ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  داڭلىق شەخىسلەر

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • ئابدۇكېرەم ئابل
  • مۆمىن مۆيىدىن قى
  • شۆھرەت زاكىر
  • ‏قۇربانجان ئابد
  • رىنات خەمىت
  • مەردان ئابدۇراز

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

داڭلىق شەخىسلەر

ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

ۋاقتى : 2013-12-03  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

aysajan-surat[1]-4.jpg

  
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق1972-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال يېزىسىدا تۇغۇلغان.1993-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات پاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن.1993-يىلىدىن 2013-يىلغىچە ئاچال، چىلان يېزىلىرىدا ئوقۇتقۇش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. ھازىر كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 
        ئۇنىڭ، 1988-يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» دە «چېچەك» ناملىق ھىكايىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «تەڭرىتاغ»، «تارىم»، «كىروران»، «تارىم غۇنچىلىرى» ،«جوڭگۇ مىللەتلىرى»ئاقسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق گېزىت –ژورنالدا«ھىجران گۈلى»،«رەڭلىك ئەسلىمە» «سەھرادىكى مۇئەللىم»، «ئۆزىمىز»،«ئاسىيە»، «ئۆلۈم ناخشىسى»، «سەھرالىق» قاتارلىق 400 پارچىدىن ئارتۇق شئېرى ؛« قىز كوچىسى» ،«دىلبەرگە يېزىلغان خەتلەر»،«چەمبەر ئۈستىدىكى مۇھەببەت» ،«نورۇز شۇنداق دەيدۇ»، «شەيتان كۈلكىسى» ،«ئۇستاز قەسىدىسى» ،« باھار نەپەسلىرى» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق نەسىرلىرى «ئوقۇتقۇچى ھامان قەدىرلىك»، «ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەسرىتى ۋە تىلىكى» ،«ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە مەسئۇليىتى» «ئوقۇتقۇچى ۋە قەدىر-قىممەت»، «يەكشەنبىنى قوغداش چاقىرىقى» قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالا-ئوبزورلىرى؛«سۆيگۈ ئۇ ! ئالما ئەمەس»، «قىز دەيمۇ؟ جۇۋان دەيمۇ؟» ،«سۆيۈش ئۈچۈن سۆيۈلۈش»، «قىزلار بىز ئۇيغۇر، بۇ تەكلىماكان» ،«شېرىيەت كوچىسىدىكى مەينەتچىلىك»، «ئۇرۇق شەيتان ۋە سېمىز شەيتان» قاتارلىق 60 پارچە ئەدەبىي ئوچۇق خەتلىرى ئېلان قىلىندى.           «مەينەت جايغا پەرىشتە كەلمەيدۇ»(12-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى)«شەكىلۋازلىققا ئوقۇلغان مەدىھە ناخشىسى» (ئىزچىلار لوڭقىسى1-دەرىجىلىك مۇكاپاتى)،«رەڭلىك ئەسلىمە» (1996-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئەدەبى بەتلەردىكى مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتى 1-دەرىجە)،«يېزىلمىغان شىئېر» (ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتى)،«سەن نىمىشقا ئۆلىۋالدىڭ» (چوغلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتى 1-دەرىجە)قاتارلىق 15 پارچە ئەسىرى ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىغا ئىرىشتى.         بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى«تاغ بۇلاقلىرى», «شانلىق 40 يىل», «يۈرەك سوۋغىسى», « قەشقەردىكى يەر شارى »، « تارىمدىكى ئاي » دېگەن كوللىكتىپ توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. «نورۇز شۇنداق دەيدۇ» ،«بىز باھارنى تېپىۋالدۇق»، «سەھرالىق»،«سەھرا ۋە شەھەر»قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەر دەرىجىلىك دەرىسلىك ۋە پايدىلىنىش كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈلگەن.«ئەيدىز ۋەھىمىسى»، «ئولۇمپىك مارشى»، «ئۇستاز قەسىدىسى» ،«مەشرەپنىڭ ئاۋازى»، «كەلپىنىم»قاتارلىق 11 پارچە نەسىرى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئاۋازغا ئېلىنىپ تارقىتىلغان.  قىز كوچىسى»، «ئەخلاق سەن نەدە» ،«شەيتان كۈلكىسى»، «گۇناھ رىسالىسى» ،«كېلىچەك سىزنى چاقىرماقتا» قاتارلىق كىتاپلىرىنى نەشىرگە تاپشۇردى         ئۇ خىزمەت تارىخىدا ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «ئىلغار شەخىس» «مۈنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى» «داڭدار مەكتەپ مۇدىرى »بولۇپ باھالانغان ۋە مۇكاپاتلانغان.2012 -يىلى 9-ئايدا(شىنجاڭ بويىچە 22 نەپەر ئوقۇتقۇچى قاتارىدا) « مەمىلكەتلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى»بولۇپ باھالاندى. ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا