ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2011-03-21

    ئۇيغۇرلار ۋە نورۇز - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/110014904.html

     

    ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىكى قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا نۇرغۇن خانلىقلارنى قۇرغان ئىدى، مىلادىيە 7-ئەسىردە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان؛ مىلادىيە 9-ئەسىردە مەركىزى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىلار ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان؛ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ئارقىلىق موڭغۇللار ھاكىمىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. چاغاتاي خانلىقى، يۈەن سۇلالىسى خاندانلىقىدا ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا مۇھىم ئەمەللەرنى تۇتقان،بۇ چاغدا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر سىياسىيونلار، ھەربىي ئالىملار، ئاسترونوم، تارىخشۇناس ۋە تەرجىمانلار يصتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئۇيغۇرلار 10-ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان، 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىدە ئىسلامىيەت ئومۇملاشقان. 16 - ئەسىردە موغۇل خانلىرىنىڭ ئەۋلادى بولغان سةئصدخان قۇرغان يەركەن خانلىقى ئەمەلىيەتتە ساپ ئىسلام موھىتىدا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلاشقان، ئىسلام دىنى مۇھىتىدىكى خانلىق ھصسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاپتونۇم رايوننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە 80% تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ تەۋەلىگىدىكى نوپۇسى 8 مىليون 605 مىڭ 575 مىڭ بولۇپ، شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن 45.87%نى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، چىقىشقاق مېھماندوست، ناخشا-ئۇسسۇل ۋە كۈلكە- چاخچاققا، يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا باي خەلق. ئۇيغۇر فولكلورى مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر، ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» ئۇزاق تارىخقا ۋە شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاساسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر ئۇسسۇلى شوخ ۋە لەرزان گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇر. ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پاالىيەتلىرىدىن مەشرەپ مىللىي ئەنئەنىۋى سەنئەت شەكلى سۈپىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان. شەھەر-يېزىلاردا يەنە دارۋازلىق، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىش، توخو سوقۇشتۇرۇش، قاتارلىق تەنھەرىكەت پاالىيەتلىرىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. نوۋرۇز بايرىمى ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە مەركىزى ئاسىيا رايونىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ بىرى. نورۇز بايرىمى ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايراملاردىن ھىساپلىنىدۇ. بىز نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلاپ بايرام تۈسىگە كىرگەنلىكى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمەسمىز، ئەمما بۇ بايرام مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىدە، قەدىمقى بابىلوندا (ئىرانىلار ئارىسىدا) بارلىققا كەلگەن بايرام دېيىشكە بولىدۇ. ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى ئۆزىنىڭ شاھنامە داستانىدا ،نورۇزنىڭ جەمشىت دەۋرىدە بايرام دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتكەن. نورۇز پارىسچە نەۋ (يېڭى) ۋە رۇز (كۈن) دېگەن سۆزنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، ئىرانىلار ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ يېڭى يىلى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە ( كۇن) كالىندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل كىرىش كۈنى (مىلادىيە كالىندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باھارنىڭ 1-كۈنىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن، جەمئى تۆت ھەپتە داۋاملىشىدۇ. بۇ تۆت ھەپتە سۇ ھەپتىسى، ئوت ھەپتىسى، تۇپراق ھەپتىسى ۋە ئاخىرقى ھەپتىسىدىن تەركىب تاپقان. سۇ ھەپتىسى، قار-مۇزلار ئېرىپ باھار ئەلچىسىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بىشارىتى؛ ئوت ھەپتىسى، كۈننىڭ ئىللىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر؛ تۇپراق ھەپتىسى، پۈتكۈل جان –جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىپ يەر يۈزىنىڭ قۇرۇپ، ئوت-چۆپلەر ئۈنۈپ ھەقىقى باھارنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر؛ ئاخىرقى ھەپتىسى، بۇ نوۋرۇز بايرىمى ھەپتىسى. بۇ ھەپتىدە كىشىلەر ھويلا-ئاراملىرىنى تازىلاپ، نورۇزنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىشىدۇ، ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈنى يەنى 3- ئاينىڭ 21-كۈنى كىشىلەر دالىغا چىقىپ نورۇزنى كۈتىۋالىدۇ، نورۇز ئېشى تەييارلاپ، يېڭى بىر يىلنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەيدۇ .ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاخىرقى ھەپتىسى نورۇز بايرىمى ھەپتىسى بولۇپ، بۇ ھەپتىدە ھەممە ئۆيلەر تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتىدۇ، بۇ ھەپتە، نورۇز مايسىسى، نورۇز ناغرىسى، سوغۇق قوغلاش، يوقلاش، نورۇز ئېشى، نورۇز سەيلىسى، نورۇز يارىشىغى، نورۇزلۇق تىلەك مەزمۇنلار بويىچە پاالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.
    1. نورۇز مايسىسى، ھازىر قۇمۇل دېھقانلىرى ئارىسىدا بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، كىشىلەر قىشتا بۇغداينى ئۈندۈرمە قىلىپ، باھاردا ئۇنى مايسا ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ، ئاخىرقى ھەپتىسى ھەر كىم ئۆز ئۆيصدە ئۆستۈرۈلگەن بۇغداي مايسىسىنى ئېلىپ چىقىپ باشقىلارغا كۆرسىتىپ باھالايدۇ، كىمنىڭ ئۆستۈرگەن بۇغداي مايسىسى ئەڭ بولۇق بولسا شۇ ئاىلىنىڭ بۇغداي مايسىسى نورۇز مايسىسى قىلىپ تاللىنىدۇ، بۇغداي مايسىسى ئارقىلىق كىشىلەر شۇ يىلى ھەممە كىشىگە توقلۇق نىسىپ بولۇشىنى تىلىشىدۇ.
    2. نورۇز ناغرىسى، ئارىغت توقۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ گەپنىڭ مەنىسى ئېرىقداش (تازىلىق قىلىش) بولۇپ، كىشىلەر نورۇز ناغرىسى چېلىنغاندىن باشلاپ، ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى تازىلاپ، مەھەللىگە پاكىز سۇ ئېلىپ كېلىدۇ، ھەممىلا ئۆيلەردە تازىلىق پاالىيەتلىرى ئەۋج ئالىدۇ. تازىلىق ھەرىكىتى ھارپا كۈنىگىچە تاماملىنىشى كېرەك. 3. سوغۇق قوغلاش. بۇ پاالىيەت ئاخىرقى ھەپتىسى ھارپا ئاخشىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ كۇنى شۇ مەھەللە ياشلىرى، يىگىتلەر ساغاڭغۇ (ياغ قاچىلىنىپ پىلىك چىقىرىلغان قاپاق)نى كۆيدۈرۈشۈپ، 9 دانە داپنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن كېچىچە مەھەللە ئېتىز-قىرلارنى ئارىلاپ قىشنى ھەجۋى قىلىدىغان قوشاقلارنى ئېيتىشىپ سوغۇق قوغلايدۇ، تاڭ ئاتقاندا، ھەر بىر ئائىلە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا غىزا تەييارلاپ، ئىشىك ئالدىغا شىرە (جوزا) قويۇپ، سوغۇق قوغلاپ يېنىپ كەلگەن يىگىتلەرنى كۈتىۋالىدۇ.
    4. يوقلاش. بۇ بايرام كۈنى ئەتىگەنلىكى ئېلىپ بېرىلىدىغان پاالىيەت بولۇپ، كىشىلەر نورۇز كۈنى چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا بىر-بىرىنى يوقلىشىدۇ، ئۆي-ئوچاقلىق بولغان بالىلار ئاتا-ئانىلارنى، يۇرت جامائىتى يېتىم-يصسىر، قېرى-چۈرىلەرنى، تىرىكلەر ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىشىدۇ.
    5. نورۇز ئېشى. نورۇز ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئومۇمى نامى بولۇپ، كىشىلەر نورۇز ئۈچۈن ئۆز ئۆيلىرىدە قۇتلۇق توقلۇق، ساغلاملىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلىشىدۇ. مەسىلەن، باش ھەرپى قۇتلۇق مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان يېمەكلىكلەردىن، قايماق، قېتىق، قۇرت، قۇيماق، قاتلىما، قوزا گۆشى، قۇيرۇق-بېغىر، قورداق دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى 9 سانىنى بىرلىك قىلغان ئاساستا تەييارلاش ئارقىلىق شۇ يىلنىڭ كىشىلەرگە توقلۇق ۋە قۇتلۇق ئېلىپ كصلىشىنى تىلىشىدۇ.ئۇندىن باشقا ساغلاملىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان «س» ھەرپى بىلەن باشلانغان يېمەكلىكلەرنىمۇ يېيىش ئادىتى ئومۇملاشقان، مەسىلەن، سىراق-باش، سېرىقماي، سۇ يېغى، سۆك-تېرىق، ساغۇم، سىركە، سامساق.
    بايرام كۈنى چۈشتىن كېيىن كىشىلەر خامان ياكى دالىغا چىقىپ شۇ جايدا نورۇز كوجىسى (توققۇز خىل دانلىق زىراەتتىن تەييارلانغان نورۇز ئېشى) ئىچىشىپ، شۇ يىلنىڭ ئۆزلىرىگە توقلۇق، قۇتلۇق، ساغلاملىق، بەرىكەت ئېلىپ كېلىشىنى تىلىشىدۇ، نورۇز كوجىسى يەنە تۇتماچ (بىزنى ئاچ تۇتما )، خېلىسە (خېلى يېسە)، سۇمۇلەك ناملىرى بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.
    6. نورۇز سەيلىسى. نورۇز كۈنى چۈشتىن كېيىن شۇ يۇرت جامائصتى دالىدا ئېلىپ بارىدىغان سەيلە پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر خامانغا ياكى بوستانلىقلارغا يىغىلىشىدۇ، بۇ جايدا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بولىدۇ. نورۇز سەيلىسى ئادەتتە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، سەيلە پائالىيىتىدە كىشىلەر ئوغلاق تارتىش، بەيگە، چېلىش، دارۋازلىق، سارغايدى قاتارلىق تەنتەربىيە پاالىيەتلىرى، بىيىت-قوشاق ئېيتىپ مۇشائىرە قىلىش، سورۇن تۈزۈپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ.

    7. نورۇزلۇق تىلەك. نورۇزنىڭ 4-كۈنى شۇ يۇرت ئاقساقاللىرى، ئاخۇن-موللىلارنىڭ باشچىلىقىدا يۇرت ئەھلى خامان ياكى ئېتىز قىرىدا زاراخەتمە ئۆتكۈزۈپ، ياراتقان ئاللاھتىن شۇ يىلى كىشىلەرگە ئاسايىشلىق بېرىشنى تىلەيدۇ.
    پايدىلانمىلار:
    1. ئىمىن تۇرسۇن.قەدىمقى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000-يىل 2. ئىمىن تۇرسۇن. نورۇزنامە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى
    3. ئابدىكەرىم راھمان . ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى 1989-يىل نەشرى4 شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتىتى مىللەتلەر فولكلورى موزىيى شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتىتى 2005-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى.

    مەنبە :
    [url=http://www.parlak.biz/bbs][color=#0070af]http://www.parlak.biz/bbs[/color][/url]



    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى نورۇزدا يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    ئەتتىرگۈل回复چەۋەنداز说:
    waalaeykum essalam ! sizningmu bayrimingizning kongulluk otkenligige ishinimen . noruzluq mexsus sehipini kordum . noruz salimi hemmimizge beriket we utuqlarni elip kelgusi.... yeqindin qollap kelginingizge kop rehmet !
    2011-03-22 19:53:17
  • نۇرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.
    ئەتتىرگۈل回复wulkan说:
    rehmet , birge bolsun , belkim sizmu bu bayramni yaxshi otkuzgensiz?
    2011-03-22 19:53:49
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.