالالەت قىلىش ، مۇقام ، ئەلنەغمە ، ناخشا-مۇزىكا ، قىزىقچىلىق ، ھەجىۋىي ئويۇنلارنى ئورۇنداش ، خۇشخەت يېزىش ، ۋاھىزلىق قىلىش ، مۇشائىرا ئېيتىشىش ، تېپىشماق تېپىش قاتارلىق مول مەزمۇن ، رەڭدار ، خىلمۇخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىلىم-ھېكمەت ، ئەخلاق ، ئەقىدە-ئېتىقاد ، ئادىمىيلىك پەزىلەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ ، بۇ ئارقىلىق «كىتابخانلىق مەشرىپى» نىڭ كىشىلەرنى تەربىيلەشتىكى سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنىدۇ .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.