ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2011-03-31

    تۈركى تىللار دىۋانىدىكى قەدىمى ئەنئەنىۋى تاماقلار - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/113168291.html

    توقۇچ ( ⅰتوم، 464- بەت )، چۆرەك ( ⅰتوم، 504- بەت ) سۆزلىرىگە 《توقاچ》 دەپ ئىزاھات بېرىدۇ. كۆۋىشەك ( ⅰتوم، 628- بەت ) دېگەن سۆزنى 《بولدۇرغان نان》، چوقمىن ( ⅰتوم، 578- بەت ) دېگەن سۆزنى 《ھورناننىڭ بىر خىلى》 دەپ ئىزاھلىغان. كۆمەچ ( ⅰتوم، 567- بەت ) دېگەن سۆزنى 《كۈلگە كۆمۈپ پىشۇرۇلغان نان》، سىنچۇ ( ⅰتوم، 544- بەت )، 《گىردە بىلەن ھەمەك ئارىسىدا بولىدىغان بىرخىل نان، خۇيلىما نان》، پوسكەچ ( ⅰتوم، 590- بەت )، 《كاكچى قاتما》( ⅰتوم، 564- بەت ) ۋە يۇغا (ⅲتوم، 34- بەت ) سۆزلىرىگە 《قاتلىما》، 《ياغدا پىشۇرۇلغان نېپىز نان》 دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكىلەر تونۇشتۇرۇلغان:
      تۈرمەك ( ⅰتوم، 622- بەت ) — تۈرمەل.
      سارماچۇق ( ⅰتوم، 683- بەت ) —《قۇشقاش تىلى ئاش، سۇيۇق.اشنىڭ بىر تۈرى》.
      ئۈگرە ( ⅰتوم، 171- بەت ) — 《سۇيۇقئاشنىڭ بىر تۈرى》.
      سوغۇت ( ⅰتوم، 462- بەت ) — 《ھېسىپ — ئۈچەي ئىچىگە گۇرۇچ، گۆش، دورا- دەرمان سېلىپ قىلىنىدىغان يېمەكلىك》.
      سوقتۇ ( ⅰتوم، 543- بەت ) — 《ھېسىپنىڭ بىر خىلى، جىگەر بىلەن گۆشكە دورا- دەرمان ئارلاشتۇرۇپ ئۈچەيگە تىقىلىدۇ. ئاندىن پىشۇرۇپ يېيىلىدۇ》.
      تۇتماچ ( ⅰتوم، 590- بەت ) — 《چۆپ، تۈركلەرنىڭ ئاتاقلىق تاماقلىرىنىڭ بىرى》.
      قوۋۇت (ⅲتوم، 233- بەت ) — 《〈قاغۇت〉 دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇغۇتتا قانسىراپ كەتكەن ئاياللارغا بېرىلىدىغان تاماق. بۇنداق تاماق قورۇلغان تېرىق ئۇنىنى ياغ بىلەن شېكەرگە ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ》.
      توپۇق ( ⅰتوم، 492- بەت ) — 《قوينىڭ توپۇق سۆڭىكىدىن قىلىنىدىغان غىزا》.
      كۆرشەك ( ⅰتوم، 625- بەت ) — 《سوكنى سۇ ياكى سۈتتە قاينىتىپ، ئۈستىگە ياغ قۇيۇپ بېرىلىدىغان بىر خىل تاماق》.
      بولدۇنى ( ⅰتوم،625 - بەت ) — 《ئىچىگە قۇرۇق ياكى ھۆل ئۈزۈم سېلىپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل يېمەكلىك》.
      بۇلغاما (ⅰتوم، 640- بەت ) — 《ياغسىز ۋە تەمسىز بۇلماق》.
      قوغۇرماچ (ⅰتوم، 137- بەت ) — 《قېتىق بىلەن سۈت ئارىلاشمىسى، ئىچى قېتىپ قالغان ئادەملەرنىڭ ئىچىنى سۈردۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىچۈرۈلىدۇ》.
      بۇخسى (ⅰتوم، 551- بەت ) — 《قاينىتىپ ئېلىنغان بۇغداينىڭ ئۈستىگە بادام مېغىزى سېلىنىدۇ، ئاندىن ھەسەل ۋە سۈت بىلەن قىلىنغان بۇلماقنى قۇيۇپ، شۇ پېتى ئىچىلىدۇ》.
      ياماتا (ⅰتوم، 580- بەت ) — 《قۇيماق خېمىرىغا ئوخشاش سۇيۇق قىلىپ چېلىنىدىغان بىر خىل خېمىر. سېمىز توخۇنى ياكى سېمىز گۆشنى قورۇغاندا ياكى كاۋاپ قىلغاندا، يېغى ئېقىپ كەتمىسۇن دەپ، ئۇنىڭغا شۇ خېمىر سۈرتۈلىدۇ》.
      سىم سىراق (ⅲتوم، 187- بەت ) — 《بىر خىل تاماق، قوينىڭ بېشى پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇششاق توغرىلىپ، دورا- دەرمان ئارىلاشتۇرۇپ بىر قاچىغا سېلىنىدۇ ۋە ئۈستىگە ئاچچىق قېتىق قۇيۇلۇپ سىڭىشكەندىن كېيىن يېيىلىدۇ》.
      يازۇق (ⅲتوم، 19- بەت ) — 《كۈزدە ھەر خىل دورا دەرمانلار بىلەن قۇرۇتۇپ قويۇلۇپ، ئەتىيازدا يېيىلىدىغان قاق گۆش》.
      قۇملاق (ⅰتوم، 620- بەت ) — 《ھەشقىپىچەككە ئوخشىشىدىغان بىر ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭغا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ شاراب ياسىلىدۇ》.
      قىمىز (ⅰتوم، 474- بەت ) — 《تۇلۇمدا ئېچىتىپ ئىچلىدىغان يىلقا سۈتى》.
      بوخسۇم (ⅰتوم، 631- بەت ) — 《بوزا، تېرىقتىن ياسىلىدىغان ئىچىملىك》.
      ئاغارتقۇ (ⅲتوم، 600- بەت ) — 《بۇغداي يارمىسىدىن ياسالغان بوزىغا ئوخشاش ئىچىملىك》.

    .

      مەنبە: ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى ( 12-توم )


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.