ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-27

    بلوگ ۋە مەن

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/93608844.html

    ئةسسالامۇ ئةلةيكۇم ھۆرمةتلصك ئةزصزلةر كەچصلصگصڭلار خةيصرلصك بولسۇن! بۈگۈن بۇ يەردە ئۆزەم ۋە بلوگ  يېزىشتىكى نىشانىم توغۇرلۇق بىر نەچچە ئېغىز چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشنى ئويلاپ بۇ مەزمۇنلارنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن مەن بلوگ ئاچقان ئاز كام ئىككى يىلغا يېقىن ۋاققىتتىن بېرى ئۆز قىزىقىشىم بويىچەياختۇرغان  مەزمۇنلارنى بلوگدا تور ۋە ماتىرياللاردىن يىغىپ ساقلاپ كەلدىم،ئاساسلىق مەخسىدىم ئالصم ئابدىشۈكۈر مۇھەممەدئىممىننىڭ  بارلىق ئەسەرلىرىنى بۇ ئاددى ماكاندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت.مەن  بلوگنى ئالىمنىڭ <<سةۋدالصق تةئةججۈپنامصسص>> ناملصق كصتاۋصدصكص بارلصق مةزمۇنلارنص يوللاش بصلةن بۇ قةدةمنص باشلاشنص دەسلەپكى بلوگ ئاچقان ۋاقىتتا مەخسەت قىلغان ۋە شۇ بويىچەە تور دۇنياسى ۋە ماتىرياللاردان يۆتكەپ يېزىپ كەلگەن ئىدىم،ئارىدا بىر مەزگىل تور ئۈزۈلۈپ بۇ ئىشلارمۇ ئۆز  جايىدا توختاپ قالغان ئىدى ، يېقىندىن بېرى مەن يەنە شۇ ئەسلىدىكى ئارزۇيۇم بويىچە بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇسىنى قارار قىلدىم، بولساھەرقايسىڭلارنىڭ بۇ ئىككىنچى ۋاستىلىق ئەمگىگىمنى يېقىندىن قوللاپ بېرىشىڭلارنى شۇنداقلا بلوگدىكى ماتىرياللاردىن پايدىلانغاندابلوگنى ئاددى كۆرمەي تەشۋىق قىلىپ قويۇشۇڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكص تور دۇنياسصغا يېڭص قةدةم قويغان ۋة ئالصمنص تۇنۇش پۇرسصتصگة ئېرصشمصگةن ۋە بىلىشنى چۈشۈنىشنى خالايدىغان دوستلار ھەمدەئالصمنصڭ ماتصرياللصرصغا قصزصقصدصغانلار ئارصمصزدا چوقۇم بولۇشص مۈمكصن  شۇ سەۋەپ ئۇلارمۇ ئۆز-ئارا پايدىلانسا دېگەن  ئۈمۈتتە سىلەردىن شۇنى مۇراجەت قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن  ، بۇنى تەكىتلەشتىكى مەخسىدىم قانداقتۇر  بىلوگنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش ۋە ياكى  بلوگنى كۆز- كۆز قىلىش ئەمەس  بەلكى پايدىلنىشنى خالايدىغانلارغاماس قەدەمدە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ۋە ئاز تولا ياردىمىم تەگسەدېگەندىن ئىبارەت.جۈملصدصن مةن ئالصمنصڭ بارلصق يازمصلصرصنص پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بصلةن ياختۇرۇپ ئوقۇيمةن ھەم ئاساسەن  كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى بىلەن  تونۇشۇپ چىقتىم .
      سصلةرگة دېسةم مېنصڭ ھاياتصمدا ماڭا ئصككص كصشص ئالاھصدة تةسصر كۆرسةتكةن  بصرصنچصسص: قةدصرلصك مةرھۇم  دادامنصڭ تصرصشچانلصغص،ئةستايدصللصغص.سةمصمصيصتص،راستچصل، ھةققانصيةتچصل،قةيسةر تةۋرةنمةس ئصرادصسص بولسا  (يېقصندا مةڭگۈلۈك ۋصدالاشتصم، ياتقان يېرص جةننةتتة بولسۇن) ئصككصنچصسص ئالصم ئابدصشۈكۈر مۇھةممةتئصمصن .
    مةن 1996-يصلص ئالصمنصڭ ئةسةرلصرصنص ئصنصمنصڭ تةۋسصية قصلصشص بصلةن تولصمۇ كېچصكصپ( مةن بصلگةن چاغدا ئاللصقاچان ۋاپات بولغان ئصكةن ) كۆرۈشكةن بولساممۇ ماڭا ۋة مېنصڭ بصلصم ئېلصش، تارصخصمصزنص چۈشۈنۈش جۈملصدصن ئۆزصمصزنص چۈشۈنۈش........... قاتارلصق بصر قاتار تةرةپلةردة ئالاھصدة تةسصرلةرنص كۆرسةتتص ۋة  ماڭا ئاز بولمصغان بصلصملةر بصلةن تونۇشۇش پۇرسصتصنص بةردص.مۇشۇ مۇناسصۋةت بصلةن مةن بۇيةردة قةدصرلصك دادام ۋة ئالصمغا بولغان چةكسصز ھۆرمصتصمنص بصلدۈرصمةن ،شۇنداقلا (مةرھۇم دادام ۋة ئالصم ئابدصشۈكۈر مۇھةممةت ئصمصن ئوخشاش بصر يصلدا تۇغۇلغان  ) ھةر ئصككصسصنصڭ روھصغا  سېغصنصپ دۇئا قصلصمةن  ياتقان يېرصڭلار جةننةتتة بولسۇن  !. مةن سصلةر  بصلةن ئۆزةمنص پةخصرلصك ھصس قصلصمةن ............ئصنشائاللا!
    سىزنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، سىزنىڭ شەخسى ئارخىۋىپز بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىز.
    بولىدۇ رەھمەت .
    سىز قەيەردە تۇغۇلغان؟ئائىلە كېلىپ چىقىشىڭىز قانداق ؟
    مەن 70- يىللارنىڭ دەسلەپكى يىللىرى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە يەنى ئۇلۇغ پەيشەنبە كۈنىدەتۇغۇلغان ئىكەنمەن .
    مىجەز خۇلقىڭىز، قىززىقىشىڭىز، ئوقۇپ چىققان كىتاپلىرىڭىز؟
    مىجەز خۇلقىم :چىقىشقاق ،ماسلىشىشچانلىقىم كۈچلۈك ،بىراق سەل ئاچچىقىم يامان،ھەرقانداق شەيئىگە نىسبەتەن ئەستايدىل،راستچىل سەمىمى پوزىتسىيەدە بولۇشقا ئادەتلەنگەن،توخىتىماي تىرىشىش مېنىڭ بىردىن بىر ئارزۇيۇم .ئادىللىقنى ياقلايمەن،ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ مۇستەقىل ياشاش مېنىڭ بىردىن- بىر دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش ئۇسۇلۇم ۋە ياشاش مەنتىقەم .
    قىزىقىشىم بولسا كۆپ تەرەپلىك:ئاساسلىق قىزىقىدىغىنىم ،تەنتەربىيە،كومپىيۇتېر بىلىملىرى، كىتاپ ئوقۇش, ( بولۇپمۇ تارىخىمىزغا،پەلسەپەگە،ئەخلاققا،مەدىنىيىتىمىزگەۋە ئۆرۈپ- ئادەت، تەتقىقات ئىزدىنىش تۈرىدىكى ھەر خىل ژانىردىكى كىتاپ ماتىرياللارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈمەن ).
    يەنە كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك  ۋە باشقا تەرەپلەردىمۇ  مەلۇم دەرىجىدە ئاساسىم بار .
    ئوقۇغان كىتاپلىرىمغا كەلسەك  ئېسىمدە بارلىرىنى  دەپ ئۆتەي <<  مېھراپتىن چايان >> <<ئۆتكەن كۈنلەر>> ) تاشكەنت.<<ئۆتكەن كۈنلەر>> ئۆزىمىزنىڭ. <<ئىزدىنىش>><<ئوقۇتقۇچى>><<چالىقۇش>> <<ناتىۋانلار >><< ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر>><< ئىلى دولقۇنلىرى>><< كۈرەشچان يىللار >><< ئاقسۇدا 1945- يىلى >><<سەرسان روھ>> << قاباھەت>> << قۇم باسقان شەھەر>><<ئىز>><<چالا تەككەن ئوق>><< رامىزاننىڭ ئون يەتتىسى>><< قۇرەيش قىزى>><< شەرق گۈزىلىنى مئىزدەپ>><<ئانا يۇرت>><<ئامەت ۋە ئاپەت>><<كۆمۈرچى بالا >><<لېيىغان بۇلاق>><<مەدىنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز>><<ئۆزلۈك ۋە كىملىك  >><<تۆت خەلىپە>>  <<تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە>> <<تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ >> <<ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى>> <<مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر>> << مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ بۇزۇلۇشى>>  <<جاللات خېنىم >><< ئورخۇن شەجەرىسى>> ناۋائىنىڭ<< خەمىسە >>(بۇ كىتاپنى لېيىغان بۇلاق  رومانىدىكى نەفىسە ئوبرازىنى بىلىش ئارقىلىق بىر كۆرۈپ چىقىشنى ئويلاپ ئاخىرى ئىزدەپ سېتىۋالغان ئىدىم ) <<تارىخى ئەمىنىيە>><<تارىخى ھەمىدى>><<تارىخى رەشىدى>> <<سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى >>(قاتارلىق  يەنە يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك يېزىلغان  بىرقانچە تارىخى ئەسەرلىرى يەنى> <<توغراق خوجىلار><<بەدۆلەت>><<ئاپپاق خوجا>> قاتارلىق ........... (بۇ يەردەئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ  ھەممىنى يېزىپ كەلسەم  گەپ بەك ئۇزراپ كەتكۇدەك )ئىشقىلىپ تارىخىمىزغا مۇناسىۋەتلىك كۆرگەن كىتاپلىرىم ئاز  ئەمەس.نۇختىلىق ئوقۇغان ماتىرياللىرىم ئالىم ئابدىشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدىن <<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخ>>دىن <<مەركىزى ئاسىيا تارىخى>>لىرىغىچە  تولۇق تونۇشۇپ چىقىش كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئاساسلىق نىشانىم ئىدى ھەم تولۇقى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم   . يەنە ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىق يېتىشىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئاساسەن كۆرۈپ تۇرىمەن.
    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسلامى كىتاپلاردىنمۇ دائىم كۆرۈپ، پايدىلنىپ ئېتىقاد ۋە ئەخلاق جەھەتتە تەربىيە ئېلىشنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىدىم .بۇ توغۇردا مۇشۇنچىلىك يازاي .
    2_ئوقۇش تارىخىڭىز ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلدىكى ئەڭ كۆڭۈلۈك ۋە ئەڭ كۆڭۈلسىز ئۆتكەن چاغلىرىڭىز.بىزنىڭ
    ھازىرقى ئۇيغۇر مائارىپىغا بولغان كۆز قارشىڭىز، ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىتوتى ۋەساپاسى توغىرسىدا.
    مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم  باشتىن ئاخىرغىچە تۇسالغۇسىز،كۆڭۈللۈك ئۆتتى،كۆڭۈلسىز ئۆتتى دېيىلگەن تەرەپلىرى بولسا  ئۆزەم ئارزۇ قىلغان مەكتەپتە ئوقۇيالمىغىنىم .
    بىزنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر مائارىپىغا بولغان قارىشىم  ئانچە ياخشى ئەمەس.بۇرۇنقى بىز ئوقۇغان دەۋىرلەردىكىدەك  مەيلى ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچىلاردا بولسۇن قىزغىنلىق كەمچىل ،بۇ مېنىڭ شەخسەن كۆزقارشىم .ئوقۇتقۇچىلادا بىز ئوقۇغان دەۋىرلەردىكىدەك ئەستايدىللىق،سەۋرىچانلىق يوق دېيەرلىك بولسىمۇ بەك ئاز .
    3-ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئارزۇيىڭىز،
    مېنىڭ كەلگۈسىدىكى ئارزۇيۇمغا كەلسەك : كەلگۈسىدە ئۆز ئالدىمغا مۇستەقىل بىر ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇم بار .بۇ ئارزۇيۇمنى قايسى تەرەپتىن باشقا ئېلىپ چىقىش تېخى ھازىرچە مۇقىم ئەمەس،چۈنكى ھازىرقى ۋاقىتتىكى زۈرۈر قىلىدىغان ئىشىم بالامنى ياخشى ئوقۇتۇپ ياراملىق ئەزىمەتلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش. يەنە بىر تەرەپتىن مەن تېخى خىزمەتتە.يالغۇز خىزمەت،ئائىلە ۋە بالىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىشىم كېرەك.سالامەتلىگىم يار بەرسە يەتمەكچى بولغان ئارزۇيۇمغا ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە  ھامان يېتىمەن، بۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچىم بار، شۇڭا ھازىر ھەر جەھەتتىن ماس ھالدا ئۆگىنىپ ئاساسىمنى تولۇق پۇختىلىشىم كېرەك دەپ ئويلايمەن .
    4_سىز مۇشۇ تور دۇنياسىدىن قانچىلىك پايدىلاندىڭىز؟ ۋە قانچىلىق مەغلۇبىيەت ھەم كۆڭۈلسىزلىككە دۇچ كەلدىڭىز. سىرلىق مۇنبىرىگە بولغان كۆز قارشىڭىز، مۇنبەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقپالى، سىز باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقىنى نەچچىلىك ۋاقىت بولدى، ھازىرقى مۇشۇ باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىڭىزدىن رازىمۇ سىز.
    مەن تورغا چىققان بۇ ئۈچ يىلدىن بېرى ئاز بولمىغان بىلىملەر بىلەن تونۇشۇش، بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم . دەسلەپكى يىىلىرى پۈتۈن دېققىتىم بىلەن كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى تولۇق ئۈگۈنۈپ چىقتىم  ھېلىھەم ئۈگۈنىۋاتىمەن.كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا بولسا  ئۆزەم خالىغان ياقتۇرغان دائىرىدە ئاز بولمىغان بىلىملەر بىلەن تونۇشۇتۇم ،ھەمدە ئۆزۈم ياقتۇرۇپ ئولتۇرغان مۇنبەرلەردە يامان ئەمەس نەتىجىلەرگە ئىگە بولدۇم . مەغلۇبىيەت ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر جەھەتتە سۆز ئېچىپسىز  بۇنداق ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس بىراق مەغلۇبىيە ت ئۇ غەلبىنىڭ ئانىسى،مەن ئۇنىڭدىن تېىمۇ  چوڭقۇر ئەقىلگە ۋەئاز بولمىغان  تەجىربە-ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم دەپ قارايمەن .
    سىرلىق مۇنبىرىگە كەلسەك ھازىر مۇنبەرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى يامان ئەمەس،بىر مەزگىللىك جىددىلىكتىن كېيىن ھازىر ھەر ھالدا ياخشى كېتىپ بارىدۇ .مېنىڭچە مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ مۇشۇ مۇنبەردە ئولتۇرغان ھەر بىر ئەزانىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق مۇھىم بىر ئىش .مەن باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئىشلەۋاتقىلى بەش ئايدىن ئاشتى دەسلەپكى بىر ئايدىن كۆپراق ۋاقىت ئائىلىدىكى بەزى ئىشلار سەۋەپلىك مۇنبەردە بولالمىدىم .يېقىنقى بىرنەچچە ئايدا بولسا مۇقىم تۇرىۋاتىمەن،مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىمنىڭ ياخشى – يامانلىقى توغرىسىدا بۇنىڭغا ئەزالار ئۆزلىرى ئادىل جاۋاپ بەرگۈچىلەر،مېنىڭ شەخسەن قارىشىم ئانچە ياخشى قىلالمىدىم دەپ قارايمەن .
    5_تورداشلاردىن كۈتىدىغان ئارزۇيىڭىز.
    تورداشلاردىن كۈتىدىغان ئارزۇيۇم  بولسا  توردىكى ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى بىكارغا ئۆتكۈزمەي بولسا ئۇنىڭدىن لايىقىدا پايدىلنىپ  ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرسا،ئىزدەنسە ماس قەدەمدە تىرىشسا ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەممىمىز بىر- نىيەت بىر مەقسەتتە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ ئانچە -مۇنچە بىلىم ئېلىشغا قاراپ يۈزلەنسەك،توردىكى ۋاقتىمىزنى ئارتۇق زايە قىلمىساق دېگەن ئۈمىدتەمەن
    6-ھازىرقى ئۆز ئالدىڭىزغا  قۇرغان ئائىلىڭىز، ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزغا بولغان كۆز قارشىڭىز،
    بىر ئانا ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇريىتىڭىز،
    مەن ئائىلەم توغۇرسىدا  كۆپ سۆزلەشنى خالىمىدىم ، ھازىرقى تۇرمۇشۇم شۇنداق ياخشى ، ھەم تىنىچ
    جەمىيەتتە  بىر ياراملىق ئانا بولالىدىممۇ يوق بۇنى ۋاقتى كەلگەندە بالامنىڭ ئەمەلىيىتىدىن كۆرۈپ  شۇ چاغدا ھەقىقى جاۋاب بەرسەم توغرا بولامدىكىن دېگەن ئويدا. ھازىرغىچە  بولسا بىر ئانا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ۋە مەجبۇرىيەتنى ئاساسەن ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن دەپ قارايمەن.بىراق ھەممە ئىشنىڭ مۇكەممەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن .


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ياخشى يازمىلار كۆپكەن ، خاسلىققا ئىگە ، http://algha.net بولسا مخنخڭۆخنخمۇ كۆرۈپ بىقىڭ
  • ئەتتىرگۈل بلوگىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىرىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەتىرگۈل بلوگى ئۇيغۇر بلوگلىرى ئىچىدە ئاياللار ئۈزۈلدۈرمەي يېزىپ كىىۋاتقان ساناقلىق بلوگلارنىڭ بىرىسى. سىزگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن قېرىندىشىم.
    ئەتتىرگۈل回复چەۋەنداز说:
    rahmat sizga , sizgimu kop rehmitim bar . manga izchil turda kop yardamlarda boluwatisiz , ham qollawatisiz . buningdin keyinki hamkarlighimizning teximu yaxshi bolushini umut qilimen .
    2010-12-28 12:27:57
  • مەن مۇنداق بىر تەكلىپ بېرەي. بلوگ تېمىسى مۇنداق يېزىلسا دەيمەن: ئەتىرگۈل تارىخ بلوگى تەكلىپىم توغرا بولسا قوبۇل قىلارسىز. خاپا بولسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىنكاس يازمايمەن.
    ئەتتىرگۈل回复مۇئەللىم说:
    menmu shundaq ishlitimen , blogimdimu siz degen isim bar , teklibingiz manga bekla yaridi , bolsa yana pikirliringizni ayimighaysiz qerindishim , rehmet sizge ...
    2010-12-27 22:51:33
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.